|
|
|
|
ئىمپىراتۇرلار ئەپسانىسى ۋە بىز.... («ئىمپىراتۇلار ئەپسانىسى»گە كېرىش سۆز) ھەممىمىزگەمەلۇمكى ئىنسانىيەت تارىخىدا نورغۇنلىغان دۇنياۋى ئىمپىريەلەر قۇرۇلۇپ، تەرەققى قىلپ ئاخىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى. بۇلار مەيلى چوڭ بولسۇن ۋەياكى كىچىك بولسۇن ھەربىر ئىنسانىيەت مەدەنىيتىگە ئۆزىگە خاس رەۋىشتە تۆھپە قۇشۇش بىلەن بىرقاتاربالايى ئاپەتلەرنى ئىلىپ كەلدى. ئەپسۇسكى ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى مەڭگۈلۈك ھاكىميەت قۇرۇپ، قۇياش پاتماس ئىمپىريەگە ئايلىنالمىدى. ئىمپىراتۇرلار ئاقىۋەت قوي بىلەن بۆرە بىللە ياشايدىغان غايىۋى جەمئىيەت قۇرۇش ئېستىگى بىلەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش،مەڭگۈ قىرىماسلىقنىڭ دورىسىنى ئىزدەش ئارزۇسىدا ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى چەككە يىتىپ قالغانلىغىنىمۇ سەزمەيلا دۇنيادىن ئۆتۈشتى. بۇلاردىن فىرئەۋىن كەبى ئازغۇنلىرى ھەتتا ياراتقۇچىدىن ئۈستۈنلۈك تالاشماقچى بولغان بولسا، ھىندى زىمىنىدىكى قۇياش(گۇپتا) سۇلالىسى، پارسلاردىن ساسانىيلار، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى موڭغۇل ئىمپىرىيەسى،كىچك ئاسىيادىن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيسى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەن سۇلالىسى، ياۋرۇپادى كىرىم، گىرىك، ماكىدۇنىيە كۈچلىرىنىڭ ھېچقايسىسى دۇنيا خۇجىسى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئاقىۋەت ئۆز ھاكىمىيەت ئورنىنى ئارتۇق داۋام قىلالمىدى. ھەتتا بەزىلىرى بابىلۇن،ئىفتالىت، ھون، قاراقىتان، تېبەت، مانجۇ، چارۇسيە ئىمپىريىلرىدەك دۇنيادىن ئىز-دىرەكسىزغايىپ بولۇشتى. ئۇلارنىڭ قالدۇقلىرى بولسا ئەسلىنى تونۇمىغۇدەك دەرىجىدە ئېتنىك ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ دەۋرىمىزدە خىلمۇ-خىل ناملاردا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ تارىخى، رىئاللىقى قانداق بولىشىدىن قەتنى نەزەر بىرنەرسە ھەقىقەتكى ئۇلار ئۆز قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئاپرىدە بولۇپ، تەرەققى قىلىپ زاۋاللىققا يۈزتۇتقۇچە بولغان ئارلىقتا بىزگە ئازدۇر كۆپتۇر تەسىرلەرنى، ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى، دىن، تىل، مەدەنىيەت ئۆتۈشمىلىرىنى يەتكۈزۈپ كەلدى. بۇ ئمپىرىيەلەرنىڭ كۆپ قىىسمنى دىيارىمىزنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرى بىلەن كېسىشىپ بىزگە تەسىر بەردى ۋەتەسىرلەرنى قوبۇل قىلدى. ئەپسۇسكى بىزنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتلىرىمىز دائىم ئىچىدىن سىرىتقا قاراپ تەرەققى قىلىشنى ئاساسى پىكىر ئىقىمى ۋە تەرەققىيات يولى قىلغانلىغى ئۈچۈن بىز ھەرقانداق نەرسىنى چۈشەنمەكچى بولساق ئەڭ ئاۋال ئۆزلۈك ھەققىدە پىكىر قىلىشىنى ئادەت قىلىپ كەلدۇق. تولىمۇ ئەپسۇسكى بىزنىڭ تارىخلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى ئاستۈن –ئۈستۈن قىلىۋىتىلگەن، ياكى باشقىلار تەرىپىدىن يېزىپ بىرىلگەن ھېچ بولمىسا بۇرمىلانغان، ئۆزىمىز يازغان تارىخىلارمۇ ئەپسانە،مېستىتىكا بىلەن بىرىكىپ كەتكەچكە ھەرقەدەمدە مۈدۈرۈپ، تەمتىرەپ ئۆزىمىزدىن ھالقىيالماي كەلدۇق. ھەم ئۆزىمىزدىن ھالقىش ئۈچۈن نورغۇن شەرىت شارائىتلارنىڭ ھازىرلىنىشى كىرەكلىكىنى نورغۇنلىرىمىز ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. دۇنياۋى ئالىم سەيياھلاردىن مۇرگان، گابايىن، گۇننايارىڭلاردىن تاكى ئۆز ئالىملىرىمىز نەۋايى،ئابدۇقادىر دامۇللا، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنلەرگىچە «دۇنيا خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇسىنىڭ تەكلىماكانغا كۆمۈلگەنلىكى»نى قەيىت قىلپ، چىن پۈتۈپ ئۆتىشتى. بولۇپمۇئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى «قەلبى ئاسىيا»ئۇقۇمىنى رۇياپقا چىقىرىپ بىزياشاپ كىلىۋاتقان ئانا دىيارىمىزنىڭ ئاسىيانىڭ قەلبى، مەركىزى ئىكەنلىكىنى، بۇيەرنىڭ بىرمىنۇتمۇ سىرىتقى غىدىقلاشتىن خالى بولالمىغانلىغىنى تىلغا ئالسا، يىتۈك تارىخچى، تەتقىقاتچى ئالىلىمىز ن. تۇرسۇن، فېللولوگ، ئەدەبىياتشۇناس، مەدەنىيەت تەتقىقاتچى، ئۇلۇغ ئۇستاز ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى «تۇران بىلەن ئىراننىڭ دىئالوگى»دا،ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقى ئەپەندىلەر «شەرىق بىلەن غەرب»ھەققىدىكى دىئالوگلىرىدا دىيارىمىز تارىخ، مەدەنىيەت ۋە فۇلىكلۇرىنى چۈشىنىشتەئەرەپ، پارس، رۇس، خەنزۇ، ھىندى، تۈرك، ئىنگلىز تىللىرىنى ئۈگۈنۈشنىڭ نەقەدەرمۇھىملىغىنى قايتا قايتا تىلغا ئىلىپ ئۆتتى. دىيارىمىزغا شېۋىت كۆزىدە باققان ئالىملارنىڭ، ۋىنگىر نەسەبلىك ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ، گىرمان، ياپۇن، رۇسئىكىسپىدىتسىيەچىلىرىنىڭ، ئەرەپ، پارس سەيياھلىرىنىڭ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك راھىبلىرىنىڭ ئاياق ئىزلىرى دىيارىمىزدا مەڭگۈلۈك ئەپسانىلەرگە ئايلاندى. زامان بۈگۈنگە ئۇلاشقاندا بىز تىخىچە خالىغان زېمىنلارغا ئاياق بېسىپ تەتقىق قىلىش، ئۆزتارىخ، مەدەنىيتىمىز ئىزنالىرىنى ئىزدەش پۇرسىتىگە، ئىقتىسادى، مەنىۋى ئاساسلارغائىرىشەلمەيۋاتقان بولساقمۇ بىراق تورنىڭ دۇنيانى بىر كىچىك كەنىتكە ئايلاندۇرشى،ئۈگۈنگەن خەنزۇ، ئىنگلىز، ئەرەپ، پارس، تۈرك تىللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئىلگىركىدىن كۆپياخشى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئىتىشى بىزنى ئىلگىرى ئەقلىمىز يەتمەيدىغان بىرقىسىم بىلىش پۇرسەتلىرىگە ئىرىشتۈرمەكتە. ئەلۋەتتە،تارىخ بىزنى ئوخشاش خاتالىقلارنى قايتا سادىر قلىشتىن ئاگاھلاندۇرالايدۇ. كەلگۈسى ھەققىدە ئىلمىي پەرەزلەر بىزنى تېخىمۇ زور ئۆمۈد بىلەن ئالغا بىسىشقا رىغبەتلەندۈرەلەيدۇ. تۇنجى قەدەمنى بېسمىللا دەپ باشلايلى قالغىنىنى كۈچكە كۈچئۇلار، بىرىمىزنىڭ ئىزىمىزنى يەنە بىرىمىز بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېتەمىز. قېنى كېلىڭ! ئېشىمىز ئۆزىمىزگە ئەڭ يېقىن بولغان بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى،مەدەنىيەت ئىشلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتقانلاردىن باشلانسۇن. بۈگۈننى تۈنۈگۈن، ئۈلۈشكۈنلەرگە ئۇلايلى!... 2012-يىل،12-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى
داۋامى بار... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-22 12:53 PM
|
|
|
|
|
|