يىـڭى ئــەزا
مەن ئىچكىردە ئوقۇيمەن ،بۈگۈن يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ماڭا ئوزەڭلەرنىڭ (ئۇيغۇرچە)ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتكەن دەرسنى سۈرەتكە تارتىپ ئانالىز قىلىپ ماقالە ياز،چوقۇم ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنولوگىيەسى بىلەن مائارىپتىكى مىللىچە ئالاھىدىلىك،خاسلىقنى
بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلە،بولمىسا ماقالىدە يېڭىلىق بولمايدۇ دىدى.مائارىپىمىزدا مىللىچە ئالاھىدىلىكىمىز .نەگەكەتتى؟نىمىشقا ئۆزىمىزدىكى ئالاھىدىلىككە سەل قاراپ ،باشقىلارنىڭكىنى قارىغۇلارچە قۇبۇل قىلىمىز؟ھەم ئۆزئانا تىلىمىزنى ياخشى ئوقىساق.كىچىكىدىن باشلاپ خەنزۇچە دەرىس سانىنى كۆپەيتىپ ،كۈچەيتسەك ،بولىدىغۇ،نىمىشقا قوشتىل ئوقۇتىشى ،يەككە تىل ئوقۇتىشىغا ئايلىنىپ قالىدۇ،ئاپتۇنۇم رايۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى نەدە ئىپادىلىنىدۇ؟ خەنزۇچىنى ياخشى سۆزلىسىلا بىلىملىك بولغان بولامدۇ؟قوشتىل ئارقىلىق پەقەت تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولغان بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپى بويىچە ئەتراپلىق،ئوزىگەخاس،يېڭىلىق يارىتش روھىغا باي قىلىپ تەربىلەش مەخسىتىگە يىتىش تەس.مەيلى ئوقۇتۇش تەربىيىسى بولسۇن ،مەيلى ئەخلاق تەربىيەسى بولسۇن ،دەل جايىغا ،يۈرەككە تىگىشى كىرەك ،ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنىمى بولىدۇ ، ھازىربالىلارغا خەنزۇچە تەربىيە ،نەسىھەت قىلسا ،ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك بۇياقتىن ئاڭلاپ ،بۇياقتىن ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلغان .قوش تىل سىنىپىدا ئوقىغان بالىلارنىڭ دىيىشىچە ئۇلاردىكى بوشاڭلىق،تىرىشماسلىق ئىددىيىسى ،بولۇپمۇ تەپەككۇر قىلىش ئىختىدارى تۆۋەن ئىكەن. بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ياخەنزۇچە ،يا ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلالمايدىكەن .ئۇلارغا قارىغاندا ،مىللى مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلارنىڭ ،ئۆزلىك ئېڭى ،تىرىشچانلىقى ياخشى.تىل دىگەننى شارائىت بولسا ،
،تىرىشسىلائۆگۈنۈپ ئۇكەتكىلى بولىدۇ.دۆلەت تىلىنى ئۈگۈنىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز،بۇنى ھازىر دىخانمۇ ،زىيالىمۇ ھەممە كىشى تونۇپ يەتتى ،لىكىن ئانا تىلىمىزنى ئشلەتمىسەك باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمامدۇق مىللى ئالاھىدىلىكىمىز نى ئوزىمىز قۇغدىمىساق ،ھورمەت قىلمىساق ،كىم ھورمەت قىلىدۇ.تىل دىگەن ئالاقىلىشىش قۇرالى . ئككىلا تىلنى ياخشى ئۆگۈنىشىمىزكىرەك.
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
ئادەم مەن دىگەن
تىرىشچان ئەزا
ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى
دىلنازە يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 09:19 PM مائارىپىمىزدا مىللىچە ئالاھىدىلىكىمىز؟مەن ئوقۇش ھايا ...
ئاكتىپ ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ