مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3743|ئىنكاس: 32

ھوللىۋود نېمىشقا «قىيامەت» كىنولىرىنى ئىشلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1496
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9324
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 668 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:39:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوللىۋودنىڭ «قىيامەت» فىلىملىرىنى ئىشلىشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى


يېقىندىن بۇيان «قىيامەت كۈنى»گە ئائىت ئاجايىپ سۆز-چۆچەكلەر تارقىلىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇشقا باشلىدى. مانا مۇشۇنداق سۆز-چۆچەكلەرنىڭ تارقىلىشىدا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق فىلىمى «2012»نىڭ «تۆھپىسى»نى بىر ياققا قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھوللىۋودتىكى رېژىسسورلار كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئېنىقسىز قىزىقىشلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ «قىيامەت كۈنى» بولىدىغانلىقىغا ئائىت فىلىملەرنى ئىشلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا مانا مۇشۇنداق «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىگە چوقۇنىدىغان، بۇنداق قىياسلارغا ئىشىنىدىغانلار بارغانچە كۆپىيىپ، «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىنى ئىشلىگۈچىلەرگە ياخشى سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىۋاتماقتا.

ھوللىۋود فىلىملىرىدىكى يەر شارى يۈز كېلىدىغان «ئاپەتلەر»

(1) تەبىئىي ئاپەت

«2012» ناملىق فىلىمدە ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، يەر تەۋرەپ، دېڭىز تاشقىنى، كەلكۈن ئاپىتى، قارا قۇيۇن قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بېرىپ كىشىلەر يەر شارىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. بۇ فىلىمدە 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيىدە يەر تەۋرەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. دېگەندەك 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ياپونىيىدە يەر تەۋرىشى بىلەن كىشىلەر «قىيامەت كۈنى» نىڭ كېلىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىشەنگەن.

(2) تاشقى پىلانىت ئادەملىرى يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىدۇ

«مۇستەقىللىق كۈنى» ناملىق فىلىمدە، ئامېرىكا خەلقى مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقاندا تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

(3) ماشىنا ئادەملەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى

«ئاخىرلاشتۇرغۇچى » ناملىق فىلىمدە 2029-يىلى دۇنيادىكى پۈتۈن ماشىنا ئادەملەر ئۆزگىرىپ ئادەملەرنى كونترول قىلغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ قىرغىن قىلىپ دۇنيا ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان.

(4) ئالەم ئاپىتى

«ئاسمان-زېمىننىڭ چوڭ سوقۇلۇشى» ناملىق فىلىمدە ئامېرىكىدىكى ئاسترونومىيىگە قىزىقىدىغان رىئو ئىسىملىك ئوقۇغۇچى يېڭى بىر يۇلتۇزنى بايقايدۇ. كىشىنى ئەڭ چۆچۈتىدىغىنى بۇ يۇلتۇز دەل يەر شارىغا قاراپ كېلىۋاتقان بولۇپ يەر شارى بىلەن سوقۇلسا ئىنسانىيەتنى يوق قىلىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى.

ھوللىۋود نېمىشقا ئارقا-ئارقىدىن «قىيامەت كۈنى» فىلىملىرىنى ئىشلەيدۇ؟

كىشىلەردە «قورقۇنۇش»پەيدا قىلالىسىلا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، مايالىقلار پەرەز قىلغان «زامان ئاخىرى» بولىدىغان كۈندۇر.
ئەمما بۇ پەرەز ئاللابۇرۇن ئىنكار قىلىنغان.


ھوللىۋودنىڭ «زامان ئاخىرى» فىلىملىرى نېمىشقا ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ؟

ئىلگىرى ھوللىۋود فانتازىيە فىلىملىرىنى تەتقىق قىلغان رېژىسسور شى لېي:«زامان ئاخىرى فىلىملىرىنىڭ ھەممىسى فانتازىيىنى ئاساس قىلغان، پۈتۈن كىشىلەرنىڭ ئېنىقسىز كەلگۈسىگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشى ھوللىۋودنىڭ بۇ ئارقىلىق پۇل تېپىش ئىستىكىنى قوزغىغان» دەپ قارىغان. ھوللىۋودتا مۇنداق بىر گەپ بار «پەقەت كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنى قورقىتالايدىغان فىلىم بولسىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. زامان ئاخىرىغا مۇناسىۋەتلىك فىلىملەر ئۇنىڭ مىسالى».
جۇڭگولۇق داڭلىق فىلىم ئىشلىگۈچى خې شېن: «كىنو-فىلىم نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھوللىۋود فىلىملىرى (يامان غەرەز) بىلەن ئىشلەنگەن، فىلىمنىڭ تەپسىلاتلىرى پەقەت پەرەز ۋە ئويدۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق بايان قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلارنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلغا ئېرىشىش. دېگەندەك بۇ فىلىم دۇنيا مىقياسىدا كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كىنوخانىلارغا بېرىپ بۇ فىلىمنى كۆرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېگەن.
ھوللىۋود رېژىسسورلىرى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى يەر شارىنى يوقىتىۋېتىش خاراكتېرىدىكى بىر فىلىمنى ئىشلەپ ھەمدە بۇ فىلىمدە يەنە يەر شارىنى قۇتقۇزۋالغۇچىدىن بىرنى پەيدا قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. بۇ دەل ھوللىۋود سودا فىلىملىرىنىڭ لوگىكىلىق چۈشەندۈرۈلۈشى. ھوللىۋودنىڭ «2012»، «يەر شارى توختاپ قېلىش»، «ئاسمان-زېمىننىڭ چوڭ سوقۇلۇشى»، «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» ناملىق فىلىملەر دەل ئۇنىڭ مىسالىدۇر.
★★★★★
http://www.uycnr.com/wh/201212/t20121220_424037.html
★★★★★

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5914
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:46:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەگىلە قارىسا مۇشۇ گەپ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالماس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-20 11:46 PM  


ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5910
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇغ ئاللاھدۇر ، ئاللانىڭ بۇيرۇقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ ، پەقەت ئاللاھقىلا ئىشنىمىز ....

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرلا ئېغىز گەپ شۇ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.ئەمدى شۇنىڭدەك ئاپەت خاراكتېرلىك كىنولار مەلۇم جەھەتتىن  كىشلەرنى يەرشارىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە،مۇھىتنى ئاسىراشقا چاقىرىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.ئۇنى ئارتۇقچە بۇرمىلاش، زىغىرلاش نەھاجەت؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 12:00 AM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86595
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2186
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:07:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار خەقنىڭ پىسخىكىسىدىن قانداق پايدىلنىشنى بىلىدۇ.

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتىلىك بىلەن،    يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.
saralik312 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:19:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

不放弃,不抛弃

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 279
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9879
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 199 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:21:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىيامەت كۇنى سىز شۇ كىنۇلاردىكىدەك قاچالامسىز،،،،،،،،،.ئاللاھنىڭ (بارلىق ھەمدۇ سانالار بىر ئاللاھقا بولسۇن)بۇيرىقىسىز قىيامەت بولمايدۇ.   قىيامەت كۇنى ئاللاھ ھەممىمىزگە ياخشى نام ئەمەللەرنى بەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:22:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھوللىۋود نېمىشقا «قىيامەت» كىنولىرىنى ئىشلەيدۇ؟

     جاۋاب  :   پۇل ئۈچۈن ئىشلەيدۇ  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88723
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 271
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:47:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                              
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۈچى،بۇ مىنىڭ تۇنجى يوللانمام.تەھىرىرلەپ قويسىڭىز.








           

تەربىيىنىڭ تەسىرى توغرىسىدا

      بىر ۋەزىرنىڭ بىر دۆت ئوغلى بارئىدى؛ئۇنى بىر ئالىمنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ،بۇنىڭغا تەربىيە بەرسىڭىز،بەلكىم،ئەقىللىق بولۇپ قالارئىدى،دېدى.ئالىم ئۇنىڭغا ئۇزاق ۋاقىت تەلىم بەردى،ئەمما نەتىجىسى بولمىدى.ئالىم ئاخىر بالىنىڭ دادىسىغا كىشى ئەۋەتىپ:<بۇ بالا ئەقىللىق بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،مېنى ساراڭ قىلىۋەتتى!>دېدى                                         تېز يۇقار تەربىيە ىنسان زاتىغا،      ئەسلى تەبىئىتى بولسا قوبۇلچان.    پاقىراق بېرەلمەس تۆمۈرگە زادى ،   سەيقەلنىڭ سۈپىتى  بولسا گەر يامان.      يەتتە رەت يۇيساڭمۇ دەريادا ئىتى،      يەنىلا ئىپلاستۇر بولسا ئۇ ئامان.    ئىيسانىڭ ئېشىكى مەككىگە بارسا،     قايتقاندا يەنىلا ئېشەكتۇر ھامان.               [مەنبەسى:شەيخ سەئدىنڭ<گولىستان>نامىلىق ئەسىردىن ئېلىندى.]                                                                                                                                                                                                                                    


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:51:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنلا شۇ گەپ ،ئىشەنمەڭلار ئاغىنلەر،كۇپۇر كىتىسىلەر......

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش