مۇلايىم ئايالدىن كۆڭۈللەر خۇش
مۇلايىملىق ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مېۋىلىك بېغىدۇر، ئەخلاقلىق ئايالنىڭ قىممەتلىق لىباسىدۇر. مۇلايىم ئايال ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە، ئىلتىپات-مەرھىمىتىگە ئېرىشىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ھازازۇل ئايال ھەمىشە ئېرىدىن ياكى باشقىلاردىن دەككىسىنى يەپ، غەم-ئەندىشىدە كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ھەر قانداق ئايال ئۈچۈن ئائىلە بىر قورغاندۇركى، ئۇنىڭ خۇشلۇق-ئاراملىقى ياكى قايغۇ-ئازابى ئەنە شۇ ئائىلە بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان بولىدۇ. بۇ ئائىلىنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش ئايالدىن مۇلايىم پەزىلەتنى تەلەپ قىلىدۇ.
ناھايىتى مەرتىۋىلىك، باي بىر ئادەم بولۇپ، تەرسا، ئاچچىقى يامان بىر ئوغلى بار ئىكەن، بۇ يىگىت توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە، ئاتىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن لايىق تونۇشتۇرۇپ يېقىپتۇ، بىراق بۇ لايىقلار ئۇ ئادەمدىن ئوغلىنىڭ مىجەزىنىڭ تەرسا، ئاچچىقى يامانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن-تويلىشىشتىن يالتىيىپتۇ. ئوغلىنىڭ تەرسا مىجەزىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ لايىق تاللاشنى بۇ ئاتا قوبۇل كۆرمەپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىتنىڭ ئانىسى ئېرىنىڭ ئالدىغا بىر قىزنى باشلاپ كەپتۇ. بۇ ئاتا قىزدىن:«ئوغلۇم باشقا جەھەتتىن ياخشى، بىراق مىجەزى تەرسا، ئاچچىقى يامان، سىلەر توي قىلغاندىن كېيىن، مۇبادا ئوغلۇم تەرسالىق قىلىپ، سىزگە كايىپ كەتسە، قانداق قىلىسىز؟»دەپ سوراپتۇ. قىز ھېچبىر ئىككىلەنمەيلا ئۇنىڭغا؛ «بۇنىڭ چارىسى ناھايىتى ئاسانغۇ، ئوغلىڭىز ئاچچىقلىنىپ كەتكەندە، ئاغزىمنى يۇمۇپ، گاس-گاچا بولۇۋالىمەن، باشقا گەپنى ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندىن كېيىن، مۇلايىملىق بىلەن دېيىشىمەن»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
قىزنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان ئاتا قىزغا چەكسىز ئاپىرىن ئوقۇپتۇ ھەمدە كاتتا توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ، قىزنى كېلىن قىپتۇ. قىز تەرسا يىگىت بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، دېگىنىدەك قىپتۇ.
بۇ راست بولغان ئىش. بۇ قىز قەلبىگە مۇلايىملىقتىن ئىبارەت گۈزەل خۇلقىنى ساقلىغانلىقى ئۈچۈن، تەرسا ئېرى بىلەن بىر ئۆمۈر ياخشى ئۆتەلىگەن. ئۇنداقتا، مۇلايىم ئايال قانداق بولىدۇ؟ ئاياللار قانداق قىلغاندا ئۆزىدە مۇلايىملىقتىن ئىبارەت گۈزەل پەزىلەتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ؟
- مۇلايىم ئايال ئائىلە ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا قىلچە يەڭگىللىك قىلمايدۇ. ئۇنىڭدا ئاق قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئېرىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىغا، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، بۇرادەرلىرىگە ھۆرمەت ئېھتىرام كۆرسىتىدۇ. تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىدۇ. ئېرىنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلماي، مۇمكىنقەدەر ئائىلىسنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىقتىساد جۇغلايدۇ. ئېرى خىزمەتتىن قايتىپ كەلگەندە ۋە ئۇنى كۆرگەندە خۇش مۇئامىلىلىك بولىدۇ، ئۇنىڭغا قارىشى سۆزلەشكە، ئۇنىڭ پىكىرىنى چالغىتىشقا ئەسلا ئۇرۇنمايدۇ، بىراق ئېرىگە قارىغۇلارچە بويسۇنىۋېرىشتىنمۇ ساقلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇنىڭ ھەقىقىي مۇلايىملىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئېرىنىڭ بىرەر خاتا پىكىرگە كەلگەنلىكنى بايقىغاندا،«بۇنداق دېيىلسە قانداق بولار؟»ياكى«مۇنداق دېيىلسە مۇۋاپىقىراق بولارمىكىن»دەپ سەمىمىي مەسلىھەت بېرىدۇكى، ئېرىنى مەسخىرە قىلىپ، چىشىغا تەگمەيدۇ. بىلدۇرگەن پىكىرنى ئېرى قوبۇل قىلسا، خۇش بولۇپ، قوبۇل قىلمىسا ئاچچىقلىنىپ، غۇم ساقلاشتىن ساقلىنىدۇ. ھوقۇق-ئىمتىيازنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىنىڭ ئاياللىق نازاكىتىنى يوقىتىپ قويمايدۇ، ھەم ئېلاستىكلىقى بار، ھەم ئۆز قارىشىدا چىڭ تۇرالايدىغان، مۇستەقىللىقى يېتلىگەن بولىدۇ.
ھازازۇل ئايال ئېرىنى، بالىلىرىنى، خىزمەتداشلىرىنى ۋە ئەتراپتىكىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئائىلە تۇتۇشتا تەلۋىلەرچە ئىش كۆرىدۇ. زۆرۈرىيەت تۇغۇلمىغاندىمۇ كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت تەمەسى قىلىپ، ئېرىنى قېيىن ئەھۋالدا قويىدۇ.شۇڭلاشقا،بىر ئايالدا،تەرەققىياتنىچۈشىنەلەيدىغان، ئېرى ۋە بالىلىرىنى بىلىم ھەم ئەخلاق جەھەتتىن يىتەكلىيەلەيدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ ھالىغا يېتەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان روھ بولۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ ئۆزىدە مۇلايىملىقتىن ئىبارەت گۈزەل پەزىلەتنى يېتىلدۈرەلىگەن بولىدۇ.
مەنبە : جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ تارماق تورى .
http://www.radioxj.com/n19321c27.aspx