مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1460|ئىنكاس: 30

ئالدانغان كۆڭۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7039
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1565 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 06:55:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
134337br00d1dkkqsmdxkl.gif

ئالدانغان كۆڭۈل

[ھىكايە]

بەرنا قىز


ئۇچ كۇندىن بىرى كارۋاتتىن قوپماي يېتىۋاتىمەن ،مىڭەم قۇپ-قۇرۇق خىياللىرىم چىگىش،نىمە ئىشلارنىڭ يۇز بەرگىنىمۇ ئىسىمدە يوق،پەقەت تىلىمدا بىرلا سۆز زىكرى قىلىنىدۇ...مىنى كەچۈر جېنىم....
ئۇنىڭ ئىسمىنى مۇقەددەس ئايەت يادلاۋاتقاندەك توختىماستىن زىكرى قىلىمەن........
ئاپام يېنىمغا  كىردى ،قولىدىكى تاماقنى ئۇستەلگە قويوپ يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى،مىنىڭ ئىپادىسىز چىرايىمغا قاراپ ئېغىر تىنىپ قويدى -دە،مىھرىبانلىق بىلەن چاچلىرىمنى سىلىدى،مەن ئانا مىھرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھىس قىلدىم .ۋە غايىبانە چۇشتىن چۈچۈپ  ئويغانغاندەك بىر ھالدا ئاپامنىڭ بوينىغا ئېسىلدىم،ئۇندىن كىيىن ئاپامنىڭ باغرىغا ئوزۇمنى تاشلاپ ئوكسۇپ - ئوكسۇپ يىغلىدىم....
...كەچۇر ...مىنى كەچۇر ...ئاپا ...ئەقىلسىز قىزىڭنى كەچۇر...
ئاپام ئۇنسىز ياش تۆككىنىچە مىھرى بىلەن يۇزلىرىمنى سىلايتتى.

مەن دادام بىلەن ئاپامنىڭ بىر تااللا ئارزۇلۇق قىزى ئىدىم  ،ئويدە نىمىلا دىسەم مىنىڭ دىگىنىم ھىساپ ئىدى،بالىلىق دەۋرىم شۇنداق خوشاللىق ئىچىدە غەمسىز ئۆتتكەن ئىدى،مەكتەپكە بولغان قىزغىنلىقىممۇ يۇقىرى ئىدى،ئاتا-ئاناممۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى پەخىرلىنەتتى،باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتىرا مەكتەپنى ئالى نەـىجە بىلەن تۈگۈتۈپ،شەھرىمىزدىكى نوقتىلىق تۇلۇق ئوتتىرا مەكتەپكە ئىمتاھانسىز قۇبۇل قىلىندىم
تۇلۇق ئوتتىراغا چىققان دەسلەپكى مەزگىللەدە خېلىلا تىرىشچان ئىدىم ،ئوتكۇر پىكىرلىكىم ،چىچەن شوخلۇقۇم بىلەن ساۋاقداشلىرىم ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ئالدىدا  خېلى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدىم ،ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ تىرىشچانلىقىمغا تېخىمۇ قايىل ئىدى....

2-يىللىققا يېڭىلا چىققان ۋاقلىرىم ئىدى ،سىنىپتىكى مۇختار ئىسىملىك ساۋاقدىشىم  بىلەن خېلى ياخشى ئوتەتتۇق ئۇ سىنىپ باشلىغى ئىدى،بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ھۆرمەت قىلاتتى سىنىپتىكى تەسىرىمۇ خېلى يۇقۇرى ئىدى .
بىر كۇنى تەنتەربىيە دەرىسىدە ئاغرىق بولغاچقا قاتناشمىدىم ،سىنىپتا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇرسام مۇختەرنى بىر قانچە بالىلار يۇلەشتۇرۇپ سىنىپقا ئەكىردى ،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن قۇم كولچەككە سەكرىگەندە پۇتى چۇچۇپ كىەتكەنلىگىنى بىلدىم.
ئوغۇللار، سۈبىنۇر بولغاندىن كىيىن بىز دەرىسكە قاتنىشايلى - دىيىشىپ چىقىپ كەتتى.

سىنىپتا ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق،نىمە ئوچۇندۇر بۇرۇنقى شوخلىقلىرىم قالمىغان ئىدى،ئوغۇللاردىن شۇنداق تارتىنىدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدىم.مۇختەرنى كۆرسەم تېخىمۇ تارتىنچاق بولۇپ كىتەتتىم،مەن ئۇنىڭ مەندىن  كۇزىنى ئۇزمەي ماڭا قاراپ ئولتۇرغىنىنى كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ بىلىپ قالدىم-دە تېخىمۇ جىددىلىشىپ كەتتىم ،مەن كىتاپقا قاراپ ئولتۇرغاندەك قىلساممۇ لىكىن پىكىرىم چېچىلىپ خىيالىم باشقا ياقلارغا چېچىلىپ كەتكەن ئىدى
،ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ئۇ بۇزدى.
- سۇبھىنۇر ،نىمە بولدى دەپ سوراپمۇ قويمايسەنغۇ؟
-بالىلار دىدىغۇ...پۇتى قايرىلىپ كەتتى دەپ،يۈزلىرىم قىزىرىپ كەتتى.
-كىلىپ كورۇپ باقمامسە؟
مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىدىم .
-بىر ئوبدان تۇرمامدۇ؟ھېچ ئىش يوقتۇ؟
-ئاغرىپ تۇراتتى سەن قاراپلا توختاپ قالدى....
شوخلۇق بىلەن كۇلىۋەتتى ئۇ،
بۇگەپنى ئاڭلاپ يۈزۈم ئۆت بولۇپ ياندى،ماڭا نېرى،قارىغانغا ساقىيىپ قالاتتىمۇ؟
شوخلۇق بىلەن كۇلىۋەتتى ئۇ...

-ھە راس تورغا چىقامسە ؟
-چىقىمە.
-چ چ رىڭنى دىگىنە ،
-مىنىڭ چ چ رىم يوق توردا پەقەت ئويۇن ئوينايمەن .
-ساڭا بىر نۇمۇر بىرەي،كەچتە ئاچقىن بولامدۇ؟
بۇ ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلدى شۇڭا تارتىشىپ تۇرمايلا ماقۇل بولدۇم،ۋە خاتىرەمنىڭ كەينىگە ئۇ دەپ بەرگەن نۇمۇرنى خاتىرلىۋالدىم....

شۇنىڭ بىلەن ھەر كۇنى كەچ تورغا چىقىش مىنىڭ ئادىتىمگە ئايلاندى ،ئوزۇممۇ سەزمىگەن ھالدا مۇھاببەت دېڭىزىغا غەرىق بولغا ن ئىدىم ،چۇنكى ئەمىلىيەتتە دىگىلى بولمايدىغان گەپلەرنى توردا بىمالال دىگىلى بولاتتى، بىز كۇندۇزى مەكتەپتە كەچتە توردا ئايرىلماس بىر جۇپلەردىن بولۇپ قالغان ئىدۇق، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشاشنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىم ئۇمۇ مىنى جېنىدىن ئەزىز كورەتتى.كۇنلەر شۇنداق خوشاللىق ئىچىدە تىز ئوتۇپ كىتىۋاتاتتى .

بىر كۇنى كەچ ئۇ تورغا چىقمىدى،تېلىفۇن قىلغان ئىدىم ،ئىمتاھان يېقىنلىشىپ قالغانلىغىنى،مىنىڭمۇ تورغا چىقماي دەرىس تەكرار قىلىشىمنى ئېيتتى ،مەن ماقۇل بۇلۇپ كىتاپنى قولۇمغا ئالدىم ،لىكىن دەرىس تەكرار قىلىش پەقە ت خوش ياقمىدى، يەنە كومپىيوتىر ئالدىغا كەلدىم.......
ئويۇن ئويناپ ئۇلتۇرسام ،يۆتەلگەن ئاۋاز كەلدى ،مەن ئۇيلانمايلا قاچىلىدىم ،بىر يۇتلۇق 21ياشلىق بالا ئىكەن،بىز قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتتۇق،ئۇ بەك گەپتان ئىدى،يۇمۇرلۇق سۆزلىرى بىلەن سائەتنىڭ 11بولۇپ كەتكەنلىگىنى بىلمەيلا قاپتىمەن....

شۇنداق قىلىپ ئەسقەر بىلىن تۇنۇشۇپ قالدىم  كۇندە كەچ دىگۈدەك چ چ رىمنى يۇشۇرۇن ئېچىپ قويۇپ ئەسقەر بىلەن پاراڭلىشاتتىم،مۇختەر خەت يازسا جاۋاپ قايتۇرغىدەك ۋاختىممۇ يوق ئىدى ئەتىسى سورىسا ئويۇن ئوينىغان سىنىڭ خەت يازغىنىڭنى كۆرمەپتىمەن  دەپ تۇرىۋالاتتىم ،كىيىن مۇختار كۇزىمگە سىغماس بولدى،گەپ-سۆزلىرىمۇ پەقەت خوش ياقمايتتى ،چۇنكى ئۇ ئەسقەردەك شىرىن سوزلەرنى قىلىشنى بىلمەيتتى،ئۇ كۆڭلۇمنى ئېلىشقا قانچە تىرىشقانسىرى شۈنچە ئۆچلىگىم كىلەتتى،ئىچىمدە ئەخمەقلىقىغا كۈلەتتىم،كىيىن ئۇمەندىكى بۇ ئوزگىرىشنى سىزىۋالدى.
-سۇبىنۇر بىز ئەستايىدىل پاراڭلىشايلى، بولامدۇ؟-دىدى ئۇ بىر كۇنى،
-پاراڭلىشىدىغان نىمىسى بار،ئايرىلىپ كەتسەكلا بولدىغۇ ؟دىدىم مەن.
-نىمىشقا؟نىمىشقا ئايرىلىپ كىتىمىز؟مىنى ياخشى كۆرىمەن دىگەنلىرىڭ يالغانما؟سورىدى ئۇ.
-قىزىقىشىمىز ئوخشاش ئەمەسكەن ،ئونىڭ ئوستىگە ھازىر مىنىڭ يۇرىۋاتقان...........
چاڭ. قىلىپ تەگكەن تەستەكتىن كەينىمگە بىر نەچچە قەدەم داجىدىم،ئىسىمگە كەلسەم ئۇ ئاللىقاچان مەندىن يىراقلاپ پۇتبول مەيدانىنىڭ ئۇ تەرىپىگە كىتىپ بولغان ئىدى....

شۇ ئىشتىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئامال بار ئۇچۇرشىپ قالماسلىققا تىرىشتىم،لىكىن كۆزلىرىمىز داۋاملىق ئۇچچىرىشىپ قالاتتى،بۇ ۋاقىتتا ئۇمىنى ،ۋىجدانسىز دەپ ئەيىپلەۋاتقاندەك تەنلىرىم شۇركىنىپ كىتەتتى....

كۇنلەر ئوتكەنسىرى ئەسقەرگە ئۇنسىز باغلىنىپ قالدىم،مەكتەپتىن كىلىپلا كومپىيوتىر ئالدىغا يۈگرەيتتىم،كىيىنچە ئوقۇش دىگەنلەر ماڭا خوش ياقماس بولدى.كەچتە كوزلىرىم تېلىپ خەتلەرنى تۇنىماس بولغىچە مۇڭدىشاتتۇق ،يەنە قىيالماي تاڭ ئاتقۇچە تېلىفۇندا پاراڭلىشاتتۇق،مەكتەپتە بولسا مۈگۈدەپ ئولتۇرغىنىم ئولتۇرغان ئىدى،بارا-بارا دەرىسلەردە چىكىنىپ كەتتىم.بۇئۇقۇتقۇچۇمنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى بولغاي،ئاتا- ئانامنى چاقىرتىپ كىلىپ سۆزلەشتى،ئۇلار مىنىڭ دەرىستە چىكىنىپ كەتكىنىمنى ئاڭلاپ تورنى توختىتىۋەتتى،كۈنلەر مەن ئۇچۇن مەنىسىز ئۆتۈشكە باشلىدى.

بىز ئەسقەر بىلەن تېلىفۇندا كۆرۇشۇپ تۇردۇق،كىچىلىرى ئۇخلىماي پاراڭلىشاتتۇق،مەڭگۇ ئايرىلماسلىققا قەسەملەر بىرىشەتتۇق،شۇ ئارلىقتا ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى يىتىپ كەلدى.بىز ئاخىرى كورۇشىدىغان بولدۇق،لىكىن قانداق بولار دەپ سەل ئىككىلىنىشتىمۇ قالدىم ،لىكىن تۇيغۇمدىكى ئۇنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرگەچكە ئۇنىڭ بىلەن كورۇشۇش ئىستىكى كۈنسىرى كۇچەيگەن ئىدى.
بىز ئاخىرى كورۇشتۇق، ئۇ دىيىشكەن جايغا ئاللبۇرۇن كىلىپ مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن ،مەن كىلىپ ئۇياق بۇياققا قاراپ بولغىچەبىر دەستە ئەتتىرگۇلنى تۇتقىنىچە ئالدىمغا كەلدى.
-ياخشىمۇ سىز سۈبىنۇر؟سىزنى يىراقتىنلا تۇنۇدۇم،رەسىمدىكىدىنمۇ ئۇماقكەنسىز،سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمغا خوشالمەن!

-رەخمەت....
مەن پەقەت شۇنىلا دىيەلىدىم ،يۇزلىرىم خىجىللىقتىن ئوت بۇلۇپ يانماقتا ئىدى.
-ۋاي- ۋۇي،گۈل تۇتسام گۈلدەك قىزىرىپ كەتكىنىڭىزنى قاراڭ ، يۇرۇڭ تىچ بىر جاينى تېپىپ پاراڭلاشقاچ تاماق يەيلى،-ئۇ مىنىڭ جاۋابىمنىمۇ كۈتمەستىن ماڭدى ،مەن ئۇنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم........
بىز بىزىلىشى ئازادە بىر تاماقخانىغا يىتىپ كەلدۇق،بۇ يەردە مەخسۇس ئاشىق -مەشۇقلار ئۇچۇن رومانتىك بىزەلگەن ئايرىم خانىلار بار ئىكەن.بىز شۇلارنىڭ بىرىگە كىرىپ ئورۇنلاشتۇق،كۇتكۇچى بىردەمدىلا شىرەنى نازۇ - نىممەتلەر بىلەن توشقۇزىۋەتتى،بۇنداق جايلارغا كىلىپ باقمىغاچقا قورۇنۇپ چوغ ئۇستىدە ئولتۇرۋاتقاندەك بوپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ كوزلىزىنى مەندىن ئۇزمەي قاراپ ئولتىراتتى .

-قېنى تاماققا كىلىڭ ،-دىدى ئۇ،مەن چۇكىنى ئاستا قولۇمغا ئالدىم.................


شۇنداق قىلىپ بىز ئۇ يەدىن خېلى كەچ يېنىپ چىقتۇق،ئەسقەر خۇشچاقچاق كىلىشكەن يىگىت ئىدى،ئۇنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم،بىز بىر دەم كۇچا ئايلانغاندىن كىيىن ئۇ مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيدى،بۇ ۋاقىتتا قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى.مەن خوشلىشىپ ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم-دە.
-خوش ئەمىسە ،كىيىن كورىشەرمىز دەپ مېڭىشقا تەمشەلدىم،
-خوش ئەمىسە،ئامان بولۇڭ،دىىدى ئۇ ئىللىق كۇلۇمسىرەپ.مەن بۇرۇلۇپ ماڭدىم،لىكىن ئۇ تۇيۇقسىز قولۇمنى تۇتىۋالدى-دە،مىنى ئوزىگە تارتىپ مۇرەمدىن چىڭ قۇچاقلىدى،مەن دەسلەپتە ئوزۇمنى قاچۇرغان يۇلقۇنۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان   بولساممۇ قانداقتۇر بىر خىل شرىن سىزىم تەسىرىدە،بەدنلىرىم بوشۇشۇپ قارشىلىق قىلغۇدەك مادارىم قالمىغان ئىدى،ئۇنىڭدىن تارقىغان خۇشپۇراق ۋە ئىللىق سىزىمدىن مەس بولۇپ باغرىغا سىڭىشىپلا كەتكۈم كىلىۋاتاتتى....
-مەن ئۇنىڭغا ئاستا پىچرلىدىم -،قويىۋېتىڭ باشقىلار كورۇپ قالسا سەت تۇرىدۇ،
ئۇ  مىنى ئاستا قويىۋەتتى مەن يۇگۇرگەنچە ئويگە كىرىپ كەتتىم......

ئۆيگە كىرگەندە ئاپام ،
-نىمانچە كەچ قالدىڭ بالام،دەپ سورىدى مەن گەپ قىلمايلا ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم.

كىچە خېلى بىر چاغ بولغان بولسىمۇ ،كوزلىرىمگە ھېچ ئۇيقۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس،خىيالىمدىن ئەسقەرنىڭ كۇلۇمسىرەپ تۇرغان چىرايى  كەتمەيتتى، بايامقى قۇچاقلاشتىن پەيدا بولغان شىرىن سىزىم نىۋىرلىرىمنى غىدىقلايتتى....كىيىملىرىمدە ،چاچلىرىمدا ،مەڭىزلىرىمدە بولسا بايا ئۇنىڭدىن تارىغان ئۇنىڭ ھىدى ....

شۇنداق قىلىپ، بىز ھەر كۇنى دىگۇدەك كورۇشۇپ تۇراتتۇق ،ئو ھەر كۇنى كەچ مىنى مەكتەپ ئالدىدا  كۇتۇپ تۇراتتى،بىرگە تاماق يەپ مىنى ئويگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتاتتى،بارا بارا ئۇنى بىر كۇن كۆرمىسەم چىدىيالمايدىغان ھالغا كەلدىم،ئوقۇش دىگەنلەر مىنىڭ خىيالىمغا كىرىپ چىقماس بۇلدى، دەرىسلەردىمۇ بەك چىكىنىپ كەتكەن ئىدىم،ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان ۋاقتىمىزغىمۇ ئاز قالغان ئىدى.
بىر كۈنى دەرىستىن چۇشۇپ ماڭغان ئىدىم .مۇختەر چاقىرىپ قالدى .
-سۇبىنۇر،توختاپ تۇرە،ساڭا دەيدىغان گەپ بار.
-نىمە دىمەكچىئىدىڭ ،ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئاللا بۇرۇن تۇگۇگەن ،سەن يەنە نىمە دىمەكچى؟
-بىز مۇھاببەت بولمىغان تەقدىردىمۇ ساۋاقداش،سىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارايمەن،مەكتەپتە سەن توغۇرلۇق بۇلىۋاتقان گەپ سۆزلەر ئاز ئەمەس،جەمىئەتتىكى قالايمىقان ئادەملەر بىلەن ئارلاشمىغىن.
-سىنىڭ نىمە كارىڭ،نىمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلىمەن، چىدىماي قالدىڭما؟ماڭا تەلىم بەرمىسەڭمۇ بولىدۇ.
-قارىغاندا ساڭا گەپ تەسىر قىلمىغۇدەك،بۇرنىڭغا يىگەندە توختاپ قالارسە......
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە كىتىپ قالدى،مەنمۇ ئالدىراش سىرتقا ماڭدىم،چۇنكى ئەسقەر ماڭا ساقلاپ تۇراتتى.




كۇنلىرىم خوشاللىق ئىچىدە بەخىتلىك ئوتمەكتە،ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ مىنىڭ خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى.كۇندە دىگۇدەك ئەسقەر بىلەن كورۇشۇپ تۇراتتىم ، ئۇنى بىر كۇن كورمىسەم چىدىيالمايتتىم.مەكتەپ ئوقۇش دىگەنلەر مەن ئۇچۇن ئەھمىيەتسىز بىر ئىش بولۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى.ئاتا- ئا نامنىڭ ئ،وقۇتقۇچىلارنىڭ ھەتتا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا تىرىشىپ ئۇگۇنۇش توغرىسىدا قىلغان نەسىھەتلىرى ئۇ قولىغىمدىن كىرىپ بۇ قولىغىمدىن چىقىپ كىتەتتى.


ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى باشلاندى،ھەر ھالدا ئىمتاھاننىمۇ تۇگىتىۋالدىم ،ئاپامنىڭ ئۇگۇنۈش قىل دەپ ۋايساشلىرىدىنمۇ قۇتۇلدۇم،باشقاساۋاقداشلىرىم ئىمتاھان نەتىجمىز قانداقراق چىقار دەپ  ئەنسىرەپ يۈرگەن كۇنلەردە مەن غېمىمدە يوق يۇرەتتىم،چۇنكى مەن ئۇچۇن ئەسقەر يېنىمدا بولسىلا باشقا ئىشلار بىلەن پەرۋايىم پەلەك ئىدى.....


بۇگۇن مىنىڭ تۇغۇلغان كۇنۇم ،سەھەر ئورنۇمدىن تۇرماستا ئەسقەر تېلىفۇن قىلىپ تۇغۇلغان كۇنۇمنى تەبرىكلىدى،مەن بەك ھاياجانلاندىم ،ئوزۇمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك قىز دەپ ئويلىدىم...ئورنىمدىن تۇرۇپ يۇزىمنى يۇيۇپ ،ئاپام تەييارلاپ قويغان ناشتىلىق بىلەن ناشتا قىلىپ ئولتۇرسام ،ئىشىك قوڭغىرىغى جىرىڭلىدى، ئىشىكنى ئاچسام پوچتا خادىمى بىر دەستە ئەتتىرگۇلنىى بىرىپ،ئىمزا قويىدىغان دەپتەرنى تەڭلىدى... گۇلنى ئەسقەر ئەۋەتكەن ئىدى ،بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە قولۇم تىترەپ ئىسمىمنى ئاران يازدىم، گۇلنى ئۇستەلگە قويۇپ قارىسام بىر باغاقچە قىستۇرۇلغان ئىكەن ،ئۇنىڭغا (خان قىز، ۋاقتىڭىز بولسا پەسكە چۇشكەن بولسىڭىز  )دىگەن خەت يېزىلغان ئىدى....ئۇنىڭ بۇنچىلىك رومانتىكلىقىدىن ھۇشۇمنى يوقۇتۇپ قويايلا دەپ قالدىم....


مەن تىزلا كىيىنىپ ئويدىن چىقتىم،پەستە ئۇ مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن،
-قېنى تىز بۇلۇڭ جېنىم،دوسلىرىمىز ساقلاپ قالدى،تىز ماشىنىغا چىقىڭ دىدى، ئۇ.
-قەيەرگە بارىمىز،ئاپام سىرتقا چىقما ،چۇشتە ھەممىمىز يېغىلىپ تۇغۇلغان كۇنىڭنى تەبرىكلەيمىز دىگەن...
-ھەي،ئەمدى سىز كىچىك بالا ئەمەس،خاتىرە كۇننى ئاشىق- مەشۇقلار بىللە ئوتكۇزىشى كىرەك،چۇشەندىڭىزما،ئاپىڭىزغا دوسلىرىم بىلەن سىرتقا چىقىمەن دەپ تېلىفۇن قىلىۋېتىڭ...


بىز كىرگەندە رىستۇراننىڭ ئالاھىدە بىزەلگەن ئايرىم خانىسىدا قىز -يىگىتلەر جۇپ-  جۇپ بولۇپ ئولتۇرۇىشقان ئىدى ،كىرىشىمىز بىلەنلا چىراقنى ئوچۇرۇپ شام يېقىلغان  تۇرت كەلتۇرۇلدى،مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي ئەسقەرگە قارىدىم ،ئۇماڭا قاراپ كۇلۇمسىرىگىنىچە ناھايىتى نەپىس قۇتىدىن بىرنى ئۇزاتتى.
-تۇغۇلغا كۇنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن گۈلۈم!بۇ مىنىڭ ئاددىغىنىا كۆڭۈل سوغام ،قۇبۇل قىلارسىز،بۇنى مەن ئوز قولۇم بىلەن سوققان،
مەن قۇتىنى قولۇمغا ئېلىپ ھاياجان بىلەن  ئاچتىم ،ئىچىدە قوش يۇرەك شەكىلىدە ياسالغا ئۇزۇك بار ئىدى،ئۇ  ئۇزۇكنى ئېلىپ  بارمىقىمغا سېلىپ قويدى ،ئارقىدىنلا باشقىلارمۇ ئوزلىرىنىڭ سوغاتلىرىنى بىرىپ تۇغۇلغان كۇنۇمنى تەبرىكلىدى ،مەن بەخىت ئىچىدە مەسخۇش بولماقتا ئىدىم ....


-سورۇن كوڭۇللۇك داۋاملاشماقتا،ئەسقەر بىلە بىر نەچچە قول تانسا ئويناپ ھارغان ئىدىم،ئۇنڭ ئۇستىگە توختىماي چىكىلگەن تاماكا ئىسىدا ئۇينىڭ ھاۋاسى بۇلغۇنىپ كەتكەن ئىدى،نىمە ئۇچۇندۇر كوڭلۇم ئېلىشىپ ئۇيقۇ تۇتۇپلا تۇراتتى ،دەسلاپتا ئىرەن قىلمىغان بولساممۇ ئەمدى مىنى سۇر بېسىشقا باشلىدى،چۇنكى ئەمدى كۇزۇمنى ئاچقۇچىلىك مادار قالمىغان ئىدى ،كىنولاردا كۇرگەن ،كىتاپلاردا ئوقىغا ن ئىچىملىككە دورا سېلىپ ھۇشسىزلاندۇرۇش تۇغىرسىدىكى ئىشلار خىيالىمغا كىرىۋېلىپ تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدىم،


-ئەسقەر ،مىنى ئاپىرىپ قۇيىڭە ،بەك مىجەزىم يوق تۇرىدۇ.
-بولىدۇ جېنىم، مانا ھازىرلا....
ئۇ مىنى يۇلەشتۇرۇپ سىرتقا ماڭدى نىمە ئۇچۇندۇر بېشىم قېيىپ پەقەتلا ماڭالمايتتم.....


كوزۇمنى ئاچسام يات بىر ئوي،چۇچۇپ كەتتىم ،مەن قەيەرگە كىىلپ قالدىم ،تۇنۇگۇنكى ئىشلار غۇۋا ئىسىمگە كەلدى،بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ تۇراتتى ،ئورنىمدىن تۇراي دىسەم پۇتۇن بەدىنىم چېقىۋەتكەندەك ئاغرىپ پەقەتلا تۇرالمىدىم. بۇرنىمغا ئوتكۇر دورا ھىدى پۇراۋاتاتتى،ھۇشىغا كەلدى بىرىنىڭ شۇنداق دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم،ئاپام يېنىمدا سىستىرا بىلەن تۇراتتى،مەن قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىم؟سورىدىم ئاپامدىن ،ئاپامنىڭ كوزلىرى يىغىدىن قىزارغان ئىدى ئۇ ئۇندىمىدى،سىستىرا
-ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسىدىن كوپ يەۋاپسىز،چوڭ چاتاق يوق، ئەمدى دوختۇرخانىدىن چىقسىڭىز بولىدۇ، دىدى،ئاپام :
_يۇر ئەمدى مۇختەرنى يوقلاپ ئاندىن ئويگە كىتەيلى ،دىدى
-مۇختەر ،مۇختەرگە نىمە بوپتۇ؟
-ساڭا ھۇشسىزلاندۇرۇش دۇرىسى بەرگەن ئۇ مەلئۇن سىنى يۆلەپ رىستۇراندىن چىقىپ ماشىنىسىغا سېلىۋاتقاندا،دوستىنىڭ ئويىدىن قايتقان مۇخىتەرگە ئۇچراپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ساڭا نىمە بولغانلىغىنى سورىغان ئىكەن ،ئىككىسى ئۇرۇىشۇپ قاپتۇ ،مۇختەر كىچىك بولغاچقا بەك ئۇرىۋېتىپتۇ ،ئەتراپتىكىلەر ئىشنىڭ چاتاقلىغىنى بىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن ،ئۇ مەلئۇننى نەخ مەيداندا تۇتۇپ سىلەرنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەپتۇ،
-مۇخىتەرنىڭ ئەھۋالى قانداق ،تىز جاۋاپ بىرىڭە؟
-خەتەرلىك باسقۇچتىن ئوتۇپ كەتتى،لىكىن ئىككى قۇۋۇرغىسى  پۇتىى سۇنۇپتۇ،جىگەرمۇ زەخمىلىنىپتۇ،قان جېق چىقىپ كەتكەچكە تېخى ھۇشىغا كەلمىدى،ئاپام جاۋاپ بىرىپ بۇلغىچە سىستىرا جاۋاپ بەردى.
-مىنى باشلاپ كىرىڭ ، مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىمەن .
-بولمايدۇ،بۇ ئۇنىڭ ئۇچۇن پايدىسىز،ھۇشىغا كەلگەندە كىرسىڭىز بۇلىدۇ .


دوختۇرخانىدىن ناھايىتى كۆڭلۇم يېرىم ئويگە كەلدىم،ئۇچ كۇن بولدى تاماقمۇ يىمەي يېتىۋاتىمەن ،مۇختەرنى ھۇشۇغا كەلدى دەپ ئاڭلىدىم ، يېنىغا بېرىشقا لىكىن يۇزۇم چىدىمىدى،ئاپامنىڭ دەپ بىرىشىچە ئەسقەرنىڭ بىر زەھەر ئەتكەسچىلىكى  بىلەن چېتىشلىقى  بار دەپ ساقچىلار ئىزدەپ يۇرگەن گۇماندار ئىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئائىلىسى ۋە بىر ياشتىن ئاشقان ئۇماق قىزى بار ئىكەن .



مەن ساختا مۇھاببەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكىلى قىل قالغان ئىدىم،خۇدا بىر ساقلاپتۇ ،ھەر ھالدا تەلىيىم بار ئىكەن.
تىلىمدا دىلىمدا توختىماستىن بىر سۆزنى زىكرى قىلىۋاتىمەن ،مۇختەر ،مىنى ،ئەقىلسىز سۈبھىنۇر ئەپۇ قىلاسىزمۇ؟؟؟؟


مەنبە :بەرنا قىز




سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88719
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:34:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇندا بى ئادەمنىڭ قەلبىنى ئۆلتۈرىتقان شەيتانى بىممىلنى بى يولمىسىڭىز خېنەم ، .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:35:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  ئاللا   بىر   ساقلاپتۇ   ،   بۇنداق    ساختا   مۇھەببەتنىىڭ     قۇربانىغا  ئايلىنىپ كەتكەن قىزلار   ئاز   ئەمەس

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

كۇلۇپ ياشايمەن!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3983
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 671 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:43:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىم دىگەن تەسىرلىك ....تىخىمۇ تىرشىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6202
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 582 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:50:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بۇنى ئوقۇسا (،ئەمدى ھىكايە بولسىمۇ) ،شۇنچە بوپ كەتكۈچە ،ئاتا-ئانا بولغان ئادەم نىم ئىش قىلغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىدىكەن؟
بالىلارغا ئەركىنلىك بېرىش كېرەك ،لېكىن ھەر ۋاقىت  قانداق ئادەملەر بىلەن باردى-كەلدى قىلۋاتىدۇ دىققەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 6531
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 36836
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇش رىئاللىقى قەلىمىڭىز ئاستىدا ياخشى ئىپادىلنىپتۇ،ئازغۇن قىزنىڭ ئوبرازىنى ياخشى يارتىپسىز...

تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:07:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  
     يەنىلا شۇ توردىكى مۇھەببەت ، توردا مۇھەببەتلەشسە شۇنداق ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ . ياخشى يىزىپسىز تىخىمۇ تىرشىڭ  .

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:17:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىز يېزىپسىز ھە؟
مۇشۇ  قەلەم تەۋرىتىپ ئەسەر يازالايدىغان  ئادەملەرگە بەك بەك ھەۋەس قىلىمەن مەن. مەن ئۆمرۈمدە  يۇمۇر يېزىپ باققان ئۆزەم ئىجات قىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىرە مىسرا شېئىرمۇ يېزىپ باقماپتىمەن ئويلىسام.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2887
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 29980
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3363 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:19:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرنا قىز  ھىكايىڭىز بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ،  تىلى راۋن ، چۈشۈنۈشلۈك  چىقىپتۇ  ، قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2004 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 11:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىغۇچى ئاشۇ ئىنسان كەلگۇسىدىكى پۇشايماننىڭ يىمەكلىكى

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش