يىـڭى ئــەزا
يېڭى رۇبائىيلار ئابلىكىم مۇساق شاپ (1) سۆزلىگىن ئەي ئادەم سورۇنغا بېقىپ، كېچىمۇ دىققەت قىل قۇلاقنى يېقىپ. ئاغزىڭغا كەلگەننى سۆزلەپلا يۈرسەڭ، قويىدۇ بەزىلەر گېلىڭنى سىقىپ. (2) ھۆرمەت قىل،چوڭ-كىچىك دېمىگىن قاراپ، ھۆرمەتتە ئىززەتنى تاپىسەن مىڭلاپ. ئەگەردە ئۆزۈڭنى چوڭ بىلىپ يۈرسەڭ، سېسىيدۇ نامىڭ تىز،قالىسەن يىغلاپ. (3) ۋاقىت ئۇ ئالدىراش ساقلاپ تۇرمايدۇ، ياشلىقىڭ ھەم يەنە كۈتۈپ تۇرمايدۇ. ياشلىقتا بىلىمنى قىلمىساڭ قانات ، بۇ زامان ھەم سېنى ئاياپ قويمايدۇ. (4) ياشلىقنى گۆھەر بىل قايتىپ كەلمەس ئۇ، تولدۇرغىن پەنگە لىق ھەر بىر بېتىڭنى. ئىلىم-پەن كۆكىدە قاقمىساڭ قانات، تونۇماي كېتىسەن ئۆلۈم خېتىڭنى. (5) ئارلاشما ئۆزگىنىڭ ئارتۇق ئىشىغا، تەگمىگىن بىھۇدە كىشى چىشىغا. ئەگەردە ئويلىنىپ باسمىساڭ قەدەم، يىرىلار قاپىقىڭ ئۆزگە تېشىدا. (6) قامىتىڭ بەد ھەيۋەت يولۋاسنىڭ ئۆزى، قىلىقىڭ ھىيلىگەر تۈلكىنىڭ ئىشى. پالاقلاپ يۈرىسەن تەخسە كۆتۈرۈپ، پۈتۈنمۇ بولماپتۇ چاپېنىڭ پېشى. (7) باشقىلار بىزلەردىن بەك يىراقلاپ كەتتى، ئويلىماس بولدۇق بىز،بۇ قانداق تۇيغۇ. چۈش كۆرۈپ ياتىمىز، باشقىلار ئايدا ھەر دائىم تۈگىمەس بۇ قانداق ئۇيقۇ. (8) نادانلىق ئىلكىدە سۆزلىسە كىشى، ئاڭلىماس سۆزىنى ھېچ قانداق كىشى. ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى باسماي، قاپىقى يىرىلىپ تۆكۈلەر يېشى. (9) كېتىپلا قالدىڭ سەن ئۆيۈڭدىن چېنىپ①، دوست-يارەن،ھەتتاكى ئاتاڭدىن تېنىپ②، قورسىقىڭ تويمىدى،ئەجدىرھا كەبى، كېلىسەن بىر كۈنى ئۆيۈڭگە يېنىپ③. (10) غادايما ئاسماندا ئۇچساڭمۇ ئىنسان، كىرىلىپ ئۆزۈڭچە مۇز بوپ قاتمىغىن، بۆشۈكتۇر ئەل ئىچى بىلىپ قويغىن سەن، ئايرىلساڭ ئاۋامدىن يىغلاپ ياتمىغىن. (11) گەر نامرات بولساڭمۇ ۋىجداننى ساتما، نامەردلەر قوينىغا ئۆزۈڭنى ئاتما. ماختىنىپ ئالەمچە، ياراتماي ھېكمەت، پالازغا يۆگىنىپ ھەپتىلەپ ياتما. (12) ياشىغىن مەردانە ئوغۇلدەك ھەردەم، لايغەزەل بولمىغىن،بول ھەر چاغ بەردەم. مۇھتاجدۇر ھاياتلىق يۆلەك-تىرەككە، ھاتەمدەك سېخى بول قىلغىن سەن ياردەم. (13) بىلىدۇ ئەل سېنى چاھار بېغىدەك، گوياكى يۆلەنچۈك-تەڭرى تېغىدەك. يۆلىگىن ئاۋامنى،بولۇپ تىرىكى، ئىرىپمۇ كەتمىگىن ئۆچكە يېغىدەك. (14) مەنسەپنى پەش قىلما ئويلانغىن ئۇزاق، كىملەردىن قالمىغان ئۇزۇن جاھان بۇ. ئەمەلنى گۆرۈڭگە ئىپ كېتەلمەيسەن، تارىختىن بۇيانقى شۇنداق جاھان بۇ. (15) ئۆگەنگىن ياشلىقتا كۆپلەپ ھۈنەرنى، شۇندىلا ئالىسەن تاشتن گۆھەرنى. توختىماي تەرەققي قىلار زامان بۇ، شاللايدۇ،ھاڭۋىقىپ يۈرگەن مەرەزنى. ①چېنىپ-يۈز ئۆرۈش مەنىسىدە. ②تېنىپ-ۋاز كېچىش مەنىسىدە. ③يېنىپ-قايتىپ كېلىش مەنىسىدە-ئاپتوردىن. 2012-12-14 قوشتاغ- گۇما مەنبە:گۇما دىيارى مۇنبىرى
پاش قىلىش
مەخەتجان
مەستانە ئـــەزا
خەندان
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ياخشىلار مىنىڭ
ئاكتىپ ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ