مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1159|ئىنكاس: 13

مۇھەببەت داۋاملاشسۇن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 12:29:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت داۋاملاشسۇن!

مەن قانداق ياشاۋاتىمەن؟ ئۆز- ئۆزۈمگە ھەيران ئىدىم. خۇددى مەن ئۈزۈم ئەمەستەكلا ھىس قىلاتتىم، بۇ چۈشۈم بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە،- دەيتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش راستىنلا مىنى ھالسىراتقان ئىدى،كۆزلىرىم قەيەردىندۇر ئۇنى ئىزدىمەكتە، ئاشۇ مىنۇتلاردا كۆز ئالدىمدا ئۇ پەيدا بولسا ھاياتلىقتىكى بەخىتنىڭ مەنىسنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلار ئىدىم بەلكىم.
كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئانامنىڭ ئەندىشىسىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ھەر تەرەپلەردىن ئۇنى ئىزدەپ چېپىپ يۈرگەن بولسام، ئەمدىلىكتە يۈرىكىمدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدىمەكتە ئىدىم، ئەپسۇس يۈرىكىمدىكى بۇ كاۋاك پۇتمەكتە يوق ئورنى بارغانسىرى كېڭىيىپ كىتىۋاتقاندەك، بۇنىڭلىق بىلەن ئۈزۈمنىمۇ تەڭ يوقىتىپ قويىۋاتقاندەك بىر خىل تويغۇ پۈتكۈل زىھنىمنى، روھىمنى خوراتماقتا ئىدى.
قەيەردىسەن دەپ ئۇنى ئىزدىگۈم كېلەتتى يۇ،- بەدەنلىرىم سوغاق تەرگە چۈكۈپ ھالسىزلىنىپ، جسمىم ئۈزۈمنىڭ ئەمەستەك بوشلۇقتا لەيلەپ قالاتتىم. ئۇنى ئىزدىمىسەم ئۇ خۇددى يېنىمدا تۇرۋاتقاندك سىزىم پەيدا بولاتتى يۇ لىكىن كۆزلىرىم خىيالىمغا بويسۇنمىغان ھالدا ئۇنى ئىزدەپ كىشلەر توپىغا تاشلىناتتى. مانا شۇنداق نەتىجىسىز ئىزدەشلەرنىڭ قانچە قېتىم داۋاملاشقانلىقىنى، يەنە قانچە قېتىم داۋاملىشىدىغانلىقىنى ھەتتا خىيال قىلىشقىمۇ ئاجىز ئىدىم. مىنىڭ تۇيغۇللىرىم ئوي- خىياللىرىم خۇددى ئۇنىڭ ئوي- خىياللىرى بىلەن ژىچ بىرىكىپ كەتكەندەكلا.
ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ئۇ ماڭا سوۋغا قىلغان ئالتۇن زەنجىرنى كۆزلىرىمگە سۈرتكۈنۈمچە ئۇنىڭ رەسىملىرىگە قاراپ سۆزلىمەكتە ئىدىم، - سەن قەيەردە، قاچانلاردا كېلىسەن، بىز سەندىن ئەنسىرەپ پەقەتلا خاتىرجەم بولالمىدۇق، سەن ماڭغان يوللاردىن، سەن كىرگەن ئۆيلەردىن سىنى ئىزدەپ كۆڭلىمىز بەكلا يېرىم بولدى دەپ ئۆز- ئۆزۈمنى بەزلەشلىرىم........
سۈرەتتىكى ئۇ خۇددى ماڭا پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۋاتقاندەك بىلىندى، ۋاھالەنكى ئۇنىڭ روھىنىڭ، جانسىز سۈرەتلىرىنىڭمۇ ماڭا تەسەللىي بىرىۋاتقىنى ئېنىق.
مەن ئەنە شۇنداق ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلىمەكتە ئىدىم، ئەپسۇس ئۇنىڭدىن ھىچبىر سادا يوق، ئۇنىڭدىن سادا كەلمەيدىغانلىقى بىلىپ تۇرساممۇ لىكىن يەنە نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ ئىسمىنى تەكرارلىماقتا ئىدىم، تىللىرىم ئۆزۈمنىڭ ئەمەس، تاملارمۇ سۈكۈتتە تۇرۇپ سېغىنىشىمغا جۈر بولماقتا . پۈتۈن ئالەم تۇمۇز ئايلىرىدىمۇ سۇۋۇپ كىتىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە، ياق بۇ ئالەمنىڭ سوغۇقلىقى ئەمەس بەلكىم مىنىڭ ۋۇجۇدۇمنى چىرماپ كەتكەن سوغۇق، چۈنكى ئۇ يۈرىكىمدىكى ئوتنى ئېلىپ چاقىرسا ئۈنى يەتمەيدىغان چەكسىز بوشلۇقلار قوينىغا سىڭىپ كەتكەندە ئىزىلگەن باغرىم ئاللىقاچان مۇز تۇتقان ئىدى.
ئۇ تۇيۇق يوللاردا تېڭىرقاپ قالغان دەملەردە شىكەستىلەنگەن قەلبىم يېڭى بىر باھارنى كۈتىۋالدى، بەخىت بىزگە كەڭ قۇچاق ئاچتى، چۈنكى ئۇ ئۆزگەردى. شۇڭلاشقىمىكىن ئۇنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئىيتماي تۇرالمايتىم. تۇمانلىق يوللاردا ئېزىققان «ئۇ» تۇماننىڭ باغرىنى يېرىپ يېڭى بىر دۇنياغا يۈزلەنگىنىدە ھاياتنىڭ ئۇنىڭغا كۈلۈپ باققانلىقىنى كۈرۈپ ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلغان ئىدىم. ئەنسىرەش، تىت- تىت بۇلۇشتەك تەققەزالىق ئىچىدە كۈتۈشلەرنىڭ ئورنىغا ئىللىق تەبەسسۇم خاتىرجەملىك ئالماشقان ئىدى.
ئېنىقسىز بولغان مەنزىلىمگە قاراپ كىتىۋاتىمەن، يوللار بارغانسىرى تارىيىپ كىتىۋاتقاندەكلا ئىدى، ئالدىمدىكى مال- دۇنيانى دەپ كۆزلىرى قانغا تولغان بىر ئائىلە كىشىللىرىگە قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولغان ھالدا ئالدىمغا قاراپ ماڭماقتىمەن، قەدەملىرىمدە نە  ئىلگىرلەش، ئالدىمغا تاشلانغان قەدەملىرىم ئالدىغا ئەمەس بەلكى كەينىگە يېنىۋاتقاندەك، ھىسلىرىمنى بىلىپ قالغان يوللارمۇ خۇددى ئاران- ئاران يۆتكەۋاتقان قەدەملىرىمنى يۈتۈۋەتمەكچى بولغاندەك خىرىس قىلىشماقتا........
- ھەدە......
- ئىنىمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپلا كەينىمگە بۇرۇلدۇميۇ كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.
- ئىسىمگە كەلگىنىمدە بولسا ئۆزۈمنى ئاسما ئېسىقلىق ھالەتتە دوختۇر كارۋىتىدا ياتقانلىقىمنى بىلدىم.
- ھەدە، ياخشى بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ؟
بۇ ئىنىمنىڭكىگە ئوخشايدىغان ھېلقى ئاۋاز ئىدى.
-ھەئە، ياخشى بۇلۇپ قالدىم، كەچۈرۈڭ دىدىميۇ، كۆزلىرىم ياشقا تولدى.
- ھىچقىسى يوق، بۇگۈن ھەدەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ئۇنىڭغا سوۋغات ئېلىپ بەرمەكچى ئىدىم، ھەدەمنى چاقىرىپ تۇرشۇمغا يىقىلىپ چۈشتىڭىز، شۇنداق قورقۇپ كەتتۇق، شۇڭا ھەدەم بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە سىزنى ئۇدۇللا دوختۇرخانىغا ئەكەلگەن، بىزمۇ قايتايلى،- دىدى.
ئۇلار قايتىشتى. ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىغا شۇنداق مەسلىكىم كەلدى، مۇھەببەت ۋاپادارلىق داۋاملاشسسۇن، مال-دۇنيا كۆزلەرنى غەلەت قىلمىسۇن،-  دەيتىم ئۆز- ئۆزۈمگە پىچىرلاپ.
ھېيت بايراملاردا سەھەردىلا تېلفۇن بىرىپ ئەھۋال سوراش ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى. مانا بۈگۈنكىدەك خاسىيەتلىك ئايەمدىمۇ ئۇنىڭ تېلىفۇننى كۈتمەكتىمەن، ئۇنىڭ بالىلىققا قانمىغان ئەركىلەشلىرىنى، ۋاپادارلىققا، قېرىنداشلىق مىھىر- مۇھەببىتىگە تۇيۇنغان تاتلىق سۆزلىرىنى، كۆڭۈللەرگە سۈيۈنۈش، خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان يېقىملىق ئاۋازلىرنى سېغىنماقتىمەن،  ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىش باغرىمنى تىلماقتا!
ئۇنى ئىزدەۋاتىمەن، خىياللىرىمدىن، چۈشلىرىمدىن، قەلبىمنى خوشاللىققا چۆمدۇردىغان ئۆتمۈشتىكى ئۈنسىز كارتىنىلاردىن. ئۆتمۈشكە ئايلانغان تاتلىق ھىسلارنى، بالىلىققا تۇيۇنغان گۈزەل  ئەسلىملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ئاشۇ دەملەرنى تولىمۇ سېغىنغان ئىدىم. چۈنكى ئاشۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە مۇھەببىتىمىز چەكسىزلىككە قاراپ داۋام ئەتمەكتە!


مەنبە: مەن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-22 01:10 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:14:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تۇققىنىڭىزنى ئىزدەۋېتىپسىزدە؟ ئۇلۇغ ئاللا ھىچكىمنى بىر تۇققىنىدىن ئايرىمىسۇن. بىر تۇققانلار بىر-بىرىدىن م مىھىر -مۇھەببىتىنى ئايرىمىسۇن.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1687
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 01:31:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز كۇزلىرىمگە ياش كەلدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:16:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا مىھرى مۇھەببەت بىلەن  گۇزەلدۇر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kokbora520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-22 02:17 AM  


يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 02:16:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا مىھرى مۇھببەت بىلەن  گۇزەلدۇر

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 03:43:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشىسۇن مۇھەببەت  دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32162
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3366 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 05:30:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان ئۈچۈن ھايات ھەممىدىن قىممەت،ھاتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.بۇنىڭ ئىپادىسى سەمىمى مۇناسىۋەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

كىملەرنىڭ ئەزىز

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45644
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4272
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 08:24:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يىزىلىپتۇ،ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە مىھىر-مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چاچسۇن.

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9837
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 5003 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 09:27:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قارىسا نەسىردەك يەنە بىر قارىسا ھېكايىدەك تۇيغۇ بېرىدىكەن .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85394
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 958
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2012-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 10:17:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە دەيدىكەن «ئاتا-ئانىغا چىدىغان يۈرەك قېرىنداشقا چىدىمايدۇ »دەپ ، ئەسەر ياخشى يىزىلىپتۇ ، خۇدايىم ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدىكى مېھىرنى چوڭقۇر قىلسۇن ، مېھرىمىزگە قاندۇرسۇن .

چىكىدىن ئاشقان ھەرقانداق ئىش ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش