ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، تۈنۈگۈن سېتودىيىمىز نامىدا < پۇشايمان > ناملىق ناخشىنى سۇنغان ئىدۇق ، بۈگۈن ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئورۇنلىغان مەن ۋە ئېليار ئىجراسىدا يەنە بىر <يىغلىما ئانا > ناملىق ئىجادىي ناخشىمىزنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن ..
شۇ ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ كۆزىدىن ھەرگىز ، ھەرگىز ياش ئاقمىسۇن ...
بۇ R&B خىلىدىكى ناخشا ، Rap قىسمىمۇ بار ، ئەگەر رەپ توغۇرلۇق تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىدىغان بەزى دوستلىرىمىز بولسا ئىنكاسسىز چىقىپ كەتسىڭىز رەنجىمەيمىز ، ئەلۋەتتە باشقىچە پىكىرنى شەكسىز قۇبۇل قىلىمىز ، رەھمەت ، ئەمسە ناخشا ھوزۇرۇڭلاردا ..
ناخشا تېكىستى :
ئانا رازى ، ئاللاھ رازى
يىغلىما ئانا
R&B
كائىناتنىڭ سالىمى ، ساڭا بولدى جان ئانا ،
قەرىزدارمەن مېھرىڭگە ، مېھنىتىڭگە تەشەككۈر .
جىلۋىلىنەر ، شۇ ئاق چىچىڭدىن ، چەككەن جاپايىڭ ،
سېنىڭ ئۈچۈن يازىمەن ، رەھمىتىمدىن تېزىپ قۇر .
Rap
جاھان يىغلار يىغلىساڭ ، جىنىم ئانا يىغلىما ،
ئوغلۇڭ مانا چوڭ بولدى ، ئەمدى كېچىك چاغلىما .
ھەربىر ئېيتقان سۆزۈڭدە ، ياخشىلىقتىن دېرەك بار ،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن سوقمايدۇ ، سەندە شۇنداق يۈرەك بار .
ساڭا تەگكەن قوللارنىڭ جاۋابى شۇ خارى-زار ،
قىلمىشىڭدىن سۆيىنەر ، دۇنيا سەندىن ئېپتىخار .
پەرىشتە سەن گوياكى ، ئادەمزاتقا سايلانغان ،
سەن قىلغاشقا تەربىيە ، يامان ياخشىغا ئايلانغان .
سېنىڭ ئېيتقان ئەللەي ناخشاڭ ، ھەر قۇلاققا ئاڭلانغان ،
ساڭا بولغان مۇھاببەت ، يۈرەكلەردە ساقلانغان .
بىلىپ - بىلمەي يىغلاتتىم ، شەيتانلارنىڭ قەستىدىن ،
ھېچ ئالمىدىڭ كۆڭلۈڭگە ، ئەپۇچانسەن ھەممىدىن .
كۆز يىشىڭنى كۆرگەندە ، ھەممە قالۇر غەپلەتتە ،
ئېھتىراملار بىدۈرەي ، ئانا ساڭا يۈرەكتە .
چىن ھەقىقى تىلەكتە ، قۇياش ساڭا كۈلمەكتە ،
سىنىڭ سۈتۈڭ ھىدى بار ،ئوغۇزخاندەك ئەركەكتە .
R&B
كائىناتنىڭ سالىمى ، ساڭا بولدى جان ئانا ،
قەرىزدارمەن مېھرىڭگە ، مېھنىتىڭگە تەشەككۈر .
جىلۋىلىنەر ، شۇ ئاق چىچىڭدىن ، چەككەن جاپايىڭ ،
سېنىڭ ئۈچۈن يازىمەن ، رەھمىتىمدىن تېزىپ قۇر .
Rap
ئاچ توق يۈردۈڭ گاھىدا ، خىيالىڭدا پەرزەنتىڭ ،
ياخشى ئادەم بولغىن دەپ ، قايتا-قايتا ئەسكەرتتىڭ .
ياخشىلارغا ئوخشاتتىڭ ، قارا دىلىمنى ئاقارتتىڭ ،
ئانا ئورنۇڭ جەننەتتە ، ھەممە ساڭا ھۆرمەتتە .
كىچىكىپ يەتتىم قەدىرىڭگە ، كۆزۈڭ نۇرى كەتكەندە ،
ئاللاھتائالا بېرىپتۇ ، بىزگە سەندەك پەرىشتە .
ئىنسانىيەتتكە باغلاپتۇ ، سەن ئارقىلىق چوڭ رىشتە .
شۇئار توۋلاپ يۈرۈشتۇق ، ئانا ئۇلۇق بىرلا دەپ ،
جىدەللىشىپ يوق ئىشقا ، ئانامنى قوشۇپ تىللا دەپ .
تويغۇامدۇق ئانىنى ، بىز بالا ئەمەس بالا دەپ .
ئانا باقتى ، سېنى - مېنى پەپىلەپ ، تەمىتىرەپ ،
جاۋاپ قايتۇر ئاناڭغا ، ئەمدى يۈرمە ئەركىلەپ .
R&B
كائىناتنىڭ سالىمى ، ساڭا بولدى جان ئانا ،
قەرىزدارمەن مېھرىڭگە ، مېھنىتىڭگە تەشەككۈر .
جىلۋىلىنەر ، شۇ ئاق چىچىڭدىن ، چەككەن جاپايىڭ ،
سېنىڭ ئۈچۈن يازىمەن ، رەھمىتىمدىن تېزىپ قۇر .
مەنبە : نۇرشات نۇرمۇھەممەد
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xarari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-20 04:01 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-20 08:35 PM):
چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
http://221.7.11.13/1Q2W3E4R5T6Y7 ... 6bd0c1c1b6feba7f4.m