مۇشتەرى
ئايۇپ قادىر ئۈمىدى
ئۆزقۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. توۋا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتقان مەنمۇ ياكى باشقا بىرسى...بىراق ئىشەنمەيمۇ ئامالىم يوق ئىدى. ساغۇچ شالاڭ چىشلىرىغا قانداقتۇر بىرخىل يىشىل كۆكتاتنىڭ چىۋىن قانىتى چوڭلىقىدىكى پارچىسى چاپلىشىپ قالغان بىر ئىغىزماڭا قاراپ ھەدەپ سۆزلەۋاتاتتى. ئەتراپلىرى شاپتۇل قىقىدەك قورۇلغان ياغلىشاڭغۇ كالپۇكلار ھەربىر يۇمۇلۇپ ئىچىلغاندا، نامەلۇم نەرسىنىڭ ئىچىغان قاڭسىق ھېدى دىمىغىمغا ئۇرۇلۇپ كۆڭلۈمنى ئىلىشتۇراتتى.
- نىمە ، ئىشەنمەيۋاتامسىز ؟يىزا يولىنى ئاسفالىتلاشتۇرۇشقا تۇتۇلغان 200 كوي پۇلغۇ ئاياقدىكى ئاشتەك كۆڭلىڭىزگە ئايان. ئۇنىڭغا ھىچكىنىڭ ھۆتۈت- پۆتۈت دەيدىغان ھەققى يوق. ئۇ دىگەن ياردەم تەشكىل . تەشكىل ئۇقتۇردىمۇ دىمەك پۇل تۇتۇلىدۇ دىگەن گەپ. ئۈچ ئايغىچە مائاش بەرمەي يەنە قولۇمغا تەككىنى ئاران تۆت كويمۇ دىگەن گەپنى ماڭا دەپ بەرمەڭ سىز بىلەن بىر تەشكىلنىڭ قوينىدىكى ئادەم مائاشنى نەۋاقتا بىرىدۇ. ، قانچە پۇل تۇتۇپ قىلىنىدۇ ، بۇ پۈتۈنلەي تەشكىلنىڭ ئىشى . بىلسەم- بىلمىسەم ماي يولغا تۇتۇلۇپ ئىشىپ قالغان پوللارغا قارىتا كۆڭلىڭىزدە بىر گۇمان پالاس قىقىپ قالدىغۇ دەيمەن. ماقۇل ، مەن سىزگە ھېساپنىڭ ئۈچەي قىرىنلىرىنى چۇۋۇپ كۆرسىتەي!
- پىشقەدەم كاسسىر ماڭا قىيدىغاندەك قىلىپ شىرەنىڭ بىر چىتىدە تۇرغان كونا چوتنى غارتىلدىتىپ ئالدىغا تارتتى-دە، ئورۇق بارماقلىرىنى ئالدى- كەينىگە ھەركەتلەندۈرۈپ شاراقلىتىپ سوقۇشقا باشلىدى.
- ئوقۇغۇچىغا بىر ئىستاكان سۇ بىرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا بىر چىلەك سۇ بولىشى كىرەكلىكىنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز شۇڭا مائارىپ بىلىملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تىخىمۇ ياخشى ئۈگەنسۇن دەپ «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى» گە مۇشتەرى قىپ قويدۇق. بۇنىڭ پۇلى ماۋۇ ،ئوبدان قارىۋىلىڭ سىڭلىم. ىوش سىز ياش تەشكىل ئەلبەتتە سىزدەك ياشلارنىڭ تەربىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلمەي تۇرالامدۇ؟ شۇڭا ماۋۇ «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلىنىڭ پۇلى. مەكتەپكە كىلىپلا پارتىيگە كىرىش ئىلتىماسى يازغانلىقىڭىزدىن مۇدىر بەكلا خوش بولدى دەڭا. كىيىنچە ئۆسۈپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇڭا «شىنجاڭ ئاۋانگارتلىرى » ژورنىلىغا مۇشتەرى قىلىپ قويدۇق، ئۆزىڭىز مۇ بىلىسىز مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ۋە قانۇن تۈزۈم قۇرلىشى ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىشى . شۇڭا ... ماۋۇ مانا ماۋۇ يەرگە قاراڭ. مۇشۇمۇ شۇ ئىككى كاتەكچىدىكى « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ژورنىلى بىلەن »قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ باھاسى. خوش بۇ كەتتىما ؟ ئەمدى كەلدۇق، ئىسىمى نىمىتتى، ھە ئەمدى ئىسىمەە كەلدى «شىنجاڭ ئاياللىرى» سىز ئەلۋەتتە بۇ ژورنالنى ياقتۇرىسىز. كۆپ بولۇپ كەتتتى دەۋاتامسىز ؟ يوقسۇسىڭلىم. ناۋادا «شىنجاڭ ئەر خەقلىرى» دەيدىغان ژورنال بولىدىغان بولسا ، مەن جىنىمدىمۇ ئون نۇسخا مۇشتەرى بولۇۋالغان بولاتتىم. راستگەپنى دەۋاتىمەن . شۇڭا سىزنى ئاڭلىق دەپ قاراپ ...ئۇنىڭ پۇلى ماۋۇ ھىچقانچە گەپ ئەمەسكەن . ھەراست، بىر گەپنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن. يەرلىك گېزىت ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇش ھەققىدە ناھىيدىن ئۇقتۇرۇش چۈشتى. شۇڭا ماۋۇ ئىككى گېزىتكە ...ناھايتى بىر كىيىملىك لاتىنىڭ پۇلىغۇ ؟ شۇنداق قىلىپ سىڭلىم، سىزنىڭ جەمئى مۇشتەرى پۇلىڭىز مۇشۇنچىلىكلا! كاسسىر يەنە نىمىلەرنى دىدىكىن قۇلىقىمغا كىرمىدى. مىڭەم ىۇددى ئىشىكى ئىچىۋىتىلگەن كەپتەرخانىدەك ئۇنىڭدىن ساناقسىز سۇئاللار ئۇچۇپ چىقىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئاشخانا قەرزىگە قايسى پۇلنى تۆلەيمەن. ؟ يەنە بىر ئايغىچە نىمە يەيمەن. بۇغۇ مەيلى بىر ئامال قىلارمەن. غايەمچۇ؟ غايەم ئاتامنىڭ ۋەسىيتى...
- رەھمەتلىك ئاتام مۇشۇ ناھىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق داڭلىق ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى. ۋە ئوبزۇرچى ئىدى . مەن ئالى مەكتەپكە ماڭىدىغان چاغدا « قىزىم، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىدىغان پەيىتكەلدى. ئەدەبىياتىمىز ىىلى يۈكسەلدى. بىز ئۇنى چەتئەل تىلىغا تەقىمە قىلىپ دۇنياغا تونۇتىشىمىز لازىم. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاش سىلەردەك ياشلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى» دىگەن ئىدى.
مەن ئالى مەكتەپتە ئاساسى پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىپلا قالماي خەنزۇتىلى ئاساسىمنىمۇ پۇختىلاپ ماڭدىم. دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئىنگىلىز تىلى كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىپ تۆتىنجى دەرىجىگە ئىرىشتىم. ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ دەۋىتى بىلەن ئاسپىرانىتلىق كەسپى ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ يۇقۇرى نەتىجە بىلەن ئۆتتۈم. شۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەن ماڭا زوقلانغان. مىنى تەبرىكلەشكەن ئىدى. ئاتامنىڭ ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولۇپ كىتىشى، ئاپامنىڭ يۈرەك تىقىلمىسى كىسىلىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئىغىرلىششى ئائىلە ئىقتىسادىمىزنىڭ يار بەرمەسلىكى ،مىنى بۇ يەرگە – ئانا يۇرتۇمغا ئىلىپ كەلگەنىدى ئادەم ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ يۈز ئابرۇيىمۇ بىللە كىتىغان ئوخشايدۇ. شەھەردە قىلىپ ئانامنىڭ كىسىلىگە قاراش ئارزۇيۇممۇ كۆپۈككە ئايلاندى. بۇرۇن ئۆيىمىزەە پات-پات كىلىپ تۇرىدىغان ، دادامنى ماىتايدىغان باشلىقلار ئەمدى مىنى تونۇمىدى. تونۇيدىغانلارمۇ ، بۇيىل ئوقۇش پۈتترگەن ئوقۇغۇچىلار بىردەك يىراق يىزىلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ. دەپلا گەپنى تۈگەتتى. ىەيرىيەت دادامنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ياردىمى بىلەن شەھەرگە يىقىنراق بىر يىزىغا تەقسىم قىلىندىم نىمىلا دىگەن بىلەن ئاخشىمى ئانامنىڭ تامىقىنى ئىتىپ ، چىينى قاينىتىپ بىرەلەيىتتىم. كۈنلىرى جىددىچىلىك ساراسىمە ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى. يالغۇز بالىنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن تەس ئىكەن. ۋىلىس پىدالىنى بولۇشىچە تىپىپ ، ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ بىر سائەت يول يۈرسەم كەچتە ئۆيگە ئاران قايتالايمەن. ئۆيگە كىرىپلا ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتىمەن . ئانامنىڭ كىسىلى تۇتۇپلا قالمىغان بولسا، بىشىمدىن تگمەن تىشى ئىلىۋىتىلگەندەك بولىدۇ. يىنىك نەپەس ئىلىپ مىھمان خانىمىزنىڭ تۆرىگە ئىسىپ قويۇلغان دادامنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىگە بىر ھازا قارايمەن. دادام ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قارايدۇ.تاماق ئىتىپ بولۇپلا قولۇمغا ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان كىتابىمنى ئالىمەن شۇندىلا ئۆزۈمنى دادامنىڭ قىزىغا ئوخشىغاندەك ھېس قىلىمەن. راستىنى ئىتسام ئىنەىلىز تىلىنى ياىشى ئۆگنىپمۇ قالدىم. ھەتتا بەزى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى ئىنەىلىز تىلىغا ەرجىمە قىلىپمۇ باقتىم. بىراق مەتبۇ ئاتلارغا ئەۋەتىشكە پىتىنالمىدىم. مەن ناچار شارائىتنىڭ ئادەمنى بوي سۇندۇرالايدىغان لىقىغا ھەرگەز ئىشەنمەيىتتىم. سەھرا بولسىمۇ تىرىشساملا ئارزۇ – مەسىدىمگە يىتەلەيمەنغۇ ، دەپ ئويلايىتتىم . مانا بۈگۈنكىسى مىنىڭ تۇنجى ماشىم ئىدى . مەن مائاش بەرسە، ئۇنى ئىلىپلا پايتەخىتتە چىقىدىغان ئىنەىلىز تىلىدىكى گېزىت – ژورناللاردىن بىرەر – ئىككىسىگە مۇشتەرى بولارمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم .
سائەتكە قارىدىم. 4 بولۇپ قاپتۇ. بۈگۈن مۇشتەرى بولۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىدى. ئگەر بۈگۈندىن قالسام ، يەنە ئۈچ ئاي ، ھەتتا يىرىم يىل كۈتىدىغان گەپ. بىرق پۇل نەدە؟ قەرىز ئالايمۇ يا؟ بۇ ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس . ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش ۋاىتىدا بىرىلمىگەنلىكىدىن كىشىلەر بىر – بىرىگە قەرىز بەرمەيدىغان بىرەلەيدىغانلىرىمۇ چىرايلىق ياغلىما گەپلەر بىلەن قەرىز بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇۋىلىشتى. مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قەرىز بىرەلمەيدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى.
نەدىن كەلدىكىن ، ئۆزۈممۇ ئويلىمىغان بىر خىيال ئۇشتۇمتۇت كاللامغا كىلىپ قالدى.
- ئابدۇۋاسىتكا ، - دىدىممەن ئۇ ئاڭلىغۇدەك قىلىپ پەس ئاۋاز بىلەن ئىڭىشىپ تۇرۇپ، غ- بۇ ەىزىت ژورناللارنىڭ بىر
– ئىككىسىنى باشقا ەىزىت – ژورناللارغا ئالماشتۇرغىلى بولسىغۇ...
- - ھېكايە ، چۆچەك، بىيىت- نەزمەژورناللىرىغىمۇ؟ سىڭلىم، مەن سىزگە دەپ قوياي، بۇ تىزىملىكنى شاھنىياز مۇدىر ئۆزى بىكىتكەن، ئۆزگەرتىشكە كۇچۇم يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە...
- ئۇ نىمە دىمەكچىكىن ، ۋەھىمىلىك چىراي بىلەن ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ماڭا تىكىلپ قاراپ تۇرۇپ قالدى. بىراق ئىڭىشكىنىم ياخىشى بوپتىكەن. كاسسىرنىڭ ئالدىدىكى كۆكۈش شىرە ئەينىكىدە ئۆزۈمنىڭ شولىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىككى قۇلىقىمدا ۋالىلداپ تۇرغان نۇر مىنىڭ ئۆچۈشكە باشلىغان ئۈمىد چىرىغىمنى قايتا ياندۇردى . بۇرۇنراق ئىسىمگە كەلسەڭچۇ ، ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ھالقام!
ھەممە ئادەم يارىشىپتۇ، يارىشىپتۇ. ئالتۇنى ئىسىل ئىكەن. ياقۇتى ھەرەمنىڭ جىڭ ياقۇتى ئىكەن. نۇسخىسى غەيرىكەن . دەپ ماختايدىغان، مۇھىمى ئاتام رەھمەتلىك مىنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرشۈمگە ئاتاپ ئالدىن سوقتۇرۇپ قويغان، لىكىن ئۆز قولى بىلەن قۇلىقىمغا سىلىپ قويۇشقا ئۈلگۈرەلمىەن ئاشۇ چىرايلىق ھالقام – ئاتا مىراس ئاخىرقى مۈلكۈمنى قۇلىقىمدىن ئايرىمايىتتىم. ئۇ قۇلىقىمدا تۇرغاندا ئاتام گويا ماڭا ماڭا پىچىرلاۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
شۇ تاپتا ئاشۇ قۇلىقىمدىكى ئالتۇن ھالقا ئاتامنىڭ : «بىلىمنىڭ بىر جۈملىسىنى مىڭ سەر ئالتۇنغا سىتىۋالسا، ئازلىق قىلىدۇ. دىگەن سۆزىنى ماڭا قايتا پىچىرلاپ ئەسلىتىۋاتقان دەك تۇريۇلدى.
مەن گويا قاناتلانغان قۇشتەك ئۆزۈمنى ئەركىن بىمالالسەزدىم. ئىلمى مۇدىرىدىن روەت سوراپ ۋىلىسپىتنى سۆرىەىنىمچە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتىم. كۆڭلۈمدە زەەەرلىك دۇكىنىنى تاقىۋەتمىسە پوچتا ىانىدىكىەلەر ئىشتىن چۈشۈپ كەتمىسە بولاتتى... دىگەندىن باشقا ئوي، تەشۋىش يوق ئىدى.
ئاپتۇر: يەكەن ناھىيلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى