ۋاڭ دا خاۋ
ۋاڭ دا خاۋ
ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى تارىخى سۇرەت
جەننەتكە كىرىش تالايلىغان مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تىلەكتۇر.جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئۇلار ھەرقانداق بەدەل بېرىشتىن يانمايدۇ.ئۇلار ئۈچۈن جەننەتكە كىرەلمەسلىكتىنمۇ قورقۇنۇشلىق ئىش يوق.جەننەتكە كىرەلمەسلىكتىن ئۆلۈمدىنمۇ بەكرەك قورقىدۇ.مانا بۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قورىقماسلىغىنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.
1945-يىلى "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى"ئارمىيەسى گومىنداڭ قوشۇنلىرى ساقلاۋاتقان شىخونى ئالماقچى بولىدۇ،بىراق ئۇزاق مەزگىلگىچە ئالالمايدۇ،يېرىم ئايدىن ئارتۇقراق ۋاقىتتا نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ،ئەڭ چوڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىرى ئۇيغۇر ئەسكەرلەر بولۇپ ،بۇ دەل ئىسلام دىنى بىلەن چىڭ مۇناسىۋەتلىك.
شۇ ۋاقىتتا مىللى ئارمىيەنىڭ ھەر بىر روتىسىدا بىردىن ئاخۇن بار بولۇپ،ھەر قېتىم قىسىم ھۇجۇمغا ئۆتمەك بولغىنىدا چوقۇم ئاخۇنۇملار قۇرئان ئوقۇپ بولۇپ ،يۇقىرى ئاۋازدا"ئاللاھۇ ئەكبەر "دەپ توۋلىغاندىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۆتىدىكەن.ئۇيغۇر ئەسكەرلەر گومىنداڭ ھەربى ئەسلىھەلىرىنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقاندا،پىلىموتلارنىڭ جايلاشتۇرلىشىغا دىققەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا،ئاخۇنۇملار "ئاللاھۇ ئەكبەر"دەپ توۋلايدىكەندە ،ئەسكەرلەر ھۇجۇمغا ئاتلانماي بولمايدىكەن،مانا شۇنىڭدا زور بىر قىسىم لىرى دۇشمەننىڭ زىچ ئوت كۇچى ئاستىدا قىرىلىپ كېتىپتۇ.بۇ ئىسلام دىنى قائىدىسىنى پەقەت ئۇيغۇر ئەسكەرلەرلا قاتتىق ئىجرا قىلىدىكەن.باشقا موڭغۇل،قازاق قاتارلىق ئەسكەرلەر ئانچە بويسۇنۇپ كەتمەيدىكەن.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ئارمىيىسىنىڭ مارشىدا:"ياۋ ئوقى كۆكرەككە تەگسە شېھىت،دۇمبەمگە تەگسە خائىنمەن"دەيدىغان ئىسلامى بەلگۈلىمە بار ئىدى.شۇڭلاشقا قوشۇن چېكىنىدىغان چاغدا ،بىر قىسىم ئەسكەرلەر ئوقنىڭ دۇمبىسىدىن تېگىپ "خائىن "بولۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ،گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە ئالدىنى قىلغىنىچە كەينىچىلاپ چېكىنگەن،شۇڭلاشقا نۇرغۇن ئەسكەرلەر مۇشۇ سەۋەپلىك تالاپەت تارتىپ ئۆلۈپ يارىلانغان.ئەلۋەتتە بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەكلا ئۇيغۇر ئىدى.(ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا شاھىت بولغۇچى(،ئەسلىدىكى شىنجاڭ بىڭتۇئەنىنىڭ مۇئاۋېن سىياسى كومىسسارى .خۇرشاھنىڭ ئەسلىمىسىدى"تارىخنىڭ ئەكىس ساداسى"دىگەن كىتاۋىدىنن(بىڭتۇئەن نەشىرياتى 2008دىكى نەشرىدىن.
ئوقنىڭ كەينى تەرىپىدىن تېگىشىدىن ئەنسىرەپ ئارقىچىلاپ چېكىنىش.مانا بۇ جوڭگۇ ۋە چەتئەل ھەربى ئىشلار تارىخىدا كەم كۆرىلىدىغان ئىشتۇر.ئەگەر دىنى نوقتىدىن چىقىش قىلمىغاندا ،بۇنداق ئاخۇنۇملارنىڭ بۇيرۇقىدىكى ھۇجۇم غا ئۆتۈش ۋە كەينىچىلاپ چېكىنىشنى چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ.
http://blog.ifeng.com/article/21904973.html
ماقالىنىڭ ئاخىرى تەرجىمە قىلىنمىدى ئەسلى مەنبە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turalp تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-21 12:26 AM