مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 636|ئىنكاس: 9

ئادەملەر... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 08:17:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەملەر....
ئادەمنىڭ كۆزلىرىمۇ شۇنداق بولامدىغاندۇ؟ تولىمۇ ھەيرانلىقتا تېڭىرقاپ تۇرۇپلا قالدىم، بۇ كۆز مەن كۆرگەن كۆزلەرگە ھىچ ئوخشىماي تۇراتتى، تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ كۆزلىرىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم، دەل شۇ پەيىتتە ئاشۇ كۆزدىن چىققان شىددەتلىك بىر نۇر يۈرىكىمگە قادالدى، شۇئان يىقىلدىم.........
چۈچۈپ ئويغاندىم، چۈش كۆرگەن ئىدىم، قورقۇنىچ بېسىپ، تۇرغىدەك ماجالىممۇ قالمىغان. تۇرۇپ ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم، خۇددى بۇ چۈش قانداقتۇر بىر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ بىشارىتىدەك تۇيۇلغان بولسىمۇ ئامال بار ئۈزۈمنى تەمكىن تۇتىۋىلىش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى زورىغا يۇمۇۋالدىم........
كۈن ئالمىچىلىق قىلىشنى پەقەتلا ياختۇرمىغاچقىمىنكىن، كەسىپتە دائىم ئىزدەنگەندىن سىرت، ئاز تولا خەنزۇچە ماتىرياللارنىمۇ كۆرۈپ قوياتتىم. ماتىريال رەتلەۋىتىپ بىر مەسلىنى ھەل قىلالمىدىمدە، قارشى تەرەپتىكى ئىشخانىدىكى خىزمەتدىشىمدىن سوراش ئۈچۈن ئىشخانىدىن چىقتىم. ياندىكى ئىشخانا رەھبىرىمىزنىڭ ئىشخانىسى ئىدى، ئادەتتە ئۇ ئىشخانىغا كىرىپ چىقىدىغانلانىڭ سانى كۆپ بولغاچقا ئانچە دىققەت قىلىپمۇ كەتمەيتتىم .لىكىن بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە ئىدى، ئىشخاننىڭ ئىشىكى قىيا ئېچىلغان بۇلۇپ، بىرەيلەننىڭ نامەلۇم بىرەيلەننى داتلاۋاتقانلىقى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. داتلاش يوقىرى پەللىگە چىقتى بولغاي ئاۋاز يەنىمۇ كۈچىيىپ يىغلىغان ئاۋاز كارىدورنى بىر ئالدى. «داتلاش» يىغا ئارلاش كەلسە قارشى تەرەپنى قايىل قىلىش كۈچى يەنىمۇ يوقىرى بولدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىمدە يەنە ئۈزۈمنىڭ ئىشىغا كىرىشىپ كەتتىم. يىغىدىن سىرىت چىققان ئۆزىنى كاچاتلىغان ئاۋاز مىنى چۈچۈتتى، بۇ بايامقى داتلاشنىڭ داۋامى ئىكەنلىگى ئېنىق ئىدى، چۈشتىن كىيىنكى يىغىننىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولغاچقىمىكىن ئانچە پەرۋامۇ قىلىپ كەتمىدىم.
لىكىن ھاياتىمدا ھازىرغا قەدەر كۈرۈپ باقمىغان بۇ«داتلاش» ئۇسۇلى ماڭا خېلىلا يىڭىلىق تۇيۇلدى.
يىغىنغا كېرەكلىك ماتىرياللارنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئادىتىم بويىچە كەينىدىكى ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇرۇپ كەچتە كادىرلار بۈلۈمىگە تەييارلايدىغان ماتىرياللانى رەتلەشكە كىرىششىمگە، مۇدىرنىڭ ھەممىڭلار قولۇڭلاردىكى ئىشنى يىغىشتۇرۇڭلار دىگەن گىپى بىلەن  قوللىرىرىمدىن تارتىپ قولاق، كۆزلىرىمگىچە يىغىننىڭ ئىشتىراكچىسى سۈپىتىدە يىغىنغا توغرىلاندى.
يىغىن، رەھبەرلىكنىڭ خىزمەتچىلەرنى تەنقىدلەش پوزىتىيسى ئاساسىدا باشلىنىشى بىلەن، يىغىننىڭ ئوت پىلتىسىنىڭ دەل چۈشتىن بۇرۇنقى شىكايەتلەر ئىكەنلىگىنى پەملىدىم. ئەپسۇس يىغىننىڭ تىغ ئۇچى ماڭا مەركەزلەشكەندە بولسا ھەيرانلىقتىن قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم، باش رەھبىرىمىزنىڭ يېنىدىكى، قويۇلغان ئاۋازنىڭ تايىنى يوق چىققان يەنە بىر رەھبىرىمىزنىڭ بولسا مەغرۇرانە گېدىيىپ ئولتۇرۇشلىرى ئەتىگەنكى شىكايەتنىڭ ئاساسلىق باش رولچىسى ئىكەنلىگىدىن بىشارەت بىرىپ تۇراتتى.
قىلدىغان ئىشنىڭ كۆپلىگىدىن بىر قولۇمنى ئىككى قىلالمايۋاتقان، خىزمەت دەپ كېچە كۈندۈز تىنىم تاپماي يۇرۇيدىغان، شەپقەتسىز تەنقىدنىڭ تىغ ئۇچىغا ئايلانغان مەن، خوشامەتنى، كىشلەرنى قاپقانغا دەسسىتىشنى، كۈن ئالمىچىلىق قىلىشنى، جۈملىدىن ھازىرقى مودا ئېقىم بولىۋاتقان قانداق«ياشاشنى» بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تولىمۇ ئىلاجسىز ھالەتتە قالغان ئىدىم.........................
كۆرگەن چۈشلىرىم ئىسىمگە كىلىپ يۈرىگىم ئەنسىز سوقماقتا، قانداق «ياشاشنى» بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەتراپىمدىكىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆگەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن  ئىسىت دەيتىم ئۆ- ئۆزۈمگە.......
مانا بۇ بىز ئادەملەرنىڭ دۇنياسى ئىدى، مەنپەئەت ئۈچۈن گاھىلار جىسمىنى دەسمايە قىلىشسا، گاھىللىرى پۈتۈن روھىنى، ئىتقادىنى دەسمايا قىلىشماقتا. بىر-بىرىمىزگە ئورىنى كولاۋىرىپ كۈنۈپمۇ قالدۇق، كىشلەرنى قاپقانغا دەسسىتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايمىز، جۈملىدىن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەممىنى قىلىمىز. باشقىلارنىڭ ئازراق كەمچىلىگىنى تېپىۋالساق خۇددى دۇنيا تېپىۋلغاندەك ئالەمچە ھىسلارغا چۈمۈلىمىز. كىشلەرنىڭ دىل ئازارى بىزنىڭ خوشاللىقىمىز، باشقىلارنىڭ كۆزلىرىدىن تۈكۈلگەن ھەسرەتلىك كۆزياشلار بىزنىڭ قەدەھلىرىمىزنى تولدۇرۇپ قەلبىمىزنى مەس قىلدىغان شاراپ .....
-توۋا دەيمەن، بىزنىڭمۇ دۇنيا تاڭ قالغۇدەك ئاجايىپ كىشىللىرىمىز ياشىغان، ئىلىم ھىكمەتتە كامالەتكە يەتكەن، ئىجىل ئىناق، شەخسىيەتسىز. شۇ چاغلاردىمۇ ئاجايىپ شانلىق نەتىجىلەرنى، دۇنياۋى شۆھرەتلەرنى قازىنالىغان ئىكەن، ئەمما ھازىرچۇ.........
بىز مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىمىزدىن ياتلاشتۇق، ئۆزىمىزگە خاس بولغان«ئۆزلۈكىمىزدىن» ياتلاشتۇق، بىزنى ئادەملەر قاتارىدا تۇرغۇزۇۋاتقان«ئادىمىيلىكىمىزدىن» ياتلاشتۇق، بىزنى بىر بىرىمىزگە باغلاپ تۇرغان مىھرىبانلىق، ۋاپادارلىقتىن ياتلاشتۇق، بىزنى مەردانە سۆزلەتكەن، بىزگە تارىخنى، بۈگۈننى، ھەم ئۆزىمىزنى تۇنۇتقان «ئانا تىلىمىزدىن»، بىزنى ئادەم ئەتكەن پاك «دىلىمىزدىن» ياتلاشتۇق......
مانا بۇ بىز ئادەملەرنىڭ دۇنياسى. «مەنپەئەت» كۆزلىرىنى، روھىي دۇنياسىنى، كەلگۈسىنى قۇل قىلغان. قەلبىمىزنى قانداقتۇر شانلىق نەتىجىلەردىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىگەللەپ باققىنى يوق، بىزدە بارى پەقەتلا غەيۋەت شىكايەت. بۇ ئوتلار پۈتۈن ھۈجەيرىللىرىمىزگىچە سىڭىپ كەتكەچكىمىكىن بىزدىن بارلىققا كېلىدىغىنىمۇ دەل مانا شۇنداق رەزىللىكنىڭ ۋارىيانىتلىرى  بولسا كېرەك خالاس.................



مەنبە:مەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 10:47 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 11:03:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي سىزمۇ مەندەك بوپسىزغۇ ، ئۇلارغا پەرۋا قىلماڭ .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 11:50:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86886
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 255 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2014-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:06:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ie▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃▃∥ЯаββΙΜ≡ ρακαТ ŠàGiια  ŠèGiÑíΜàÑ▂▂▂▂▂▂ХυκЯÍ åιιå

سىنى بىر كۆرسەمكەن《G》

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86836
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:29:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ياخشى تىما يوللاپسىز !

يېرىم جان،يېرىم روھ ،يېرىم يۈرەكتە،
يەنىلا بىر ساڭا تەشنا ھەر تىنىق.
سېنىڭسىز بۇ دۇنيا ئازاب دېڭىزى،
قۇتقۇزغىن سۆيگۈڭدىن ياساپ بىر قېيىق.

ۋىجدان-دەسمايھ...

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2196
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9842
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 01:30:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ياخشى تىما يوللاپسىز !

تىرىشقىن ئۇيغۇر................

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19971
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 10:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر-  ئويۇشقاق دىگەن مەنىدە بولۇپ ، بىز ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئۇيۇشالمايدىغان ،پېتىشماس ،كۆرەلمەس مىللەت بوپ قالدۇق . تارىختىمۇ موشۇ خۇيىمىز سەۋەبىدىن جىق كۈلپەتلەرنى تارتىپتىكەن ئەجداتلىرىمىز . بۇندىن كىيىن بىزمۇ تېخى داۋاملىق كۆرىدىغان ئوخشايمىز .....

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 05:40:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەمەسمۇ، قاپاق پۇل ئەمەس،باراڭ پۇل.ساق پۇل ئەمەس ساراڭ  پۇل دىسە نىمە گەپكىن دەپتىكەنمەن.
مۇشۇنداق بىر دەۋىرنىڭ شۇنداقلا مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كىتىۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن!
گەرچە قايسىلا دەۋىر قايسىلا جەمىيەتتە بولسۇن ئادىللىقنىڭ مۇتلەق بولمايدىغنى، نىسپىلىگى ئېنىق. شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ بىر ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق.
گەرچە ئۆتكۈنچى ئالەمدە ئۆتكەلدىن باشقىلارنىڭ كۆزىگە رەڭ بىرىپ ئۆتكىلى بولغان بىلەن دۇنيانىڭ ،ئەلنىڭ ، ۋىجداننىڭ تارازىسى ئالدىدا  مۇشۇنداق رەزىللىكنى ۋاستە قىلىپ ياشىغۇچىلار ھامان  بىركۈنى ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ!
غەلبە ھەر قاچان تىرىشقانلارغا مەنسۇپ،ھەرگىزمۇ ئاغزىدا شەھەر ئالدىغانلارغا مەنسۇپ بولغان ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88485
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 349
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 05:09:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  1. يىغىن، رەھبەرلىكنىڭ خىزمەتچىلەرنى تەنقىدلەش پوزىتىيسى ئاساسىدا باشلىنىشى بىلەن، يىغىننىڭ ئوت پىلتىسىنىڭ دەل چۈشتىن بۇرۇنقى شىكايەتلەر ئىكەنلىگىنى پەملىدىم. ئەپسۇس يىغىننىڭ تىغ ئۇچى ماڭا مەركەزلەشكەندە بولسا ھەيرانلىقتىن قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم،
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ ‹‹ يىمىگەن  مانتىنىڭ ، پۇلىنى تۆلەڭ ›› دىگەندەك  ئىش بولغۇدكقۇ

{

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88843
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-25 06:55:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
subhidikixabnam يوللىغان ۋاقتى  2012-12-25 05:09 PM
بۇ ‹‹ يىمىگەن  مانتىنىڭ ، پۇلىنى تۆلەڭ ›› دىگەندەك  ئىش  ...

ھازىر دىگەن جاھان شۇ، بەزىلەر بوش تۇرسىڭىز سىزنى تىرىك تۇرغۇزۇپلا يەرلىككە ئاپىرىپ قويىۋىتىشتىن يانمايدۇ.
ئىش بۇنداق بولغان يەردە بەزىلەرنىڭ ئازراق مەنپەت ئۈچۈن خۇپىيانە جەڭگاھلارداسىزنى يۇپ تاراپ يەرلىككە قويۇۋىتىشى بەلكىم ھىچ گەپ بولمىسا كېرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش