مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5137|ئىنكاس: 33

يۇرتىمىزدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم ئۇزۇتۇش ئادەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 4127
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 30687
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 8995 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:05:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يۇرتىمىزدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم ئۇزۇتۇش ئادەتلىرى

دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئۆرۈپ –ئادەتلىرى بولىدۇ.بۇ ئۆرۈپ-ئادەتلەر ھەرقايسى مىللەتلەردە دىنىي ئېتىقاد،مىللى ھىسسىيات،تۇرمۇش شارائىتى،تۇرمۇش ئادىتى،يەرلىك ئالاھىدىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار تەسىرى سەۋەبىدىن پەرىقلىق بولىدۇ.

ئوخشاش بىر مىللەت ئىچىدىكى كىشىلەردىمۇ ئوخشاش بىر ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ يۈرگۈزىلىشىدە،  شەھەر بىلەن يېزىنىڭ،ئۇ شەھەر بىلەن بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدا نۇرغۇن پەرىقلەر بولىدۇ.شەھەرلىكلەر يېزىلىقلارغا قارىغاندا مەدەنىيەتلىك،يېڭىلىق قوبۇل قىلىشقا،ئىسلاھ قىلىشقا ماھىر بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى يېزىلاردىن زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ پەرىقلىنىپ كېتىدىكەن.

مەن بۇ ماقالەمدە قەشقەرنىڭ يوپۇرغا، مارالبېشى قاتارلىق ناھىيەلىرىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئۆلۈم ئۇزۇتۇش ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.

ئۆلۈم-بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئىنسان ھامان بىر كۈنى  دۇچ كېلىدىغان،ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان تەبىئى قانۇنىيەت.بىر كىشى بۇ دۇنيادىكى رىزقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاخىرەتلىك  مەڭگۈلۈك ماكانغا سەپەر قىلغاندا ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى،ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە يۇرتداشلىرى شۇ يۇرتنىڭ رەسىم قائىدىسى بويىچە ئۇنى چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.ئۆرۈپ-ئادەتلىرىمىز يىلدىن يىلغا ئۆزگۈرۈپ كېتىۋاتقان،قىممەت قارىشىمىز ئۆزگۈرۈپ،ئادىمىيلىكىمىز سۇسلىشىۋاتقان، چەتئەللىكلەرنىڭ،باشقا مىللەتلەرنىڭ ۋە باشقا رايۇندىكى كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ئۆرۈپ- ئادەتلىرى تۇرمۇشىمىزغا تۇيدۇرماي، ئاستا -ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتقان،ياشلىرىمىز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتىكى قىممەتلىك ئادەت -مىراسلىرىنى ئۆزلەشتۈرەلمەي ماشىنا ئادەمدەك قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە بىزنىڭ ئۆلۈم ئۇزۇتۇش جەھەتتىكى ئەنەنىۋى ئادەتلىرىمىزنى ماقالە شەكلىدە تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ‹‹ئەھمىيىت بار ئىش›› دەپ قارىدىم. چۈنكى ھەرقايسى يۇرتنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىدە قىسمەن پەرىقلەر،ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تەبىئى.شۇڭا  تورداشلار بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بۇ ھەقتە  كۆزقاراشلىرىمىزنى ئىلمى ھالدا سۆزلەشسەك،ئۆز-ئارا چۈشۈنىشىپ بەزى يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى تولۇقلاشساق، بەزى ئارتۇچىلىق تەرەپلىرىمىزنى ئۆز-ئارا ئۈلگە قىلىشساق دېگەن نىيەتتە بۇ ماقالىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

يۇرتىمىزدا بىر كىشى قازا قىلسا باشقا يۇرتلاردىكى كىشىلەردەك تېزلىكتە دەپنە قىلىۋېتىشكە ئالدىرىمايدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققان،قېرىنداش، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يۇرتتا تولۇق،تەق بولۇشى ناتايىن.شۇڭا ئالدى بىلەن تۇققانلارغا،خولۇم-خوشنىلارغا،مەھەللە ئاقساقاللىرىغا،ئىمام -مەزىنلەرگە خەۋەر قىلىدۇ.ئۇلار توپلىشىپ كىرگەندىن كېيىن سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمەي بىرلىكتە ئولتۇرۇپ  ئۆلۈمنى قانداق ئۇزۇتۇش،قاچان ئۇزۇتۇش،كىملەرگە خەۋەر –باغاق بېرىش،نىمىلەرنى تەييارلاش قاتارلىق ئىشلارنى تېزلىكتە مەسلىھەت قىلىشىدۇ.مەسلىھەت پۈتكەن،ئۇزۇتۇش ۋاقتى بىكىتىلگەندىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە ھەرقايسى خوشنا مەھەللىلەر،خوشنا كەنىتلەر،خوشنا يېزىلارغا خەۋەرچى ئەۋەتىدۇ(ھازىر تېلىفۇندىلا خەۋەر قىلىدۇ)ئاندىن  ئۆلۈم بولغان ياكى ئۆلۈمنى ئۇزۇتىدىغان ئۆينى تەييارلاشقا كىرىشىدۇ.ئۆي ئىچىدىكى ئۆي سەرەمجانلىرى رەتلىك،پاكىز يىغىشتۇرۇلىدۇ. ئۆيلەر، ھويلا-ئارام،دەرۋازا ئالدىلىرى بىرلىكتە سېرىپ سۈپۈرىلىدۇ.ھويلىلاردىكى قالايمىقان دۆۋىلىشىپ تۇرغان تۈرلۈك نەرسىلەرمۇ يىغىشتۇرۇلۇپ ھويلا نەچچە يۈزلىگەن جامائەت كىرسە بىمالال سىغقۇدەك،تازىلىق ۋە باشقا جەھەتلەردە جامائەت مەسخىرە قىلمىغۇدەك دەرىجىدە پاكىز ئازادە ھالغا كەلتۈرىلىدۇ.جامائەت پەتىلەپ كەلگەندە ئەرلەر سورۇنى بىلەن ئاياللار سورۇنى ئايرىلىشى كېرەك.شۇڭا ئادەتتە ئۆي بىلەن پىشايۋان ئايال مېھمانلارغا،ھويلا بىلەن دەرۋازا ئالدى ئەر مېھمانلارغا ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.ئايال مېھمانلار بىلەن ئەر مېھمانلارنىڭ بىر-بىرىنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن پىشايۋان ئالدىغا پەردە تارتىپ قويۇلىدۇ.ئايال مېھمانلار يان ئىشىك ياكى ئارقا ئىشىك بىلەن،ئەر مېھمانلار دەرۋازا بىلەن كىرىپ چىقىشقا تەييارلىنىدۇ.ئۆيلەرگە ئايال  مېھمانلارنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن كۆرپە- يىكەندازلار سېلىپ قويۇلىدۇ. ئەر مېھمانلار ھويلىدا چەمبەرسىمان ھالەتتە ھويلا تامنى ياقىلاپ ئۆرە  تۇرۇپ ئۆلۈم پەتىسىگە كېلىدىغانلار بىلەن  قول كۆرۈشىدىغان بولغاچقا ھويلا كەڭ،ئازادە،پاكىز ،پۇتلىشىدىغان ھېچقانداق نەرسە قالمىغان ھالەتتە تەييارلىندۇ.قېرىسال،ئاجىز،مېيىپ،كۆپرەك ئۆرە تۇرۇش مۈمكىنچىلىكى يوق ئەر جامائەتلەر ئۈچۈن يەنە تام ياقىلىتىپ ئۇزۇن ئورۇندۇق قويۇپ قويۇلىدۇ.ئۇنى تاپالمىسا ئۇزۇن ياغاچتىن بىرنەچچە تال تېپىپ ئاستىغا توپا قاچىلاغان خالتا ياكى كۆتەكلەرنى قويۇپ ئورۇندۇق قىلىدۇ. يەنە مىيىتنى يەرلىككە قويۇپ بولغاندىن كېيىن تۇپراق بېشىدىن قايتىپ كېلىدىغان ئىككى-ئۈچ يۈز جامائەتنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ھويلىغا سالغىلى چوڭ پالاز،كىگىز-كېچەك،كۆرپە قاتارلىق سېلىنچا نەرسىلەرنى،ئۇلارغا چاي ۋە تاماق بېرىدىغانغا ئىككى-ئۈچ يۈز قاچا-قۇچا ياكى پىيالىمۇ تەييارلاپ قويۇلىدۇ.ئۇندىن باشقا مىيىتكە كېپەنلىك،مىيىت نامىزىغا كەلگەن جامائەتنىڭ ناماز ھەققىگە ئاتاپ تارقىتىشقا پارچە پۇل ياكى نان،سەرەڭگە،قولياغلىق،لۆڭگە،تاغاق،سۈزگۈچ دېگەندەك نەرسىلەرمۇ تەييارلاپ قويۇلىدۇ.مىيىت نامىزىنىڭ  تەكلىپ خەۋىرى ھەرقايسى مەھەللىلەرنىڭ مەسچىت ئىمامى ياكى مەزىنلىرىگە يەتكۈزىلىدۇ.ئۇلار خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مەسچىتتىكى جامائەتكە خەۋەر قىلىپ ئىختىيار قىلغانلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي مىيت نامىزىغا بېرىشىدۇ.

ئۆلۈپ كەتكۈچى كېچىدە قازا قىلغان بولسا سەھەردە،چۈشتىن بۇرۇن قازا قىلغان بولسا پىشىن نامىزىدىن كېيىن،چۈشتىن كېيىن قازا قىلغان بولسا ئەسىر نامىزىدىن كېيىن(يىراقتا تۇققانلىرى بولۇپ ۋاقتىدا كېلىپ بولالماي قالسا ئەتىسى ئەتىگەنگە كېچىكتۈرىلىدۇ) دەپنە قىلىنىدۇ.جامائەتلەرگە خەۋەر قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن شۇ ئائىلىدىكىلەر ۋە يېقىن تۇققانلار،خوشنىلار بىرلىشىپ ھويلىغا چىقىپ ھازا ئاچىدۇ.يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغانلار ۋە ئۆلۈم ئىشىدىن خەۋەر تاپقانلار بىر بىرلەپ كېلىشىپ ئەرلەر ئەر جامائەت بىلەن،ئاياللار ئايال جامائەت بىلەن قول ئېلىشىپ(ئاياللار يۈز يېقىشىپ) كۆرۈشۈپ ‹‹،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەلھۆكمىلىللا،سەۋرى قىلسىلا!››دەپ سەبرى تىلىشىدۇ ۋە ھىسداشلىق بىلدۈرىدۇ.ئاندىن سەپكە قېتىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىدىن كېيىن كەلگەن جامائەتلەر بىلەن كۆرۈشكەچ كۆپرەك ئادەم توپلانغاندا مىيىت نامىزىنى ئوقۇشنى كۈتۈپ تۇرۇشىدۇ.قىشتا ئۆلۈم بولۇپ قالسا جامائەتنىڭ ئارىسىدىكى  توڭۇپ كەتكەنلەر، يىراقتىن كەلگەنلەر،كىيىمى يېلىڭلارنىڭ ئىسسىنىشىنى كۆزلەپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرسىغا ۋە ياكى ھويلا ئالدىدىكى بوش يەرلەردىن  بىرنەچچە يەرگە گۈلخان سېلىپ قويۇلىدۇ.كۆرۈشۈش تاماملانغاندىن كېيىن خالىغانلار سەپتىن ئايرىلىپ چىقىپ ئوت ئسسىنسا يامان ئېلىنمايدۇ.

يېزىلاردا ئادەتتە ئۆي ئىگىلىرى ۋە ھازىداشلىرى ئەتىگەندە ئۆزلىرى ھازىنى باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ئاخىرقى جامائەت كېلىپ بولغان،مىيىتنى ئۇزۇتۇش،يۇيۇپ كېپەنلەش قاتارلىق تەييارلىقلار قىلىنىپ بولغانغا قەدەر 2-3 سائەتچە ھازا ئېچىپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.ئەگەر ئۆلۈم كېچىدە بولغان بولسا ھازىدارلار ئەتىگىنى سۈبھىدە يىغلاپ ھازا ئېچىشنى باشلىسا تاكى كۈن نەيزە بويى ئۆرلەپ چىققان ۋاقىتلارغىچە  ئۆرە تۇرۇپ بىر تەرەپتىن يىغلاپ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلۈم پەتىسىگە كەلگەنەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ.بۇ ئارقىلىق كۆڭۈل سوراپ كەلگەن پەتىچىلەردىن كۆڭلى تەسكىن تاپىدۇ.

مىيىت نامىزى ئوقۇشنىڭ ئالدىدا قىلىنىدىغان يەنە مۇنداق بىر ئىش بار.يەنى چارۋا سەدىقە قىلىپ مىيىتكە مەغپىرەت تىلەش.ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق. ‹‹شەرىئەتتە قىزلار توققۇز ياشقا،ئوغۇللار ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە ئىسلام دىنىنىڭ پەرىزلىرىنى ئادا قىلىش پەرز بولىدۇ››دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا پەتىلەپ كەلگەن بارلىق جامائەت ئولتۇرغان سورۇندا  مەرھۇمنىڭ يېشى ئېنىقلىنىپ پەرىز ئۆتەش يىل چەكلىمىسى ھېساپلاپ چىقىلىدۇ.بۇنىڭدا ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن چاغدىكى يېشىدىن ئەر بولسا ئون ئىككى ياشنى،ئايال بولسا توققۇز ياشنى چىقىرىۋېتىپ ئۇنىڭ ئىسلام پەرىزلىرىنى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان يېشىنى ھېساپلاپ چىقىدۇ ۋە شۇنچە قېتىم چارۋا سەدىقە قىلىدۇ.مەسىلەن: ئۆلۈپ كەتكۈچى 87 ياشلىق ئەر بولغان بولسا، ئۇنىڭ يېشىدىن  ئون ئىككى ياشنى چىقىرۋەتسە يەتمىش بەش يىل قالىدۇ.دېمەك ئۇ ئۆمرىدە يەتمىش بەش يىل دىنى پەرىزلەرنى ئۆتەش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.بۇنداق قىلىشتىن مەقسەد ئادەم ئۆمرىدە كېسەل،جىددى ئەمگەك ياكى خىزمەت،سەپەر دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پەرز نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالمايدىغان،رامىزان رۇزىسىنى تولۇق تۇتالماي قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدىكەن. مانا شۇ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكى ئۈچۈن مال ياكى ئاشلىق  سەدىقە قىلىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن.بۇنى بەزى يەرلەردە ‹‹قەبزى تۇتۇش››دەپ ئاتايدۇ.ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق.پەتىلەپ كەلگەن بارلىق جامائەتلەر ئولتۇرغان سورۇندا ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ يېقىن تۇققانلىرىددىن بىرى مەرھۇمنىڭ شەخسى مۈلكىگە تەۋە چارۋىلاردىن بىرەر ئات،كالا ياكى تۆگىدەك گۆشى ھالال چارۋىدىن بىرنى بېشىدىن باغلاپ سورۇنغا ئېلىپ كېلىپ شۇ مەھەللىنىڭ ئىمامىنىڭ  ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ.ئاندىن ئۆلۈپ كەتكەن تۇققىنىىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تىلەپ بىر تۇياق چارۋىنى سەدىقە قىلغانلىقىنى جاكالايدۇ.ئىمام:

-مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكى ئۈچۈن بۇ كالىنى(ياكى ئاتنى)تاپشۇرۇپ ئالدىم.لېكىن مەرھۇمنىڭ ئۆيىدە ئۇششاق بالىلىرى،قورامىغا يەتكەن لېكىن تېخى ئۆيلەپ بۆلەك چىقرىپ قويال،مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى بار ئىكەن.ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق خېلى ئېغىر ئىكەن.مەن بۇ سەدىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يەنە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا قايتۇرۇپ بەردىم،-دەپ چارۋىنىڭ چۇلۋۇرىنى يەنە ئۆي ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.كېيىن ئۆي ئېگىسى يەنە ‹‹بەردىم›› دەپ چۇلۋۇرنى ئىمامنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ.ئىمام:‹‹ئالدىم››دەپ يەنە چۇلۋۇرنى ئۆي ئېگىسىنىڭ قولىغا قايتۇرىدۇ.بۇ خىل ‹‹ئالدىم-بەردىم›› دېيىشىشلەر ھېلىقى ياش ھېسابلاشتا قانچە چىققان بولسا شۇنچە قېتىم داۋاملىشىدۇ.مەسىلەن: بايىقى ھېساباتتىكى ئادەمنىڭ پەرزەنتى بىلەن ئىمام ئوتتۇرسىدا چۇلۋۇرنى ئېلىش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش يەتمىش بەش قېتىم داۋاملىشىدۇ. ئاخىرى مال يەنە ئۆي ئېگىسىنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ جامائەت مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەمدى مىيىتنى يۇيپ كېپەنلەش جەريانى بىلەن تونۇشايلى: مىيىتنى نامازغا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن قازا قىلغان ئۆينىڭ ئىچىدە پىنھان يەردە پاكىز يۇيۇپ كىپەنلەيدۇ.بۇنىڭغا ئەر مىيىتقا ئەر تۇققانلاردىن،ئايال مىيىتقا ئايال تۇققانلاردىن ۋە ياكى شۇ مەھەللىدىكى تەجرىبىلىك مىيىت يۇيغۇچىلاردىن بىرنەچچىسى تەكلىپ قىلىنىپ يۇيغۇزىلىدۇ.بۇ يۇيۇشتا ئوڭ تەرەپتىن ۋە باش قىسمىدىن تارتىپ يۇيۇش ئاساس قىلىنىدۇ.مىيىت يۇيۇغۇچىلار قولىغا نىپىز داكىغا ئوخشاش پاكىز رەختنى پەلەيگە ئوخشاش يۆگىۋېلىپ بەدەنگە سۇ قۇيۇپ سىيپاپ يۇيىدۇ.ھەر بىر ئەزا ئۈچ قېتىمدىن سۇ قۇيۇلۇپ يۇيۇلىدۇ.مىيىتنىڭ تولۇق يۇيۇلىشى ئۈچۈن مىيىت پاكىز ئۇزۇن ياغاچ تاختايغا ياكى مىيىت يۇيۇش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان مىيىت دېسىغا ياتقۇزۇلۇپ يۇيۇلىدۇ.ئۈستى يۇيۇلۇپ بولۈاندىن كېيىن يېنى،يېنىمۇ يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئاستى يەنى دۈمبە قىسمىمۇ مىيىتنى ئاۋايلاپ يۇمۇلىتىش ئارقىلىق  يۇيۇپ چىقىلىدۇ.بۇ يۇيۇش تىرىكلەرنىڭ غۇسلى تاھارەت ئالغىنىدەك تولۇق پاكىز بولىدۇ.ئوخشىمايدىغان يېرى ئامالسىزلىقتىن  ئاغزى بۇرنىغا سۇ ئالغىلى بولمايدۇ.مىيىت يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن 4-5 مېتىرچە يۇمشاق، پاكىز، ئاق رەڭلىك كىپەنلىك رەختكە ئورىلىپ ‹‹ئاخىرەتلىك كىيىم›› كىيدۈرىلىدۇ.بۇرۇنلاردا تەييار كىپەنلىك بولمىغاچقا كىپەنلىك  رەختنى مەخسۇس كىپەن تىككۈچى ئادەملەر ئۆلۈم بولغان ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ كېلىنىپ ئۇلارغا كىپەنلىك پىچتۇرۇلاتتى ۋە تىكتۈرىلەتتى.ھازىر دۇكانلاردىن مەخسۇس كېپەنلىك تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ كەتتى.كىپەن پىچقۇچىلار ۋە مازارلىقنى باشقۇرغۇچىلار ‹‹شەيخىم›› دەپ ئاتىلىدۇ.مىيىت يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا كىيگەن كىيىملىرىدىن ئەڭ ياخشىسى ۋە پاكىز ياراملىقلىرى مىيىت يۇيغۇچىلارغا كىيىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ مىيىت يۇيۇش ھەققى بولىدۇ.ھازىر ئۇ كىيملەرنىڭ ئورنىغا پۇل بېرىپ رازى قىلىدىغان ئىشلارمۇ چىقىپتۇ.

مىيىت يۇيۇلۇپ كىپەنلىنىپ بولغاندىن كېيىن كىگىزگە ئورىلىدۇ.ئاندىن جىنازىنىڭ تاختىيىغا ياتقۇزۇلۇپ جىنازىغا سېلىنىدۇ.جىنازا بۇرۇن ياغاچتىن ياسىلىپ ئۈستىگە قۇرئان ئايەتلىرى يېزىلغان قارا ياكى يېشىل يوپۇق بىلەن يېپىلاتتى.ھازىر شەھەرلەردىكى زاۋۇتلاردا ئۆلچەملىك،كۆركەم قىلىپ ياسالغان تۆمۈر تاۋۇت ئىشلىتىلىدىغان بولدى.

مىيىت تاۋۇتقا سېلىنىپ بولغاندىن كېيىن ھويلىغا ياكى ئۆي ئەتراپىدىكى  ئەر جامائەتلەر توپلاشقان مىيىت نامىزى چۈشۈرۈشكە باپ كېلىدىغان كەڭرى مەيدانىغا ئېلىپ چىقىلىپ قىبلە(يەنى غەرىب) تەرەپتىكى باشلامغا قويۇپ قويۇلىدۇ.مىيىتنىڭ بېشى تەرەپ شىمالغا قارايدۇ.شۇنداق بولغاندا مىيىتنىڭ ئوڭ قول تەرىپى قىبلىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ.

مىيىت نامىزى ئوقۇشقا تەييارلانغان يەر پاكىز بولۇشى،ئۈستىدە سايا سالىدىغان دەرەخلەر بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.كەڭرى مەيدان بولمىغاندا تېرىلغۇ ئېتىزلىرىدىن پايدىلانسا (جامائەت زىرائەتلەرگە دەسسەپ نابۇت قىلىۋەتمىسە) بولىدۇ. مىيىت مەيدانغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن مىيىت نامىزىنى ئوقۇشنى ساقلاپ تۇرغان جامائەت جىنازا يېنىغا توپلىنىپ كېلىپ رەتلىك سەپ تۈزۈپ مىيىت نامىزى ئوقۇشقا تەييارلىنىدۇ.

مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمغا تۈرتكە بولغان،باشقا يۇرتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئىپتىخار بىلەن تىلغا ئالالايدىغان بىر يېرىمىز شۇكى،يۇرتىمىزدا ئۆلۈم مەرىكە بەكمۇ قىزىيدۇ.ئۆلۈپ كەتكۈچى مەيلى چوڭ،مەيلى كىچىك،مەيلى ئەمەلدار،مەيلى پۇقرا،مەيلى باي،مەيلى نامرات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپلا قالغان ئادەم قانچىلىك جىددى ئىشى بولۇشى،ئۆيىنىڭ قانچىلىك يىراقتا بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر مىيىت نامىزىغا چوقۇم بارماي قالمايدۇ.شۇڭىمىكىن مىيىت نامىزى ئوقۇشقا ئەڭ ئاز دېگەندە 5-6 يۈز،ئەڭ كۆپ دېگەندىمۇ 2-3مىڭ(ئىككى ئۈچمىڭ مىيىت ئۇزاتقۇچى ئادەم يىغىلىپ كېتىدىغىنى يۇرت ئاقساقاللىرى،ھەرقانداق يەردىكى ئۆلۈمدىن قالماي ئادەم ئىتىپ بارىدىغان كىشىلەر،يۇرت ئىچىدە زور ئابرۇيغا ئىگە ھاجىم، ئىمام،موللام ۋە قارىملارنىڭ، بىرقىسىم تەسىرى زور بولغان ئەمەلدارلارنىڭ ئۆلۈملىرى) ئادەم يىغىلىپ كېتىدۇ.‹‹بۇ ئۆلۈم ھەممىزىگە بار،ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز،كىمىكى جامائەتچىلىكتىن قاچسا ئۆلۈمى جامائەتسىز قالىدۇ.مىيىت نامىزىغا بېرىش ئادىمىلىك نىشانى بولۇپلا قالماي كىشىنى زور ساۋاپقا ئىگە قىلىدۇ›› دەپ قاراپ ئالدىراش ئىشلىرىغىمۇ قارىماي نامازغا بېرىشىدۇ.

دەرۋازا ئالدىدىن باشلىنىپ ھويلا ئىچىگە قەدەر سوزۇلغان،ھويلىنىڭ ئىچىنى چوڭ ھالقا بولۇپ ئورىغان،ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزۇتۇشۇپ بېرىش،يالغۇزچىلىقىنى بىلىندۈرمەسلىك  ئۈچۈن تەڭ ھازىدار بولۇپ ئۇزۇن سەپ ھاسىل قىلىپ تۇرۇشقان ھازىدارنىڭ تۇققانلىرى ۋە مەھەللە جامائىتى كىشىلىرىنى كۆرگىنىدە ھازىدارلارنىڭ كۆڭلىمۇ خېلى تەسكىن تېپىپ قالىدۇ.بۇرۇنلاردا ‹‹توي نەغمىسى بىلەن قىزىيدۇ،ئۆلۈم ھازىسى بىلەن››دەيدىغان بىر ماقال بولىدىغان.شۇڭىمىكىن ھازىدارلار بېشىغا سەللە ئوراپ،ئۇزۇن چاپان كىيىپ بېلىنى ئاق پوتا بىلەن باغلاپ ئۈنىنىڭ بارىچە يىغلاپ ئۆلگۈچىگە بولغان قايغۇسى ۋە ۋاپادارلىقنى ئىپادىلەيتتى.نامازغا بارغانلا :‹‹پوكۇنى تۇققىنى بەك قايغۇردى،پۇستانى تۇققىنى ئۈنىنىمۇ چىقىرىپ قويماي گۆشىيىپ تۇردى››  دەپ ئۆلۈمدىن كېيىن ئاساسلىق ھازىدارلارنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە سۆزلىشەتتى.يېقىنقى بىرنەچچە يىل بولدى.موللا ئاخۇنۇملار يېڭىچە پەتىۋا تېپىپتۇ ئۇلار:

-ئۆلۈم بولغاندا ئۆلگۈچىنىڭ ئۇرۇق-تۇققان ئائىلە  تاۋابىئاتلىرى سەۋرى قىلمىقى،ئۈن چىقىرىپ قاتتىق ھازا ئېچىپ يىغلاشتىن ساقلانمىقى كېرەك.ئۇنداق قىلمىسا پەرىشتىلەر مىيتنى سوراق قىلىپ ئازار بېرەرمىش:‹‹ھەي، جان دېگەن خۇدا بەندىلىرىگە ئامانەت قىلىپ بەرگەن ۋاقىتلىق نەرسىدۇر.ئىنسان ئۇنىڭغا مەڭگۈ مۇيەسسەر ئەمەستۇر.تەڭرىتائالا بەندىلىرىگە ئۆزى بەرگەن ئامانەتنى يەنە ئۆزى ئالسا ئۇلار نىمىدەپ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنچە غەزەپ قىلىدۇ.سەن ئۇلارنىڭ ھەققىنى ياخشى ئادا قىلمىغانمىتتىڭ؟! بىرەر نەرسىسىنى بىرگە ئېلىپ كەتكەنمىتتىڭ؟!››- دەپ سوراققا تارتارمىش.

بۇ خىل گەپلەر چىققاندىن كېيىن ھازىر ئۆلۈم يىتىم بولغاندا ئاياللاردىن كۆڭلى بەكرەك يۇمشاقلىرىدىن بىرنەچچىسى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ قاتتىق ھازا ئاچقاننى ھېساپقا ئالمىغاندا قالغانلاردىن  ئۈنلۈك ئاۋازدا قاتتىق يىغلايدىغان ئەرلەر بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بولغاندا ھازىدار كىشى ئۆلۈپ كەتكەن تۇققىنى ئۈچۈن زورلاپ ،باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن يىغلىماستىن،قايغۇسى بېسىلغۇدەك،دەردى يېنىكلىگۈدەك دەرىجىدە قېنىپ بىر يىغلىۋالغىنى تۈزۈك.چۈنكى يىغىمۇ خاسىيەتلىك نەرسە.ئۆلۈم بولغاندا كۆز يېشى بىلەن چىقىپ كېتىدىغىنى يۈرەكتىكى دەرت-ھەسرەت.ئازاپلانغان ئادەم قانچىكى كۆپ يىغلىۋالسا دەردى شۇنچىلىك يېنىكلەرمىكىن دەيمەن.لېكىن بۇ دېگىنىم زورلاپ يىغلاشنى تەشەببۇس قىلغىنىم ئەمەس.ھىسسىياتچان،يىغلىسا ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان،سالامەتلىكى ناچار بولغان،يۈرەك كېسىلى بار بولغانلار ئۆزىنى تۇتۇۋالغىنى،ئۆزىنى ئايىغىنى ياخشى.ئۇنداق قىلمىسا كېسىلى ئېغىرلاپ ‹‹يىغا يىغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرار!››دېگەن ماقالدىكىدەك بولۇپ قالمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.

مىيىت تاۋۇتقا سېلىنىپ ناماز چۈشۈرىلىدىغان يەرگە ئېلىپ چىقىلغاندىن كېيىن يۇقۇرىدا بايان قىلىنغاندەك مىيىتنىڭ بېشى شىمالغا قارىغان ھالەتتە جامائەتنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.مىيىت نامىزى ئۈچۈن كەلگەن بارلىق(تەرىتى بار بولغان) ئەر جامائەتلەر تاۋۇتنىڭ ئارقىسىغا زىچ سەپ بولۇپ تىزىلىپ ناماز چۈشۈرۈشكە تەييارلىندۇ.بۇچاغدا ئۆلگۈچىنىڭ تۇققانلىرىدىن جامائەت ئالدىدا يۈز ئابرۇيى چوڭراق بولغان ھەم  سۆزمەنراق بىرى توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قىسقا نۇتۇق سۆزلەپ جامائەتتىن رازىلىق ئالىدۇ:

-يېزىمىز ۋە خوشنا يېزىلاردىن كەلگەن ھۆرمەتلىك جامائەتلىرىمىز، موللا- ئۆلىما، قارىي- قۇرئانلىرىمىز،ھاجى-ھەرەمىلىرىمىز! بۈگۈن ھۆرمەتلىك ئاتىمىز ...ئاخۇن سەكسەن يەتتە يېشىدا ئالەمدىن يېنىپ دۇنيايى پانىيدىن دۇنيايى باقىيغا سەپەر قىلدى.مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مۇشۇ يۇرتىمىزدا ھەرقايسى جامائەتلىرىمىز بىلەن يۇرتداش بولۇپ ئۆتكەن.تۇرمۇش غېمى ۋە ئائىلە ئىگىلىكىنى تىكلەپ پەرزەنتلىرىنى قاتارغا قوشۇش يۈزىسىدىن ھەرقايسىلىرى بىلەن بىرلىكتە يەر تېرىغان.ھاشار-ئۇچا،توي-تۆكۈن،ئۆلۈم يېتىملاردا بىرگە بولغان.مۇشۇ جەريانلاردا بىرەرسىڭلار بىلەن يا سۇ تالىشىپ،يا بەزى سەۋەپلەر بىلەن جىدەللىشىپ قېلىپ كۆڭلۈڭلارنى چىگىپ قويغان تەرەپلىرى بولسا ئەپۇ قىلىۋەتكەن بولساڭلار.ئۇندىن باشقا مەرھۇم ھايات چېغىدا بىرەرسىڭلار بىلەن قەرز مۇئامىلىسى ياكى نەرسە كېرەك ئۆتنىسى قىلىشىپ سىلەردە قەرزى قېلىپ قالغان بولسا بىز ئۇرۇق-تۇققانلىرى ياكى پەرزەنتلىرىگە دېسەڭلار بولىدۇ.بۇ قەرىز مەيلى قانچىلىك ئاز ياكى قانچىلىك كۆپ بولىشىدىن قەتئي نەزەر بىز تولۇق ئىگە بولۇپ،ئۇنى تولۇق قايتۇرۇشقا، مەرھۇمنى قەرىزدارچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.ئۇنداق بولمىغاندا دادىمىزنىڭ قەرزى قىيامەت قەرزى بولۇپ قېلىپ ئازاپ تارتىپ قالمىسۇن.ئۇندىن باشقا مەرھۇمغا پۇل ياكى نەرسە كېرەك بېرىشى بارلار بولۇپ قالسا،ئۇلارمۇ  قۇربى يەتكەندە مەرھۇمنىڭ پەرزەنتلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىپ ئۆزىمۇ قەرزدىن خالاس بولىۋالغاي. ئەگەر دادىمىزنىڭ  قەرزى بولمىغان بولسا  ھۆرمەتلىك جامائەتلىرىمىز رازى بولۇپ كەتسە.ئاخىرىدا ھۆرمەتلىك جامائەتلىرىمىزدىن دادىمىمىزنىڭ ئىمانىنىڭ سالامەت بولۇشى،شۇنداقلا ئاخىرەتلىكىنىڭمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن.يەنە بىر ئۆتۈنۈشۈم شۇكى، نامازدىن كېيىن قارىي –قۇرئان، موللا ئۆلىمالىرىمىز قايتىپ كەتمەي ئۆيدە قېلىپ مەرھۇم ئاتىمىز ئۈچۈن خەتمە قۇرئان قىلىشىپ بەرگەن بولسا!

نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جامائەت ھەممىسى مەرھۇم ئۈچۈن دۇئا قىلىشىدۇ.

دۇئادىن كېيىن مەزىن:‹‹سەپراس!›› دەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلىدۇ.جامائەت رەتلىك ھەم زىچ سەپ تۈزۈپ مىيىت نامىزى ئوقۇشقا تەييارلىنىدۇ.مىيىت نامىزى ئۆرە تۇرۇپ قىسقا ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەتلىك ناماز بولۇپ ئۇنىڭغىمۇ ئىمام رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.ئادەتتىكى نامازغا ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ نامازدا رۇكۇ،سەجدە بولمايدۇ.ئايەتلەرئۈنلۈك ئوقۇلماي  ئىچىدە ئوقۇلىدۇ.پەقەت ھەر بىررەكئەت ئارىلىقىدىكى ‹‹ئاللاھۇ ئەكبەر!›› دېگەن تەكبىر ۋە ناماز ئاخىرىدىكى ‹‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھمەتۇللا››دېگەن سالاملا ئۈنلۈك ئېيتىلىدۇ.رۇكۇ ئورنىغا جامائەت بېشىنى ئاسمانغا قارىتىپ ئىشارە قىلىدۇ.

مىيىت ئۇزۇتۇش جەريانىدىكى ئەڭ دىققەت قىلىدىغان ئىش شۇكى،مىيىت نامىزى ئوقۇلىۋاتقان،قىرائەت قىلىنىۋاتقان،دۇئا قىلىنىۋاتقان چاغلاردا ھېچكىمنىڭ يىغا زارە قىلىشى،ئۈنلۈك ئاۋازدا باشقا پاراڭلارنى قىلىشىغا بولمايدۇ.يېقىنقى يىللاردا شۇنداق بىر ناچار ئادەت پەيدا بولغانكى، بەزى بىخەستە ئادەملەر بولىدىكەنكى،يېنىغا يان تېلىفۇن سېلىپ كېلىپ ئۇنى يا ئېتىپ قويماي ياكى تېلىفۇن كەلسە تىترەيدىغان قىلىپ قويماي ئادەتتىكىدەكلا قويۇپ قويىىكەن.تازا مىيىت نامىزى ئوقۇلىۋاتقاندا ئۇنىڭ تېلىپۇنىغا تېلىفۇن كېلىپ قېلىپ جاراڭلىق ئاۋازدا شوخ ناخشا ئوقۇغىلى تۇرىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېلىفۇنۇمنى ئېتىمەن دەپ نامازدىن ئازىدىكەن.باشقا جامائەتنىڭمۇ نارازىلىقىغا ئۇچراپ نەپرىتىگە قالىدىكەن.

مىيىت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تاۋۇت شۇئان يېقىن تۇققانلار،پەرزەنتلەر،دوست -بۇرادەرلەر،خولۇم-خوشنىلار ۋە باشقا پىداكار ياشلارنىڭ تالىشىپ كۆتۈرىشى بىلەن مازارلىققا ئېلىپ مېڭىلىدۇ.جامئەت تۇپراق بېشىغا مېڭىپ ھويلىدىن چىقىۋاتقاندا ئۆي ئىگىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بىرنەچچە كىشى قولىغا ساندۇق كۆتۈرۈۋېلىپ جامائەتكە مىيىت نامىزى ھەققى تارقىتىدۇ.يەنى بۇنىڭدا ھەر بىر كىشىگە بىر بولاقتىن سەرەڭگە ياكى قولياغلىق،لۆڭگە دېگەندەك تۇرمۇش بويۇملىرى تارقىتىلىدۇ.بىر قىسىم بايلار باركى كۆپلەپ پارچە پۇل تەييارلىۋېلىپ ئۇنداق نەرسىلەر ئورنىغا ھەر بىر كىشىگە 5ياكى10 يۈئەندىن پۇل تارقىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

مازارلىق ئۆلۈم بولغان ئۆيگە يېقىن بولسا تاۋۇتنى ئادەملەر كۆتۈرۈپ،ئارىلىق2-3 كىلومېتىردىن ئۇزاقراق بولسا، ھارۋا ياكى ماشىنا-تىراكتۇر دېگەندەك قاتناش ۋاستىلىرىغا سېلىپ، يېقىنلىرى ئۇنىڭ يېنىغا چىقىپ ئۆرە تۇرۇپ مازارلىققا ئېلىپ ماڭىدۇ.ئۆلگۈچىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى ۋە يېقىن تۇققانلىرى تاۋۇت ئەتراپىدا يىغلاپ ھازا ئېچىپ ماڭىدۇ.قالغانلار تاۋۇتقا ئەگىشىپ مازارلىققىچە بىرگە بېرىشىدۇ.مىيىت نامىزىغا قاتناشقان جامائەتتىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا قېلىپ قالغانلار،ئالدىراش ئىشى چىقىپ قېلىپ قايتىپ كەتكەنلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا  باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاڭلىق ھالدا تاۋۇتقا ئەگىشىپ مازارلىققا ئۆلۈم ئۇزۇتۇشقا بارىدۇ.

جامائەت مازارلىققا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن مىيىتنى يەرلىككە قويماقچى بولغان قەبرە ئەتراپىدا بوش يەرلەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرىشىدۇ.بىللە كەلگەنلەردىن بىرەر قارىم مىيىتقا ئاتاپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ‹‹تەھلىل›› ئوقۇيدۇ.قالغانلار جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇنى ئاڭلايدۇ.تەھلىل دېگىنىمىز:‹‹لائىلاھە ئىللەللاھ مۇھەممىدۇن رەسۇلىللاھ!››دېگەن ئىمان كەلىمىسىدىن ئىبارەتتۇر.تەھلىل ئوقۇلىۋاتقان مەزگىلدە مىيىتنىڭ يېقىن تۇققانلىرى مىيىتنى تاۋۇتتىن ئېلىپ تاۋۇتتىكى تۇتقۇچلۇق ياغاچ تاختاي بىلەن كۆتىرىپ گور ئاغزىغا ئېلىپ بارىدۇ.ئاندىن بىرەيلەن قەبرە ئىچىگە كىرىپ مىيىتنى سۇنۇۋېلىشقا تەييارلىنىدۇ.مىيىت بېشى تەرەپتىن قەبرە ئىچىگە سېرىلدۇرۇلۇپ كىرگۈزۈپ بېرىلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن تاختاينىڭ بېشى تەرەپ پەس،ئايىقى تەرەپ ئىگىز قىلىنىپ يانتۇ تەكشىلىك شەكىللىنىدۇ.مىيىت كېپىنى بىلەن سېرىلىپ قەبرىگە كىرىدۇ.ئورالغان كىگىز تاختاي بىلەن قالىدۇ.قەبرە ئىچىدىكى ئادەم مىيىتنى بېشى شىمال تەرەپكە،يۈزى قىبلىگە(غەرپكە)يۈزلەنگەن ھالەتتە تۈز ئوڭدا ياتقۇزۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ چىقىدۇ.ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەردەك مىيىت بىلەن بىللە باشقا نەرسىلەرنى ھەمدەپىن قىلمايدۇ.ئايرىم بەزى كىشىلەر مىيىتنىڭ گور ئازابىنى يېنىكلىتىش،گوردىكى سوراققا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەدتە مىيىت بىلەن بىرگە قۇرئان كەرىمدىن بىرەرنى ھەمراھ قىلىپ قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ‹‹جاۋاپنامە››نىمۇ بىرگە قويىدىغان ئەھۋاللار بار.ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھېچنىمىگە پايدىسى يوق.ھازىرقى موللىلار ئۇنداق قىلىشنى ‹‹خاتا›› دەپ قارىشىدۇ.مىيىت ياتقۇزۇپ بولۇنغىچە ئارىلىقتا بىرنەچچە كىشى جامائەتتىن ئىخلاس توپىسى يىغىدۇ.‹‹ئىخلاس توپىسى›› دېگىنىمىز قەبرە ئەتراپىدىكى جامائەت باياتىندىن بېرى ئاڭلىغان تەھلىلنىڭ ساۋابىنى مىيىتنىڭ روھىغا ئاتاپ سۈپكۆشلەپ دەمىدە قىلغان بىر ئوچۇمدىن تۇپراق بولۇپ، ئۇ يىغىلىپ مىيىتنى يەرلىككە قويغۇچى تەرىپىدىن مىيىتنىڭ ئۈستىگە ۋە ئەتراپىغا سېپىلىدۇ.بۇ ئىشلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەرلىككە قويغۇچى قايتىپ چىقىپ باشقىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا گورنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە باشلايدۇ.گور ئاغزى بەكمۇ پۇختا ئېتىلىدۇ.ئۇنىڭغا خام كېسەك،سامانلىق لاي قاتارلىق نەرسىلەر ئىشلىتىلىدۇ.بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى ئۈچ.بىرىنچى:لالما ئىتلارنىڭ كىرىپ جەسەتنى يەپ كەتمەسلىكى،ئىككىنچى:كىپەن ئوغرىلىرىنىڭ قەبرىگە كىرىپ كېپەن ئوغرىلىماسلىقى،ئۈچۈنچى:جەسەد چىرىگەندىن كېيىن سېسىق پۇرىقىنىڭ ھاۋانى بۇلغاپ قويماسلىقى ئۈچۈن گور ئاغزى قېلىن ۋە پۇختا ئېتىلىدۇ ۋە سامانلىق  لاي بىلەن قېلىن سۇۋۇۋېتىلىدۇ.ئەگەر توك تېپىش،يۈرەك كېسىلى،دېگەندەك بەزى كېسەللەر بىلەن يالغان ئۆلۈپ قېلىپ يەرلىككە قويۇۋېتىلگەنلەر بولسا .ناۋادا ھۇشىغا كېلىپ قالسا سىرتتىكىلەر ياردەم بەرمىسە گور ئاغزىدىن ئۇنى بۇزۇپ چىقىپ كېتەلىشى بەكمۇ تەس.

قەبرە ئاغزى ئېتىلىپ ئىچى كۆرۈنمىگۈدەك بولغاندا ئېغىزنى ئېتىۋاتقانلار:‹‹غايىپ بولدى›› دەپ ئېلان قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تەھلىل ئوقۇش ئاخىرلىشىدۇ.ئوقۇلۇۋاتقان تەھلىلنىڭ ساۋابى مىيىتنىڭ ھەققىگە ئاتىلىپ دۇئا قىلىنىدۇ.

گۆر ئاغزى يېپىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن قارىم قىرائەت باشلايدۇ.كۆپرەك ئوقۇلىدىغىنى ‹‹سۈرە تابارەك›› ياكى‹‹ سۈرە ياسىن›› بولىدۇ.مىيىتنىڭ ھەققىگە خەتمە قۇران قىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ساۋابىمۇ مىيىتنىڭ روھىغا ئاتىلىپ دۇئا قىلىنىدۇ.بۇ باسقۇچتىن كېيىن كوپىنچە ھاللاردا جامائەت مازارلىقتىن قايتىپ كېتىشىدۇ.يەنە بىر قىسىم كىشىلەر باركى،مىيىت يەرلىككە قويۇپ بولۇنغاندىن كېيىن ئاخۇنۇمدىن سۇئال سوراپ ئۇنىڭ ساۋابىنىمۇ مەرھۇمغا ئاتاپ جامائەت بىلەن دۇئا قىلىدۇ.بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: ئۆلگۈچىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن بىرى مىيىت ئۇزىتىشىپ بەرگىلى بارغان ئاخۇنۇمدىن ئىككى قېتىم سۇئال سورايدۇ.سورايدىغان  بىرىنچى سۇئالى:

-ئاخۇنۇم دادام قانداقراق كىشى ئېدى؟-دېگەن سۇئالدۇر.بۇسۇئال ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئەسلى شۇ كىشىگە ئوبىكتىپ باھا بېرىپ ياخشىلىق تەرەپلىرىنىمۇ،سەلبى تەرەپلىرىنىمۇ تولۇق ئېيتىپ قانداق ئادەملىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش كېرەك.لېكىن بۇ جايدا ئاخۇنۇم مىيىت ئۇزاتقۇچىلارنىڭ يۈزىنى ئاياپ ئۇنىڭ ياخشى خاراكتىر-خۇسۇسىيەتلىرىنىلا بايان قىلىدۇ:

-ئەلھەمدۇلىللاھ،ھەممىگە ئايان،مەرھۇم...ئاخۇن ھايات ۋاقتىدا بەش نامازنى تەرىك ئەتمەيدىغان،رۇزى-رامىزاننى تولۇق تۇتىدىغان،مال-مۈلكىدىن ۋاقتىدا ئۆشرە ئايرىپ غېرىپ غۇرۋالارغا،يېتىم-يېسىرلارغا بېرىپ ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان،يۇرت مەھەللە،خۇلۇم-خوشنىلىرى بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان،يالغان سۆزلىمەيدىغان،كىشىنىڭ مال مۈلكىگە قىلچە زىيان سالمايدىغان سالىھ مۇسۇلمان،يۇۋاش مۆئىمىن كىشى ئېدى.شۇنداققۇ جامائەت ؟!

ئەتراپتىكىلەر :

-ھەقراست، ئەلۋەتتە شۇنداق!-دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىدۇ.

سۇئال سورىغۇچى ئىككىنچى قېتىمدائاخۇنۇمدىن  تەرەتتىكى پەرىز ھەققىدە سۇئال سورايدۇ:

-ئاخۇنۇم تەرەتتىكى پەرىزلەر قايسىكىن؟

ئاخۇنۇم ئالدى بىلەن قۇرئاندا تەرەتتىكى مۇھىم نوقتىلار بايان قىلىنغان ئايەتنى ئوقۇيدۇ،ئاندىن ئۇنى تەپسىر قىلىپ تۇرۇپ تەرەتتىكى پەرىزلەرنى بايان قىلىدۇ:

-تەرەتتىكى پەرىز تۆت.بىرىنچى يۈزىنى يۇيماقلىق پەرز.يۈز بىلەن قوشۇپ قۇلاق سۇپۇرىسىنىڭ ئۈستىدىن تارتىپ ئاستىدىكى يۇمشىقىغا قەدەر  يۆل قول بىلەن سىلاپ يۇيماقلىق كېرەك.ئىككىنچى:ئىككى قولىنى قول ئۇچىدىن جەينىكىگىچە تولۇق يۇيماق پەرىز.ئۈچىنچى: ئىككى قولىنى ھۆل قىلىپ باشنىڭ ئالدىنقى چاچ ئۈنگەن قىسمىدىن تارتىپ كەينى قىسمىغىچە مەسىھ قىلماق پەرز.تۆتىنچى:ئىككى پۇتىنى تاكى ئوشۇقىغىچە پاكىز يۇيماقلىق پەرز.يۇيۇشتا پاكىز سۇ ئىشلىتىش،ھەر بىر ئەزانىڭ يۇيۇلىشى ئۈچمەررە(قېتىم)دىن كەم قالماسلىق كېرەك دەپ كۆرسۈتۈلگەن.ئاللاھ تائالا قۇرئانى كېرىمدە  تاھارەتنى مۇشۇ شەرتلەرنى تولۇق ئادا قىلىپ كامىل ئالساڭلار رازى بولىمەن دېگەن.ئامىن!-دەپ دۇئاغا قول كۆتۈرىدۇ.قالغانلارمۇ قول كۆتۈرۈپ تاھارەتتىكى پەرزنىڭ ساۋابىنىمۇ مىيىت نامىغا ئاتاپ دۇئا قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن تارقايدۇ.

قەبرە بېشىغا بۇرۇنلاردا ئۇرۇق تۇققانلار تۇغ ئەلەم سانچىپ قوياتتى.ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا قەبرە يوقلاپ كەلگەندە يېڭى ئەلەملەرنى ئېلىپ كېلىپ سانچىپ قويۇپ مىيىتنىڭ ھەققىدە خەتمە قۇرئان قىلىپ ئاندىن كېتىشەتتى.بۇنداق قىلىشتىن مەقسەد: ‹‹شامالدا تۇغ ئەلەملەر لەپىلدەپ تۇرسا ئۆلگۈچىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ›› دەپ ئويلىشاتتى.لېكىن يەتتە-سەككىز يىلچە بولۇپ قالدى.يېقىنقى زاماندىكى موللا ئاخۇنۇملار:‹‹ بۇنداق قىلىش بىدئەتلىك بولىدۇ››دەپ پەتىۋا چىقارغاندىن كېيىن قەبرە بېشىغا يېڭىدىن تۇغ-شەددە قادالمايدىغان بولدى.بىر قىسىم يۇرتلاردا يازدا ئۆلۈم بولغاندا مىۋىلىك دەرەخنىڭ يۇمران شاخلىرىدىن بىر ئىككىنى ئالغاچ كېلىپ قەبرە بېشىغا شۇنى قاداپ قويۇپ كېتىدىغان ئەھۋال بار.يەنە بىر قىسىم يۇرتلاردا قەبرە بېشىدا بىر ئىككى مېتىرلىق شۇتا ،قوچقار بېشى قاتارلىق نەرسىلەرنى قاداپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتتىم.يەنە بىر قىسىم يۇرتلاردا ھەر پەيشەنبە كۈنى سەھەردە ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىغا قابرە يوقلاپ كەلگەنلەر بۇغداي،قوناق،شال،تېرىق قاتارلىق دانلاردىن تاپالىغان مەلۇم تۈرىنى قەبرە ئۈستىگە چېچىپ قويىدىغان،شۇنىڭ بىلەن بىللە  قاچىدا سۇ قويۇپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ.سەۋەبىنى سورىسام:‹‹ بۇ دانلارنى قۇچقاچ تورغايلار تېرىپ يەپ قۇرسىقىنى توقلىسا خۇشال بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ساۋابى شۇ قەبرىدىكى كىشىگە بولىدۇ››دەپ جاۋاپ بېرىشتى.

مىيىت ئۇزاتقۇچىلار قەبرە بېشىدىن يانغاندىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەر موللام قارىملاردىن يەتتە-سەككىز كىشىنى ئېلىپ قېلىپ قەبرە بېشىدا بىر نۆۋەت قۇرئان ئوقۇتۇپ ئوتتۇز پارە قۇرئاننى تولۇق تامام قىلىدىغان ئىشلار بار.لېكىن بۇ ئىشنى تومۇز پەسلىدە،قىشنىڭ قەھرىتان سوغاقلىرىدا ئېلىپ بارسا قۇرئان ئوقۇغۇچىلارغا جاپا بولۇپ قالىدۇ.ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ تەس، شۇڭا بۇ خىل پائالىيەت يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆلۈم بولغان ئۆيدە ياكى خوشنىسىنىڭ ئۆيىدە تاماملىنىپ ساۋابى ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا ئاتىلىدىغان بولدى.بۇنداق قىلغاندا قۇرئان ئوقۇغۇچىلارغا ئىسسىق ئۆي،ئىسسىق تاماق ياكى چاي،ئولتۇرىدىغانغا پاكىز ئازادە جاي ھازىرلاپ بەرگىلى بولىدىكەن.ھەرقانداق ئۆلۈم مەرىكىسىدە قۇرئان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئابرۇيى بەك قىلىنىدۇ.قۇرئان تامام قىلىنغاندىن كېيىن يەنە ھەر بىرقۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا ئون يۇئەندىن ئەللىك يۇئەنگىچە(ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا)پۇل قويۇلۇپ ھەققىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىلىدۇ.

مىيىت تۇپراققا قويۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن مىيىت ئۇزاتقۇچىلار تۇپراق بېشىدىنلا تارقاپ كەتمەيدۇ.بەلكى ئۆلۈم بولغان ئۆيگە قايتا بېرىپ ئاندىن ئۇزايدۇ.بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ بىرىنچىدىن ئۆلۈم بولغان ئۆيدىكىلەرگە يەنە بىر قېتىم تەسەللى بېرىش،ئىككىنچىدىن مىيىت نامىزىغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەي ساقلاپ قالغان تەزىيەچىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ۋە نەزىر چىراق ھەققىدىكى ئىشلارنى مۇزاكىرلىشىش،ئىسسىقلىق قويۇشتىن ئىبارەت.

جامئەت تۇپراق بېشىدىن يانغاندىن كېيىن ئۆلۈم بولغان ئۆينىڭ ھويلىسىغا كىرىدۇ.ئۇلار كەلگۈچە ئارىلىقتا ھويلىغا كىگىز پالاسلار،كۆرپىلەر سېلىنىپ 3-4يۈز ئادەم ئولتۇرغۇدەك ئورۇن راسلىنىدۇ(ياكى تۇپراق بېشىغا كەتكەن ئادەمنىڭ ئاز كۆپلىكىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرسىمۇ بولىدۇ)تۇپراق بېشىدىن يانغان جامائەت ھويلىغا كىرگەندىن كېيىن  كېچىكىپ كەلگەن جامائەت بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ بىرلىكتە سېلىپ قويۇلغان كۆرپىلەر ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشىدۇ.ئاخۇنۇملاردىن بىرى  ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ روھىغا ئاتاپ يەنە بىر نۆۋەت مۇڭلۇق ئاۋازدا قىرائەت قىلىپ قۇرئان ئوقۇيدۇ.قۇرئان ئوقۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن دۇئا قىلىنىدۇ.بۇ ئىشلاردىن كېيىن جامائەتنىڭ قولىغا سۇ بېرىلىپ داستىخان سېلىنىدۇ.ھەر بىرىنىڭ ئالدىغا بىردىن نان ۋە چاي قويۇلىدۇ.(بۇنداق قىلىشتىن مەقسەد ئۆلۈم سەھەردە بولغان بولسا مەسچىتتىن چىقىپلا ئۆلۈمگە كەلگەن ناشتىسىز قالغان كىشىلەرگە ناشتىلىق بېرىش) ئاندىن ھەر بىر مېھماننىڭ ئالدىغا بىر چىنىدىن سۇيقاش قويۇلىدۇ.كېلىدىغان جامائەت ئاز ئەمەس تۇرسا،ئۇنداقتا بۇنچىۋالا كۆپ ئادەمگە يەتكۈدەك سۇيقاش نەدىن كېلىدۇ؟ بىزنىڭ يۇرتنىڭ ىىر ياخشى ئادىتى شۇكى ،شۇ مەھەللىدىكى بارلىق ئاياللار ئەرلەر تۇپراق بېشىغا كەتكەندە ئۆيىگە كىرىپ بىر قازاندىن سۇيقاش ئېتىپ ئۇنى چېلەك بىلەن كۆتۈرۈپ  ئۆلۈم بولغان ئۆيگە ئېلىپ چىقىدۇ ۋە چىنىلەرگە ئۇسسۇپ جامائەتلەرگە تارقىتىدۇ.ئاش ئىچىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن جامائەت يەنە بىر قېتىم دۇئا قىلىپ ئاندىن تارقاپ كېتىدۇ. بۇ تارقاشتا ھەممە جامائەت تارقاپ كەتمەيدۇ.خوشنا كەنت-مەھەللىلەردىن كەلگەنلەرلا تارقاپ كېتىدۇ.يىراق يېزا ياكى  شەھەرلەردىن كەلگەنلەر، ئۇرۇق- تۇققانلار ۋە شۇ مەھەللىنىڭ جامائەتلىرى قالىدۇ.ئۇلار ھەر قېتىنمقى ئادىتى بويىچە ھازىدارلارغا ئىسسىقلىق ئىچۈرىدۇ.بۇ ئىسسىقلىق ئىككى خىل بولىدۇ.بىرسى :جامائەت پۇل يىغىش قىلىپ بىرەر چوڭ قوي تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قازانغا سېلىپ پىشۇرۇپ  قۇرئان ئوقۇشقا قاتناشقانلار ۋە يىراق-يېقىندىن كەلگەن تۇققانلارنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ:‹‹مەھەللە جامائىتىنىڭ ئىسسىىقلىقى باركەن!››دەپ قويۇش.بۇنداق سورۇنغا يىراقتىن كەلگەن تۇققانلارمۇ مال ئۆلتۈرۈپ ئۇچا قىلىنغان گۆش ئېلىپ كېلىدۇ.ئۆلۈم بولغان ئۆيدىكىلەرنىڭ يېقىندىكى تۇققانلىرىمۇ 2-3مال سويۇپ گۆشىنى تەييارلايدۇ.بۇنداق گۆش‹‹ئۇچا›› دەپ ئاتىلىدۇ.شۇنداق بولغاچقا بۇ قېتىم سورۇنغا پىشۇرۇپ ئېلىپ كىرىلگەن مالنىڭ گۆشلىرى 4-5تىن كەم بولمايدۇ.مال ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن سورۇن باشقۇرغۇچىلاردىن بىرىسورۇن ئەھلىگە بۇ ماللارنى كىملەرنىڭ تەييارلىغانلىقىنى قىسقىچە جاكالىۋەتكەندىن كېيىن  پارچىلاپ تارقىتىدۇ.بۇنىڭغا قاسسپلىقتىن خەۋىرى بارلار تەكلىپ قىلىنىدۇ. 4-5ئادەم قوللىرىغا كەكە –پىچاقلارنى ئېلىپ گۆشنى شۇ سورۇندىكى ھەممە ئادەمگە تولۇق  يەتكۈدەك قىلىپ تەڭ چوڭلۇقتا  پارچىلايدۇ.سورۇندىكى بارلىق مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئالدى بىلەن نان بىلەن شورپا قويۇلۇدۇ. ئىككىنچى قېتىم بىر پارچىدىن گۆش قويۇلىدۇ.شورپا ئىچىلىپ، گۆش يىيىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن جامائەت مىيىتنىڭ نەزىر چىرىقىنى قاچان بېرىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشىۋېلىپ ۋاقتى بىكىگەندىن كېيىن ئاندىن تارقاپ كېتىشىدۇ.(ئەگەر ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا ‹‹ھاياتلىق نەزىرىسى››نى بېرىپ بولغان بولسا قايتا بېرىلمەيدۇ)

جامائەت تارقاپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۆلۈم بولغان ئۆيدىن يەنىلا ئادەم ئۈزۈلمەيدۇ.يېقىن تۇققانلار ئۆيلىرىگە چىقىپ مال چارۋىلىرى ۋە ئۇششاق بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ يەنە ئۆلۈم بولغان ئۆيگە چىقىپ بىرگە تۇرۇپ داۋاملىق مېھمان ئۇزۇتىشىدۇ.ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە كەلدى-كەتتى مېھمانلار ئۈزۈلمەيدۇ.بۇلارغا كېرەكلىك تاماقنى ئۆي ئېگىلىرى ئەتمەيدۇ.خولۇم-خوشنىلار داۋاملىق تاماق ئېتىپ ئاچىقىپ تۇرىدۇ.ئادەم كۆپ بولغاچقا تاماق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.(ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار ئىش بولغاچقا خوشنىلار ۋە شۇ مەھەللىدىكىلەر بۇ خىل تاماق سۇنۇشۇشقا كۆنۈك، ھىچكىم نارازى بولۇپ قارشى چىقمايدۇ)

ئىككى ئۈچ كۈنگىچە ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغان مېھمانلار زادى كىملەر؟ يۇرت چوڭ بولغاچقا ئادەم كۆپ بولىدۇ.ھەممىلا ئادەم مىيىت ئۇزاتقان كۈنى كېلىپ بولالاماي قالىدىكەن.كېيىن كېلىدىغانلار ۋاقتىدا كېلەلمەي پەتىلەپ كەلگەنلەر بىلەن بۇرۇن يېقىن ئۆتۈشكەن دوست بۇرادەرلەر بولۇپ ئۇلار پەتىلەپ كەلگەچ ئۆلۈم ئۇزۇتۇپ قارىلىق بولغانلارغا ئىسسىقلىق(پۇل)قويىدۇ.ئەلۋەتتە ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت پۇللا ئەمەس.يەنە داستىخان كۆتۈرۈپ كېلىدۇ.ئۇنىڭدا قەن-ناۋات،قۇيماق،سامسا،رەخت دېگەندەك نەرسىلەرمۇ بار بولغان بولىدۇ.بۇنداق سوۋغىلارنى بەزىلەر قوبۇل قىلىدۇ،يەنە بەزىلەر:‹‹كىشىنىڭ ھەققىنى قوبۇل قىلىپ ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن نەزىر چىراق بەرسەك نەزىرىمىز قوبۇل بولمايدۇ!››دەپ كەلگەنلەرنىڭ ھېچقانداق سوۋغىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

ئۆلۈم ئۇزۇتۇپ بولۇنغاندىن كېيىن ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇق تۇققانلىرى تەييارلىق قىلىپ پۈتۈن يۇرت ئەھلىنى چاقىرىپ نەزىر ئېشى بېرىدۇ.بارلىق جامائەتلەر ئەتىگەندە يەنە بامدات نامىزىدىن يېنىپ نەزىر بولغان ئۆيگە جامائەت بويىچە كېلىشىپ ھويلىدا ۋە ئۆيلەردىكى كىگىز-گىلەملەر،  كۆرپە-يىكەندازلار ئۈستىدە رەتلىك يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشىدۇ.ئۇلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىلىدۇ.ئاندىن داستىخان سېلىنىپ نەزىر نېئىمەتلىرىنى ھەر بىر مېھماننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ قويۇشىدۇ.مېھمانلار تاماقتىن يەپ،سوۋغاتلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن خەتمە قۇرئان قىلىپ دۇئادا ساۋابىنى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ كېتىشىدۇ.

ئەمدى نەزىردە نىمىلەر بېرىلىدىغانغا كەلسەك، نەزىر ئېشى بېرىش قائىدىسىدە بۇرۇنقى يېمەكلىك بىلەن ھازىرىقىسى ئوخشىمايدىغان بولدى.بۇرۇن چوڭ داشقازانلاردا پولۇ ئېتىلىپ گۆش پىشۇرۇلاتتى.مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئالدى بىلەن لىگەن ياكى تەخسىلەردە پولۇ ئەكىلىنەتتى(بەزىلەر مانتىمۇ پىشۇرۇپ پولۇ ئۈستىگە 2-3تىن مانتا باساتتى)ئىككىنچى قېتىمدا گۆش بىلەن نان  تارقىتىلاتتى.گۆشنىڭ چوڭلىقى ئۆي ئېگىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ چوڭ-كىچىك بولاتتى.

لېكىن ھازىرقى كىشىلەر نەزىرلەردە پولو ئەتمەيدىغان، چوڭ كالىدىن بىرنى ياكى ئىككىنى سويۇپ ئۇنىڭ گۆشى بىلەن مېھمان ئۇزىتىدىغان بولۇپ كەتتى.بۇنداق نەزىردە ئالدى بىلەن ھەر بىر مېھماننىڭ ئالدىغا بىر چىنىدىن شورپا ئېلىپ كېلىنىدۇ.شورپىدا توخۇ تۇخۇمىدەك چوڭلۇقتا گۆش بولىدۇ.سىز ئۇ گۆشنى يەپ داستىخاندىكى نان بىلەن شورپىنى ئىچىسىز.ئاڭغىچە زەللە بىلەن بىللە مېھماننىڭ ئالدىغا ساۋاپلىق ئىزدەپ قويۇلىدىغان سوۋغات بويۇم ئېلىپ كېلىنىدۇ.بۇ بويۇمنىڭ تۈرى ئاساسەن قېلىپلىشىپ قالغان.كۆپرەك ئۇچرايدىغانلىرى ئەرلەرگە دوپپا، ئاياللارغا رومال،ياكى ھەر ئىككى تەرەپكە بىردىن جايناماز تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭغا يېتىشەلمىگەنلەر لۆڭگىدەك ئەرزان ئەمما رولى چوڭ نەرسىلەرنى تارقىتىدۇ.ئۇنىمۇ قىلالمىغانلار گۆش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ. يەنە ھەر بىر مېھماننىڭ ئالدىغا سوۋغات بۇيۇم بىلەن بىللە يەلتاراق خالتىغا سېلىنغان بىردىن نان ۋە غاز تۇخۇمىدەك چوڭلۇقتىكى گۆش قويۇلىدۇ. (بۇ خىل نەزىر بېرىشكە 10-15مىڭ يۈئەنچە پۇل كېتىدۇ)بۇخىل نەزىر بەرگۈچىلەردىن:‹‹نىمىشقا پولۇ ئەتمىدىڭلار؟ پولۇ ئەتسەڭلار چىقىم ئازراق بولۇپ ئىقتىسادچىللىق بىلەن نەزىر بەرگەن بولمامتىڭلار›› دەپ سورىسىڭىز ئۇلار:‹‹خەق باي بولۇپ كېتىپتۇ،قىينىلىپ پولۇ قىلىپ ئالدىغا ئاپارساق تۈزۈك يىيىلمەيلا ئاشۇرۇپ قويۇلىدىكەن.كۆپلىگەن مېھمانلار شۇنداق قىلىدىكەن. بىر مېھماندىن قالغىنىنى باشقا مېھمانلارغا ئېلىپ بارغىلى بولمايدىكەن.شۇنىڭ بىلەن پولۇنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئېشىپ قېلىپ بۇزۇلۇپ كېتىدىكەن.نەزىر بېرىش ساۋاپلىق ئىش،ساۋاپلىق ئىزدەپ نەزىر بېرىپ ئاش تاماقنى بۇزۇپ چېچىۋەتسەك ئىسراپچىلىقنىڭ جازاسىنى تارتىمىز.شۇڭا ئاز بولسىمۇ مېھمانلارنىڭ كۆڭلى تارتىدىغاننى قىلايلى دېدۇق›› دېيىشتى.ئويلاپ كۆرسەم بۇمۇ توغرا پىكىر ئىكەن.ئەمما بۇ ئۇسۇل بايلارغا توغرا كەلگەن بىلەن نامراتراق،ئىقتىسادى كۈچى تۆۋەنرەك كىشىلەر ئۈچۈن بېسىم بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېنىق.شۇڭا بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش،نەزىرنى قانداق بېرىشنى نەزىر بەرگۈچىلەر  ئويلىشىپراق بىر ئىش قىلسا بولغۇدەك.

مېنىڭ شەخسى  قارىشىم مۇنداق:نەزىر بېرىشتىن مەقسەد مەرھۇم ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ ساۋاپقا ئېرىشىش،يۇرت جامائەتنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ ئۇلارنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش.جامائەتنىڭ دۇئاسى ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىغا مەغپىرەتلىك تىلەش.بۇ مۇددىئاغا پەقەت داستىخان سېلىش،يىمەك-ئىچمەك، سوۋغات بېرىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولماسلىقى مۈمكىن.مەنچە ھازىر توقچىلىق زامان، شۇڭا ئەل يۇرتقا يېمەك-ئىچمەك تارقىتىپ  بېرىپ نەزىر بەرگەندىن كۆرە، نەزىرگە ئاتىغان شۇ پۇلنى باشقا ساۋاپلىق ئىشلارغا ئاتاپ شۇ ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ روھىغا تەسكىن بەرگەن تۈزۈك.مەسىلەن:كۆۋرۈك ياساش،يول ياساش،قاقاسلىق يەرلەرگە ئورمان سېلىپ كۆكەرتىش،ئۇن-ياغ،گۈرۈچ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا تارقىتىپ بېرىش،قىشتا كۆمۈر سېتىۋېلىپ ئىسسىنىشتا قىينالغانلارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىش،ئېغىر  كېسەل بولۇپ قېلىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىشتا قىينىلىپ قالغانلارغا ياردەم قىلىش،مەسچىت سېلىش،ئۆيى يوقلارغا ئۆي سېلىپ بېرىش،مەكتەپ قۇرۇش،دوختۇرخانا قۇرۇشلارغا ياردەم قىلىش،نامرات بويتاقلارنى ئۆيلەپ قويۇش...دېگەندەك ئىشلارغا ئىشلەتسە ساۋابى بەكمۇ ئۇلۇغ ۋە چوڭ بولىدۇ.

ئەمدى ئۆلۈم ئۇزۇتۇلۇپ بولۇنغان ۋە نەزىر بېرىلگەندىن كېيىنكى ئىشلار  ھەققىدە توختىلىمىز. ئۆلۈم ئۇزۇتۇلۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى قىرىق كۈنگىچە ئۆلگۈچىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ئەڭ يېقىن تۇققانلىرى ھەر كۈنى سەھەردە تۇپراق بېشىغا بېرىپ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ خەتمە قۇرئان قىلىپ ساۋابىنى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ ئاندىن ئۆيىگە يانىدۇ.(ئايرىم كىشىلەردە بىرەر-ئىككى كۈن ياكى بىرەر ھەپتە كېچىسى تۇپراق بېشىدا تۈنەپ قۇرئان ئوقۇيدىغان ئىشلارمۇ بار) بۇ جەرياندا پەرزەنتلەر قارىلىق تۇتۇپ ئۆلۈم بولغان ئۆيدىن ئۆز ئۆيىگە قايتمايدۇ. ‹‹قارىلىق تۇتۇش›› دېگەندە ئاياللار قارا رەڭلىك ھىجاپلىق كىيىملەرنى،ئەرلەر بېشىغا تۇماق ياكى دوپپا كىيىپ سەللە ئوراش،ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپان كىيىپ ئاق پوتا بىلەن بېلىنى باغلاپ يۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.ئاياللارنىڭ ھىجاپلىق كىيىملىرى ئىچىدە كۆپرەك ئومۇملاشقىنى قارا ئۇزۇن چاپان كىيىپ،ئۇزۇن ئاق لىچەك ئارتىشنى كۆرسىتىدۇ.ئاز ساندىكىلىرى بېلىنى باغلىۋالىدۇ.بۇ جەريادا ئۇلار ھەرقانداق ئويۇن-تاماششا ۋە باشقا كۆڭۈللۈك،ھوزۇرلۇق  ئىشلارنى تەرك ئېتىدۇ،ھەتتا ئەرلەر چاچ ساقىلىنىمۇ ياساتمايدۇ،ئاياللار چىرايلىق ياسىنىپ تارانمايدۇ.

ئۆلۈپ كەتكۈچىگە قىرىق كۈن توشقاندا(بەزىلەر 35-38كۈنلەرگىچە قارىلىق تۇتىدۇ) مەرھۇمنىڭ قىرىق كۈنلۈك نەزىرىسى بېرىلىدۇ.بۇ نەزىرنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمايدۇ.ئۇنىڭغا ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن مەھەللە جامائىتىلا چاقىرىلىدۇ.نەزىرلىك تاماق ئۈچۈن بىرەر ئىككى قوي ئۆلتۈرۈلۈپ ئاق ئاش(پولۇ)قىلىنىدۇ.مەھللە جامائىتى تارقاپ بولغاندىن كېيىن ئۇرۇق-تۇققانلار،خىزمەتداشلار ۋە دوست بۇرادەرلەر  ئۆلگۈچىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قارىسىنى ئۇشتىدۇ.‹‹قارىسىنى ئۇشتۇش››دېگەنلىك ئۇلارغا تەسەللى-خاتىر بېرىپ غەملىك ياشاشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، تەقدىرگە تەن بېرىپ،بۇرۇنقى چۈغلاردىكىدەك كۆڭۈللۈك، خۇشال-خورام ياشاشقا قايتۇرۇپ كېلىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇرۇن  ياتلىق قىلىنغان قىرىق كۈن جەريانىدا ئۆلۈم بولغان ئۆيدە تۇرۇپ ئۆز ئۆيىگە قايتالمىغان، قىزلارنى ئەرلىرى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇپ كېتىدۇ.ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئوغۇللارمۇ ئۆز ئۆيلىرىگە چىقىپ كېتىشىدۇ.

مەنبەسى:ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 12:07 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hokumran + 500 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:22:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمزنىڭ قەلەمگە ئېلنىپ يوللۇنۇپ تۇرلىشى ئۇنىڭ «بىمەزگىل ئسلاھات» بۇلۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالسا ھەجەپ ئەمەس، شۇنداقلا كۆپلەرنىڭ بىلىپ قېلىشىغىمۇ زور پايدىسى بار ئەھمىيەتلىك ئەمگەك. سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ھەققىدىكى ئىزدىنىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن! سالامەتلىك بىزلەرگە يار بولسۇن.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتىلىك بىلەن،    يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:31:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىيىت نامىزى ئوقۇشنىڭ ئالدىدا قىلىنىدىغان يەنە مۇنداق بىر ئىش بار.يەنى چارۋا سەدىقە قىلىپ مىيىتكە مەغپىرەت تىلەش.ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق. ‹‹شەرىئەتتە قىزلار توققۇز ياشقا،ئوغۇللار ئون ئىككى ياشقا كىرگەندە ئىسلام دىنىنىڭ پەرىزلىرىنى ئادا قىلىش پەرز بولىدۇ››دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا پەتىلەپ كەلگەن بارلىق جامائەت ئولتۇرغان سورۇندا  مەرھۇمنىڭ يېشى ئېنىقلىنىپ پەرىز ئۆتەش يىل چەكلىمىسى ھېساپلاپ چىقىلىدۇ.بۇنىڭدا ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن چاغدىكى يېشىدىن ئەر بولسا ئون ئىككى ياشنى،ئايال بولسا توققۇز ياشنى چىقىرىۋېتىپ ئۇنىڭ ئىسلام پەرىزلىرىنى ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان يېشىنى ھېساپلاپ چىقىدۇ ۋە شۇنچە قېتىم چارۋا سەدىقە قىلىدۇ.مەسىلەن: ئۆلۈپ كەتكۈچى 87 ياشلىق ئەر بولغان بولسا، ئۇنىڭ يېشىدىن  ئون ئىككى ياشنى چىقىرۋەتسە يەتمىش بەش يىل قالىدۇ.دېمەك ئۇ ئۆمرىدە يەتمىش بەش يىل دىنى پەرىزلەرنى ئۆتەش مەجبۇرىيىتىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.بۇنداق قىلىشتىن مەقسەد ئادەم ئۆمرىدە كېسەل،جىددى ئەمگەك ياكى خىزمەت،سەپەر دېگەندەك تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پەرز نامازلىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالمايدىغان،رامىزان رۇزىسىنى تولۇق تۇتالماي قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدىكەن. مانا شۇ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكى ئۈچۈن مال ياكى ئاشلىق  سەدىقە قىلىدىغان ئەھۋال بار ئىكەن.بۇنى بەزى يەرلەردە ‹‹قەبزى تۇتۇش››دەپ ئاتايدۇ.ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق.پەتىلەپ كەلگەن بارلىق جامائەتلەر ئولتۇرغان سورۇندا ئۆلۈپ كەتكۈچىنىڭ يېقىن تۇققانلىرىددىن بىرى مەرھۇمنىڭ شەخسى مۈلكىگە تەۋە چارۋىلاردىن بىرەر ئات،كالا ياكى تۆگىدەك گۆشى ھالال چارۋىدىن بىرنى بېشىدىن باغلاپ سورۇنغا ئېلىپ كېلىپ شۇ مەھەللىنىڭ ئىمامىنىڭ  ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ.ئاندىن ئۆلۈپ كەتكەن تۇققىنىىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت بولۇشىنى تىلەپ بىر تۇياق چارۋىنى سەدىقە قىلغانلىقىنى جاكالايدۇ.ئىمام:

-مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكى ئۈچۈن بۇ كالىنى(ياكى ئاتنى)تاپشۇرۇپ ئالدىم.لېكىن مەرھۇمنىڭ ئۆيىدە ئۇششاق بالىلىرى،قورامىغا يەتكەن لېكىن تېخى ئۆيلەپ بۆلەك چىقرىپ قويال،مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى بار ئىكەن.ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق خېلى ئېغىر ئىكەن.مەن بۇ سەدىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يەنە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا قايتۇرۇپ بەردىم،-دەپ چارۋىنىڭ چۇلۋۇرىنى يەنە ئۆي ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.كېيىن ئۆي ئېگىسى يەنە ‹‹بەردىم›› دەپ چۇلۋۇرنى ئىمامنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ.ئىمام:‹‹ئالدىم››دەپ يەنە چۇلۋۇرنى ئۆي ئېگىسىنىڭ قولىغا قايتۇرىدۇ.بۇ خىل ‹‹ئالدىم-بەردىم›› دېيىشىشلەر ھېلىقى ياش ھېسابلاشتا قانچە چىققان بولسا شۇنچە قېتىم داۋاملىشىدۇ.مەسىلەن: بايىقى ھېساباتتىكى ئادەمنىڭ پەرزەنتى بىلەن ئىمام ئوتتۇرسىدا چۇلۋۇرنى ئېلىش ۋە قايتۇرۇپ بېرىش يەتمىش بەش قېتىم داۋاملىشىدۇ. ئاخىرى مال يەنە ئۆي ئېگىسىنىڭ قولىغا قايتۇرۇپ بېرىلىپ جامائەت مەرھۇمنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.


       يۇقارقىسى تېما مەزمۇنىنىڭ بىر قىسمى   


خەلقىمىز  ئىچىدە بۇنداق ئۆلۈم ئۇزۇتۇش تەرتىۋىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغانتىم     .



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:36:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر مۇسۇلمان ئۆلۈپ قالسا باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ نامزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۆلۈپ قالغان مۇسۇلمانغا مېيىت نامىزى ئوقۇش تەۋبە سۈرىسىنىڭ 84 – ئايىتىنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن يولغا قويۇلغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز زامانىدا ۋاپات بولغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مېيىت نامىزى ئوقۇغان ۋە مۇنداق دېگەن:
«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا بەش تۈرلۈك ھەققى بولىدۇ: سالامنى ئىلىك ئېلىش، كېسەلنى يوقلاش، ماتەم مۇراسىمىگە قاتنىشىش، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋە چۈشكۈرگەن كىشى ئەلھەمدۇ لىللاھ يەنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن دېسە، يەرھەمۇكەللاھ يەنى ئاللاھ تائالا ساڭا رەھمەت قىلسۇن، دېيىش»

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:38:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ھەقىقەتەن ياخشى يوللىنىپتۇ

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:41:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
             شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەپنە مۇراسىم ئادىتى



        دەپنە مۇراسىمى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا شەكىللەنگەن بىر خىل سۈرلۈك تۈس ئالغان مۇراسىم شەكلى بولۇپ ، مۇراسىم ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ .

        ئۇيغۇرلاردىن بىرەرى قازا قىلسا مېيىتنى شۇ ھامانلا دەپنە قىلىۋەتمەيدۇ . قازا يۈز بەرگەندىن كېيىن ، يېقىن ئەتراپتىكى قەبرىستانلىقتىن يەرلىك، يەنى مىيىت كۆمۈلىدىغان يەر ئۇقۇشىدۇ ،ئاندىن كۆمۈشنىڭ ئالدىدا مىيىتنى يۇيۇپ يەرلىكىدە قويىدۇ. قازاقىلغۇچى ئەر بولسا بىر نەۋرە شىرەم ئاغىلىرى ، بوۋىلىرى يۇيىدۇ ياكى مەخسۇس يۇغىچىلار يۇيىدۇ، ئۇلار يۇيۇشقا قاتناشسا بولىدۇ. ئەگەر قازا قىلغۇچى ئايال بولسا، تەڭتۇش ياشتىكىلەر يۇيۇشقا قاتناشسا بولىدۇ. مېيىت يۇيۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئاق داكا بىلەن ئورىلىدۇ، ئەرلەر ئۈچ قات ، ئاياللار بەش قات ئورىلىدۇ. مېيىتنى يۇيغاندا باشقىلار ئىچىگە كىرسە بولمايدۇ ،ئاخۇنلار مېيىت يۇيۇلۇۋاتقان ئۆينىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قازاقىلغۇچى ئۈچۈن  دۇئا – تىلاۋەت قىلىپ ، قازا قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى تىلەيدۇ.(كىچىك بالىلارنىڭ گۇناھىنى تىلىمىسىمۇ بولىدۇ،كىچىك بالىلارنىڭ گۇناھى بولمايدۇ).

       مېيىت پاكىز يۇيۇلغاندىن كېيىن يۈزى غەربى جەنۇبىي تەرەپكە قارىتىپ ياتقۇزۇلۇپ ، ئېڭىكى چېتىلىغاندىن كىيىن پاكىز ، ئاق كېپەنگە ئورىلىدۇ . قازالانغۇچىنىڭ يىراق –يېقىندىكى ئۇرۇق–تۇغقانلىرى كېلىپ مېيىت بىلەن ۋىدالىشىدۇ ئاندىن مېيىت تاۋۇتقا سېلىنىپ مەسچىتكە ئاپىرىپ ئىسلام قائىدىسى بويىچە نامىزى چۈشۈرۈلۈپ ، جامائەتچىلىكنىڭ رازىلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ ، گۇناھلىرى ساقىت قىلىنغاندىن كېيىن قەبرىستانلىققا ئاپىرىپ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان يەرلىككە قويۇلۇپ ئۈستىدىن توپا تاشلاپ يەرلىككە قويۇلىدۇ، روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلىدۇ . ئۆلۈم ئىگىلىرىدىن ئەرلەر بېشىغا سەللە ئورايدۇ ، ئاياللار ئاق رومال ئارتىدۇ . مۇسۇلمانلاردا مېيىت ساندۇققا سېلىنمايدۇ .

      يەرلىك چاسا شەكلىدە بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ، كەڭلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ ، يەرلىكنىڭ يان تەرىپىگە بىر ئورەك كولاپ قويۇلىدۇ . قازا قىلغۇچى مۇشۇ ئورەك ئارقىلىق قەبرە ئىچىگە قويۇلىدۇ. يەرلىكنىڭ سىرىتقى كۆرۈنۈشى ئاساسەن چاسا شەكىلدە بولىدۇ ، بەزىلىرى يۇمىلاق بولىدۇ. قەبرە ئۈستىگە ئىسلام قائىدىسى بويىچە  ئاي شەكلى چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ. ئۇيغۇرلار قەبرىلەر بار جاينى ‹‹مازار›› دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار قازا قىلغۇچى تۈگەپ ،ئۈچ كۈن، يەتتە كۈن، قىرىق كۈندە بىر قېتىم نەزىر قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق قازا قىلغۇچىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ.




http://www.xohbala.com/showart_madaniyat.asp?art_id=468

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
saralik312 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:45:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 01:44:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا رەھمەت!  خېلى نۇرغۇن نەرسىنى بىلىۋالدىم!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 08:04:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ، چۈشىنىشلىك بايان قىلىپسىز ، رەھمەت سىزگە ، ئەلۋەتتە ئۆلۈم دېگەن ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار . شۇڭا ئۆلۈمنى ئويلاش بىلەن بىرگە ئۇ دۇنيالىق ھېساب كىتاپنىمۇ ئويلاپ قويۇشىمىز كېرەك .
باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقىش جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئېسىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم .
ئاخىرىدا بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ ، شۇنداقلا مەرھۇم دادامنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بۇلۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 10:15:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە  ھازېر مۇشۇ  ئېشلارغېمۇ بەزې بېدئەتلەرمۇ  قۇشۇلۇپ قالاۋاتېدۇ   رەسۇللاھ مۇنداق ئېشلارنې  بېزلەرگە  كورسەتكەن دېسە  يەنېلا  بېر قېسېم كېشېلەر ئوزنېڭ خايېشې بويېنچە ئېش قېلېۋاتېدۇ  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش