سىزگە شۇنداق ئەركەك كېرەكمۇ ؟
(نۇرشات نۇرمۇھەممەد)
كۆردۈم تالاي ئەركەك دىگەننى ،
قىز كەينىدىن ئىتتەك يۈرگەننى .
ياختۇرامسىز ، سىزمۇ ئەشۇنداق ،
قۇلۇڭ بولاي ، سېنىڭ ، دىگەننى ؟!
يىغلاپ تۇرۇپ ، سۆيگۈسى ئىزھار ،
دەرت تۆكىدۇ ، قىش ، ياز ۋە باھار .
سەن بولمىساڭ ، ئۆلىمەن <ئاھ>دەپ ،
قان يىشىدا مەكتۈپلەر يازار .
غورورۇڭنى قىلما دەپسەندە ،
<<ئاشىقلىقىڭ>>چەككە يەتكەندە .
ئەل - ئاۋامنىڭ ئالدىدا بىر كۈن ،
شۇ سەۋەنلىك بولما شەرمەندە .
< قىزلارغا >
سىزگە شۇنداق ئەركەك كېرەكمۇ ؟
ۋىجدانىنى ئۇنۇتقان شۇنداق .
ئەركەك تۇرۇپ ئەركەكلىكىنىڭ ،
سىمايىنى قۇرۇتقان شۇنداق .
سىزگە شۇنداق ئەركەك كېرەكمۇ ؟
<< لاتا >> بولۇپ ئۆتەرگە كۈندە .
پۇت - قوللارنى تۇتۇپ كۈن بويى ،
پادىشاھدەك كۈتەرگە كۈندە .
قىستۇرما:
يىگىتلىرىمىز يىگىتتەك بولايلى ، مۇھاببەت ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ، ئەمما مۇھاببەتنى دەپ ئاتالمىش شۇ ئازاپلار تۈپەيلى ئۆزىمىزنى تاشلاپ ، قان - زار يىغلاپ ، تېرىك مۇردىغا ئايلىنىۋىلىشنىڭ ئورنى يوق دەپ ئويلايمەن ،بۇرۇن ئۆتكەن ئەشۇ غېرىپ ، تاھىر ،مەجنۇنلارنىڭمۇ ھازىر بەزى ئاشىقلىرىمىزدەك قىلغىنىنى بىلمەيمەن ، ئاللاھ ھەممىمىزگە ساپ مۇھاببەتلىك قەلىبلەرنى ئاتا قىلسۇن ، ھەرگىز ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا سۆيىدىغان قەلىبنى ئەمەس ...
مەنبە: نۇرشات نۇرمۇھەممەد
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى