مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 853|ئىنكاس: 8

تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:05:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس



مو جىنجىن


  تور نۇرغۇن كىشىلەرگە «ئەڭ قالتىس ھەم ئەڭ ئاۋات» جايدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. يېڭى كۆزنەك بولمىش ئىنتېرنېت تورى ئىجتىمائىي ئالاقە، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، سودا ئالدامچىلىقلىرى، يامان نىيەتتە زەربە قىلىش، پىتنە-ئىغۋا تېرىش ۋە تارقىتىش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى.

  تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتقان ئىنتېرنېت تورى ئىشلىرىدا، تورغا چىقىش ئاسان بولغانلىقى،تورنىڭ مەۋھۇملۇقى، تورغا چىققۇچى سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن كىشىلەر «ھېچبىر ئويلانمايلا» ئۇنىڭغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن تور دۇنياسىنىڭمۇ قانۇننىڭ سىرتىدا ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. توردىكى سۆز-ھەرىكەتلەرمۇ مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە بولغان زىيىنى مەۋھۇم دۇنيادىن ھالقىپ كېتىدۇ. ئاشۇ ئالدانغان، ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان ۋە زەربە يېگەنلەرنىڭ ئازابى ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭكىدىن قىلچە يېنىك ئەمەس.




  مەنبە: خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/158504/15281397.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

http://www.dolanlik.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7539
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11319
تۆھپە نۇمۇرى: 1085
توردا: 11364 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 11:01:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما يوللىغۇچىنى يار لىۋىگە  قىستاۋاتقانلار دەل  قالايمىقان ئىنكاس يوللىغۇچىلاردۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolanlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 11:01 AM  


كۈزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر.

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5509
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 11:38:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dolanlik يوللىغان ۋاقتى  2012-12-21 11:01 AM
تىما يوللىغۇچىنى يار لىۋىگە  قىستاۋاتقانلار دەل  قالاي ...

راس گەپ.

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 808
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1490
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 551 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 11:42:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ.............شۇ...........شۇ...........شۇ......................

تىما يوللىغۇچى چوقوم تىمىنىڭ مەركىزىي ئىددىيسىنى ئىنىق ئىپادىيەلمىگەندە بۇ خىل تولۇقلىما خاراكتىردە نۇرغۇن تىمىغا قارىشى ۋە قوللاش خاراكتىردىكى ئىنكاسلارنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلمى بولغان ئەخلاق قارشىمىزنى يېتىلدۈرۈپ ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ ،  توردا پىكىر بايان قىلغاندا  ، توردىكى سۆز-ھەرىكەتلەر  مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا قانۇنغا خىلاپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنچىلىكىدىن ساقلىنىپ ، ئۆزىمىزنى ھەم ئۆزگىلەرنى بىلسەك  ، ئوخشاش پىكىردە بىرلىككە كېلىپ ، ئوخشاش بولمىغان پىكىردە ئۆز كۆز قارشىمىزنى ساقلاپ قالساق  ، پىتنە - پاساتتىن ساقلىنىپ ، مىللىتىمىزنىڭ ئىسىل ئەخلاق - پەزىلەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تورچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەر بىر تور ئەھلىنىڭ تېگىشلىك مەجبۇريىتى بار  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8356
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2545 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 04:16:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خەۋەرنىڭ دىمەكچى بولغىنى، تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى يەر ئەمەس، پۇقرالانىڭ توردىمۇ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئىنكاس تېمىلار سەۋەپسىزلا ئۆچۈرۈلسە تورداشلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا دەخكى تەرۇز قىلىنىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ دىگەنلىك.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36025
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7110 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 05:19:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىسياتنى ئەقلنىڭ ئالدىغا قۇيۇۋالغانلار دىققەت قىلڭلار!

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1441 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 11:52:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرھەق

زىيادە كۈلكە ۋە خۇشاللىقتىن قورقىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17733
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 12:39:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  توردىكى سۆز–ئىبارىلەرنىڭ چېكى بولۇشى كېرەك

گو شېڭ

   ‹‹بىر ئادەمنىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىش ئەركىنلىكى باشقىلارنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستىغىچە بولۇشى كېرەك››. بۇ مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدۇ: سۆز – ھەرىكەتنىڭ چېكى بولۇشى كېرەك، كىشىلەر ئەركىنلىكنى پەش قىلىپ باشقىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىدىكەن، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولىدۇ.

   بۈگۈنكى ‹‹ھەممەيلەننىڭ مىكروفونى بار››، ‹‹ ھەممەيلەن ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا ئايلانغان›› ئەھۋال ئاستىدا، تور پىكىر بايان قىلىش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى ھەم تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ئاتا قىلدى. ئەمما ئەركىنلىكنىڭ مۇۋاپىق پاسىلى قەيەردە؟ بۇ مەسىلىدە چوقۇم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش زۆرۈر.

   تور دۇنياسى رېئال دۇنيانىڭ بىر قىسمى. توردا پىكىر بايان قىلىشتا ئوخشاشلا قانۇن ۋە ئەخلاققا ئەمەل قىلىش كېرەك. مۇبادا ئەركىنلىك پەش قىلىنىپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلىنسا، ھاقارەت كەلتۈرۈلسە، باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتى، تاۋار ئىناۋىتى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسا، بۇنداق قىلمىش قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك ھېسابلىنىدۇ؛ مۇبادا ھەققانىيلىقنى باھانە قىلىپ، مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمىساق، ھەتتا كۆز بويامچىلىق قىلىپ رېئاللىقنى بۇرمىلىساق، ئوخشاشلا، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.

   بۇلتۇر ئەنگلىيەدە مالىمانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش ۋەزىر كامېرون: ‹‹ئۇچۇر ئەركىنلىكى ئارقىلىق ياخشى ئىش قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما يامان ئىش قىلغىلىمۇ بولىدۇ›› دەپ ئېغىر خۇرسىنغانىدى. تور بىزگە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ئاتا قىلدى ھەم تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلىدى. مەسئۇلىيەت پاسىلىنى بېكىتىپ، قانۇنلۇق بىلەن قانۇنسىزلىقنىڭ ئۆلچىمىنى بەلگىلىگەندىلا، ئەركىنلىكتىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولۇپ، ھوقۇقنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتالايمىز.



http://www.yarp.net.cn/uighur/co ... /content_253946.htm

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش