مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە |
ئالى مەكتەپتىكى بىر خىل فېئوداللىق تۈزۈم (ھېكايە)
مانا ھەش–پەش دىگۈچە ئالى مەكتەپ ئىمتاھانمۇ بىرىپ بولدۇق،ئەمدىكى ئىش نۇمۇر چىقىپ بىز ئۆزمىز ئارزۇ قىلغان يەرلەرگە كېتىش،يۈرەكلەر سوقماقتا،ھەممە ئالى بىلىم يۇرتىغا تەلپۈنمەكتە.نۇمۇرمۇ چېقتى ،بەزەنلەر خۇشالىقدىن قىن–قىنغا پاتمىسا يەنە بەزەنلەر خۇددى ئەسىرگە چۈشكەن دۈشمەندەك باشلىرنى ساڭگىلتىپ قايتماقتا،مەنمۇ ئاشۇ ئەسرلەرئارسىدا كېتىپ بارمەن. ئامال يوق نۇمۇر تۆۋەن ئۆزۈم كۆزلگەن نىشانغا يىتەلمىدىم.كۈنلەر بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈۋەردى،بىر كۈنى ئولتۇرسام مەلۇم بىر ئادەتتىكى ئالى مەكتەپتىن تېلفۇن كەپ قالدى: –ۋەي سىز تۇرسۇنمۇ؟ سىز مەكتىپمىزگە قوبۇل قىلىندىڭىز ئوقۇمسىز؟ يۈركۈم ئەنسىز سوقماقتا،بىرى مىنى ئالدىمايۋاتقاندۇ—ھە! ئۇ سۆز يەنە تەكرالاندى. –ھە ئوقۇيمەن ،ئوقۇيمەن–دېدىم ئالدىراپلا. كېيىن ئۇقسام بۇ يىلقى نۇمۇر سىزىقى تۆۋەنلىگەن بولۇپ مېنىڭ نۇمۇرۇم نۇمۇر سىزقىغا يېتىپتۇ. چاقىرىق قەغىزمۇ كەلدى،مەن بۇئەسكى قەغەزنى ئالغاندىكى ھېسياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن،بەلكىم بۇ مېنىڭ بۇ ياشقۇچە ئىرىشكەن ئەڭ چوڭ خۇشالىقىمدۇ. شۇ كېچسى ئۇيقۇممۇ كەلمىدى،ئويلاۋاتمەن ئەنە زارقىپ كۈتكەن ئالى مەكتەپ ،ئاۋۇ مېنىڭ سىنپىم ،بۇ ياقتىكسى بولسا ياتقىم ،ياتاقتا ماڭا ئوخشاش بىلىم ئىگەنلەش ئىستىكدە كەلگەن 7 جۈپ كۆز،ئۇلار بىلەن ھەر خىل ئىشلارنى تالشىۋاتمەن،ئۆزمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسنى سۆزلىشۋاتمىز،بۇلارنى ئويلاپ قاچانلاردۇر ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەمدى كۈنلەر ناھايىتى ئاستا ئۆتمەكتە،كۈندە بارماقچى بولغان مەكتەپنىڭ خىيالى ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى ئوقماي تۇرۇپ خىيال قىلۋاتاتىم.ئاخىرى ماڭدىغان كۈنۈم توشتى، پويىزغا چېقىش ئالدىدائانام يىغلاپ تۇرۇپ: –بالام ياخشى ئوقغىن،سالامەتلىكڭگە دىققەت قىل ،تامقىڭنى ۋاقتىدا يە– دېگەن سۆزلىرى ھىلمۇ ئسېمدە. دادام مېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتتى، مانا كىلە–كەلمەيلا جاپالىق ھەربى مەشقىمىزنى باشلىۋەتتۇق.مەشىق ھەقىقەتەن ئىغىر بولۇپ قىزلار ئەمەس بەزى بىر ئوغۇللارمۇ چېدىمايتى .كۈندىكى ۋايساشلار،يىتەكچىنى تېللاش بىلەن بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كەتتى. دەرىسلەنىمۇ باشلىۋالدۇق،باشقىلارنىڭ ئارقىسدا قالماسلىق ئۈچۈن تېرشىۋاتمەن، ئەنە شۇنداق كۈنلەر ئىچدە تۇيۇقسىز بىر ئېش يۈز بەردى.بىر كۈنى كەچتە دەرس تەكرار قىلۋاتساق خوتەنلىك بىر ساۋقدېشىمنىڭ يۇرددىشى كىرىپ: –ئالىم بۈگۈن شىن سىڭ جاۋيۈ(教育新生) قىلمىز سەن ياتاققا كىرمە–دەپ قويۇپ چىككەتى . بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ۋەياتاقداشلىرىمدىن: –باللار جاۋيۈ دېگەن نېمەگەپ،نېمگە جاۋيۈ قىلدۇ–دەپ سوردۇم. ئالىم كۈلۈپ تۇرۇپ: –سەن ئۇقمامسە ياكى قەستەن ئۇقماسلىقا سىلۋالدېڭمۇ؟ –ۋاي ئاداش راسلا ئۇقمايمەن نېمەگەپ؟ –ئاڭلا ئاداش بۇ يېڭى كەلگەن ئوقوغۇچلارنى ياتقىغا كىرىپ قارشى ئېلىش دىيلىدۇ، سەن تولۇق ئوتتۇردا ياتاقتا ياتمىدىم شۇڭا ئۇقمايسە، تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاقتېمدا بۇ خىل جاۋيۈلەرگە داۋام ئۇچرايتىم،ئۇلارنىڭ ئالدىدا نېمە دېسە ھە دەپ تۇرمىساڭ تاياق يەيسەن، بولدى باللار ۋاقىت بىر يەرگە بىرىپتۇ مەن بۈگۈن ياتاققا كېرمەيمەن كېرمەيدىغانلار بارمۇ؟–دېدى ئۇ ھەممەيلەنگە قارۋىتىپ. –بولدى ئاداش بىزلە ھىچكىمگە يامانلىق ئۇلارمۇ گەپ ئاڭلا سەن چېقېپ كېرگىن–دېدۇق. –ھە مەيلى ئھتىيات قېلىڭلا–ھە.ئۇ شۇنداق دەپ قويۇپ كىيىملىرنى كېيىپ چېقىپ كەتتى. توكمۇ ئۆچتى مەن ئۈستەل چىرغىمنى ئېلىپ تاپشۇرۇقلىرىمنى ئېشلەشكە باشلىدىم،بىر ۋاقېتتا ياتاقنىڭ ئېشكى ئەنسىز ئۇرۇلدى –كىم؟ –ئاچە ئشېكنى–دېدى بىرى.كارۋاتتىن چۈشۈپ ئشېكنى ئەمدى ئىچشىمغا مەن تونمايدىغان بىر توپ باللا باستۇرۇپ كىردى. :ئالتۇن بارمىتى ھجقىزلار ئشېكنى تاقۋىلىپ ياتدىغان–دېدى ئۇسخانلىق بىرسى. –ياق ئاكا دەرس ئۈگۈنۋاتقان–دېدى ياندىكى كارۋاتتا ياتقان ئاغنەم. –ھە خىلى تىرىشچان باللا ئوخشايسىلە،بۈگۈن بىز سىلەرنى يوقلاپ كىرگەن بىز بۇ يىل ئوقۇش پۈتۈرمىز ،بۇمەكتەپنىڭ ئەنئەنسى سىلەرمۇ چوڭ بولۇپ يېڭى ئوقۇغۇچلارنى مۇشۇنداق قارشى ئالسىلەر ئۆزۈڭلارنى تونۇشتۇرۇڭلار؟ بىزمۇ بۇلارنىڭ ھەيۋىسدىن قورقۇپ ئۆزمىزنى تونۇشتۇردۇق، مېنىڭ ئاۋازىم بەكرەك چىكەتتىمۇ قانداق ئاردىن بىرسى: –ھە بالاڭزا سەن خىلى يامان ئوخشىمامسەن؟ ۋاقىرايسەنغۇ؟ بىزگە گىپېڭ بار ئوخشىمامدۇ؟–ئۇ شۇنداق دېگەچ بېگىز بارمىقىنى بۇرنىمغا تەڭلىدى.قول تەڭلىگەن ئادەن بىلەن خوشۇم يوق بولغاچ ئۇنىڭغا قاراپ: –سەنمۇ ئۇيغۇر قارا بۇنداق قېلمىغىن–دېيشىمنى ئۇقارمە ئاردىن بېرسى چېقىپ ھاپاق بىلەن بىرنى سالماسمۇ كۆزلىرىمدىن ئوت يېنىپ كەتتى. كېچكىمدىن ئاتا–ئانام ۋاي بالام دەپ بىرە تاياق ئۇرۇپ باقمىغاچقىمۇ بۇ تاياق ماڭا ئېغىر كەلدى،ئۆزۈممۇ ئۇقماي ئۇلارغا يېنىپ ساپتېمەنمۇ، مانا خەۋەر دېگەن ئۇرۇپ ساراڭ قېلۋەتتى. بىر ۋاقېتتا كۆزۈمنى ئاچسام ھېلقى باللاردىن بىرسى بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ: –شۇم گېپىڭ بولسا ئاڭلايمىز ئاخسالىق ئاقمايدۇ، ئەتە يەنە كېرمىز گۇنايىڭغا توۋا قېلمىساڭ يەنە تاياق يەيسە ئۇقتۇڭمۇ؟ ئەتىسى بىر كۈن دەرسكىمۇ چېقمىدىم بۇ ئېشلار زادى كاللامدىن ئۆتمىدى، كەچ بولاي دېگەندە ئالىم مېنى چاقېرىپ: –ئاداش بۇ ئشلارنى تازا ئېنىق ئۇقمايسەن مەن ساڭا دەپ بىرەي ئاخشام باشقىلارنىڭ ئالدېدا دېگۈم كەلمىدى. تولۇقتكى ۋاقتېمدا دەل ئاخشامقىدەك لاۋ سىڭ(老生) لار باستۇرۇپ كىردى،كىردىيۇ ماڭا كۆز تاشلاپ سەن بەك ئاخساكەنسە،چوڭلارنى كۆزگە ئىلمايدىكەنسەن، تۈنۈگۈن چۈشتە بىزنىڭ باللارنىڭ ئالدىغا ئۆتۋىلىپ تاماق ئاپسەن دەپ ئۇرۇپ كەتتى، ئانامدىن تۇغۇلغانغا تويۇپ كەتتىم، كىيىن يەنە كېرىپتۇ ئالدىنقى قېتىم تاياق ئۆتكەن ئەمەسمۇ شۇڭا ياۋاش تۇردۇم، ھىلقى مېنى ئۇرغان ئاداش يەنە ئالدىمغا كېلىپ بىر مۇنچە سسىق گەپلەرنى قېلۋالدى گەپ قېلمدىم، بىر ۋاقىتتا ئۇ 2 كوي پۇلنى چىقرىپ ئالە مانى بۇ پۇلغا ئۈزۈم ھارقىدىن 3 بوتۇلكا، تاماكىدىن 3 قاپ، گازىر–خاسىڭ ئېلىپ ئاشقىنغا سومەن يەپ كىر دەپتى، بۇ پۇل قانداق يېتدۇ دېسەم شۇ زامان ئۇرۇپ كەتتى، تاياق ئۆتكەن چېغى شۇ زامان ئەمدى يەتكۈزۈپ كېرەي دەپ ئۆز يېنىمدىن پۇل چېقرىپ ئەكىردىم.كېيىن تولۇق 3 چىققان ۋاقتىمدا باللار يۈرە يېڭى باللارنى يوقلاپ كېرمىز دەپتى ھەدەپ چېقىپ ساپتىمەن. بىر ياتاققا كېرىپ ئۇلارنىڭ تېلفۇن، چاقماق دېگەندەك يورۇقلۇق چېقىردىغان نەرسىلىرنى ئېلۋىلىپ ئۇلارنىڭ پايپىقنى يەرگە تاشلاپ دەسسەپ–دەسسەپ ئۇلارغا 5 مېنۇت ئېچدە ئۆزەڭنىڭ پايپىقنى تاپسە تاپالمىساڭ تاياق يەيسەن دېسەك بىرئاداش 3 جۈپ پايپاق كۆتۈرۋاپتۇ دېگنە ،ئۇ ئاداشنى ئۇرۇپ چېقىپ كەتكەن، بۇنداق جاۋيۈلەرنىڭ تۈرى كۆپ شۇڭا ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرما، ئوقۇتقۇچغا دېسەڭمۇ ئۇلار يۇقرى يىللىقنىڭ بولغاچقا گېپنى بىر يەرگە ئەكلەلەيدۇ،ئىش قلىپ زىيان يەنلا بىزگە ئاداش،ئۆزۈڭ ئويلاپ باق ئاداش. –لېكىن دېدىم مەن ئەجەپلىنىپ،–ئۇلار ھەمىسى ئۇيغۇر باللاركەن ئۇلار نېمىشقا باشقا مىللەتنىڭ يىنغا كېرمەي بىزنىڭ يېنمىزغا ئۆز قېرىنداشلىرنىڭ يېنغا كېرىپ بىزنى بوزەك قېلىشقا قانداقمۇ ۋىجدانى يول قويار؟ –ھەي راسلا كېچىككەنسە، مۇنداق بىر گەپ بار دېگنە ‹‹ياۋاشنى بوزەك قېلمىساڭ قىيامەتتە سورغى بار›› بىز مانا مۇشۇنداق بىر–بىرمىزنى ئۇرۇپ–سوقاپ بوزەك قېلمغان بولساق نۇرغۇن تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بوللاتتۇق، ئۆزەڭمۇ بىلسەن بىزنى ئۆز مىلىتىمىز بوزەك قېلمىسمۇ يەتكۈچە بوزەك بولۋاتاتتۇق ئەپسۇس...... بولدى ئاداش مەن كەچلىك تەكرارغا چېقاي سەن ياخشى ئارام ئالغىن. ئالىم چېقىپ كەتتى،ياتاقتا يەنە ئۆزۈم يالغۇز قالدىم ئۇنىڭ سۆزلىرنى ئاڭلاپ ئويلاپ قالدىم. بۇرۇنقى ئېسل ئەنئەنگە ئېگە مېللەت ،ھازىرچۇ؟ ھازىر مانا مۇشۇنداق بىر–بىرمىزنى دەسسەپ ئۇرۇپ چەيلەپ بوزەك قېلىپ ياشاۋاتمىز، بۇ دەسىلىشلەر قاچانمۇ تۈگەر ھە! بۇ جاۋيۈلەرگە قاچانغىچەسۈكۈت قېلارمىز؟ بوپتۇ سۈكۈت قېلاي ئەممە دوستۇم سۈكۈت دەپ ۋاقىراۋاتقانكىن،ئاتا–ئانامنى ئويلاي. كەچ كېرىپ ئۇ لاۋدالار يەنە كېردى ۋە ماڭا قاراپ: –قانداق دەردىڭنى ئاڭلايمىز،گەپ سۆزۈڭ بارمۇ؟ –ئاكلار مەن خاتا قېپتىمەن كەچۈرۈڭلار–دېدىم ئېچىم ئاچچېق بولۇپ. –ھە بولدى مۇشۇنچېلىك گەپ ئەمەسمۇ؟ بۇندىن كېيىن مەكتەپتە قانداق ئېشىڭ بولسا ئېزدەسەن ھە؟ بىز تاماق يېمىگەن دېگنە ئۇكام تۇتە بۇ 5 كوينى، بۇنىڭغا ئامرىنودىن 2 بوتۇلكا، كاۋاپتىن 20 زىخ ناندىن 5نى ئېلىپ ئاشقېنغا داپەنجى يەپ كىرگىن ھە؟ ئالىمنىڭ ماڭا مەنىلىك قارشى بىلەن گەپ سۆز قىلماي ئۇ پۇلنى ئېلىپ سىرىتقا ماڭدىم.
مەنبە:ئۆز قەلمىم
ئابلىخەت ئدىرس 2012يىلى12ئاينىڭ19كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا owqi450 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-19 07:19 PM
|