مۇھەببەت
خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :ئىپار(سەلكىنئاي)
مۇھەببەت-گۈزەللىكنىڭ يىغىندىسى .
مۇھەببەت -ئەڭ تاتلىق ئازاب.
ئەڭ شىرىن ،تاتلىق مىھىر -مۇھەببىتىمنى ساڭا بىرىپ ،ئازابلارنى ئۈزۈملا ئېلىپ كەتسەم دەيمەن .
ھېلىمۇ ئىسىمدە ،دەسلىۋىدە مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ،بۇنىڭ مۇھەببەتمۇ ياكى ياقتۇرۇپ قېلىشمۇ تا بۈگۈنگىچە بىلمەيمەن ،بىلىشنىمۇ ھەم خالىمايمەن .
شۇ ۋاقىتلاردا بىر تامچە يامغۇرمۇ ،لەيلەپ چۈشكەن بىر تال يۇپۇرماقمۇ ماڭا بەك گۈزەل بىلىنەتتى .
ئادەمنىڭ شۇنداق بىر چاغلىرى كىلىدىكەن ،ھىسياتى ئۈستىدىن غەلبە قىلالمايدىغان ،ھىسياتىنى ئەركىگە قۇيىۋىتىدىغان ،بىر مەزگىل مۇشۇنداق ياشاپ قايرىلىپ ھايات مۇساپەڭگە باققىنىڭدا ئازابتىن باشقا ھېچنىمە قالمىغان .بۇ ئازابنى ئۆزەڭ تىلەپ تاپدىكەنسەن .
ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ۋاقتىمدا مەن مەن ئەمەس باشقا بىرى.ئىلگىرى ناھايتى ئەركىن،شوخ ئىدىم، كۈزۈمگە ئۇنىڭدىن باشقىسى كۆرۈنمەيتتى ،ئۇنىڭ ئەتىراپىدىن ئايلىنىپ كىتەلمەيتتىم .ئىلگىرى باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن مۇھەببەت ھەققىدىكى ئەڭ تاتلىق ،ئەڭ گۈزەل ئىبارىلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم،شۇڭا مۇھەببەت بىر خىل خۇشاللىق دەپلا بىلەتتىم ، ئەمما ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئازابلىرىچۇ ؟ئەڭ ئازابلىقى _ خاتا ۋاىتتا، خاتا بىر ئۇرۇندا ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ،بۇنداق مۇھەببەت خۇشاللىقتىن بەك يىراق ،بەك يىراقكەن .
راستىنلا ھاردىم،بىرىنى ياخشى كۆرۈش ئادەمنى مۇشۇنداق ھارغۇزىۋىتەمدىغاندۇ ؟مەن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن . ئۇ ئادەەتىكىدەكلا بىر يىگىت ،بۇنداق ياقتۇرۇپ قېلىش ئۇزۇنغا سۇزۇلمايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن ،ۋاقىت ئۆتكەنسىرى بۇ ئويلىغانلىرىمنىڭ ئەكىسچە ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ،ئۇنى ئاللىقاچان ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم .مەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھىس قىلغىنىمدا بىلىندۈرمەي مۇشۇنداقلا ياخشى كۈرۈپ يۈرىۋەرمەكچى بولغان ئىدىم .ئويلاپ قالدىم ئەگەر دىمىسەم ئۇ مىنىڭ كۆڭلىمدىكىنى قانداق بىلەلەيدۇ ؟ دەپ ئويلاپ يەنىلا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم ، رەت قىلغان جاۋابنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا بۇينۇمغا گال پىچاق سۈرۈلگەندەك ئازابلاندىم ،يۈرىكىم بۇ ئازابتىن پارە-پارە بوپ كەتتى .ئەشۇ كۈندىن باشلاپ پەقەت ئېچىلالمىدىم ،قالبىم ئازابقا تۇلۇپ كەتكەن ئىدى .مەن مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئاڭلاشقا ئامراق بولۇپ قالدىم ،شۇ ناخشىلار ئارقىلىق ئۆزەمگە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپاتتىم .شۇ كۈنلەردە دۇستۇم ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ مىنى خۇشال قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ مەن يەنىلا ئۇنى ئويلايتتىم، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكۈم يوق ئىدى ،شۇڭا تىرىشىپ ئۆزەمنى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشتىم .دەسلەپكى قەدەمدە شارپا تۇقۇشنى ئۆگەندىم ،ئىككى كىچە كۆز يۇمماي بىر شارپا تۇقۇپ ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدىم ،گەرھە شارپىنى ئۈزۈم بەرمىگەن بولساممۇ ئۇ يەنىلا قۇبۇل قىلدى .شۇندق خۇشال بولدۇم ، مەن ئۈزەمچە ،مەن تىرىشساملا ئۇ مىنى قۇبۇل قىلىدۇ دەپ تاتلىق خىيال سۈرۈپتىكەنمەن ،ئۇ پىراكتىكىدىن قايتىپ كەلگەن ھەپتىسى دوستۇم ئۇنى پەلەمپەي يېنىدا بىر قىز بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچىراتقىنىنى دىگەن كەچتە مەن يىغلاپ چىقتىم . ئەتىسى مەكتەپتىكى دوستلىرىم ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ ئۇ قىزنىڭ ئۇنىڭ لايىقى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن بولساممۇ يەنىلا ئىشنىشنى خالىمىدىم .
بىر كۈنى يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم ،ئۇ قىزنى يۈدۈۋالغان بۇلۇپ چىرايىدىن بەخت پارلاپ تۇراتتى ،ئۇ ئالدىمدىن ئۇ قىزنىڭ قۇلىدىن يىتىلەپ ئۈتۈپ كەتتى ،شۇنچىلىك ئازابلاندىمكى ئادەم يوق يەرگە بېرىپ ئاۋازىمنى قۇيىۋىتىپ ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتىم ،ئەمدىكى بىر دىنبىر تاللىشىم ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىش ،ئەمما مەن ئۇنى راستىنلا ياخشى كۆرەتتىم .مەن يەنىلا ساقلاپ بېقىشنى خىيال قىلدىم ، ئۇلار ئايرىلىپ كىتىشى مۇمكىنغۇ،بۇنداق ئويلىشىمنىڭ نۇمۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.ئەمما مىنىڭ بۇنداقلا ۋاز كەچكۈم يوق ،شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تۇرسام بۇنداق ئاسانلا بەل قۇيىۋەتسەم قانداق بۇلىدۇ ؟ئەمما ئۇزا ئۆتمەيلا ئاتا- ئانىسىنىڭمۇ بۇ ئىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ تېخىمۇ ئازابلاندىم .
ماڭا بىردىنبىر تەسەللى چ چ دا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىش ، ئۇ نىڭغا كىم ئىكەنلىكىمنى دىمىدىم ،دىسەملا مەندىن ئۈزىنى تارتىشى ئىنىق .ئۇ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى ،ئۇ قىز بىلەن پىراكتىكا قىلىۋاتقاندا تۇنۇشقانلىقىنى، ئۇ تۇغۇرلۇق سۆزلەپ بەرگىنىدە ئۈزىنى ناھايتى بەختلىك ھىس قىلىدىغانلىقىنى ،ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىننى بىلىپ يەتكەن ئىدىم .ئەمما ئۇ مىنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيتتى .
چوغنى پاختىغا ئوراپ ساقلىغىلى بولمىغاندەك ،ئۇ ئاخىرى مىنىڭ كىملىكىمنى بىلىپ قالدى ،چ چ دىن مىنى يۇيۇۋەتكەندە ،يۈرىكىم پارە- پارە ھالدا ئۆزۈمدىن سوردىم : يەنە ساقلامسەن ؟ شۇنچىلىك بىئارام بولدۇمكى ،بىر ئادەمنى ساقلاش ،يەنە كىلىپ ئارقىغا قايتمايدىغان بىرىنى ساقلاش راستىنلا ئازابكەن .مەن چارچىدىم .
باشقىلاردىن مۇنداق بىر گەپ ئاڭلىغان ئىدىم <ساڭا نىسپەتەن ئەڭ يىراق جاي دۇنيانىڭ ئۇ چېتى ئەمەس بەلكى كۆز ئالدىڭدا تۇرغان ئادەمنى سۆيەلمەسلىك >.ماڭا مەنسۇپ بولغىنى شۇكى يىراقتىن ئۇنىڭغا قاراپ جىمجىتلىق ئىچىدە ياخشى كۆرۈش .
كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۈكۈلدى،يۈرىكىمنى چوڭقۇر ئازاب ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى.
مۇھەببەت - نۇقۇل ھالدا ئېرىشىش دىگەنلىك ئەمەسقۇ .شۇنداق بىر خىل مۇھەببەت باركى ئىنتايىن ئازابلىق .
مەنبە :
http://www.puresky.org/news/miss/2012117/731K14.html