تېكىسىت
A
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
I
ئاللاھنىڭ مەدىھىيىسى ھەققىدە
1.ئىلاھى ئوكۇش ھەمىد ئايۇرمەن ساڭا
سەنىڭ رەھمىتىڭدىن ئومارمەن ئوڭا
2.سەنامۇ ئايۇغاي سەزا بۇ تىلىم
ئۇنارچا ئايايىن يارى بەر ماڭا
3.سەنىڭ بارلىقڭغا تانۇقلۇق بەرۇر
جەماد جانۋار ئوچغان يۈگۇرگەن نەڭە
*ماۋزۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قوليازما نۇسخىلرىدا ئەرەپچە بېرىلگەن.
تەرجىمە
A
بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
I
ئاللاھنىڭ مەدىھىيىسى ھەققىدە
1.خۇدا ساڭا كۆپلەپ مەدھىيە ئۇقۇيمەن،
(دائىم)سېنىڭ رەھمىتىڭدىن ياخشىلىق كۈتىمەن،
2.(سېنى)لايىقىڭدا مەدھىيلەشكە مېنىڭ بۇ تىلىم يارارمۇ،
ئىقتىدارىمنىڭ بارىچە سۆزلەي،ماڭا يارى بەر،
3.جانلىق، جانسىز،ئۇچقان ، يۈگۈرگەن(ھەممە)نەرسىلەر
سېنىڭ بارلىقڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
__________________________________________
1-تەرجىمىنىڭ ئاخىرسى
4.سەنىڭ بىرلىكىڭگە دەلىل ئارقاغان
بۇلۇر بىر نەڭ ئىچىرە دەلىللەر مىڭە
5.يوق ئەردىم ياراتتىڭ يانا يوق قېلىپ
ئىككىنچى بار قىلۇرسەن مۇقىرمەن مۇڭا
6.ئايا شەك يولىنىدا يىلىگلى ئودۇن
كەل ئوتتىن ئوزۇڭ يول ئۇلۇمدىن ئوڭە
7.ياراتتى ئول ئوغان تۇنۇڭ كۈندۈزۈڭ
ئۇدۇپ بىرى بىركە يورىر ئوڭ سوڭا
8.تۈنەتۇر تۇنۇڭنى كۈنۈڭ كىتەرىپ
تۇنۇڭ كىتەرىپ باز يارۇتۇر تاڭا
9.ئولۇگىدىن تىرىگ ھەم تىرىگىدىن ئولوگ
چىقارۇر كورۇر سەن مۇنى كەد ئاڭا
10.بۇ قۇدرەت ئىدىسى ئۇلۇغ بىر بەيات
ئۈلۈكلەرنى تىرىلدۈرمەك ئاسان ئاڭا
4.سېنىڭ بىرلىكىڭگە دەلىل ئىزدىگەنلەر
بىر ئىشتىن مىڭلارچە دەلىلگە ئىگە بولىدۇ
5.يوق ئىدىم، ياراتتىڭ ،يەنە يوق قېلىپ،
ئىككىنچىلەپ بار قىلسەن،مەن بۇنىڭغا ئىقرارمەن،
6.ئەي،شەك يولىدا يۈرگەنلەر، ئويغىنىڭلار،
كېلىڭلار، ئۈلۈشتىن بۇرۇن ئۆزەڭلارنى ئوتتىن قۇتقۇزۇڭلار،
7.قادىر(ئاللا)تۈننى ۋە كۈندۈزنى يارتتى،
(ئۇلار)بىر بىرىگە ماسلىشىپ ئالدى-كېيىن ماڭىدۇ،
8.(ئۇ) كۈننى كەتكۈزۈپ تۈننى كەلتۈرىدۇ
تۈننى ھەم كەتكۈزۈپ قايتىدىن تاڭنى يارىتىدۇ،
9.(ئۇ) ئۈلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ ھەم تىرىكنى ئۆلتۈرىدۇ،
كۆرىسەن، بۇنى ياخىشى بىل.
10.بۇ قۇدرەتنىڭ ئىگىسى بىر تەڭرىدۇ،
ئۈلۈكلەرنى تېرىلدۈرۈش_ئۇنىڭغا ئاساندۇر.
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يوللىنىدۇ......