بۇ يازمامدا  Windows 8 مەشغۇلات سېستىمىسىگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلاش ۋە  سېستىما تىلىنى ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.  (ئەگەر سىز ئىشلىتۋاتقان سېستىما تىلى خەنزۇچە بولسا مەشغۇلات قىلىشتىن  ئاۋۋال 
Windows 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنى توردىن يېڭىلاش  بۇ تېمىنى كۆرۈپ چىقىڭ)
تەييارلىق خىزمەتلەر: سىز ئاۋۋال 
Windows 8 مەشغۇلات سېستىمىسىنى توردىن يېڭىلاش دىگەن يامىدىكى ئۇسۇل بۇيىچە سېستىمىنىڭ بارلىق ياماقلىرىنى يېڭىلاپ تەييار قىلىشڭىز كېرەك، ئەگەر يېڭىلاپ بولغان بولسىڭىز بېۋاستە ئاستىدىكى مەزمۇنغا يۆتكۈلۈڭ !
ئەمسە مەن بىلەن بىللە مەشغۇلاتنى باشلاڭ:
1. كومپيوتىرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى  « Windows » بەلگىسىنى بېسىپ باشلاش تىزىملىكىگە ئۆتۈپ تىزىملىكتىن « كونتىرول تاختىسى  (控制面板)  »  گە كىرىمىز ھەمدە تىل قوشۇش بۇيرۇقىنى چېكىمىز:

2. تىل قوشۇش كۆزنىكىگە كىرگەندىن كېيىن «  تىل قوشۇش (添加语言)  »  بۇيرۇقىنى چېكىپ  تىل تاللاش تىزىملىكىگە كىرىمىز :

3. تىل تاللاش تېزىملىكىدىن ئۇيغۇرتىلىنى تاللاپ « قوشۇش (添加)» نى بېسىپ قوشىمىز:

4. قوشۇپ بولغاندىن كېيىن تىل باشقۇرۇش كۆزنىكىدىن ئۇيغۇرتىلى ئۇدۇلىدىكى « تاللانما  (选项) » تۈرىنى تاللاپ تىل بۇلىقىنى چۈشۈرۈش ئورنىغا كىرىمىز:

5.  كۆزنەكتە « تىل بوخچىسىنى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش  (下载并安装语言包)  » نى بېسىپ تىل ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشكە باشلايمىز:

تىل بۇخچىسىنىڭ چۈشۈش كۆرۈنىشى رەسىمدىكىدەك: (تىل ھۆججىتىنى  مېكروسوفىت بېتىدىن چۈشۈرگەچكە سەل كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ)
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolanlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-20 07:03 PM