قۇرۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئۈمۈدۋار ياشاپ
تىللىمىغىن قېرىندىشىم مىللەتنى ئاتاپ،
مېللىتمنىڭ روھىيىتى يۈرمەكتە بىتاپ.
بىرلىشەيلى مېللىتىمگە كەلگۈسى ياساپ
قۇرۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئۈمۈدۋار ياشاپ.
يامان ئىشنى تۆگە قېلىپ مېللەتكە تاڭدىڭ،
تاڭما دىسەم مۇش كۆتۈرۈپ دوستۇڭغا ياندىڭ.
بىلسەڭ ئۆزۈڭ مىللېتىدىن ،ئەجدادتىن تاندىڭ،
قۇرۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئۈمۈدۋار ياشاپ.
شۇم بۇيىلار داۋام قىلغان ئەسكى ئىللەتنى ،
ۋەكىل قىلدىڭ ھەممىمىزگە بۇزۇپ مىللەتنى.
دەسمىي قىلدىڭ باھانەڭگە قۇرۇق سۆلەتنى،
قۇرۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئۈمۈدۋار ياشاپ.
ئىشەنچىم زور مېللىتىمنىڭ كەلگۈسى پارلاق،
مۈگىدىمەي ئەتراپىڭدىن ئىزدىگىن ساۋاق.
قورىقمايمەن يولدا ئىتلار سۈر قىلسا قاۋاپ،
قۇرۇپ كەتسەم ئارمىنىم يوق ئۈمۈدۋار ياشاپ.
2012.12.20
دوستۇم دېمە
دوسىت نېمە، دوستلۇق نېمە،خۇمسى دەپ كەتكەن نېمە؟
قىلغىنىڭ كەتسە ئوشۇق غۇم ساقلىساڭ دوستۇم دېمە.
سېھىرلەنگەن مىكىرلەردىن دوستۇڭنى سەن ئالا كۆرۈپ،
ئازاپلانغان يۈرەكىگە بىر باقمىساڭ دوىتۇم دېمە.
ئېغىر كۈنلەر مۇشەققەتنىڭ ئازارىنى تەنھا سۈرۈپ،
نېمە قىلدىڭ بەختىم ئۈچۈن ، دەپ باتنىساڭ دوستۇم دېمە.
غېرىب كۆڭلۈم يورۇق ئىزلەپ چۆللەر ئارا يۈرسە سەرسان،
مېھىر بىرىپ قۇياش كەبى نۇر چاچمىساڭ دوستۇم دېمە.
دىل كۆزىنى توسۇپ تۇمان ، گۈلباغلارنى قىلسا خازان،
شامال بولۇپ تۇمانلارنى تاراتمىساڭ دوستۇم دېمە.
بەخىت قۇشۇڭ قانات قېقىپ كۆپەيگەندە ئۈلپەتلىرىڭ،
كېيىپ كەلسەم جەندە-كۇلا ،ياراتمىساڭ دوستۇم دېمە.
ئون گۈلۈمنىڭ ئىككى ئۈچى ئېچىلغاندا پۇرەكلىشىپ،
بەختىم ئۈچۈن مۇڭ كۈيۈڭنى ياڭراتمىساڭ دوستۇم دېمە.
2012.12.15
مەنبە: مەن شۇ .. مۇھەممەد رىھىم ئابلىز(ئوت)