مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3861|ئىنكاس: 34

ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21853
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6473
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:15:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئادلوف ھىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابى

«تېنچلىق ئۇسۇلى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدىغان نەرسىلەر مۇشت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىلىدۇ»
(ھىتلىرنىڭ «مىنىڭ كۈرەشلىرىم» دىگەن كىتابىدىن)

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باش جىنايەتچىسى، گېرمانىيە فاشىستلىرى ئېلىپ بارغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ باشچىسى، قانخور جاللات گىتلېر ھەممىمىزگە تونۇش بولغان شەخس.
مانا بۈگۈن ئۇ يازغان «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ئۈستىدە ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ باقايلى.

يېقىندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب» ناملىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ 100 كىتاب ئىچىدە ئوقۇغان كىتابىم ئارانلا 9 كىتاب بوپتۇ. بۇ توققۇز كىتاب ئىچىدە ماڭا ئەڭ تونۇشلۇقى يەنىلا ھىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ئىكەن. ئۆزۈم گىتلېرنىڭ ھاياتىي پائالىيىتىگە ۋە ئەينى چاغدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولغان ناتسىستلار پارتىيىسىگە ئائىت مەزمۇنلارغا قىزىققاچقىمۇ، گىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ماڭا ئەڭ تونۇش بولغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

بۇ كىتاب بىلەن تونۇشۇشتىن ئاۋۋال بىزگە گىتلېر ياشىغان دەۋرنى چۈشىنىشىمىز بەكمۇ مۇھىمدەك قىلىدۇ.
گىتلېر بۇ كىتابنى قانداق تارىخىي شارائىتتا يېزىپ چىققان؟
1924-يىلى گىتلېر ميۇنخېندا سوتلىنىپ بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ لەنسېرگدا تۈرمىگە قامالغان ھەم ئىككىنچى يىلى 12-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ تۈرمىدە توققۇز ئاي ياتقان.
مۇشۇ جەرياندا ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» نى يېزىشقا كىرىشكەن.
1924-يىلىدىن باشلاپ يېزىپ 1925-يىلى 1-تومىنى تاماملىغان. 2-تومىنى 1926-يىلى يېزىپ تاماملىغان.
بۇ كىتاب نەشردىن چىقىپ تاكى گىتلېر ھاكىمىيەتتە ھوقۇق تۇتقىچە بولغان ئارىلىققىچە سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ بارغان.
1933-يىلى 1 مىليون نۇسقا سېتىلغان،
1940-يىلىغا كەلگەندە بولسا  6 مىليون نۇسقىغا يەتكەن.

گىتلېر ئەينى چاغدا بۇ كىتابنىڭ ئىسمىنى «يالغانچىلىق، ئەخمەقلىق ۋە قورقۇنچلۇققا قارشى قىلىنغان تۆت يېرىم يىللىق كۈرەش» دەپ ئالغان.
لېكىن كىتاب سودىگىرى ماكس ئامان: «بۇنداق پالاكەت كىتاب ئىسمىنىڭ تىجارەت قىممىتى يوق» دەپ ياراتماي، گىتلېرغا كىتاب ئىسمىنى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم»گە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن كىتابنىڭ ئىسمى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» بولۇپ قالغان.

ساختىپەزلىككە، قۇتراتقۇلۇققا ئىگە بۇ كىتابتا گىتلېر 3-ئىمپېرىيىنىڭ لايىھىسىنى ۋە ھەركەت پروگراممىسىنى، بولۇپمۇ 1939-يىلىدىن 1945-يىلغىچە ئۆزىنىڭ غالىبىيەت دەۋرىدە بويسۇندۇرغان ياۋروپاغا مەجبۇرىي تاڭغان ۋەھشىيانە «يېڭى تەرتىپى»نىڭ لايىھىسىنى شۇنچىلىك تەپسىلىي تەسۋىرلەپ چىققانكى، ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقى كىشىنى شۈركەندۈرىدۇ.
شۇڭا نۇرغۇن تارىخچىلار گىتلېرنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىدىيىسىنى 20 ياشتىن ئاشقاندا ۋېنادا شەكىلللەنگەن دېيىشكەن.
24 يېشىدا ئاۋستىرىيەدىن گىرمانىيىگە بارغاندا، ئۇنىڭ قەلبى گېرمانىيە مىللەتچىلىكىگە بولغان ئەسەبىي قىزغىنلىق، ماركىسىزمغا، دىموكىراتىزمغا ۋە يەھۇدىيلارغا بولغان چوڭقۇر ئۆچمەنلىككە تولغانىدى.


«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»نىڭ 1-تومىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

(1) «مېنىڭ ئائىلەم»،
(2) «ۋېنادىكى جاپالىق چاغلار»،
(3) «ميۇنخېن»،
(4) «دۇنيا ئۇرۇشى»،
(5) «ئۇرۇش تەشۋىقاتى»،
(6) «ئىنقىلاب»،
(7) «سىياسىي ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى»،
(8) «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى»،
(8) «ۋەيران بولۇشنىڭ سەۋەبى»،
(9) «مىللەت ۋە خەلق»،
(10) «مىللىي سوتسىيالىستك گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچى»
قاتارلىق 10 بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.


«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»نىڭ 2-تومىنىڭ مەزمۇنى:

(1) «مىللىي سوتسىيالىزم ھەركىتى»،
(2) «دۇنيا قاراش ۋە سىياسىي پارتىيە»،
(3) «دۆلەت»،
(4) «دۆلەت ۋە پۇقرا»،
(5) «شەخس ۋە مىللەتنىڭ دۆلەت قارىشى»،
(6) «دۇنيا قاراش ۋە تەشكىلات»،
(7) «دەسلەپكى چاغلاردىكى كۈرەش، نۇتۇقنىڭ مۇھىملىغى»،
(8) «قىزىل فرونت بىلەن كۈرەش»،
(9) «كۈچلۈكلەرلا خوجايىنلىق قىلىشقا ئەڭ قادىردۇر»،
(10) «ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنى تەشكىللىگۈچىنىڭ تۈپ ئىدىيىسى»،
(11) «چۈمپەردە قىلىنغان فېدېراتسيىزم»،
(12) «تەشۋىقات ۋە تەشكىلات»،
(13) «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەسىلىسى»،
(14) «گېرمانىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىتتىپاق تۈزۈش سىياسىتى»،
(15) «شەرق فاڭجىنى ۋە شەرق سىياسىتى»،
(16) «جىددىي مۇداپىئە كۆرۈش ھوقۇقى»  
قاتارلىق 16 بابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1928-يىلى بۇ ئىككى توم كىتاب بىراقلا بىر كىتاب قىلىپ قايتا نەشر قىلىنغان.
ھازىر خەنزۇچىدىكى نۇسخىسى دەل مۇشۇ بىرلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىدىكى مەزمۇننى ئاساس قىلغان.
بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم. توردىكى كەڭ تارىخ ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەم گىتلېرنىڭ تارىخىغا قىزىققۇچىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ كىتاب مەزمۇنىنىڭ مۇھىم يەرلىرىنى تەرجىمە قىلدىم. بۇ بەك كەڭ ھەجىمدىكى يازما بولغاچقا، ۋاقتىمنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن تەھرىرلەشكە ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن كېيىنچە يوللاشنى لايىق تاپتىم.


«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»دىن ئارىيە:

★ «ئۇرۇشتا مەغلۇب بولۇپ قالايمىقانچىلىقتا پاتقان گېرمانىيەنى جاھاندا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۇلۇغ ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈپ قالماي، بەلكى ئۇنى ئارىيان ئىرقىنى ئاساس قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيىنىڭ سىرتىدا ئولتۇراقلاشقان بارلىق نېمىسلارنى ئىچىگە ئالغان يېڭىچە دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش... بۇ دۆلەتتە فىئۇرېرنىڭ ئەتراپىدا مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇش، فىئۇرېرنىڭ ئەتراپىدا يۇقۇرى بىلەن تۆۋەننى باغلاپ تۇرىدىغان ھاكىمۇتلەقلىق ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇش ھەم رەھبەرلەرنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، كۈچلۈكلەرنىڭ مۇستەبىتلىكلىكى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ...» دەپ يازىدۇ گىتلېر .

★ «كۈچلۈكلەرنىڭ مۇستەبىتلىكى ھەممىدىن كۈچلۈك بولىدۇ»- گىتلېرنىڭ بۇ سۆزىنى ئەينى چاغدىكى گېرمانىيىنىڭ مۇتەپەككۈرلىرىدىن فىھىت ۋە گېگىل، ترېھك ۋە نىتسىي كۆپ قېتىم پەلسەپىۋىيلىككە ئىگە بولغان «نۇتۇق»لىرى بىلەن يۇقۇرى باھادا ئىسپاتلاپ چىققانىكەن. (خەنزۇچە توردا بار)

★ «تەبىئەت بۇ تۇپراقنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىگەللىنىش ھوقۇقىنى ھېچقانداق مىللەت ياكى ئىرققا ساقلاپ بەرمەيدۇ ، ئەكسىچە ، بۇ تۇپراق ئۆزىنى ئىگىلىۋېلىشقا قۇدرىتى يەتكەن خەلق ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ»

★ «تېنچلىق ئۇسۇلى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشكە بولمايدىغان نەرسىلەر مۇشت ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىلىدۇ»

★ «ئىنسانىيەت مەڭگۈلۈك كۈرەشتە زورىيىدۇ. مەڭگۈلۈك تىنچلىقتا بولسا ھالاك بولىدۇ. ئومۇمەن ياشاشنى خالىغۇچىلارنىڭ كۈرەش قىلىشى شەرت. كۈرەش قىلىشنى خالىمايدىغانلار مەڭگۈلۈك كۈرەش بولۇپ تۇرىدىغان بۇ دۇنيادا ياشاشقا مۇناسىپ ئەمەس. بۇلار شەپقەتسىز بولغىنى بىلەن ئوبيېكتىپ رىئاللىق»

★ «دۇنيانى قەھرىمانلار ياراتقان. داھىي ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىدىن تاشقىرى بولىدۇ».


«مېنىڭ كۆرەشلىرىم»دىكى گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى بايانلىرى


بىرىنچى:
«دىنىي خاھىش ۋە ئىرىقچىلىق»- گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىدىيىسىنىڭ ئاساسى.

گىتلىر ۋىنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە، نۇرغۇن دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان.
ئۇ چىمبىرلىننىڭ: «ئىسا يەھۇدىي ئەمەس، يەھۇدىيلار ئىساغا ساتقىنلىق قىلغان يەھۇدىينىڭ پۇشتى، شۇڭلاشقا يەھۇدىيلار گۇناھكار مىللەت» دېگەن سەپسەتىگە ئىشىنەتتى.
پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپىنچە مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.

گىتلىرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدىكى يەھۇدىيلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەم گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدە توختالغان مۇنۇ قۇرلىرىغا دىققەت قىلىڭ:

★ «بارلىق مەدىنىيەتلەر ئاق تەنلىكلەردىن باشلانغان»
★ «ئارىيانلار بولسا ئاق تەنلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل ئىرق»
★ «يەھۇدىيلار باشتىن-ئاخىر باشقا مىللەتلەرنىڭ بەدىنىدىكى پارازىت قۇرۇتلار...ئۇلار زىيانلىق تاياقچە باكتىرىيىگە ئوخشاش كېڭەيمەكتە، ئۇلار قەيەردە بولسا، شۇ يەردىكى كىشىلەر ھامان بىر كۈنى نابۇت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ‹جەزمەن يەر شارىدىن يوقىلىشى كېرەك›»
★ «نەچچە مىڭلىغان قىزلارنى يىرگىنىچلىك ئىچ مايماق يەھۇدىي شالغۇتلىرى ئازدۇرۇپ يۈرىدۇ»
★ «بارلىق ئورگانىك ھاياتلىقلارنىڭ ئەركىن رىقابىتىدە ئەلالىرى يېڭىپ، ناچارلىرى شاللىنىپ كېتىدۇ، ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يەيدۇ، بۇ تەبىئەت پىرىنسىپى ۋە پولاتتەك قانۇنىيەت»
★ «يەھۇدىيلار پەس مىللەت»

دىمەك، گىتلىر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا سۈرلۈك تۈس ئالغان «ياشاش ماكانى نەزىرىيىسى» ۋە «ئىرقىي ئەۋزەللىك نەزىرىيىسى»نى زور كۈچ بىلەن تەرغىپ قىلىپ، «يەھۇدىيلارغا، دىموكىراتىيىگە ۋە ماركىسىزمغا بولغان قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. دەل مۇشۇ كىتابنىڭ ئىدىيىۋىي يېتەكچىلىكىدە، گىرمانىيە ئۇرۇشپەرەسلىك ۋە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش يولىغان ماڭغان.

ئەمدى بۇ كىتابنى نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئەكسىيەتچىل كىتاب دېيىشىدۇ؟
مۇشۇنىڭ جاۋابىمۇ مېنىڭچە ناھايىتى ئاددىي .
تارىخچىلارنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا: «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتاب 1933-يىلىدىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانغا قەدەر، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىۋالغان.
بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر خېتى 125 مىڭ ئادەمنىڭ؛
ھەر بىر بابى 1 مىليون 200 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
شۇڭلاشقا، گىتلىرنىڭ بۇ كىتابىنى «ئەكسىيەتچىل كىتاب» دەپ ئاتىشىدۇ.


ئىككىنچى:
ماركىسىزمغا قارشى تۇرۇش-گىتلىرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىدىكى سىياسىي سەۋەب

ماركىسىزمنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسى ئىرىقچىلىقنى تەلتۆكۈس ئىنكار قىلىدۇ.
شۇڭلاشقا گىتلىر ماركىسىزمنى «دەھشەتلىك بالايى-ئاپەت»دەپ قارايدۇ.

گىتلىر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا:

★ «يەھۇدىيلار ماركىسىزم تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ، ‹گىرمانىيىنىڭ روھىي دۇنياسىنى زەھەرلىمەكتە›؛ ئۇلار مىللەتنى سىنىپقا ئايرىۋەتتى، ماركىسىزملىق سىياسىي پارتىيىلەرنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن سىنىپىي كۈرەش بىلەن شۇغۇللاندى، ‹مىللىي ئىگىلىككە بۇزغۇنچىلىق سالدى ھەم ھەمكارلىق ئۇيۇشمىلىرى، بىلىم ساھەلىرىنى كونترول قىلىپ، ئىنتېرناتسىئونالىزمنى، تىنچلىقپەرەسلىكنى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلدى› شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر ‹ماركىسىزم تازىلانمىسا›، گېرمانىيە قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ» دەپ قارىغان.
★ «يەھۇدىيلار كۈرىشىنىڭ ئاخىرقى نىشانى-ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى قۇل قىلىپلا قالماي، سىياسىي جەھەتتىمۇ دۇنيانى قۇل قىلىشتىن ئىبارەت. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ماركىسىزملىق نەزەرىيىسىگە تايىنىپ دۇنيانى، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى يەڭگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ خان تاجى ئىنسانىيەت ھالاكىتىنىڭ كرېستى بولىدۇ»

گىتلىر ئىككى نەرسىگە ئۆچ بولغان.
بىرى يەھۇدىي، يەنە بىرى، ماركىسىزم.
ئەمىلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىرلىشىپ قالغان.
ماركىسمۇ يەھۇدىي بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىنقىلابچىلىرىمۇ يەھۇدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغاندا، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ رەھبەرلەر يەھۇدىي ئىدى. ئاشۇنداق خېلى نوپۇزلۇق ئورۇن ۋە كاتىۋاشلار ئىچىدە چوقۇم يەھۇدىي بار بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، گىتلېر «ماركىسىزمنى يوقۇتۇشتىن ئاۋۋال يەھۇدىيلارنى يوقۇتۇش كېرەك! » دېگەن.


ئۈچىنچى:
ئىگىلىكنى «ئارىيانلاشتۇرۇش» ۋە ھەربىيلەشتۈرۈش گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەبى بولغان.

ئون توققۇزىنچى ئەسىردىن بۇيان، كاپىتالىستىك ئىگىلىكنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يەھۇدىي سودىگەرلىرى كاپىتالىزمنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
يەھۇدىيلار ياۋروپانىڭ ئاخبارات، داۋالاش، پۇل-مۇئامىلە، قانۇن ۋە مائارىپ ساھەسىنى دېگۈدەك مونوپۇل قىلىۋالغانىدى.
بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتلاردا ناتسىست پارتىيىسىنى قوللايدىغان مونوپۇل بۇرژۇئازىيە يەھۇدىي سودىگەرلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلەنگەن، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكچى بولغان.
گىتلېر ئۆزىنىڭ تەختكە چىقىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا يەھۇدىيلارنى چەتكە قېقىش سىياسەتلىرىنى قوللانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان-تاراج قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا زومىگەر بولۇش ئۇرۇشى قىلىش قارا نىيىتى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئاساس سالماقچى بولغان.

گىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» ناملىق كىتابىدا، يەھۇدىيلارنىڭ ‹گۇناھى›نى مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

★«يەھۇدىيلار خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كاپىتالىنى ئىگىلىۋالدى. ئۇلار - ‹قانخور يەھۇدىيلار› ۋە ‹سودا ئورۇنلىرىدىكى بۇلاڭچىلار› ، ‹يەھۇدىيلار گېرمان ئىمپېرىيىسىنى تەلتۆكۈس گۇمران قىلىشقا ئەڭ زور قۇتراتقۇلۇق قىلغۇچىلار. گېرمانىيىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى پەيدا قىلغۇچىلار - دەل دۇنيادىكى يەھۇدىيلار»

يۇقۇرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، گىتلېر ئىقتىسادنى «ئارىيانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوزغاپ، يەھۇدىيلارنىڭ مال-مۈلكىنى زور دەرىجىدە تالان-تاراج قىلغان.
گىرمانىيىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان روتسچلىد، ۋېينماس مالىيە گۇرۇھىنىڭ مال-مۈلكىمۇ تالان-تاراج قىلىنىشتىن ئىبارەت «ئارىيانلاشتۇرۇش»نىڭ تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
پەقەت 1938-يىلى 11-ئايدىكى «خرۇستال كېچىسى»دە يەھۇدىيلار بىر مىليارد ماركتىن ئايرىلىپ قالغان.
بۇ 1938-يىللىق گېرمانىيە خام چوتىدىكى يىللىق مىللىي دارامەتنىڭ 82 دىن بىرىگە توغرا كەلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، گىتلېر گېرمانىيەنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەردىن ئىسپانىيە، ۋېنگىرىيە، ئاۋىسترىيە، پولشا ۋە رومىنىيە قاتارلىقلارنىمۇ كونترول قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىككە كەلگەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش فرونتىنى قۇرۇپ چىققان.
بۇ، گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشىنىڭ خەلقئارالىق سەۋەبى.

گىتلىرنىڭ قارىشىچە:
يەھۇدىيلار گېرمانلارنىڭ رىقابەتچىسى، ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا زومىگەر بولۇش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنى تەلتۆكۈس يوقۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن گىتلېر پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدىنىيىتى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ بىر مەيدان تىراگىدىيىسىگە رېژىسسورلۇق قىلغان.
ھېتلىرنىڭ مەشھۇر سۆزلىرى( بىر قىسمى )


★ بىزنىڭ كۆرىشىمىز پەقەت ئىككى خىللا ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن:
دۈشمەنلەر بىزنىڭ جەسىدىمىزنى دەسسەپ ئۆتىدۇ،
ياكى بىز دۈشمەنلەرنىڭ جەسىدىنى دەسسەپ ئۆتىمىز.
★ بىز خوشال بۇلىشىمىز كېرەك، كەلگۈسى جەزمەن بىزنىڭ پۈتۈنلەي بىزنىڭ بولىدۇ.
★ گىرمانىيە ياشلىرى، گىرمانىيەنىڭ ئەتىسى سىلەرگە ئۈمىد باغلىدى.
★ ئەيسا پەيغەمبەر پۈتتۈرەلمىگەن ئىشنى مەن پۈتتۈرەي.
★ ئۇلار خاتىرجەملىككى ئېرىشتى، ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ سەۋر تاقىتىمىز توشىدۇ، شۇ چاغدا بىز ئاشۇ پەس يەھۇدىلارنىڭ ئېغىزىنى مەڭگۈ يۇمدۇرىمىز.
★ مەن ئىشەنمەيمەن، ئۇلار ئىلگىرى بىزنى توختىماستىن مەسخىرە قىلغان كىشىلەر، ئۇلار ھازىرمۇ بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ.
★ سىلەر ماڭا ئەگىشىپ قاتتىق قەسەم بېرىڭلار:
بىزگە ئېھتىياجلىق بولغىنى تىنچلىق،
بىزگە ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پىداكارلىق كۆرسۈتۈش.
★ ئەگەر مىللىتىم بۇ مەيداندىكى سىناقتا مەغلۇپ بولسا، مەن ھەرگىز كۆز يېشى قىلمايمەن، ئۇلار ئۆزلىرى مۇشۇنداق ئاقىۋەتتى تاللىدى.
★ ئىنسانىيەتتىن ھالقىغان ئىدىيە ئاددىي ئادەملەر بىلەن بىللە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ.
★ پەقەت ئاشۇ غالجىر كىشىلەرلا ئاندىن بويسۇندۇرالايدۇ.
★ مەن ماھىرلىق بىلەن يىتەكلەش ئارقىلىق ھەممىگە ئېرىشتىم.
★ خەلق خالىغىنىنى قىلالايدىغان ئايالىمغا ئوخشايدۇ.
★ ئاياللارنىڭ ئەقلى پۈتۈنلەي پايدىسىز بولىدۇ.
★ ھىچكىم بىزنىڭ شان-شەرىپىمىزنى تارتىۋالالمايدۇ، گىرمانىيە خەلقى ئۈچۈن، بىز 15-20 يىل ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك.
★ مەن 55 ياش ياكى 60 ياشتا ئۇرۇش قوزغاشقا رازى.
★ سىياسىنىڭ ئاخىرقى نىشانى- ئۇرۇش.
★ بىز پەقەت قورالدىنلا پايدىلىنىپ تىنچلىقنى قوغدىيالايمىز.
★ دۇنيادا ئۇرۇش بولامدۇ-بولمامدۇ؟ ماڭا نىسبەتەن ھەممىسى ئوخشاش.
★ پەقەت گىرمانلارلا بولىدىكەن ئۇرۇش داۋاملىشىدۇ.
★ ئۇلۇغ يالغانچى شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلۇغ سېھرىگەر ھېساپلىنىدۇ.
★ مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ.
★ ئەگەر ئۇلار دۆلەتكە خائىنلىق قىلسا، ئۇلارنى پەقەت ئۆلۈم كۈتىۋاتىدۇ.
★ مەن دۇنياغا كىشىلەردىن كۈچلۈك بۇلۇش ئۈچۈن كەلمىدىم، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كەلدىم.
★ مەن ھەمىشە كۆرەش قىلىشنى ئويلايمەن.
★ مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
★ تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.
★ روسىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك.

مەنبە: بەيدۇ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى



بىزلەر

سىز 365 كۈن ياشىدى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45730
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3381
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1721 سائەت
تىزىم: 2011-6-26
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 12:25:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ ھەقىقي ئاشكارىلانغان چاغدا، بىز نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە قايتا باھا بىرىمىز.

سىز 365 كۈن ياشىدىڭىزمۇ ياكى بىر كۈن ياشاپ ئۇنى 365 قېتىم تەكرارلىدىڭىزمۇ؟ ئۆيۈڭگە ئوت كەتسە ، ئۆزۈڭنىڭ چىرىغىدىن كۆر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13465
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5732 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:31:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ بۇسۆزى ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uysoda + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

uysoda بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:53:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:10:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتاب دۇنيادا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ تا بۈگۈنگە قەدەر گىرمانىيەدە چەكلەندى.لىكىن بۇ كىتابنى گىرمان ياشلىرىنىڭ ئوقۇمىغىنى يوقكەن .بۇيىل گىرمانىيەدىكى بىرقىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ كىتابنى دەرسلىككە كىرگۈرۈپ قوللاشقا ئىرىشكەن بولسىمۇا بىرقىسىم مىللى ۋە دىنىي مەسىلە تۈپەيلى قارشىلىققا ئۇچرىماقتا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:20:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گىتلىرنىڭمۇ مىللەت ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسى كۈچلۈك ئىكەن ،گىتلىرمۇ يەھۇدىيلارغا،روسىيەگە ئۆچ ئىكەن،بۇجەھەتلەردە ئوخشىشىپ قالدىكەنمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26007
يازما سانى: 1176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 5896 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېتلىرنىڭ مەشھۇر سۆزلىرى( بىر قىسمى )
★ بىزنىڭ كۆرىشىمىز پەقەت ئىككى خىللا ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن:
دۈشمەنلەر بىزنىڭ جەسىدىمىزنى دەسسەپ ئۆتىدۇ،  
ياكى بىز دۈشمەنلەرنىڭ جەسىدىنى دەسسەپ ئۆتىمىز.!
ئەگەر مىللىتىم بۇ مەيداندىكى سىناقتا مەغلۇپ بولسا، مەن ھەرگىز كۆز يېشى قىلمايمەن، ئۇلار ئۆزلىرى مۇشۇنداق ئاقىۋەتتى تاللىدى.
بىز پەقەت قورالدىنلا پايدىلىنىپ تىنچلىقنى قوغدىيالايمىز.
ئۇلۇغ يالغانچى شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلۇغ سېھرىگەر ھېساپلىنىدۇ.
مەن دۇنياغا كىشىلەردىن كۈچلۈك بۇلۇش ئۈچۈن كەلمىدىم، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ كەمچىلىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كەلدىم.
مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ.
تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن.
★ ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ.


بۇ سۆزلىرى خىلى كىشىنى قايىل قىلىدىكەن .  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5285
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7871
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:01:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹  گىتلىر   ۋىنادا   سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندە  ، نۇرغۇن دىنىي كىتابلارنى
ئوقۇغان ››   دېيىلىپتۇ .    ‹‹  قۇرئان ››  ئوقۇغان   بولغىيمىتى  ؟

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:10:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنىڭ ئىلكىتاب نۇسخىسى كىمدە بار....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىتابنىڭ ئىلكىتاب نۇسخىسى كىمدە بار....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش