مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10519|ئىنكاس: 159

دارۋىنىزىم ۋە ئىسلام دىنى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59241
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3548
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 821 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 12:22:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دارۋىنىزىم بىز مۇسۇلمان قەۋمى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ سەزگۈر بولغان تىما، دارۋىنىزىم ياكى دارۋېن تەلىماتى دىيىلسە نۇرغۇن ئادەم دارۋېننىڭ ئادەم مايمۇندىن ئۆزگۈرۈپ كەلگەن دىگەن ھۆكۈمى ئىسلام دىنىمىزدىكى يارىلىش قىسسىمىزنى ئىنكار قىلغانلىق دەپ قارايدۇ، توغرا شۇنداق، ھەتتا بىز مۇسۇلمانلارلا ئەمەس ، ناسارا ۋە يەھۇدىلارغا چۈشكەن ئەھلى كىتاپ ئىنجىل ۋە تەۋراتتىكى يارىلىش قىسسىسىمۇ دارۋېن تەلىماتىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە بۇ تەرەپتىكى تالاش تارتىشلار ئىسلام جەمىيىتىدىلا ئەمەس غەرىپ جەمىيىتىدىمۇ ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.
ئەلۋەتتە تالاش قىلغۇچى ئىككى تەرەپ بولغانكەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا دەلىل ۋە پاكىتلىرى بولىدۇ، بۇنداق دەلىل پاكىتلار ئىككى تەرەپتىن توپلىنىپ ئىزدىلىنىپ كىلىۋاتقىلى 160 يىل بولدى، پەننى تەرەپتىن قارىساق دارۋىنىزىم ھۆجەيرە تەلىماتى، قۇياش مەركەز تەلىماتى بىلەن قوشۇلۇپ سانائەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى ئۈچ چوڭ زور ئىلمى بايقاشنىڭ بىرى دەپ باھا بىرىلگەن ھەم بۇ باھا غەرىپ ئىلىم ساھەسىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق، 21-ئەسىر بىئولوگىيە دەۋرى بولغان بۇ كۈندە بۇگۈنكى ھاياتلىق سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچى بولغان گنىتىكا ، يۇقۇرى مالىكولا ، مالىكولا بىئولوگىيەسى قاتارلىق پەنلەمۇ قايتىدىن دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات تەلىماتىغا ئىلتىجا قىلىپ 21-ئەسىردىكى يۇقۇرى تىخنىكا بىلەن بىرلەشكەن يىپ يىڭى بولغان يىڭى دارۋىنىسىم مەيدانغا كەلدى. ھەم تەجرىجى تەرەققىيات چەتەللەرنىڭ قايسى ئالى مەكتىپىگە بارسىڭىز ھاياتلىق ئىلمى، ئارخلوگىيە ۋە ئېكولوگىيە پەنلىرىنىڭ زۇرۇر دەرىسلىگى، يەنى تەدرىجى تەرەققىياتنى چۈشەنمىگۈچە ھاياتلىق ئىلمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ دىگەن گەپ بار، مەسىلەن بىزنىڭ گىنىتىكا ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپمۇ تەتقىقاتىمۇ ئېۋولۇتسىيە يەنى تەدرىجى تەرەققىيات تىمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
مىنىڭ بۇنداق دىگىنىم تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى ۋە دارۋېننى ئاقلاپ يۈزدە يۈز توغرا دەيدۇ دىگىنىم ئەمەس، لىكىن دارۋېن نەزەرىيەسى توغرىلىق كىتاپلارنى، چۈشەنچىلەرنى قولىمىزغا بىرەر كىتىم بىزدىكى قارا قوياق ئىنكار قىلىشنىڭ ئورنىغا تىللاپ چۈشۈشنىڭ ئورنىغا بىزمۇ ئىلمى مۇھاكىمە قىلىپ چۈشۈنۈپ ناقساق بولمامدۇ دەيمەن
مەن بۇ تىمىنى بىكادىنلا ئاساسسىز يازغىنىم يوق، مىنىڭ مەركىزى ئىدىيەم، تەدرىجى تەرەققىيات بىلەن دىنىمىزدىكى يارىلىش قىسسىسى ئۆز-ئارا توقۇنۇشمايدۇ ، بۇ مىنىڭ گىپىم ئەمەس ، ئىسلام ئەللىرىدىمۇ ئىسلام نۇقتىسىدىن دارۋېنغا ۋە تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە باشقىدىن قاراپ چىقىشتەك ئىلمى دولقۇن كۆتۈرۈلگىلى خىلى بولدى ، پەقەت بىزلا بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ، مەسىلەن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشلىنى قىسقىچە مىسالغا كەلتۈرىمەن، زۆرۈر تىپىلسا بۇلارنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلىپ بىرىشكە تەييارمەن
http://en.wikipedia.org/wiki/Islamic_views_on_evolution
Islamic views on evolution
ئىسلام نۇقتىسىدىن ئېۋولۇتسىيە(تەدرىجى تەرەققىياتقا نەزەر)
باشقىسىنى قويۇپ بۇ ئۇلىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۆلىگىنى تەرجىمە قىلسام
Evolutionary biology is included in the high-school curricula of most Muslim countries. Science foundations of 14 Muslim countries, including Pakistan, Iran, Turkey, Indonesia, and Egypt, recently signed a statement by the Interacademy Panel (IAP, a global network of science academies), in support of the teaching of evolution, including human evolution.[16]

especially human evolution.[16
]
ئېۋولوتسىيە (تەدرىجى تەرەققىيات)دەرىسلىگى زور كۆپچىلىك مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرا  دەرىسلىگى قىلىپ كىرگۈزۈلدى.يىقىندا پاكىستان ، تۈركىيە، مىسىر ، ئىران ، ھىندونوزىيە قاتارلىق 14 مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئىلمى تارماقلىرى كىلىشىم ھاسىل قىلىپ تەدرىجى تەرەققىيات ھەتتا ئىنسان تەدرىجى تەرەققىيات دەرىسلىگى ئوقۇتىشىنى قوللايدىغانلىغىنى بىلدۈردى،
2007-يىلدىكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە
قالغىنىنى يۇقۇرقى بەتتىن كۆرۈۋىلىڭلار، بۇ تور بەت ھەققانى ئادىل بىتەرەپ مەيداننى ساقلاپ بايانات ئىلان قىلىدىغان ۋىكىلپىدىيە تورى. مەن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ بەتنىڭ ئاخىرىدىكى بىر نەچچە قۇرنىلا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.

مۇشۇنىڭدەك دارۋىنىسىم بىلەن ئىسلامنىڭ توقۇنۇشمايدىغانلىغى تورغىلىق ئىلمى ئەمگەكلەر تولىمۇ كۆپكەن. بولۇپمۇ يىقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە.

كوپىرنىك يەر تۆت چاسا ئەمەس يۇمۇلاق، يەر قۇياشنى ئەمەس ، قۇياش يەرنى ئايلىنىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىغى ئۈچۈن دىنى جەمىيەت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان. لىكىن يەرنىڭ يۇمۇلاق ئىكەنلىگىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايمىز.

ئەمدى ئىسلام دىنى ئالىملىرى بىلەن پەنچىلەرنىڭ دارۋېننىڭ نەزەرىيەسىنىڭ ئىلمىلىگىدە قانداق بىرلىككە كىلىۋارقانلىغىنى ۋە نىمە ئۈچۈن دارۋېن تەلىماتى بىلەن يارىلىش قىسسىنىڭ ئۆز ئارا زىت ئەمەسلىگىنى شەرھىيەلىسەم،

مىنىڭ بۇ مۇنازىرىدىكى مەركىزى ئىدىيەم شۇكى يارىلىش قىسسىسى ياكى ئاللانىڭ ئىرادىسى تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىرىيەسى بىلەن زىت كەلمەيدۇ بەلكى ھازىر ئىنىقلىنىپ چىقىۋاتقىنىدەك تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسى يارىلىش قىسسىنى قوللايدۇ ،

ئالدى بىلەن بارلىق ھەمدۇ-سانالەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگاھى ئاللاغا  بولسۇن !   سۆز باشلاشتىن بۇرۇن مەن غەرىپكە ساياھەت فىلىمىدىكى بىر ۋەقەلىكنى مىسال ئىلىپ ئۆتەي. تاڭسىڭ شاگىرتلىرىنى باشلاپ ئاياللار دۆلىتىگە كەلگىنىدە تاڭسىڭ ۋە جۇباجى پەرزەنت دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىۋىلىپ ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ. سۇن ۋۇكوڭ بۇنىڭ دورىسىنى ئىلىپ كەلگىلى ئەرىشكە ماڭىدۇ ۋە دورىنى ئىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەرىش ئوردىسىدا بىر كۈن ئوينىۋىلىپ كەتمەك ئاززۇيىنىڭ بارلىغىنى ئىيتقاندا ئەرشتىكىلەر ئەرىشتە ئۆتكەن بىر كۈننىڭ زىمىندا ئۆتكەن بىر يىلغا تەڭ ئىكەنلىگىنى، ئەگەر بىر كۈن كىچىكىپ بارسا تاڭ راھىبى ۋە جۇباجىنىڭ ئاللىقاچان يەڭگىپ بولىدىغانىغىنى ئەسكەرتىپ سۇن ۋۇكوڭنى قايتىپ كىتىشكە ئالدىرىتىدۇ.
بۇ نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى ئەدىپ ۋۇ چېڭئىن نىڭ بايانىدا تەسۋىرلەنگەن بىر ئەپسانە.
ئارىدىن يەنە نەچچە يۈز يىل ئۆتۈپ ئېينىشتىين نىسبىلىك نەزەرىيەسىدە زاماننىڭ قىسقىرايدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئالەمدىكى ماكان ۋە زامان ئۇقۇمىنىڭ ۋە ئۆلچىمىنىڭ زىمىندىكى ماكان ۋە زامان ئۇقۇمى بىلەن ئوخشاشمايدىغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ توغرىلىق مىم دەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كارتون فىلىمى بار، بۇنىڭدا داچىڭ بىلەن سىڭلىسى ئالەم ساياھىتىدە كىتىۋىتىپ داچىڭ بىر نەرسىسىنى ئۇنتۇپ قىلىپ يەر يۈزىگە قايتىدۇ، ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي سىڭلىسى بىلەن ئۇچراشسا سىڭلىسى ئاللىقاچان قىرىپ مومايغا ئايلىنىپ كەتكەن.
مەيلى  غەرىپكە ساياھەتتىكى زامان ماكان ئەپسانىسى بولسۇن ياكى ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىلىك نەزەرىيەسى بولسۇن بىزگە بىلدۇرمەكچى بولغىنى زىمىن ۋە ئالەمدىكى زامان ياكى ۋاقىت، ماكان ياكى بوشلۇق ئۇقۇمىنىڭ، مۇناىسۋەتلىك ئۆلچەملىرىنىڭ ئوخشاشماسلىغى، ياكى زىمىندىكى ماكان زامان بىرلىگىنىڭ باشقا ئالەمدە ئۆز ماھىيىتىنى ۋە قانۇنىيىتىنى پۇتۇنلەي يوقىتىشى.
بەزىلەرنىڭ  گىننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگۈرىشى بىلەن تەدرىجى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئىنتايىن ئۇزۇن جەرياننى بىر بىرىگە زىت دەپ قارىشى يۇقۇرىدا ئىيتىلغان  كايىناتتىكى زامان ۋە ماكان ئۇقۇمى توغرىلىق چۈشەنچىلىرىنىڭ چولتىلىغىدىن بولغان، مەن ھەممىنى دەۋەتمەي، مۇشۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەپەككۈر قىلىشى ئويلىشىغا قوياي. نىمىلەرنى ھىس قىلىدىكىن. يەنە بىر يىپ ئۇچى ئىنساننىڭ تۆرىلىپ ئۆلگىچە بولغان جەريانى بۇ بىر شەخىس ئۈچۈن ناھايىتىمۇ بىر ئۇزۇن جەريان، ھەتتا بەزىدە ھايات مۇساپىسىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ قەدىمىنىڭ بىرى بولغان بىر سائەتنى ئۆتكۈزمەكمۇ بىزگە بەك تەس بىلىنىدۇ، بەكلا ئۇزاق بىلىنىپ كىتىدۇ، لىكىن ئاللانىڭ دەرگاھىدا بۇ ئۇزۇن مۇساپە پەقەت ئوڭ يىنىمىزدىكى نەرسىنى ئىلىپ سول يىنىمىزغا قويغاندىنمۇ قىسقا مۇساپە. ھەتتا بىز ئۈچۈنمۇ شۇنداق ، كۆزىمىزنى بىر يۇمساقلا نەچچە ئون يىل ئۆمرىمىز دەقىقە ئىچىدە خىيالىمىزدىن كىچىپ بولىدۇ، ئىنسان ئۆرىنى دىمەي كايىناتنىڭ ئۆمرىنى دەيلى، يەر شارىنى دىسەك ھازىرغىچە 5 مىليارت يىل بولدى ، لىكىن قىيامەت كۈنى ماكان زامان ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇپ پۇتۇن كايىنات دەقىقە ئىچىدە يىڭنىنىڭ تۆشىگىدىن ئۆتكەن بولىدۇ.  بۇ بىزنىڭ نەزەرىمىزدە 5 مىليارت يىل ، لىكىن ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا ئاللانىڭ نەزىرىدە بىر دەقىدە پەيتى. خۇددى ئىنساننىڭ تۈ
گۈمەس كۆرۈنگەن ئۆمرى ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ تۆشۈكتىن بۇ تۆشۈككە ئۆتكەندەك ئىش.
خوش، مەن ئۇنداق بولسا تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ياقلاپ بىر جانلىق يەنە بىر جانلىققا تەدرىجى تەرەققى قىلىپ ئۆزگۈرۈش ئۇچۇن 100 مىليون يىللار ۋاقىت كەتكەن دەيمەن، بەزىلەر بولسا جانلىقنىڭ باشقىچە يارىلىشى گىنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى بىلەن ئاللانىڭ دەرگاھىدا دەقىقە پەيتىدە تاماملانغان دەيدۇ ؟ بۇ ئىككى قاراش بىر بىرىگە زىتمۇ؟ .ئالدىنقى قاراشتا بولاتتەك ئارخىلوگىيەلىك ئىسپاتلار بار، يىلىلىرىنى بىز كاربون ئىزوتوپلۇق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ توغرا مۆلچەردە تىپىپ چىقالايمىز، لىكىن بۇ يەردىكى 100 مىليون يىل ۋاقىت ئاللانىڭ ئىرادىسى، يارىلىشنىڭ ئۆلچىمىدە قانچىلىق ۋاقىت؟ بۇ توغرىلىق ئىزدىنىپ باققانلار بارمۇ؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟
دىمەك ئاللا تەرىپىدىن بىر بىردىن بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ يارىتىلغان مەخلۇق جالىقلارنىڭ زىمىندا ئىپادە تىپىشى ئىنتايىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر جەريان بولىشى ئىنىق.

دارۋىنغا كەلسەك دارۋىن يەنە بىر تەرەپتىن يىتىشكەن پوپ، ئىزدىنىشلىرىگە كىتاۋى كالاملارنىڭ بىرى بولغان ئىنجىلدىكى يارىلىش قىسسىسى دىنئىلھام ئالغان. ھەم ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىدىمۇ ياراتقۇچىغا بولغان قايىللىق ، ھۆرمەت قورقۇنۇچ بىلەن ئۆلگەن ، نىيتون ئېينىشتىيىنلارمۇ شۇنداق. لىكىن دارۋىننىڭ خاتالىغى مەنچە (مەنمۇ بىر قىزىقىپ بىلىپ بىقىشقا ئۇرۇنغىچى، بىلىدىغانلىرىم پەقەت ئاردۇر كۆپتۇر ھىسسى نەرسىلەر، توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللادۇر) دارۋىن ئۆزگۈرۈش دىگەندە تۈرلەر ئۇقۇمىدىن تۇرلەرنىڭ چىگرىسىدىن ھالقىپ كىتىپ قالغان، يەنى بىر تۈر يەنە بىر تۈرگە ئۆزگۈرۈپ يىڭى تۇر شەكىللىنىدۇ دەپ ئويلىغان. ئۆزگۈرۈش ھەر قانداق شەيئىدە بولىدۇ، ھەر زامان ھەر ۋاقىت مەۋجۇت لىكىن بۇ خىل ئۆزگۈرۈش مەنچە پەقەت تۈر ئەندىزى بۇزۇلمىغان، تۈر چىگرىسىدىن چىقىپ كەتمىگەن ھالدا تۈر ئىچىدىكى ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن، مايمۇننىڭ ئۆزگۈرۇپ ئادەمگە تەرەققى قىلغانلىدەك قاراش بۇمۇ تۈر دايىرىسىدىن ھالقىپ كىتىلگەن قاراش. ئەگەر مايمۇن تۈرى ئۆز ئىچىدە ئانداق ئۆزگەرگەن مانداق ئۆزگەرگەن دىيىلسە ئارخىلوگىيەلىك پاكىتلار ئارقىلىق بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن. مەسىلەن بۇگۈنكى قۇش تۇرلىرىنىڭمۇ ئەسلى دىنازاۋۇر بولغىنىدەك ياكى  كىچىكلەپ ئۇچۇشقا ماسلىشىپ بۈگۈنگە كەلگىنىدەك. ئەمما دىنازاۋۇرلاردىن قۇشلارغا ئۆتۈش نەچچە ئون مىليون يىللار ئەتراپىدا تاماملانغان، كىم بىلىپتۇ بۇ خىل تاماملىنىش ئاللانىڭ دەرگاھىدا دەقىقە پەيتىدۇر؟

ئاللاھقا نىسپەتەن ۋاقتنىڭ رولى يوق. ۋاقت پەقەت ئىنسانغا بېرىلگەن بىر نىمەت!

ماكان ۋە زامان ياكى بوشلۇق ۋە ۋاقىت نىسپى ئۇقۇم، مەن بۇلارنىڭ نىسبى ئۆلچىمى ۋە نىسبى ئىپادىلىنىشىنى باشتىكى ئىنكاستا سۆزلەپ ئۆتتۈم، مەسىلەن ئىنجىلدىكى يارىلىش قىسسىسىدە ئالەم 6 كۈندە بەرپا قىلىنغان، ئادەم ئالتىنجى كۈنى يارىتىلغان دەيدۇ، قىسساسۇل ئەنبىيادىمۇ  كائىنات ۋە ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانلىقلارنىڭ ئاللا تەرىپىدىن يوقتىن بار قىلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا پەقەت ئاللانىڭ ئالەمنى ۋە مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىكى ئىرادىسى بولۇپ ۋاقىت مەسىلىسى ئەمەس. ئىلىم پەن تەرەپتىن كايىناتنىڭ چوڭ پارتلاش بىلەن مەيدانغا كىلىشى، يەر شارىدا جانلىقلار ياشىغىدەك مۇھىتنىڭ بارا بارا ھازىرلىنىشى قاتارلىقلار بۇ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن نەچچە مىليارت يىل بىرلىك قىلىپ ھىساپلىنىدىغان جەريانلار (ئەلۋەتتە بۇ زىمىندىكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىرىلگەن ماكان ۋە زامان ئۆلچىمى). مەن باشتا ئىنكاسىمدا دىگەندەك ئاللانىڭ ھوزۇرىدا بۇ ۋاقىت ۋە زامان ئۆلچىنىمىڭ ئەھمىيىتى رولى يوق. قايسىڭلانىڭ ۋاقتى بولسا قىيامەتنىڭ قوپۇشى دىگەن يازمىنى ئىزدەپ قويساڭلا، ئۇنىڭدا بۇ تىمىغا يىپ ئۇچى بولغىدەك نۇرغۇن ياخشى مەزمۇنلار بار.مەسىلەن قىيامەتتە بىزگە زىمىندا بىرىلگەن ماكان ۋە زامان بوشلۇق ۋە ۋاقىت ئۇقۇمى ئۆز ئۆلچىمى، ئەسلى بار بولغان ئەھمىيىتى ۋە رولىنى يوقىتىدۇ. قىيامەتتە پۇتۇن كايىناتنىڭ يوقتىن بار بولۇپ تەرەققى قىلىپ ئاخىرى گۇمران بولغىچە بولغان بۇ ئىنتايىن ئۇزۇن جەريان دەقىقە ئىچىدە بىسىلىپ خۇلاسىنىپ بولىدۇ. خۇددى بىزنىڭ ئۆمرىمىز ئەسلىسەك كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمىزدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتكەندەكلا.
ئاللا باشتا كايىنات ئالەمنى  نۇر ھاۋانى ئاندىن جانلىقلارنى ياراتقان، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئالىسى ئەڭ مەرتىۋىلىك ئادەمنى ياراتقان. بۇ تەرتىپنى  ئىلىم پەندە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىياسلىغا تەدبىقلىساق ھەيران قالارلىق توغرا كىلىدۇ. يەنى ئەڭ ئاۋال چوڭ پارتلاش بىلەن ئالەم پەيدا بولغان ۋە ئۈزلۈكسىز كىڭىيىپ بارغان، تەبىيەت دۇنياسىدىمۇ ئادەم يارىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇكەممەل چىكى. ئوخشىمايدىغىنى بىرى ئاللانىڭ ھوزۇرىدىكى ئىپادىلىشى، يەنە بىرى ئاللانىڭ ئىرادىسىدە ئوخشاش تەرتىپتە پەيتلىك تىزلىكلىرىدە  تاماملانغان جەرياننىڭ كايىنات ۋە  ئىنسان ئۈچۈن ناھايىتىمۇ ئۇزۇن جەريان بولۇپ ئىپادە تىپىشى ۋە ھىس قىلىندۇرىلىشى. ئاللا ئۈچۈن ماكان ۋە زامان ياكى بوشلۇق ۋە ۋاقىتنىڭ رولى يوق دىگەن چۈشەنچە ئايدىڭ بولسىتى ئۇ چاغدا پەننى پاكىتلار بىلەن يارىلىش قىسسىسىنىڭ ئىككى ئالەمدە زامان ۋە ماكاننىڭ ئوخشىمىغان ئىككى ئۆلچىمىدە يۈز بەرگەن ئوخشاش بىر جەريان ئىكەنلىگىنى چۈشۈنەتتۇق.

قۇرئانى - كەرىمدە، قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەر ئوچۇق بىر شەكىلدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئايەتلەردە قىيامەتنىڭ، پەقەت دۇنيانى ئەمەس، باشقا ئالەم جىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، پۈتۈن كائىنات كۆلەملىك بىر ئاخىرلىشىش ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنىدۇ.
- ئاسمان يېرىلغان چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، دېڭىزلار بىر- بىرىگە قۇشۇلغان چاغدا، قەبرىلەر ئاستى- ئۈستى قىلىنغان ( يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان چاغدا ) ( ئىنفىتار سۈرىسى، 1-4 ئايەتلەر )
- ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ. تاغلار قاتتىق سەيرى قىلىدۇ ( يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ ). ( تۇر سۈرىسى 9-10 ئايەتلەر )
- كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا، تاغلار گۇمران بولغان چاغدا... ( تەكۋىر سۈرىسى 1-3 ئايەتلەر )
- ئۇ كۈندە ئاسماننى ( پۈتۈكچى ) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. ( بۇ ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، ( ئۇنى ) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز. ( ئەنبىيا سۈرىسى 104- ئايەت )
مانا بۇ قىيامەت پەيتى يۇقۇرىدا بىز ئىيقان ماكان ۋە زاماننىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۆلچەملىرى ۋە ئىپادىلىشىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىشى. بۇنى ماكان ياكى بوشلۇقنىڭ گۇمران بولۇپ زامانەنىڭ ياكى ۋاقىتنىڭ ئاخىرلىشىشى دەپ چۈشۈنۈشكىمۇ بولىدۇ،
تۆۋەندىكى ئايەتكە قارايلى:
- كۈن بەلگىلەنگەن جايغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر. ( سۈرە ياسىن 38- ئايەت ).
بۇ ئايەت، قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەمسۇش - شۇمۇسقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قلىدۇ.
بەدىئۇز-زامان ھەزرەتلىرى بۇ ھەقتە يەنە مۇنۇلارنى دەيدۇ:
* قۇياش سېستىمىسى، ئىچىدىكى بارلىق ئەزالىرى بىلەن شەمسۇش - شۇمۇسقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ. (قۇياش سىستىمىسىنىڭ ھەركەت يۆلىشىنى ۋە ئاخىرقى قارارگاھى قەيىت قىلىنغان، يەنى ئاخىرى بىرىپ قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن يۇتۇۋىلىنىدۇ)
* شەمسۇش - شۇمۇس بولسا، ئاخىرەت ئالەمىدۇر (زامانە ئاخىر). ئۇ يەردە بىز ياشاۋاتقان بۇ فىزىكىلىق دۇنيانىڭ قانۇنلىرى ئىشلىمەيدۇ (يەنە بىر ئالەمدە ئاللا بىزگە نىمەت قىلىپ بەرگەن ماكان زامان ئۇقىمىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقىتىدىغانلىغىنى يەنىئىنسان ئۈچۈن بىرىلگەن تونۇش قورالى بولغان  ۋاقىتنىڭ ئۆزئەھمىيىتى ۋە رولىنى يوقىتىدىغانلىغى قەيت قىلىنغان ).
* بۇنىڭ بىلەن شەمسۇش - شۇمۇستىكى بىر كۈن بىز ھىساپلاۋاتقان 50 مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدۇ دەپمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گەپ بۇ يەردە 18000 مىڭ ھەسسە دەپ قارالغان پەرقنىڭ توغرا خاتالىدا ئەمەس بەلكى ئىككى ئالەمدىكى ماكان زامان پەرقىنىڭ مەۋجۇتلىغىدا.  بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئىنتايىن جىق ئىشارەت بار.
قارا ئۆڭكۈرلەر ۋە قىيامەتنىڭ قوپۇشى دىگەن يازمىدىن نەقىل ئىلىندى.
دىنازاۋۇرنىڭ قۇشلارغا ئۆزگۈرىشى ئىنساننىڭ ۋاقىت ئۆلچىمىدە مەيلى 100 مىليون يىللىق جەريان بولسۇن ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولسۇن  بۇ پەقەت بىر نىسبى ۋاقىت ياكى نىسبى زامان. بۇ جەريان ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاللا ھوزۇرىدا ياكى مەھشەرگاھتا پەقەت دەقىقە پەيتى بولىشى مۈمكىن.
مەنبە: ئۆزەم
ئاخىرىنى داۋاملىق يازىمەن.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
naruto1231 + 99 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

زەنجىر بوغار دۈشمەن قاچار!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81203
يازما سانى: 2240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1066 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 01:38:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ  مەن  مايمۇندىن  ئۆزگەرمىگەن  ،ھەقىقى  بىر  ئادەم  پەرزەنتى  .،.
قۇرۇپ  كەتسۇن  بۇندا  دارۋىنىزىم ،مايمۇنىزىم ، يەنە  بىر  نىمىزىم  تەلىماتى .،.

قاغا ئۇچسا  قاناتىگە قاراڭلار ، گۇناھ قىلسا زەنجىر بىلەن  باغلاپ  تاناۋىنى  تارتىڭلار !!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 604
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 02:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بۇنى بۇ يەرگىمۇ ئىلىپ كەپسىزدە ، شۇ ئەلكۈيىدىلا توختاپ قالسىڭىز بولاتتى . مەنچە بۇ تىمىنىڭ بىزگە ھىچقانداق پايدىسى ، ئەھمىيىتىمۇ يوق . بەلكى بۇ تىما ئادەمنى بىلىپ بىلمەي گۇناھقا باشلاپ قويىدۇ . بۇ تىمىنىڭ ئۆچىرىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن . بۇ تىما ھىچقانداق بىر ئاساسقا ئىگە ئەمەس ، بەلكى ھېسسىي تۇيغۇ بىلەن يېزىغان تىمىدۇر ، يەنى ئىسلام دىنى بىلەن دارۋىنىزىم بىر بىرسىنى زورلاپ چەتكە قاقمايدۇ دىيىلگەن ، ئىلمىي ئاساسىي يوق .
پۈتۈن ئالەمنى ۋە مەقلۇقاتنى ياراتقان بىر ئاللاھدۇر .ئاللاھنىڭ كۈچ -قۇدرىتى چەكسىزدۇر ، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر .

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
möljarli + 33 دەلىللەر يېتەرلىك...
akburkut_muz + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 43   باھا خاتىرىسى

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 02:28:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   مىنىڭ قانداقتۇ بۇ دارۋىنىزىم بىلەن خۇشۇم يوق  ............

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3310
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 02:29:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ مەنمۇ   دىيارىمنىڭ پىكىرگە قوشۇلىمەن.   
  
مىنڭچ

جەننەتكە قول تۇتىشىپ كىرەيلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86779
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 458
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 02:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەنمىدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 395
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3310
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 02:30:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنگىلىزچە سەۋىيڭىز ياخشى بولغاندىنكيىن  سىز بىز گە پايدىلىقراق  خەۋەر ۋە يازمىلارنى يوللسىڭىز  بولاتتى.
بىراق بىز بۇ دارۋىنغا كەلسەك.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 02:39:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 01:38 PM
ئىشقىلىپ  مەن  مايمۇندىن  ئۆزگەرمىگەن  ،ھەقىقى  بىر  ئاد ...

مەن قۇشۇلىمەن . مەن بۇنداق دارۋىنىزىم،يەنە بىرنىمىزىم دىگەنلەرنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن. ئىشقىلىپ [اللا]نىڭ پەرۋەردىگارىم بولغانلىقىغا،[ئىسلام]نىڭ دىنىم بولغانلىقىغا،[مۇھەممەت]نىڭ پەيغەنبىرىم بولغانلىقىغا مەمنۇن بۇلىمەن. باشقا ئىشلار بىلەن كارىم يوق.

ئېكرەمە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24946
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5518
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 1205 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 02:43:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بىزگە دىمەكچى بولغان مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم . ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا تەشنامەن . كۆپچىلىكنىڭ ئەسەرنى تولۇق ئوقۇماي ۋە ياكى بۇ ھەقتە بەزى بىر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ تېما يوللىغۇچىنىڭ قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن !
  ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر . مەنمۇ ھەم ھازىر بۇ ھەقتە ماتىرىيال كۆرۈۋاتىمەن . ئاللا خالىسا ئانچە ئۇزۇنغا قالماي تېما يوللىشۇم مۇمكىن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7254
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 02:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇنداق قاراشتا  ئېنگىلىزچە سەۋىيە بولغاندىكىن  يېڭى-يېڭى  تېملاردىن  بىزنىمۇ  ۋاقتىدا خەۋەردار قىلمامسىز  دەيمەن !  

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش