مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7117|ئىنكاس: 57

شىنجاڭ تىببىي ئونىۋېرىستىتىنىڭ مۇدىرى- خالمۇرات غۇپۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34915
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6879
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2013-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 05:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ تىببىي ئونىۋېرىستىتىنىڭ مۇدىرى- خالمۇرات غۇپۇر

xalmurat-ghopur.jpg

     

خالمۇرات غۇپۇر— 1960- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئۇ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1982- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى مەكتەپكە ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ قان- قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئانا يۇرت سۆيگۈسى، شىنجاڭ بىلەن شاڭخەي ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى چوڭ پەرىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىغا — تەڭرىتاغ ئېتىكىگە قايتىپ كەلدى.
خالمۇرات غوپۇر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ شاۋقۇنلۇق دەرياغا شوڭغۇغان خالمۇرات غوپۇر ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. خىزمەت داۋامىدا ئۇ بىلىم سەۋەيىسىنى داۋاملىق يېڭىلىمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ 1985- يىلى شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتوتى غەرپچە داۋالاش نەپەس يولى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئىنگلىزتىلى ۋە روس تىلىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگەندى. 1988- يىلى ئۇ دۆلەت مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىنغان چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى لېنىنگىراد تىببىي ئىنىستىتوتىغا كاندىدات دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا باردى. ئۇ 1983- يىلى جۇڭگو-سوۋېت ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتۇش كېلىشىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن بارغان تۇنجى جۇڭگولۇق شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدى.
ھەرقانداق ئارزۇ- ئارمان، ئىستەك يۈكسەك جاسارەت، ئىگىلمەس- سۇنماس ئىرادىدىن ئايرىلسا قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. خالمۇرات يۈكسەك جاسارەت قورقماس ئىرادە بىلەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۈگەندى، ئۇ ۋەتەنگە قايىتقان دوكتور ھېسابلىنىدۇ، ئۇ پروفېسسور، دوكتۇر يېتەكچىسى، مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن- تېخنىكا خادىمى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۈمەنلىگەن (بىرىنچى، ئىككىنچى قاتلام). ئىختىساس ئىگىسى، «مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك نەمۇنىچىسى مىدالى»غا نائىل بولغۇچى، مەملىكەت بويىچە ۋەتەنگە قايىتقان چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە، مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خادىم. سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان مۇتەخەسىسى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسس، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس دېگەن شەرەپىك ناملارغا ئېرىشكەن زىققا كېسىلى مۇتەخەسسىسى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بىردىنبىر دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ياشلار پەن- تېخنىكا فوندىدىكى مۇتەخەسسى. شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ دوختۇرى، 1985- يىلدىن 1988- يىلغىچە روسىيىدە سان- پېتېربۇرگ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىدا روسىيە دۆلەتلىك تىببىي پەنلەر دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
1993- يىلدىن باشلاپ سان- پېتېربۇرگ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇر يېتەكچىسى، شاڭخەي جۇڭيى دورىلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى كاندىدات دوكتۇر يېتەكچىسى، شىنجاڭ جۇڭيى ئىنىستىتوتىنىڭ پروفېسىسورى، خەلىقئارا ئەنئەنىۋى مىدېتسىنا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولغان. جۇڭيىنىڭ «خەپرۇك بولمىسا دىمى سىغمايدۇ»ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ «نەزلىلىك زىققىنى داۋالاش نەزەرىيىسى» ۋە مىدېتسىنادىكى «نەپەس يولىدىكى ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر نەزەرىيىسى» گە ئاساسلىنىپ «زىققىدىكى بىئولوگىيىلىك كەملىك نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا زىققا 1- نۇمۇرلۇق دورىسىنى ياساپ چىقىپ،كلىنكىدا داۋالاپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقاندا «جۇڭگو تىبابەتچىلىكىدىكى سىر»، «جۇڭيى دورىلىرى ۋە كانايچىدىكى زىققا كېسىلى»قاتارلىق بەش پارچە ئەسەر يازغان، بۇلار مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىببىي ئالىي مەكتەپلىرىدە سىناق دەرىسلىكى قىلىنىپ قوللىنىلغان. دۆلەت ئىچىدە جۇڭيى،ئۇيغۇر تىبابىتى، مىدېتسىنانى بىرلەشتۈرۈش نەزەرىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ئۈچ تەرەپنى بىرلەشتۈرگەن تەتقىقات ئورنى ۋە داۋالاش مەركىزىنى قۇرۇپ چىققان. بۇرۇن بىر نەچچە دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى بىلەن شوغۇللانغان، روسىيە، گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئاسپىرىن زىققا» تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارغان ھەمدە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلىگەن.

      ئۇ ھازىر شىنجاڭ تىببىي ئونىۋېرىستىتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

     مەنبەسى:شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87735
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-11-26
ئاخىرقى: 2014-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 07:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇۋاپىقىيەت %1 تالانت (تۇغما ئەقىل) ۋە %99 تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى.


مېنىڭچە بۇنىڭغا يەنە توغرا ئېتىقات ياكى ئەقىدىنى قوشۇپ قويساق، بىزگە


تېخىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ قارايمەن.



ياشلىرىمىزدا، تىرىشچانلىق ۋە توغرا ئېتىقاتلا  بولىدىكەن، ئۇلاردىن چوقۇم


ھەقىقى غەلىبە ئىگىلىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىقالايدۇ، دەپ ئىشىنىمەن!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NurlanKelbim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-19 07:41 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 07:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5764
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 07:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىر  خەنزۇتىلىدا ئوقۇغان ئىكەن ئەمەسمۇ مەن تىخى  ئۇيغۇرچىنى جاڭ جاڭ بۇزماي سۆزلىگىنىگە قاراپ كىچىكىدىن ئۇيغۇرچىدا ئوقۇپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن يەنىلا شۇ ئائىلە تەربىيسى ئەڭ مۇھىم  ئىكەن .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7575
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7694 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 08:41:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى خەنزۇچە ئوقۇغان خەنزۇۋان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللىي غوررۇرى ئۇيغۇرچە ئوقۇغان بالىلاردىن ئۈستۈن بۇلارمىش.خالمۇرات ئەپەندىنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 08:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خالمۇرات غۇپۇر ھەقىقەتەنمۇ مىللىتىمىزنىڭ پەخرلىك ئوغلانىدۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 10:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دوكتۇرىمىزنىڭ زىققا كىسىلىنى داۋالاشتا تىخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 10:48:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئادەمگە ئامال يوق .. روس ، گىرمان ، ئىنگىلىز ، ئۆزبىك تىللىرىنى تىتىۋىتىدۇ ..كاللىسى يامان ئۆتكۈر.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HENRY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-19 10:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1097
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 11:02:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتىپىمىزنىڭ تۈزۈمىنى ئالامەت چىڭىتىپ قويغان

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13215
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8082 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 11:03:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خالمۇرات دوكتۇرنىڭ ئىشلىرىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن ،ئۆتكەندە بىر كىشىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ بۇ دوكتۇرىمىزغا بولغان ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدى . بىر قىتىملىق يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا 1-دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇلى : مەن كېلەر يىلى دوختۇرخاننىڭ كېرىمىنى 2مىليارت يۇئەندىن ئاشۇرىمەن دەپ دوكىلات قىلغاندا ،خالمۇرات دوكتۇر ئۇنى نەق مەيدەندىلا قاتتىق تەنقىتلەپ كېتىپتۇ . «سەن نوچى بولساڭ كېلەر يېلى دوختۇرخدانىنىڭ كېسەل كارۋىتىنىڭ سانىنى مۇنچە پىرسەنت تۆۋەنلىتىمەن دېمەمسەن ،قېنى سېنىڭدىكى كەسپى ئەخلاق ،سەن پۇخرانىڭ جان پۇلى بەدىلىگە دوختۇرخانىنىڭ كېرىمىنى ئاشۇرىمەن دەپ جار سالغىچە ،جەنۇپبى شىنجاڭغا چۈشۈپ ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەشنى پىلان قىلمامسەن » . بۇ گەپلەرنى بۈگۈنكى پۇل ھەممىگە قادىر بولۇپ كەتكەن جەمىيىتىمىزدە  ھەقىقەتەن پەقەت بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭلا ئاغزىدىن ئاڭلىغىلى بولىدۇ .مەن شىرنىڭ ئاچ قالغان پەيىتلەردە ئاجىز قىرىنداشلىرىنى ئۆلتۇرۇپ يېگەنلىگىنى ھايۋانناتلار دۇنياسىدىن كۆرگەن ئىدىم .لىكىن ،ھازىرقى زاماننىڭ ئادەملىرىمۇ ئاشۇ شىرلاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ كەتتۇق .........................

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش