ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق دوستلىرىم،يىقىندا سېتودىيىمىز نامىدا ، ئىليار ۋە مەن يەنە بىر ئىجادىي ناخشا ئورۇنلىغان،ئاڭلاپ بېقىشىڭلارنى سورايمىز ، بۇ R&B خىلىدىكى ناخشا ، ئارقىدا Rap قىسمى بار ، ئەگەر رەپ توغۇرلۇق تۇتۇرۇقسىز گەپ قىلىدىغان بەزى دوستلىرىمىز بولسا ئىنكاسسىز چىقىپ كەتسىڭىز رەنجىمەيمىز ، ئەلۋەتتە باشقىچە پىكىرنى شەكسىز قۇبۇل قىلىمىز ، رەھمەت ، ئەمسە ناخشا ھوزۇرۇڭلاردا ..
ناخشا : پۇشايمان
ئورۇنلىغۇچى : ياڭراق سىتودىيىسى
R&B : ئىليار مۇھەممەد
Rap : نۇرشات نۇرمۇھەممەد
ناخشا تېكىستى :
【R&B】
ئورۇن ئالغان ئىدىڭ چۈشلەرىمدە ،
سېنى سۆيۈپ ئۆتكەنلىرىمدە .
تالاي قېتىم سىنالغان ئىدۇق ،
مۇھاببەتنىڭ ئۆتكەللىرىدە .
ئەمدى سەنسىز ياشايمەن تەنھا ،
مەيلى ، خۇش قال ، ئۇنۇت ھەممىنى .
ئىمكانى ، يوق ئىكەن سۆيگۈدە ،
تاشلىغاندىن ۋاپا كەلگىنى .
كەت ، كۆڭلۈم سىنىڭدە ئەمەس ،
كەت ، تەنھالىققا مەن كۆنگەن .
يوق ئارام ، دىلىمدا لىق پۇشايمان ،
چۈنكى سېنى سۆيۈپ ئۆتكەن .
【Rap】
مەن كەتمەكچى مېنى ئىزدەپ ، شۇ باغلارغا بارما ،
ھەۋەسلەرگە بېرىل بوپتۇ ، ساداقەتتىن تانما .
سېنى سۆيدۈم ، ئەمما سېنىڭ سۆيىۋاتقان يارىڭ كۆپ ،
بىرنى چىشلەپ تاشلايدىغان يۈرەك ئەمەس ئالما .
ھەقىقەتەن تۇنجى قېتىم ، مەن كۈلكەڭگە ئالدانغان ،
مەندەك نەچچە يىگىت يەنە شۇ سۆيگۈڭگە زارلانغان .
مۇھاببەتنى ئۇلۇغ دىسەم سەن ئۇيۇنغا ئۆزگەرتتىڭ ،
بۇ ئۇيۇننىڭ ئۇچى يەنە قەيەرلەرگە باغلانغان .
ئالدىۋەتتىم دىدىڭ بەلكىم ، شاشلىقىڭدىن ئۆرگىلەي ،
سۆيگۈنۈمدىن نۇمۇس قىلدىم ، سېنىڭ ئۈچۈن ئۆرتىنەي .
سەن نىمانچە نادان دىدى بۇ ئەپتىمنى كۆرگەنلەر ،
سېنى سۆيگەن نادان بولسا ، قېنى مەنمۇ ئۆزگىرەي .
بىر دانەم دەپ ھەر كۈنى كۈتكىنىمگە پۇشايمان ،
كۆرىۋالسام كۆز يىشىڭنى مىنىڭدە يوق ھېچ ئارمان .
ئۆز ئاغزىڭدىن ئاڭلىسا ، سەن <<پەرىشتە>>مىسالى ،
ئىپپىتىڭدىن ئېغىز ئاچماي ، ئېيىت سىنىڭدە نە ئىمان ؟!
يىلىنمىدىم تاشلىساڭ ، توستى چۈنكى ۋىجدانىم ،
بۇرۇن ئازغان ، ئەمما ھازىر ، ئەمەس سەندە خىيالىم .
سەندى توغرا تاپاي دىسەم ، ئۆزۈڭ بولدۇڭ بىر نۇقسان ،
سەندىن كەچتىم ، كىچەلەيمەن ، بۈيۈك مىنىڭ قارارىم .
سەنسىز ياشاپ يۈرمەكتىمەن ، ھازىرغىچە ئۆلمىدىم ،
سېنى كۆزۈم كۆرمىسۇن دەپ ، مەھەلەڭدىن ئۆتمىدىم .
بەخىت ئۈچۈن قەدەم ئالغان ، تۇتۇپ سېنىڭ قولۇڭنى ،
ئەشۇ خاتا قەدەمنى ، يىڭىلىدىم ، يۆتكىدىم .
ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر قېنى ؟!
كۆڭلۈڭ نىچۈن ئالدايدۇ مېنى ؟!!
قايتۇرما :
......................................................
مەنبە : نۇرشات نۇرمۇھەممەد
2012-يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xarari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-19 10:49 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-20 08:24 PM):
چۈشۈرۈش ئادىرىسى : http://221.7.11.99:82/1Q2W3E4R5T6Y7U8I9O0P1Z2X3C4V5B/upl.yyfc.com:8080/membersong22_121220xttn/songfolder/2012/11/28/9bd6e67c8d3a44b59cf202339b06845a.