مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 980|ئىنكاس: 4

خاتا ئېتىلغان بىر پاي ئوق(تەرجىمە ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88425
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-12-11
ئاخىرقى: 2012-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 02:23:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خاتا ئېتىلغان بىر پاي ئوق

(تەرجىمە ھېكايە)

جىمجىتلىق ۋە ماتەم ھازاسى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغان بۇ مۇدھىش ئۆيدە توم قارا قاشلىق،ئاق پىشماق،ئوتتۇرا بوي كەلگەن بىر قانۇن دوختۇرى كۆز ئالدىدا ياتقان جەسەتنى قوشۇمىسىنى چىڭ تۈرگەن ھالدا ناھايىتى ئىنچكلىك بىلەن تەكشۈرۈش يۈرگۈزۋاتاتتى.پەن خانىم ئورۇندۇقتا ئېغىر قايغۇ-ئەلەم،مىڭ پاتمان يۈرەك ئازابى بىلەن ئېسەدەپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى.بىر ساقچى بۇ دىلونى ھەل قىلىش ئۈچۈن قانداقتۇر بىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق ئىلىكدە ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە كۆز يۈگۈرتىشكە باشلىدى.

-سىز ۋەقە يۈز بەرگەندە بىرەر نەرسىگە چېقىلغانمىتىڭىز؟،-دېدى ساقچى كەسكىنلىك بىلەن.

-ياق،تېلفوندىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە چېقىلىمىدىم،-دېدى پەن خانىم جەسەتكە ئالاقىزادىلىك بىلەن قورقۇمسىراپ قارىغىنچە،-پەقەت شۇ ساقچى ئىدارىسىغا تېلىفون ئۇرغانلىقىم يادىمدا.

-بۇ ۋەقە سائەت نەچچىلەر ئەتراپىدا يۈز بەردى؟

-كېسىپ ئېيتالايمەنكى،سائەت بىر يىرىملار ئەتراپىدا يۈز بەردى.

-ئۇنداقتا سىز سائەت نەچچىدە ئۇخلىغانتىڭىز؟

-سائەت ئون بىردىن ئاشقاندا.

-ۋەقە يۈز بەرگەندە سىز ئاۋۋال قانداق قىلدىڭىز؟جىدىدىيلەشمەي.ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ،ھەقىقىي ئەھۋالنى بىزگە تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

-ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال مەن ھۇجرا ئۆيۈمدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقانىدىم،-دېدى پەن خانىم بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن،-مېھمانخانا ئۆيدىن كەلگەن قانداقتۇر بىر غەلىتە ئاۋاز مېنى تۇيۇقسىز ئويغىتىۋەتتى.قارىسام،بىر كۆلەڭگە مېھمانخانا ئۆينىڭ دېرىزىسى ئالدىدا تۇرغاندەك غىل-پال كۆرۈندى.شۇنىڭ بىلەن مەن تېخىمۇ چۆچۈپ كەتتىم.

-سىز ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدىڭىزمۇ؟

-ھەئە،شۇنداق،گەرچە شۇنداق قورقۇپ تۇرساممۇ غەيرىتىمىنى يىغىپ:«كىم سەن؟» دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا كۈچەپ ۋارقىرىدىم،بىراق قارشى تەرەپتىن ھېچقانداق سادا كەلمىدى.شۇ ۋاقىتتا قانچىلىك قورققانلىقىمنى تەسەۋۇر قىلالمايتتم.دەرھال ياستۇقۇمنىڭ تېگىدىكى تاپانچىنى چەبدەسلىك بىلەن قولۇمغا ئالدىمدە يالاڭئاياغ پېتىچىلا مېھمانخانا ئۆيگە ئاستاغىنە چىقىپ،ئۆينىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان قوڭۇر رەڭلىك ئۈستەلگە يۆلىنىۋالدىم،-دە:«نېمانچىۋالا يۈرىكىڭ قاپتەك نېمە سېنىڭ....كىم سەن؟ئېيت،بولمىسا ئوق چىقىرىمەن،-دەپ تەھدىت سالدىم.لېكىن بۇ ئادەم كەينىگە ئۆرۈلۈپمۇ قويماي قاققان قوزۇقتەك مىدىر-سىدىر قىلاي دېمىدى.

-سىز ئۇنىڭغا ئېتىۋىتىمەن دەپ تەھدىت سالغان ۋاقتىڭىزدا ئۇ سىزگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىمىدىمۇ؟

-ھە...شۇنداق...ئۇ گەپ قىلىمدى.

-ئادەتتە سىز ئۇخلىغان ۋاقتىڭىزدا چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلامتىڭىز ياكى ياندۇرۇپ قويۇپ ئۇخلامتىڭىز؟

-ئۆچۈرۈپ ئۇخلايتتىم.مېھمانخانا ئۆيدىكى ئاشۇ پەردىنى ئېچىۋەتسەملا كوچا چىراقلىرىنىڭ يورۇقى ئۆينى خېلى بىمالال يورۇتۇپ تۇراتتى.بىراق مەن ئۇنى ئاتقان ۋاقتىمدا ئۇ دەل ئاشۇ دېرىزىنىڭ ئالدىدا ھەيكەلدەك قېتىپ تۇرغان ئىدى،راست گەپ قىلسام،مەن ئۇنىڭ بەدىنىنى كەينى تەرەپتىن ناھايىتى ئېنىق كۆرگەنىدىم.شۇ چاغدىلا......................

-ئەينى ۋاقىتتا دېرىزىنىڭ پەردىسى ئوچۇقمىدى؟

-ھەئە،،خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاشلا ئوچۇق ئىدى.

-كېيىنچۇ؟نېمە ئىش يۈز بەردى؟

-كېيىن مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ چىراغنى ياندۇردۇم،-دېدى پەن خانىم قولى بىلەن يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،-ئۇ...ئۇ...قىپقىزىل قانغا مىلەنگەن ھالدا ئوڭدىسىغا ياتاتتى.ئۇنىڭ كۆزلىرى مېنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۋېلىشقا ئىنتىزار بولغاندەك،،خۇددى ماڭا قىيالىمىغاندەك،،ئوچۇق ھالەتتە ئىدى.ئۇنىڭغا قاراپلا ۋارقىرۋەتكىلى تاسلا قالدىم،چۈنكى،،چۈنكى...مەن زادىلا بۇنداق بولۇشنى ئويلىمىغانىدىم.ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ قەدىرلىك يولدىشىم ئىكەن..مەن،،مەن،،،مەن قاتىل..مەن ئۆلۈمگە مەھكۇم..بۇنداق بولۇشنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز ساقچى ئەپەندىم،،،مەن يولدىشىمنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېتىۋىتپتىمەن...ھەممىنى قىلغان مۇشۇ ئىپلاس قولۇم....ھەممىنى قىلغان مەن..مەن قاتىل...مەن قاتىل...ئاھ خۇدا،،مەن زادى نېمە ئىش قىلىپ قويدۇم،..

پەن خانىم ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئويلىغانسېرى جىدىدىيلىشپ ئەش-ھوشىنى يوقاتقاندەك غال-غال تىترەيتتى.

-كەچۈرۈڭ.سىزدىن بۇ سوئاللارنى سورىماسلىقىم كېرەكتى،بىراق بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيتىم...سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقسام.سىز ئاشۇ ۋاقتتىمۇ يولدىشڭىزنى كەينىدىن كۆرۈپ بولسىمۇ تونۇيالمىدىڭىزمۇ؟

-ياق،مەن راستلا قەتئىي تونۇماپتىمەن.

-ئادەتتە يولدىشىڭىز نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىناتتى؟

-يولدىشىم ئادەتتە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى..ئۇ دائىم ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە تىجارەت ئۈچۈن كېتىپ ئون بەش ئەتراپىدا قايتىپ كېلەتتى،مانا بۈگۈن ئۇنى پارىزدا سودا-سېتىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.چۈنكى ئۇنىڭ بۇنداق بالدۇر قايتىپ كېلىپ مېنى خۇش قىلىۋېتىشىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز بۇنداق كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بەرمىگەن بولاتتى..ئادەتتە يولدىشىم كەلسىمۇ بۇنداق خەۋەر قىلمايلا كەلمەيتتى..شۇڭا يولدىشىم دېرىزىنىڭ ئالدىدا تۇرسا زۇۋان سۈرمىگەندىن كېيىن مەن ئۇنى ئوغرى،دېرىزىدىن كەلگەن ئوغرى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپتىمەن-دېدى پەن خانىم يىغلامسىراپ.

ساقچى پەن خانىمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ دېرىزە تۈۋىگە ناھايىتى سالماق قەدەم بىلەن باردى،-دە دېرىزىنى ئېچىپ،سىرتقا بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كېيىن:

-بۇ يەردىن يولدىشىڭىزنىڭ كىرگەنلىكى توغرىسىدا بىرەر ئىز يوقكەن.

ساقچى دېرىزىنى يەنە ئاستا يېپىپ.تولا يىغلاپ يۈز-كۆزلىرى ئىششىپ كەتكەن پەن خانىمىغا قاراپ ئۇلۇغ بىر كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن ئەپسۇسلانغان ھالدا:

-ئادەتتە يولدىشىڭىز كەلسە،ئاۋۋال سىزگە تېلىفون ئۇرۇپ ئاندىن كېلەمتى؟

-ھەئە،شۇنداق،ئادەتتە يولدىشىم قايتىپ كېلىدىغان بولۇپ قالسا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ قوياتتى بولمىسا تېلفون ئۇرۇپ ئالدىنئالا كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قوياتتى.ئۇنىڭ يېنىدا ئۆينىڭ ئاچقۇچى بار ئىدى.لېكىن،ئۇنىڭ بۇ قېتىم ھېچقانداق خەۋەر قىلمايلا كېلىشى مانا مۇشۇ قانلىق پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقاردى...

ساقچى كەينىگە بۇرۇلدى ۋە قانۇن دوختۇرغا قاراپ:

-بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشەلدىڭىزمۇ؟

قانۇن دوختۇر بېشىنى ھەسرەت بىلەن چايقاپ،-مانا بىر پاي ئوق،بۇ ئوق زىيانكەشلىككەئۇچرىغۇچنىڭ كەينى تەرىپىدىن كىرىپ يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتۈپ كېتىپىتۇ،،،ئۇ دەل ئۈستىدە قازا قىپتۇ...

-ئۇ نېمىشقا گېپىمگە جاۋاب بەرمەيدۇ؟ زادى نېمىشقا؟؟؟،-دەپ ئېچىنىشلىق توۋلىۋەتتى پەن خانىم ئەلەم بىلەن...

-مېنىڭچە يولدىشىڭىز سىزگە چوقۇم بىر نەرسە دېدى،بەلكىم سىزگە نۇرغۇن گەپلەرنى دېگۈسى باردۇ؟ئەمما ئۇنىڭغا ھېچكىم ياردەم قىلماپتۇ،يولدىشڭىزنىڭ بۇنداق ئۈن-تىنسىزلا ئۆيىڭىزگە قايتىپ كېلشىدە چوقۇم بىر سەۋەب بار،،بەلكىم ئۇ سودىدا بىرەر كېلىشمەسلىككەئۇچراپ،،دېرىزە تۈۋىدە قايغۇرۇپ تۇرغاندۇ يا بولمىسا تىجارىتىدە روناق تېپىپ كېتىپ سىزگە بۇ خۇش خەۋەرنى تېزرەك ئېيتىپ بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگۈسى باردۇ؟بىراق يولدىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئۇۋال بوپتپۇ،،چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا ئاتقان بىر پاي ئوقىڭىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ،،مانا مۇشۇ بىر پاي ئوق،،ئۇنىڭ ئەزرائىلنىڭ قولىدا جان بېرىشكە قستاپتۇ،،ئىسىت،،،،ئۇنىڭ يەنە قىلماقچى بولغان نۇرغۇن ئىشى چالا قېپ قالدى...بىچارىگە ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى،،ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى....،-دېدى قانۇن دوختۇرى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا قولىدىكى پەلەينى سومكىسىغا سېلىۋېتىپ.

-مانا ئەمدى ھەممە ئىش ئايدىڭلاشتى،بىز ماڭساق بولىدۇ..سىز بۇ دىلونىڭ ئەڭ ئاساسلىق جىنايەتچىسى ،،،شۇڭا،،،سىرتتا ساقچى ماشىنىسى بىزنى بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتتى،،ئەمدى تېزرەك ماڭمىساق ئۈلگۈرەلمەيمىز،، تېز بولۇڭ......،-دېدى ساقچى جىددىي تەلەپپۇزدا....

پەن خانىم ئۆزىنىڭ بىر قەدەمنى تۇنجى قېتىم خاتا باسقانلىقىنى ھەم باسقاندىمۇ ئىنتايىن خاتا باسقانلىقنى ھېس قىلدى.دېمەك،ئەشۇ بىر پاي ئوق قەدىرلىك يولدىشنىڭ جېنىغا زامىن،ئۆزىنىڭ بەختىنى ئېغىر كىشەن بولۇپ چۈشەپ قويغانىدى.ئۇ چەكسىز ئىزتىراپ ھەم پۇشايمان ئىلىكىدە ئۆزلىرىنى ساقلاپ تۇرغان ئاشۇ قورقۇنچلۇق ماشىنىغا يۈرىكى لەختە-لەختە قانغان تولغان ھالدا بۇ قانلىق پاجىئەگە ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېتىپ قالدى،،ئۇ قانداقتۇر بۇ ئىشلارنىڭ بىر قاباھەتلىك چۈش بولۇپ قېلىشىنى،،بۇ قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغانسىلا يولدىشى ئۇنىڭغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشىنى بەكمۇ ئىسىتىدى،بىراق بۇ رېئاللىق ئىدى....ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ كىچىككەنلىكىنى،ئاشۇ بىر پاي ئوقنىڭ بىر ئائىلىنى خانە ۋەيران قىلدىغان كۈچىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ خۇددى لەھەت ئازگىلغا قاراپ ماڭغاندەك تولىمۇ قورقۇنچ ئىلىكىدە ساقچى ماشىنىغا قاراپ يول يۈرۈپ كەتتى..............................


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 10:45 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 11:11:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن ئىغىر ئۇقۇشماسلىقكەن ، ئەر گىمۇ ئايالغىمۇ ئۇۋال بوپتۇ .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88485
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 349
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2013-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:47:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا  ئېغىر  ئۇقۇشماسلىق  بوپتۇ ، ئېيتىپ  تۇگەتكۈسىز  ئازاپ ۋە پۇشايمان

{

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 03:59:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆت خۇتۇن ئالماسلىق كېرەك دېمەكچىكەن ئاپتور

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 10:10:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايالى ‹‹سەن كىم››دەپ ۋارقىرىغاندا نېمىشقا ئۆزى ئىكەنلىكنى ئېيتمىغاندۇ؟...

تەرجىمىسى چۈشىنىشلىك،راۋان بوپتۇ...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش