مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1271|ئىنكاس: 14

كىتاپتىن تامچىغان ھېسلار ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88626
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 357
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 11:51:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بىزدە شۇنداق كىتاپلار بار، كىشىنى بىزارقىلىدىغان ، بىزدە شۇنداق كىتاپلار بار، كىشى كۆڭلىنى سۈيۈندۈردىغان، يەنە شۇنداقكىتاپلارمۇ بار، بىزنى تەگسىز خىياللار قاينىمىدا ئۇزاققىچە پىرقىرىتىدىغان...يەنەشۇنداق تېتىقسىز رومانلارمۇ باركى مۇھەببەت جەمىيەتنىڭ ھەممە يېرىدە تاۋارلىشىپكەتكەن ياكى ئىشرەتخانىلارغا كۆچكەن، بۇنداق كىتاپلار گەرچە كتاپ بازىرىنىڭ پۇلتېپىشىدىكى كوزىرى بولسىمۇ بىراق،  كىشىقەلبىنى پاكلاش ۋە كىشىنى توغرا بىر خاراكتىرگە باشلاشتىن يىراق. بۇنداقكىتاپلارنى ساناش ھۇزۇرمۇ ؟  بۇنداقكىتابلار پەقەت كىتاپخنىلارنىڭ زىننىتىنى ئاشۇردۇكى، كىشى قەلبىنى چىركىن نەرسىلەربىلەن بۇلغايدۇ. ئەنە شۇنداق نەرسىلەرنىڭ مۇئەللىپلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ كىتاپلىرىنىڭمۇقاۋىسىدىكى چىرايلىق يېزىلغان ئىسىملىرىغا قاراپ گىدىيىشىدۇ.بۇنداقلار جاھاننىڭرەپتارىنى ئوبدان چۈشەنگەن كىشىلەر بىردەم بولسىمۇ ساختا خۇشاللىقتىن ھۇزۇرتاپىدۇ. ئەمما يەنە بۇنىڭ ئەكسىچە بىزدە تالاي كىتاپلار بار. بۇ كىتاپلارغاكىشىلەرنىڭ قاراشقا رايى يوق . سەۋەب كۆپ، بەلكىم بۇ كىتاپنى بىرەرسى ياخشى ئەمەسدىگەندۇر، ياكى توردا بۇ كىتاپ توغرىسىدىكى ئىغۋالارنى كۆرگەندۇر ۋە ياكى توردائوۋچىلىق قىلىپ يۈرگەن بىرەسى بۇ كىتابنى ياخشى ئەمەس دېگەندۇر. قانداقلا بولمىسۇنبۇنداق كىتاپلار ئوقۇلماي تاشلىنىپ قالغاندۇر. بۇ قانداق كىتاپلار ؟

  بۇنىڭمىسالىدا مەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ كىتاپلىرىنى كۆرسىتىشىم مۇمكىن.ئالدىنقى قېتىم مەكتەپ قىرائەتخانىسىدا كىتاپ كۈرۈۋېتىپ مەرھۇم ئۇستازىمىزئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ «غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»« ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» « قەدىمكى مەركىزىئاسىيا» ناملىق كىتاپلىرىغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى. كىتاپلار خۇددى بىرەرسى ئاۋايلاپساقلىغاندەك يېڭى ئىدى. بىراق ئۈستىدە بىر قەۋەت چاڭ توزان بار ئىدى.كىتاپنى ئاستاسۈرتۈپ ئاۋايلاپ ئورنىغا قويۇپ قويدۇم.قاراپ باقسام باشقا بەدئى رومانلار خېلىكونا ئىدى. دىمەككى، ئالىمنىڭ بۇ كىتاپلىرىغا بىرەر ئوقۇرمەن تەگمىگەندەك قىلاتتى.مەكتەپداشلىرىم ئالىمنىڭ كىتاپلىرىغا ئىتبار نەزىرى بىلەن قارىمىدىمۇ ياكى ئوقۇشنىخالىمىدىمۇ بۇنى بىلىپ بولمايتى. مەن قايتىپ مەكتەپ ئالدىدىكى كىتاپخانىغا كىردىم.ئۇ يەردىمۇ ئالىمنىڭ بىر يۈرۈش كىتاپلىرى « قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» « يىپەكيولىدىكى توققۇز ھېكىمەت» « ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» « قۇتادغۇبىلىكغەزىنىسى» « مۇقام غەزىنىسى» « سەۋدالىق تەئەججۇپنامسى» « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»قاتارلىق كىتاپلىرى بىر يەردە رەتلىك تىزىلغان ئىدى. مەن كىتاپنى قولۇمغا ئېلىپسۈرۈتتۈم دە ئالىمنىڭ كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىدىكى سۈرىتىگە قارىدىم. نىمىشقىكىنھەرقېتىم كىتاپخانىغا كىرگىنىمدە ئالىمنىڭ سۈرىتىگە قارىغۇم كېلەتتى. «يىپەكيولىدىكى توققۇز ھېكىمەت » ناملىق كىتابىدىكى ئارىفنامە ۋە ئۆمۈر تەلقىنلىرىنەملىق ماقالىلىرى بىلەن بىرلەشكەن تۇيغۇ ۋە ئالىمغا بولغان قايىللىق سۈرەت بىلەنبىرىكىپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى. دوستۇمنىڭ خاتىرە كۈنى ئۈچۈن ئىككى كىتاب « يىپەكيولىدىكى توققۇز ھېكىمەت» ۋە « ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابىنىسېتىۋالدىم.كىتاپخانا غوجايىنى سىمىز ئايال ـ ئوبدان كىتاپنى ئاللا ئۇكام – دېدىكىتاپقا تامغىسىنى قۇيۇۋېتىپ. مەن ئۈندىمىدىم دە كىتاپخاندىن قايتىپ چىقتىم.قولۇمدىكى كىتاپمۇ مەن قىرائەتخانىدا كۆرگەندەك يېڭى ئىدى. يېڭىلىقىغا يارىشائىچىمۇ « ئېسىل » ئىدى.ئوقۇغان ئادەمگە « نان»بېرەتتى. كىتاب باشقا « بازارلىق»كىتاپلارغا ئوخشاش قاتتىق مۇقاۋىلانمىغان، باھاسىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەس ئىدى.بىراق ھازىر چىقىۋاتقان «رەڭدار» كىتاپلارغا قارىغاندا ئوقۇرمەنگە بىرىدىغانلەززىتى ھەم زوقى ئاشۇ « سۆلەتلىك» كىتاپلارنى بېسىپ چۈشسە چۈشەتتىكى ھەرگىز كەمقالمايتى. بۇندىن 12-13 يىل بۇرۇن يېزىلغان ماقالىلەر ھېلىھەم زاماندىن قالمىغانئىدى. بۇ ماقالىلەردە ئالىمنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە بۇ قەۋىمنىڭكەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈدى ھەم بار ئىدى. مېنىڭچە ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى بۇ كىتابنىسوغاققانلىق بىلەن ئوقۇپ بېقىشى زۆرۈر ئىدى. بىراق 2001 – يىلى 3000 تىراژدابېسىلغان بۇ كىتاپ تېخى تۈگىمىگەنلىگىدىن ھەيران بولاتتىم. ھازىرقى كىتابلارنىڭباھاسىغا سېلىشتۇرغاندا شۇنچىلىك ئەرزان ۋە كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى قىممىتى ئەڭيۇقۇرى كىتاب بولۇشى سۈپىتى بىلەن كىتاب قايتا- قايتا نەشىر قىلىنسا كېرەك ئىدى.ئالىمپۈتكۈل مېھىرى بىلەن بىزگە كۆرسىتىب بەرگەن سەلبىي ئىللەتلەر ھېلىھەم بۈگۈنكىئۇيغۇر جەمىيتىدە يىتەرلىك ساقلانغان ئىدى. بەزى دوست بۇرادەرلىرىمگە بۇكىتابلارنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغىنىمدا تىلى ئېغىركەن دىيىشىپ قايتۇرۇپبېرىشتى. مەن ئەپسۇسلىنىپ قالاتتىم. ئەكسىنچە مەن بۇ كىتاپلارنى ئوقۇغانسىرى شۇنچەخۇشال بولاتتىم. ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنى ئەمەس تىل ئىشلىتىش جەھەتتىنمۇ ھەرقانداقكىتاپلاردىن قېلىشمايتى. بىراق مۇشۇنداق ئىسىل كىتاپ تېخى بىرەر قېتىممۇ سېتلىپتۈگىمىگەن ئىكەن.ياكى مېنىڭ كۆرگىنىم قاچاق نۇسخسىمىدۇر؟

  يەنەشۇنداق كىتاپلار ئەسئەت سولايمان ئاكىنىڭ ئىككى كىتابى» ئابدۇقادىر جالالىدىنئاكىنىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابى ئەنە شۇنداق سېتىلمىغانكىتابلاردىن ئىدى. ھەممىسى تۇنجى نەشىرىدە. نىمىشقكىن نەدىكى كىتاپلارنىڭ ئەسلىنۇسخسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپمىغۇچە قولىدا بارىنى ئوقۇشنىمۇ خالىمايدىغانكىشىلىرىمزىمۇ بۇ كىتاپلارغا كۆز قىرىنى سېلىپ قويمىغاندەك. ئۇستاز ئابدۇقادىرجالالىدىن ئەپەندى مۇشۇ كىتابىنىڭ بىر بېتىدە «كىتابخانىدىن ھەرقانداق كىتابنىتاپقىلى بولاتتى. بىراق كىتابلار قىممەت ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىممەت كىتابلارنىئېلىپ ئوقۇپ، يۇرتىمىز كىشىلىرگە دەپ بەرگەندە ئۇ گەپلەرنىڭ تۆت زىخ كاۋاپچىلىك يۈزىبولمايتتى. كىتاپلارنى قولۇمغا ئېلىپ يانچۇقۇم، يۈرىكىم، يۇرتىمىزدىكى بىلىم قەدرىئوتتۇرسىدا تالاي قېتىم تارتقۇچلاندىم. ئاخىر كەينىمگە ياندىم» ناۋادا ئۇستازنىڭمىڭبىر جاپادا ئوقۇپ، يەنە شۇ جاپا بىلەن كىچە كۈندۈز يېزىپ خەلقىگە ھەدىيەلىرىھۆرمەتلەنگەن بولسا ئىدى كاشكى، ئۇستازمۇ كىتاپخاندىن كەينىگە يانمىغان بولاتتى.بىزمۇ ھېلىقى كىتابتىن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئىرىشىپ قالغان بولاتتۇق. ماددىمەنپەئەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرسىدكى كۈرەشتە گېلىغا يېڭىلگەنقېرىناشلىرىمىز مۇشۇنداق ئەجىر مېھنەت ئىگىلىرىنىڭ ئەجرى بىلەن ئۆز مەنىۋيىتىنىئاۋۇندۇرغان بولار ئىدى. ئەپسۇس ، بىز يەنە سودىگەرنىڭ پۇلى ۋە يازغۇچىنىڭئىناۋىتى ئۈچۈن يېزىلغان پاخال كىتاپلارنىڭ ئەتراپىدا پەلسەپىۋى كىتاپ يازغانلارغاياندىن قاراپ يۈرۈيمىز. ئەسلى بىزگە بۇلۇپمۇ ھازىرقى شارائىتىمىزدا بىزنىنەزىريىۋى تەپەككۈرگە باشلايدىغان، ھازىرقى رېئال ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىشكە ئازتولا پايدىسى بولىدىغان، تەپەككۈرىمىزنى ، زېھنىمىزنى ئاچىدىغان كىتابلار بەكلازۈرۈر ئىدى... قولۇمدا مەرھۇم ئالىمىمىزنىڭ ئىككى پارچە كىتابى، خىيالىمدائالىمنىڭ سىيماسى، يەنە بىر يەرلەردە خەلىقنىڭ نىداسى،،،بۇ نىدا مۇشۇنداق بىرئۆمۈر تىرىشىپ ئۆزى سۆيگەن ۋە سۆيگەنلىگى ئۈچۈن باقىيغا سەپەر قىلغۇچە توختىمايكىتاپ يېزىپ بەرگەن ئالىمنى ھۆرمەتلەشنى بىلمىگەن كىشىلەرنىڭ نىسداغا ئوخشاپكىتەتتى.

  بۇئاددىيغىنە يازما تۈگىدى. ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشى ۋە تاللىشى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇتولا دىيىلىپ كەتكەن كونا گەپ. بىراق چوقۇم ئىززەتلىنىشكە ۋە قەدىرلىنىشكەتىگىشلىك كىتاپلار ۋە مۇئەللىپلەرنى ھەممە كىشى ئىززەتلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-19 11:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 12:50:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتاب — ئىنسانلار دۇنياسىنى بىلىش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتەك ئۇزۇن يىللىق كۆرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بارلىققا كەلتۈرگەن ئەقىل – پاراسەت جەۋھىرى.

بىر ياخشى كىتاب بىلەن ئۇچراشسىڭىز بىر ياخشى دوست ياكى بىر ئالىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، گۈزەل ئەتىنىڭ، پارلاق يېڭى ھاياتنىڭ چىرتىيوژىنى سىزىۋاتقاندەك ئىپتىخارلىق ھېسسىياتتا بولىسىز.

ئۆي ۋە ھۇجرىڭىز ھەر قانچە ھەشەمەتلىك بېزەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىرەر پارچە كىتاب بولمىسا، خۇددى سۈيى يوق كۆلگە ئوخشايدۇ.

بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي گۈل يوق باغقا ياكى يېشىللىق يوق تاغقا ئوخشايدۇ.

بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي ئادەمسىز بازارغا ئوخشايدۇ. كۆچۈرۈپ يۆتكەش ياخشى ئىش ئەمەس.

بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي بىر تالمۇ يۇلتۇز يوق قاراڭغۇ ئاسمانغا ئوخشايدۇ.

بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي ھېچقانداق ئۇچار قۇش بولمىغان جىمجىت ئورمانلىققا ئوخشايدۇ.

بىرەر پارچە كىتاب بولمىغان ئۆي سېمىز پاقلان گۆشىدە قايناتقان، ئەمما تۇزى يوق شورپىغا ئوخشايدۇ.



قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 12:51:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     كىتاب ـــ ئىنسان روھىنى يورىتىدىغان چىراق.

«بىر كىتاب بىر ئالەم»

ياشاش قەۋەت خاسىيەتلىك بىر ئىش. لېكىن كىتابسىز ياشاش ياشىمىغان بىلەن باراۋەر. ھېچبولمىغاندا «كىتاب ئوقۇپ ياشىغىنىڭ پۈتۈن ياشىغىنىڭ، كىتاب ئوقۇماي ياشىغىنىڭ كەم دېگەندە ھاياتىڭنىڭ يېرىمىنى ياشىماي قويغىنىڭ بىلەن باراۋەر.»

«كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب پاراسەتنىڭ ئاچقۇچى، كىشىلەرنى يۇقىرىغا باشلايدىغان شوتا، كىشىلەرنى مۇكەممەللىشىشكە ئېلىپ بارىدىغان كېمە» دەپ بەك توغرا ئېيتقان.

گوركى: «ئادەم كىتابنى قانچە كۆپ ئوقۇسا روھىي جەھەتتىن شۇنچە ساغلام، باتۇر بولىدۇ» دەيدۇ.
گىيوتى يەنە: «ياخشى كىتابتىن بىرنى ئوقۇسىڭىز، نۇرغۇن ئالىيجاناب ئادەملەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندەك بولىسىز» دېسە،
رومىن روللان: «كىتاب بىلەن بىللە ياشىغان كىشى ھەرگىزمۇ ھەسرەت چەكمەيدۇ»

‹كىتاب دېگەننىڭ كونىسى، يېڭىسى بولمايدۇ، بالام. كىتاب دېگەن تېخى كونىرىغانسېرى ئەتىۋار بولىدۇ. چۈنكى ئۇنى ئاسان تاپقىلى بولمايدۇ…›


كىتاب-قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ھايات جاڭگاللىرىدا قايمۇقۇپ، ئېزىپ قالغان ئادەم كىتاب ئوقۇسا چىقىش يولى تاپالايدۇ. بىز كىتابتىن ئوزۇق ئالىمىز، بىلىم ئالىمىز، روھ ئالىمىز، كۈچ-قۇۋۋەت ئالىمىز، غەيرەت-شىجائەت ئالىمىز. ۋۇجۇدىمىزنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەندە كىتاب قەلبىمىزنى يورۇتۇپ، بىزگە يېڭى بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئېغىر قىسمەتلەرگە تولغان قايغۇلۇق كۈنلەردە كىتاب بىزگە ئەڭ ياخشى سىرداش بولۇپ بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، مەدەت بېرىدۇ، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرىدۇ.

«كىتابسىز ئۆي-چىراغسىز ئۆي» دەپ تەسۋىرلەنگەنىدى. شىكىسپىر مۇنداق دېگەنىدى: «كىتابتىن ئايرىلغان ھايات قۇياشسىز ھاياتقا، كىتابتىن ئايرىلغان ئەقىل قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ».

«كىتاب ئوقۇغان كىشى تولۇق ئادەم بولالايدۇ. دۇنيادا تۇغۇلۇپ ئادەم بولماق ئاسان، لېكىن تولۇق ئادەم بولماق ھەقىقەتەن تەس».


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87735
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 01:03:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىتاپ ئوقۇش، بىلىم ئېلىش- ئىنساننىڭ ئىشى ،

يەپ- ئىچىش، ئۇخلاپ چىچىش-  ھايۋاننىڭ ئىشى.




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2071
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5522
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:12:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي نىمىش بوپ كەتتى  بۇيەردە .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73725
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5130
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:22:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەرھۇم ئالىم ئابدۇشكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئۆزى ۋە ئەسەرلىرى تەتقىق قىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان كىشىدۇر. ئەپسۇسكى ئىزىز ئاتاۋۇللا سار تېكىننىڭ «مەدەنىيەت دالاسىغا سەپەر» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكىدىن باشقا ئابدۇشكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئەسەرلىرى ھەققىدە تۈزۈكرەك تەتقىقات ئېلىپ بىرىلمىدى. لېكىن ئابدۇشكۈر مۇھەممە دئىمىن ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كىشىلەرگە مەلۇمكى، ئالىمنىڭ پەلسەپەۋىي قاراشلىرى ماركىسزم تەلىماتلىرىنى ئاساس قىلغان. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىنى ماركىسزم بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغان. شۇنىڭدەك فارابىينىڭ پەلسەپە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ يازغان كىتابىدا فارابىنىڭ پەلسەپەۋىي قاراشلىرىنى فارابىي ئىددىيەسىگە يات بولغان «پانتىزم» لىق نەزەرىيە بىلەن ئۆلچىگەن. ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلەر پەلسەپەسىنى تەتقىق قىلغاندا ئاساسەن دېگۈدەك ئورۇس بولشىۋىكلىرىنىڭ تولىمۇ خاتا بولغان قاراشلىرىنى ياقلىغان. تەسەۋۋۇپ تەتقىقاتىغا دائىر ئەسەرلىرىدىمۇ ئورۇس بوشىۋىكلىرىنىڭ قاراشلىرىنى تەسەۋۋۇپ تەلىماتىنى تەتقىق قىلىشتىىكى يېتەكچى ئىددىيە قىلىپ خاتالاشقان. «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىدىمۇ يۈسۈپ خاسھاجىب ئىدىيەسى ھەققىدە توختالغاندا چەتئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىغا ئىغىپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى ھەققىدىكى ئىلمىي ئەمگەكلىرىدە بىر تەرەپلىمىلىك ئېغىر ۋە مۇقام تەتقىقاتىدا ئاساسەن ئۆزبېىك ۋە ئورۇس ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى قايتا تەكرارلاش بىلەنلا ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە كەسكىن خۇلاسە چىقىرىشقا ئۇرۇنغان.
        بەلكىم ئالىم ئەسەرلىرىدىكى بەزىبىر ئىلمىي بولمىغان ۋە ئىسپاتلاش يېتەرلىك بولمىغا قاراشلار، شۇنىڭدەك پەلسەپە تەتقىقاتىدىكى سوۋىتپەرەسلىك، ماركىسزمنى زىيادە ئۇلۇغلاش ۋە باشقا سەۋەبلەر ئالىم ئەسەرلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەپ قويغنا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئابدۇشكۈر مۇھەممەد ئىمىن بىز ئۈچۈن كۆ قىرلىق ئىلمىي تەتقىقاتلارنى باشلاپ بەرگەنلىكى ۋە شۇ تەتقىقاتلاردا ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقارغانلىقى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-20 10:24 AM  


ھەقىقەتكە ئەمەل قىلىش ئۇنى ئىسپاتلاشتىنمۇ مۇھىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86322
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:25:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن!

سىنى بىر كۆرسەمكەن《G》

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86836
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:26:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Devron يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 02:30 AM
قەيەرلىك نەرلىك ئىشەنمەيمەن دىگىنىنى... ۋۇ مەدەنىيەتس ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سەل ئدەبلىكرەك سۆزلەڭ قىرىندىشىم توردا ئۇ قىرىندىشمىزنى ئوچۇق ئاشكارا تىللىسىڭىز سەل ياخشى بولمايدۇ بىز مۇسۇلمانلارغا ماس كەلمەيدۇ ئۇنداق قىلىش قىرىندىشىم...

يېرىم جان،يېرىم روھ ،يېرىم يۈرەكتە،
يەنىلا بىر ساڭا تەشنا ھەر تىنىق.
سېنىڭسىز بۇ دۇنيا ئازاب دېڭىزى،
قۇتقۇزغىن سۆيگۈڭدىن ياساپ بىر قېيىق.

سىنى بىر كۆرسەمكەن《G》

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86836
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-11-5
ئاخىرقى: 2013-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:31:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم...

يېرىم جان،يېرىم روھ ،يېرىم يۈرەكتە،
يەنىلا بىر ساڭا تەشنا ھەر تىنىق.
سېنىڭسىز بۇ دۇنيا ئازاب دېڭىزى،
قۇتقۇزغىن سۆيگۈڭدىن ياساپ بىر قېيىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 948 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 10:35:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ  ئەسەرلىرى يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن تىخىمۇ جۇلالانغۇسى!
مەن ھازىرغىچە،  ئەڭ قايىللىق بىلەن ھۆرمەتلەيدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى ئۇ زات.

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش