|
|
|
|
دۇنيا تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىمۇ كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىستىمال تەلىپىمۇ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ كۈچىيىۋاتىدۇ ... تۇرمۇش ھالەكچىلىكىدىن خىزمەت بېسىمىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلۇپ ئۈزىنى ئازادىلىككە باشلاش ئۈچۈن كىشىلەر ھەرخىل كۈڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئۈزىگە بۇلىۋاتقان بېسىملارنىڭ يەڭگىللىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ ، نۇرغۇن كىشىلەر ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىنى ئائىلىسى . يېقىن دوست يارەنلىرى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ .، نۆۋەتتە كىنو دىن ئىبارەت بۇ تاماششا ساھەسى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىدا تاللايدىغان مۇھىم كۆڭۈل ئېچىش تۈرى بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ .... كىنو ئىشلۈگىچىلەر شۇنداقلا كىنوغا مەبلەخ سالغۇچى خۇجايىنلار كىشىلەرنىڭ كىنوغا بولغان كۈنسىرى يۇقرى ئۆرلەۋاتقان تەلىبىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا يەنىمۇ كۆپ پۇل تېپىش مەخسىتىدە كىنو ساھەسىگە غايەت زور مەبلەخلەرنى سېلىپ نۇرغۇنلىغان نادېر كىنولارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ كۈرۈرمەنلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىۋاتىدۇ ....
ھەرقانداق بىر كىنو كۈرۈرمەندە ھەرخىل ياخشى- يامان تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ . ھەتتا بەزى كىنولارنىڭ جەريانى شۇنداقلا ئەشۇ كىنودىكى بىر قانچە ئېغىز دىئالۇگلار ئىنسانلار ئارىسىدا نۇرغۇن ياخشى - يامان ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە تۈرتكىلىك سەۋەپمۇ بۇلىۋاتىدۇ .....
تۈۋەندە مەن ئالدىنقى قېتىم يوللىغان { كىنونىڭ ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى } دىگەن تىمامنىڭ ئاخىرىنى يوللىدىم ...
1 خارىي پوتتېر يۈرۈشلۈك فېلىملىرى
داڭلىق فانتازىيەلىك ھىكايە يازغۇچىسى Joanne Kathleen نىڭ شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن داڭلىق فېلىم خاررىي پوتتېر 2001 - يىلىدىن باشلاپ ئىشلىنىۋاتقان بۇلۇپ ھازېرغىچە جەمىي 7 بۈلۈم ئىشلىنىپ كۈرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتى{ بەزى خەۋەرلەردىن مەلۇم بۇلىشىچە مەزكۇر فېلىمنىڭ 8- بۈلۈمى يەنى ئەڭ ئاخېرقى بۈلۈمى ئىشلىنشكە تەييارلىق قىلنىۋاتقان بۇلۇپ 2014 - يىلى قۇيۇلۇشى مۇمكىن } مەزكۇر فېلىمنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ناھايىتى يۇقرى بۇلۇپ. پۈتۈن دۇنيا بالىلىرى شۇنداقلا چوڭلارنىڭمۇ ياختۇرۇپ كۈرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى ، شۇنداقلا كۈرۈرمەنلەرگە ئاز بولمىغان تەسېرلەرنىمۇ كۆرسەتتى ، مەزكۇر كىنودا تەسۋېرلىنىدىغىنى ئاتا- ئانىسى ئۈلۈپ كەتكەن بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ باشقىلارنىڭ بېقىۋېلىشى ئاستىدا ئۈگەيلىك دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ ئاخېرىدا ئۆز ئاتا- ئانىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى سىھرىگەرلىك تەسىرى شۇنداقلا خارررىينىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى يۇلۇققان بىر قېتىملىق سىرلىق ۋەقەنىڭ تۈرتكىسىدە تۇيۇقسىزلا ئەڭ داڭلىق بولغان سىھرىگەرلىك مەكتىپىگە تەكلىىپ قىلىنىشى ۋە شۇيەردە كىيىنكى ئاجايىپاتقا تولغان سەرگۈزەشىتىللىرى بايان قىلىنغان ، مەزكۇر كىنودا { مۈشۈك ياپىلاق . يەنى ھۇقۇش } قۇشى سىھرىگەرلىكنىڭ بىرخىېل سىمىۋولى سۈپىتىدە ئىكرانغا ئېلىپ چىقىلغان بۇلۇپ فېلىمدىكى خاررىي قاتارلىق سىھرىگەر بالىلارنىڭ ھەر بىرسىدە بىردىن ئۆزلىرى ئامراق بولغان مۈشۈك ياپىلاق قۇشى بۇلىدۇ ، كىنو قۇيۇلغاندىن كىيىن پۈتۈن چەتئەل دۆلەتلىرىدە تۇيۇقسىزلا مۇشۈك ياپىلاق قۇشىنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بۇلۇپ كەتكەن ، بۇلۇپمۇ ئاق رەڭلىك مۇشۇك ياپىلاقنى تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان ، نۇرغۇنلىغان بالىلار كىنونىڭ تەسىرىدە مۈشۈك ياپىلاق قۇشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەرمىكى قىلىۋالغان ، ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە تىگشلىكى شۇكى ، سىھرىگەرلىكنى باش تىما قىلغان مەزكۇر فېلىم قۇيۇلغاندىن چەتئەلدىكى ھەرخېل چوڭ - كىچىك سىھرىگەرلىك مەكپەپلىرىنىڭ ئۈگەنگۈچى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشلىرى يىللاردىكىدىن نەچچە ھەستە يۇقرى بۇلۇپ كەتكەن ،
2 - قاتىل لېئون
يارىشىملىق كۆز ئەينەك ، ناھايىتى ئاددى كىيىم ، ھەر بىر ۋاق تامىقىدا پەقەت سۈتلا ئىچىش ، كىچىسى ئولتۇرۇپ ئۇخلاش ، ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن نىشانلىرىغا سىرلىق تەسېر بەرگەن ھالدا نىشاننى پىتجىت قىلىش ، ھەرقانداق بىر مەسىلىگە ئېغىر بېسقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ، داۋاملىق بىر تەشتەك گۈل كۈتۈرۋېلىش ، قاتارلىق بىر قاتار كۈرنۈشلەر { قاتىل لېئون} ناملىق فېلىمنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنىڭ تىپىك نامايەندىسى ، فېلىمدا لېئون ئىسىملىك ناھايىتى ئاددى- ساددا بىر قاتىلنىڭ . باشقىلارنىڭ ئازغىنە پۇلى ۋە بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئەسكىلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋە زىپىسىنى تاپشۇرۋېلىش ، ۋە ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىش. بىر قېتىملىق تاساددىبىي ۋەقەدە كىچىك بىر قىزنى قۇتقۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن كۈنلىرى . ئۇنىڭغا قاتىللىق قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۈگۈتۈش ، ئۈزىنىڭ بارلىق پۇللىرىنى شۇ قىزغا قالدۇرۇپ قۇيۇشنى قارار قىلىش، ۋە ئاخېرىدا شۇ قىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ئۈلۈپ كىتىشىدەك كىشى قەلبىنى لەززىگە سالىدىغان ، كىشىدە قاتىل بولسا ئەنە شۇنداق بولسا دىگەندەك بىرخىل خىيالنى پايدا قىلىپ قۇيىدىغان بۇ فېلىم 1994 - يىلى قۇيۇلغان بۇلۇپ مەزكۇر فېلىم فېرانسيەلىك ئارتىس جېئان رېنو نىڭ بىر سەكرەپلا ۋۇللىيۋودتا گىگانىت چولپانلاردىن بۇلىشىغا كۈچلۈك سەۋەپ بولغان ، بىراق فېلىمنىڭ جەمىيەتكە ئېلىپ كەلگەن سەلپبىي تەسېرىمۇ ئاز بولمىغان فېلىم قۇيۇلغاندىن باشلاپ تاكى 2000 - يىلىنىڭ باشلىرىغىچە چەتئەللەرنىڭ بىر قىسىم كىچىك شەھەر بازارلىلىرىدا قاتىللىق قىلىش ، پۇلاڭچىلىق قىلىش دىلولىرى يۈز بىرىپ تۇرغان . بۇ دىلولارنىڭ ئىلگېركى داۋاملىق يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئوخشاش دىلولارغا ئوخشىمايدىغان بىرلا يىرى قاتېللار جىنايەت نەخ مەيدانىغا بىر تەشتەك گۈل ياكى بىرتال گۈل قۇيۇپ قۇيىدىغان غەيرى ئەھۋاللار داۋاملىق كۈرۈلۈپ تۇرغان . يەنە بەزى كۆرگۈچىلەرنىڭ دىيىشىچە قاتېللىق قىلغۇچىلار مەزكۇر كىنودىكى لېئون غا ئوخشاش كىيىم كىيىۋالغان........
3 - { يېۋىن }
جۇڭگو شىياڭگاڭ 2008 - يىلى ۋە 2010 - يىلى ئىشلىگەن { يېۋىن } ناملىق يۈرۈشلۈك گۇمپا فېلىمىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىنى ھەرگىز سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . كىنو ساھەسىدە نەچچە ئون يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ھەركەتلىك فېلىم ئارتىسى جىنزىدەن يېۋىن ناملىق فېلىمدە يېۋىننىڭ ئوبرازىنى قالتىس ماھارىتى بىلەن ئۇرۇنلاپ خۇددى قۇم ئاستىدا ئۇزۇن يىل تۇرۇپ ئاستا ئاستا پارقىراپ پۈتۈنلەي نامايەن بولغان ئالتۇندەك جۇڭگو ھەركەتلىك كىنو ساھەسىدە شاھ نامى بىلەن ئاتالغان .
يېۋىن 1893 - يىلى پوشەندە تۇغۇلۇپ1972 - يىلى 79 يېشىدا ۋاپات بولغان داڭلىق جامباش ئۇستازى ، ئۇ يەنە ئۆز ۋاقتىدىكى بىر ئەۋلاد داڭلىق جامباش ئۇستىسى شۇنداقلا گىگانىت چولپان لىيشاۋلۇڭنىڭ ئۇستازى ، ئەزەلدىن داڭلىق چامباشچىلار چىقىدىغان يۇرت دەپ قارالغان گۇۋاڭدۇڭنىڭ پوشەن ناھىيەسىدە . خۇۋاڭپىيخۇڭ . خويۋەنجا . يېۋىن قاتارلىق مەشھۇر جامبازلار يىتىشىپ چىققان ، يېۋىن ناملىق فېلىم قۇيۇلۇشى بىلەن ، فېلىمدىكى يېۋىننىڭ . ئائىلىسىگە كۈيۈمچان . ئايالىنى ھۆرمەتلەيدىغان ، شۇنداقلا يۇڭجۈن گۇمپىسى ئارقىلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەر چىشلىتىدىغان كارامەت ئوبرازى ئىكران يۈزىدە ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن نامايەن بولغان ، فېلىمدىكى { كەمىنىنىڭ ئىسمى يېۋىن. پوشەن يۈڭچۈن مەزھىپىدىن } دىگەن سۈزى فېلىمنىڭ ۋەكىللك سۈزىگە ئايلانغان ، فېلىم قۇيۇلغاندىن كىيىن پۈتۈن جۇڭگو ھەتتا چەت دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم ياشلارنىڭمۇ يۇڭچۈن گۇمپىسىنى ئۈگۈنۈشكە بولغان قىزغىنلىقى پوشەن ناھىيەسىگە سەلدەك ئېقىپ كىرگەن .شۇنىڭ بىلەن پوشەندىكى يۇڭچۈن مەزھىپىنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئوقىتى شۇنداقلا باشقا چامباشچىلىق سارايلىرىنىڭ تىجارىتى كاساتلىقتىن بىراقلا كۈتۈرلۈپ كەتكەن ، سىتاستىكىدىن مەلۇم بۇلۇشىچە 2008 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە بولغان 1 يىل ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت شۇنداقلا مەملىكەت سېرتىدىن بۇلۇپ 47 مىڭ نەپەر ياش ئۆزلىگىدىن ۋە ئۇستاز تۇتۇش ئارقىلىق يۇڭچۈن گۇمپىسىنى ئۈگۈنۈشكە كىرىشكەن ، ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۈزىگە جەلىپ قىلغان ، ئۇنىڭدىن باشقا فېلىمدىكى يېۋىننىڭ رەقىبىگە قىلغان بىر ئېغىز گەپى جەمىيەتتە خېلى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان { بۇ دۇنيادا ئايالىدىن قورقىدىغان ئەر يوق . پەقەت ئايالىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەر بار ...}
4 - كورتلار ۋادىسى
تۈركىيەنىڭ { كورتلار ۋادىسى }قىسىملىق فېلىملىرى ، بىر باشتىن ئىشلىنىپ بىر باشتىن قۇيۇلىۋاتقىلى ئون يىلدىن ئاشتى . مەزكۇر كىنونىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە ھەتتا تەرەققىي تاپقان ئامېرىكا دۆلەتلىرىگىچە يىتىپ باردى . فېلىمدىكى . ئەركەكلەرگە خاس سالاپەت . باتۇرلۇق . ۋەتەنپەرۋەرلىك . ئۆز- ئارا ياردم بىرىش . مىھرى مۇھەببەت . جىددىيلىككە تولغان ئېلىشىش كۈرنۈشلىرى قاتارلىقلارنى پۇلات ئەلەمدار قاتارلىق باش قەھرىمانلار ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن تەبىيئى ھالدا ئىكران يۈزىگە ئېلىپ چىققان ، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندىن بۇيانقى توختىماي شىنجاڭ بازارلىرىغا كىرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ بىرقىسىم كىنولىرىنىڭ رايۇنىمىزدا كۈچلۈك قارشى ئېلنىشى ئەجپلىنەرلىك ئىش ئەمەس ،
تۈركىيە كىنولىرىنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشقا يېقىنلىقى ئىكراندا ئەكىس ئىتىۋاتقان ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ۋە ئوخشاش بولغان ئەشۇ تۈرۈك مىللىتىنىڭ يۇمشاق ۋە يېقىملىق سۆز ئىبارىللىرى . يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن يەرلەردە چۈملىدىن شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئالقشقا ئىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ . ئەڭ دەسلەپكى تەرەققى تاپقان تۈركىيە مەدىنىيىتىنىڭ كىنو ئىكرانى ئارقىلىق رايۇنىمىزغا كىرىشى ئۇيغۇرلاردىكى تۈركىيە قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى . بۇ ئارقىلىق . تۈركىيە كىيىملىرى ، ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان تۈركىيە يىمەك - ئىچمەكلىرى . رايۇنىمىزدا ئەڭ بازار تاپقان مەھسۇلاتقا ئايلاندى ، نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز تۈركىيە مەدىنىيىتى بىلەن تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتى . شۇ ئارقىلىق ئۆز - ئارا تىل ئۈگۈنۈش يۇقرى دولقۇنغا چىقتى ، ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيە شىنجاڭ ساياھىتى بارغانسىرى راۋاج تېپىپ كەتتى ، ھەتتا تۇركىيەگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قېلىش ئىشلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە كۈپىيىپ بېرىۋاتىدۇ ، قىسقىسى ھازىر تۈركىيەنىڭ ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتلىرى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئۆرۈپ ئادەتلىرى رايۇنىمىزغاچوڭقۇر سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ ....
مەنبە : گىلادىئاتور
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-22 03:20 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-22 07:05 PM):
خويۇۋەنجىيا ئەسلى پوشەنلىك ئەمەس ، خاتا يېزىلىپ قاپتۇ ...
|
|
|
|
|
|