بۇ بولسا بىر تۈركۈم تەسەۋۋۇر كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئۇلار بىر بولسا «دۇنيا رىكورتى» نى ساقلاپ قالغۇچى، ۋە ياكى بولمىسا «دۇنيادا بىردىنبىر» كىشىلەردۇر.
ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ھەددىدىن ئاشۇرۇش، ناھايىتى غەلىتە، قىزىقارلىق. ئەمدى بىز 2012-يىلىدىكى «دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە ئادەملەر» تىزىملىكىگە قاراپ باقايلى.
سۈرەتتە: «توك سۇقۇشقا جەڭ ئېلان قىلغۇچى»
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا نىيۇيورك، ئامېرىكىلىق سىھىرگەر داۋىد بلەيىن (David Blaine) يەنە بىر قېتىم ئىنسانلارنىڭ ئاجىز تەرىپىگە جەڭ ئېلان قىلدى، ئۇ بىر مىليون كىلوۋاتلىق يۇقىرى بېسىملىق توكنىڭ ئۇدا 72 سائەت سوقۇشىغا بەرداشلىق بىرەلىدى. داۋىد بلەيىن نانومىتىرلىق تېخنىكىسى بىلەن ياساپ چىقىلغان كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ، بېشىغا مىتال قالپاق كىيىۋالغان ئىدى، ئۇ «توك سوقۇش سەھنىسى» دە ئۇدا ئۈچ كۈن ئۇخلىماي توكقا سوقۇلدى، بۇ مەزگىلدە ئۇ پەقەت مەلۇم مىقداردا سۇ ئىچتى خالاس.
سۈرەتتە: ھەقىقىي «كۈچلۈك ماتروس»
24 ياشلىق مىسىرلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇستىسى مۇستافا ئىسمائىل (Moustafa Ismail) ئەمەلىيەتتىكى «كۈچلۈك ماتروس» بولۇپ قالدى. ئۇ 14 يېشىدىن باشلاپ بىلىكىگە قارىتا ئالاھىدە چېنىقتۇرۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ بىلى قارىماققا ئىككى باشلىق بازغانغا ئوخشايدۇ، يەنى ئۇنىڭ بىلىكىنىڭ كەڭلىكى 80 سانتىمىرگە يەتكەن، بۇ ھەتتا ئادەتتىكى ئادەمنىڭ بەل ئايلانمىسىدىنمۇ چوڭ دېگەن گەپ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستافا ئىسمائىل دۇنيا جىنىس رىكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى.
سۈرەتتە: «قان شورىغۇچى ئايال»
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، گۋاتېمالا شەھىرى (Guatemala City)، مېكسىكىدىن كەلگەن «قان شورىغۇچى ئايال» دەپ ئاتالغان مارىيا جوسې كىرىستىنا (Maria Jose Cristerna) ئىسىملىك ئايال ئاخپارات ۋاستىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. مارىيا جوسې كىرىستىنا ئاياللارنىڭ بەدىنىنى ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ ئۆزگەرتىش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
سۈرەتتە: ئەڭ سىمىز ئەر
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەنگىلىيە لوندون، لوندوننىڭ شىمالى قىسمىدىن كەلگەن كىيىت مارتىن (Keith Martin) ئىسىملىك ئەر ھازىرغا كەلگۈچە دۇنيادىكى ئەڭ سىمىز ئەر بولۇپ تۇرماقتا. خەۋەر قىلىنىشىچە، 42 ياشلىق كىيىت مارتىننىڭ ھازىرقى ئېغىرلىقى 368 كىلوگىرام ئىكەن، ئىگىزلىكى بولسا 1.83 مىتىر. بەك سىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، كىيىت مارتىننىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقمىغىنىغا 11 يىل بولدى، بىراق ئۇ 20 ياشتىن بۇرۇن ناھايىتى نورمال بولۇپ، بەدەن قۇرۇلۇشى خېلى ياخشى ئىدى. كىيىت مارتىن ھازىر تىرىشىپ ئورۇقلاۋاتىدۇ، يەنى تىرىشىپ بۇرۇنقى نورمال ھالىتىگە قايتىپ بارماقچى.
سۈرەتتە: بوغما يىلان بىلەن دوست بولغان قىز.
ئاۋستىرالىيەنىڭ مارىيبورو (Maryborough)، بۇ يەردىكى ئۈچ ياشلىق ھەيلېي (Haileigh) ئىسىملىك قىزچاق ئۇزۇنلىقى 3.7 مىتىر كىلىدىغان بىر بوغما يىلان بىلەن دوستلاشقان، گەرچە بۇ بوغما يىلاننىڭ ئۇزۇنلىقى ھەيلېي قىزچاقنىڭ ئىگىزلىكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ ئوماق بوغما يىلان بىلان خالىغانچە قوغلىشىپ ئوينىيالايدۇ. بۇ قىزنىڭ ئۆگەي ئاتىسى مۇنداق دېدى، بۇ بوغما يىلان ھازىر 10 ياشتا بار، ئۇ ناھايىتى «قامەتلىك» ھەم ناھايىتى يۇۋاش، پەقەتلا ئادەم چاقمايدۇ.
سۈرەتتە: «ئۇچار ئادەم ۋاللېندا»
6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا «ئۇچار ئادەم» ى نىك ۋاللېندا (Nick Wallenda) ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ چىگرىسىدىكى نىئاگارا چوڭ شاقىراتمىسى ئۈستىدە پولات سىم ئۈستىدە ماڭماقتا. شۇ كۈنى ئامېرىكا داڭلىق دارۋاز ئائىلىسى «ئۇچار ئادەم ۋاللېندا» نىڭ يەتتىنچى ئەۋلات ۋارىسى نىك ۋاللېندا ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ چىگرىسىدىكى نىئاگارا چوڭ شاقىراتمىسى ئۈستىدە پولات سىم ئۈستىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا مېڭىپ ئۆتتى ۋە شۇنداقلا 1896-يىلىدىن بۇيان نىئاگارا چوڭ شاقىراتمىسىنى كىسىپ ئۆتكەن بىرىنچى كىشى بولۇپ قالدى.
سۈرەتتە: ئەڭ قېرى ئاتا
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، ھىندىستان سونېپا (SONEPA)، راماجىت راخەۋ (Ramajit Raghav) ئىسىملىك 96 ياشلىق بوۋاي ۋە ئۇنىڭ يېقىندا تۇغۇلغان ئوغلى، ئۇنىڭ يەنە بىر بالىسى ئەمدىلا بىر يېرىم ياشقا كىرگەن ئىدى. راماجىت راخەۋ دۇنيادىكى ئەڭ قېرى ئاتا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
سۈرەتتە: ئادەم بىلەن ھايۋانات «مۇھەببىتى»
ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى، زىمبابۋېدىكى بىر ئەر-ئايال كەركىدان بىلەن بەش يىل بىللە ياشىغان، بۈگۈنكى كۈندە بولسا، بۇ غايەت زور كەركىدان ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئايرىلماس ئەزا بولۇپ قالغان.
خەۋەر قىلىشچە، بۇ يىل 71ياشقا كىرگەن ئەننى بىلەن يولدىشى روگېر زىمبابۋېدا «Humani»ئىسىملىك ئائىلە مېھمانسارىيى ئاچىدىغان بولۇپ، ئەر-ئايال تېخى يولدىشىنىڭ ئىسمىنى قويۇپ تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇرغان.
2007-يىلى، بۇ ئەر-ئايالنىڭ دوستى فوتوگراف دەۋىد جەنۇبىي ئافرىقىدا دالا مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارنىڭ ئانا كەركىداننى ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى، يېنىدا بالىسى تۇرغانلىقىنى بايقىغان. دەۋىد بۇ كەركىدانغا جىممىي دەپ ئېسىپ قويغان، كېيىن جىممىي ئىسىملىك بۇ كىچىك كەركىداننى روگېر ئەر-ئايالغا بېقىشقا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە جىممىي چوڭ كەركىدانغا ئايلانغان بولۇپ، روگېر ئائىلىسى بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتمەكتە.
سۈرەتتە: «پۈرلەشمە يۈز پادىشاھى»
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى چىڭدۇ شەھىرى، «پۈرلەشمە يۈز پادىشاھى» تاڭ شۇچۇەن ئاغزى بىلەن بۇرنىنى يۇتىۋىتىش ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە، ئەتراپتىكى كىشىلەر ھاياجان ئىلكىدە چاۋاك چېلىشماقتا. شۇ كۈنى ئۇ شەھەر گىزىتى قىززىق لىنىيىسىگە تېلېفۇن قىلىپ ئۆزىنىڭ شەھەر خەلقىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى، يەنى يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتىىشتە بەسلىشىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇتىۋالسا قارشى تەرەپكە 100 مىڭ يۇەن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سۈرەتتە: پاراشوت بىلەن «ئاسماننىڭ قەرىدىن سەكرەش»
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكا، ئۈستىگە ئالاھىدە تىكىلگەن ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ كىيىمىنى كىيگەن فېلىكىس بامگارتنېر (Felix Baumgartner) ئاسماننىڭ قەرىدىن، يەنى 39 مىڭ مىتىر ئىگىزلىكتىن پاراشوت بىلەن سەكرىدى، ئۇنىڭ يەرگە چۈشۈشىگە جەمئىي تۆت مىنۇت 22 سىمونت ۋاقىت كەتتى ۋە شۇنداقلا ئەڭ ئاخرىدا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى مېكسىكا شىتاتىدىكى بەلگىلەنگەن نىشانغا چۈشتى.
سۈرەتتە: دۇنيادىكى ئەڭ ياش DJ
ئالتە ياشلىق بالىلار ئەسلىدە تەڭتۇشلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناپ-يايرىشى كىرەك ئىدى، بىراق ئەنگىلىيە ۋوركېستېرشىر (Worcestershire) لىق ئالتە ياشلىق قىزچاق ئەمبىل جەكوبس (amble · Jacobs) دەل بۇنىڭ ئەكسىچە تولغىما مۇزىكىغا بەكلا قىزىقىپ قالغان. ئۇ 10-ئايدا دۇنيادىكى ئەڭ ياش DJ دەپ دۇنيا جىنىس رىكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەمبىل جەكوبس 48 ياشلىق دادىسى بىلەن مەلۇم بىر تور بىكىتىدە ئالتە DJ بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىغا ئالتە ئاي بولغان. ئەمبىل جەكوبس مۇنداق دېدى، ئۇ ھەرخىل مۇزىكىلارنى قويۇشنى ياخشى كۆرۈپلا قالماي يەنە تېخى بۇ مۇزىكىلارنىڭ رىتىمىنى كونتىرول قىلغان ۋاقىتتىكى ھىسىياتنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. تولغىما مۇزىكا بولسا ئۇنىڭ ئەڭ ياخى كۆرىدىغان مۇزىكىسى. ئۇ ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشىچىلاردىن ئوززىي ئوسبورىن (Ozzy Osbourne) ۋە روب زامبېزى (Rob Zambezi) قاتارلىقلارنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئەمبىل جەكوبس مەكتەپتىكى ۋاقتىدا دائىم دېگۈدەك كىچىك دوستلىرى بىلەن مۇزىكا توغرىلىق پاراڭلىشىدىكەن. ئۇنىڭ دادىسى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان نۇمۇرلىرى ھەر ھەپتىسى نەچچە مىڭلىغان تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
سۈرەتتە: چىش كولىغۇچ ساقال
چەت ئەلدىكى بىر نەپەر ساقال ھەۋەسكارى جەمئىي 2747 دانە چىش كولىغۇچنى ئۆزىنىڭ يۈزىگە سانچىپ قارىماققا راستىنلا ساقالغا ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرگەن.
سۈرەتتە: قۇلىقى بىلەن ماشىنا سۆرەش
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى، گرۇزىيەنىڭ رۇستاۋى (Rustavi)، گرۇزىيەلىك لاشا پاتاراۋا (Lasha Patarava) ئىسىملىك ئەر بىر قۇلىقى بىلەن ئېغىرلىقى 8.2 توننا كىلىدىغان ماشىنىنى سۆرىگەن ۋە شۇنداقلا بۇنىڭلىق بىلەن دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتماقچى بولغان ئىدى.
سۈرەتتە: دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئايال ۋە ئەر
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، نىپال كاتماندۇ، دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئەر چاندىرا باھادۇر دەڭگى (Chandra Bahadur Dangi) ۋە دۇنيادىكى ئەڭ پاكار ئايال جيوتى ئەمگې (Jyoti Amge) قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.
سۈرەتتە: ئەڭ كۆپ كىيىم ئاسقۇچنى يېۋەتكەن ئادەم
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەنگىلىيە مانچىستىر، 41 ياشلىق خاننىبال خېللمۇرتو (Hannibal Hellmurto) بىر مىنۇتتا ئەڭ كۆپ كىيىم ئاسقۇچنى يېۋەتكەن ئادەم دۇنيا جىنىس رىكورتى ياراتتى ۋە شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ھەيرانۇ-ھەس قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خاننىبال خېللمۇرتونىڭ ئۈچىنچى قېتىم بىر نەرسە يۇتۇش جەھەتتە دۇنيا جىنىس رىكورتى يارىتىشى ئىكەن.
سۈرەتتە: ئەڭ قېرى ئائىلە
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىتالىيە پېرداستېفوگۇ (Perdasdefogu)، كونسولاتا مېلىس (Consolata Melis) (ئايال) ئىككىنچى كۈنى 105 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ. كونسولاتا مېلىسنىڭ ئائىلىسى دۇنيا جىنىس رىكورتى قامۇسى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ قېرى ئائىلە دەپ نام بېرىلگەن. كونسولاتا مېلىسنىڭ جەمئىي توققۇز ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بار، ئۇلارنىڭ يېشىنى قوشسا جەمئىي 818 كە يىتىدۇ.
سۈرەتتە: تەتۈر تۇرۇپ ناخشا ئوقۇغۇچى
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، گۇاڭجوۋ جېڭجىيا مەيدانىنىڭ ئالدى، بىر ياش يىگىت تەتۇر تۇرۇپ، يەنى پۇتىنى ئاسمانغا بېشىنى يەرگە قىلىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتماقتا ۋە شۇنداقلا يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەيران ئىلكىدە قاراپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بۇ بىر خىل سىرك ئويۇنىمۇ ۋە ياكى ناخشا ئوقۇش نۇمۇرىمۇ؟ ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى يۈ خېچىڭ بولۇپ، بۇ يىل 23 ياش، گۇاڭشىنىڭ خۇەنجىياڭ ناھىيىسىدىن. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇمپا مەشىق قىلىپ باققانلىقى ئۈچۈن، مانا مۇشۇنداق ئادەمنىڭ ھەيرانلىقىنى قالدۇرىدىغان «پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ناخشا ئوقۇش» ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلىپ چىققان.
سۈرەتتە: ئورۇقلاش ماھىرى
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئەنگىلىيە مانچىستىر، ئەلىيسون ۋىلسون (Alysson Wilson) بولسا ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئەڭ ئېغىر بولغاندا 267 كىلوگىرامغا يەتكەن، كىيىن ئوپراتسىيە ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا 190 كىلوگىرام «ئورۇقلىغان» ۋە شۇنداقلا ئەنگىلىيەنىڭ ئورۇقلاش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. سۈرەتتە: 190 كىلوگىرام «ھارام گۆشى كىسىپ تاشلانغان» ئەلىيسون ۋىلسون بىلەن ئورۇقلاشتىن بۇرۇنقى ئەلىيسون ۋىلسون.
سۈرەتتە: پىرقىراش خانقىزى
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، ھىندىستان كاتاك ئۇسۇلى (Kathak) ئوينىغۇچىسى چىراسرى داسگۇپتا (Chirasree Dasgupta) كاتاك ئۇسۇلىدا بىر مىنۇتتا 107 نى چۆگلەش (پىرقىراش) دۇنيا جىنىس رىكورتىنى ياراتتى.
سۈرەتتە: ئەڭ ئىگىز چاچ
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا نىيۇيورك، ياپونىيەلىك لاھىيەلەش ئۇستىسى كازۇھىرو ۋاتانابې (Kazuhiro Watanabe) بىر خىل چاچ يىلىمى ئارقىلىق يۇقارقى ئىگىزلىكى جەمئىي ئۈچ ئىنگلىزچىسى 8.6 ديۇيم (تەخمىنەن 113.2 سانتىمىتىر) كىلىدىغان تىك شەكىلدىكى چاچنى لاھىيەلەپ چىققغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاچنىڭ مۇشۇ شەكلى جەمئىي ئىككى سائەت ساقلىنىپ تۇرغان.
سۈرەتتە: يۈز ياشلىق ۋېلىشپىت مۇسابىقىسى ماھىرى
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، فىرانسىيە، فىرانسىيەلىك يۈز ياشلىق بوۋاي روبېرت مارچاند (Robert - Marchand) يۈز ياشلىق بوۋاينىڭ ۋېلىسپىتنى يۈز كىلومىتىرغا مىنىش جىنىس رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى. روبېرت مارچاند بولسا ۋېلىسپىت مىنىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان تەنھەركەتچى، تولۇق ئوتتۇرا مەزگىللىرىدە ئۇ پەقەتلا مەكتەپنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ باقمىغان، ھەر كۈنى ۋېلىسپىت مىنىپ مەكتەپكە بېرىپ-كەلگەن. بىراق كەسىپ مۇناسىۋىتى بىلەن روبېرت مارچاند 25 ياش ۋاقتىدا يۇرتىدىن ئايرىلغان ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىملىق ئايرىلىش بىراقلا 50 يىللىق ئايرىلىش بولۇپ قالغان. تاكى ئۇ 78 ياشقا كىرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنھەركىتى ۋېلىسپىت مىنىشنى قايتىدىن باشلىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ فىرانسىيە مەركىزىدىكى مەلۇم بىر ۋېلىسپىت كۇلۇبىغا قاتناشقان ۋە شۇنداقلا بىر تۈركۈم ياشلار بىلەن ۋېلىسپىت مىنىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەن.
سۈرەتتە: موللاقچى بالا
شۇ جاي ۋاقتى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرى دازۇ رايۇنى ۋەنگۇ بازىرى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى يەتتە ياشلىق 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى لوڭ دىخاۋ پەقەت 30 سىكونت ۋاقىت ئىچىدىلا 40 موللاق ئاتالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى دۇنيا جىنىس رىكورتى ئورگىنىنىڭ ئامېرىكا تىكساس شىتاتىدىكى بىر 16 ياشلىق قىزچاقنىڭ 30 سىكونت ئىچدە 35 نى موللاق ئېتىش جىنىس رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىشىدىن ئۈمىد بار، ھازىر بۇ بالىنىڭ ئۇستازى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىلتىماسنامە سۇنغان ھەمدە رىقابەت ئېلان قىلىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن. سۈرەتتە: لوڭ دىخاۋ مەشىق قىلماقتا.
مەنبە: نۇر تورى.