مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1246|ئىنكاس: 21

ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن نېمە قىلدۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86756
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 04:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       بىز ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن نېمە قىلدۇق

          توۋا؛ ئاتا -ئانىلار بالىلىرىنى شۇنچە ئەزىزلەپ،ئەتىۋارلاپ جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە چوڭ قىلىدىكەن . بالىلىرىنى چوڭقىلىپ ئۆيلۈك-ئۇچاقلىق قىلىپ ئاندىن، ئۇھ-دەپ ئاراپ تاپىدىكەن.شۇبالىنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قۇشۇپ بولغىچە كۆرمىگەننى كۆرۈپ،تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەتلەر ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ ئازراقمۇ خۇرسىنمايدىكەن . بالىلىرىنىڭ تېزرەك چوڭ بۇلىشىنى ، ئۆزىنى ياخشى كۈتىشىنى ئارزۇ قىلمايدىكەن .بەلكى،بالىلىرىنىڭ بەختىنى ، سالامەتلىكىنى، ئىنساپ-ئىمانىنى تىلەيدىكەن. بىراق بىز بالىلار چوڭ بۇلۇپلا بىر ئائىلە قۇرۇپ ، ئائىلە،تۇرمۇش،خىزمەت دەپ ئالدىراش بۇلۇپلا كىتىدىكەنمىز. بىزمۇ بالىلىرىمىز ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدىكەنمىز، بارلىق مىھرىمىزنى بالىلىرىمىزغا تۆكۈپلاۋىتىدىكەنمىز.بەزى چاغلاردا شۇ بىر تالاي ئىشلار سەۋەبىدىن، ئاتا-ئانىمىزنىمۇ ۋاقتى-ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرالماي خۇددى [مەن كۈيەرمەن بالامغا،بالام كۈيەر بالىسىغا] دىگەندەك ئىش قىلىدىكەنمىز. بىراق ئاتا-ئانىللىرىمىز مۇشۇلارنى كۆرۈپمۇ بىزنىڭ مىھرىمىزنى بالىلىرىمىزدىن تارتىۋىلىشنى پەقەت ئويلىمايدىكەن. بىزگە قىلغانلىرىغا ئازراقمۇ مىننەت قىلمايدىكەن. بىزمۇ ئاتا-ئانىمىزغا كۈيۈنىمىز ئەلۋەتتە . بىراق بەزى چاغدا ئويلاپ قالىمەت. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزغا قىلغىنىمىز ، ئۆزىمىز ۋە بالىلىرىمىز ئۈچۈن قىلغانلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەسكەن.ھەتتا، ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغانلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنىمۇ قايتۇرالمايدىكەنمىز.  ئۇنداقتا بىز بىر ئاتا-ئانا سۈپىتىدە ئويلاپ كۆرەيلى.ئۇلار بىزگە قانچىلىك قىلدى؟ بىز ئۇلار ئۈچۈن نىمە قىلالىدۇق؟

                                                ھەشەمەتلىك ئۆيلەرسالدىم بالام ئۈچۈن،
                                                كاتتا مەرەكە تويلار قىلدىم بالام ئۈچۈن.
                                                دەستە-دەستە گۈللەر تىزدىم بالام ئۈچۈن،
                                                بالا بۇلۇپ نىمە قىلدىم دادام ئۈچۈن.

                                               دوستۇم بىلەن دۇشمەنلەشتىم بالام ئۈچۈن،
                                               دۈشمەن بىلەن ئەسرالاشتىم بالام ئۈچۈن.
                                               تۇققاندىنمۇ ھەم ياتلاشتىم بالام ئۈچۈن،
                                               نىمە قىلدىم مىھرىبانىم ئانام ئۈچۈن.

                                              ئەل كۆزىدە يامان بولدۇم بالام ئۈچۈن،
                                              مىڭ سارغىيىم سامان بولدۇم بالام ئۈچۈن.
                                              گاھ شاھ گاھى گاداي بولدۇم بالام ئۈچۈن،
                                              نىمە قىلدىم قەدىردانىم دادام ئۈچۈن.

                                             باشقىلاردىن ئازار يىدىم بالام ئۈچۈن،
                                             تائام ئەمەس دەشنام يىدىم بالام ئۈچۈن.
                                             كۆزلۈرۈم ياش كۈلۈپ يۇردۈم بالام ئۈچۈن،
                                             نىمە قىلدىم غەمگۇزارىم ئانام ئۈچۈن.


                          قىمار ئويناپ پۇل دەپ كەلسەم كولايدىغان كانىم ئىدى،[ئۇلار]
                          كەيىپ بۇلۇپ كۆپ گەپ قىلسام يېپپەتكۇچى باغىم ئىدى.[ئۇلار]
                          ۋەيران بۇلۇپ گەر يىقىلسام يۈلەيدىغان تاغىم ئىدى،[ئۇلار]
                          نىمە قىلدىم مىھرىبانىم ئانام ئۈچۈن،دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ زات دادام ئۈچۈن.

                                 بىتاپ بۇلۇپ ئاغرىپ ياتسام ئەتراپىمدا پەرۋانەم ئىدى،[ئۇلار]
                                خوشال بولسام،غەمگە تولسام ماڭا ھەمرا غەمخانىم ئىدى.[ئۇلار]
                                كېرەك بولسا مەن ئۈچۈن ، جېنى پىدا سەكپارەم ئىدى[ئۇلار]
                                بالا بۇلۇپ نىمەقىلدىم دادام ئۈچۈن،مىھرىبانىم،غەمگۇزارىم ئانام ئۈچۈن.

             ھۆرمەتلىك تورداشلار مەن كەسپى شائىر بولمىغانلىقىم سەۋەپلىك ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى  مۇشۇنچىلىك يازالىدىم . قالغانلىرىنى كەڭ تورداشلارنىڭ تۇلۇقلاپ قۇيىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن.
           ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، بالىلىرىمىىزنى ۋە ئۆزۇمىزنى ئويلاپ ئاتا-ئانىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىساق.ئۇلارنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى يەردە قويمىساق.[بۇنداق دىگىنىم ئاتا-ئانىمىزغا كۈيۈنمىدۇق دىگىنىم ئەمەس] ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىمىزنى چىقارساق دىمەكچى.

                                                     


مەنبە:قەلىمىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-19 05:30 PM  


ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10193
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 6058 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 05:37:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان ئۆزبەكچە بىر شېئىر بارغۇ دەيمەن.

ھەر كاللىدا ھەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18253
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7067
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 1393 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2014-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 05:43:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نئمة ظئش بولسا ؤاي ظاتاماي ، ؤاي ظاپامةي دةيمئز يذ بئراق شذ ..........

گۈزەللىك ئىزدىمە ، ئۇ قەلبىڭدە .......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 06:17:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇشۇ دۇنيادا ئاتا ئانىدىن ئۇلۇغ ئىنسان يۇقتۇر



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 06:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارغا ۋاپادارلىق يەككۈزۈشكە ھازىرمۇ ئۈلگۈرىمىز .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 06:35:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا - ئاناڭنىڭ بارىدا ئۇلارغا ياخشىلىق قىل. ( تىرنىقىنى ئېلىپ قويغانچىلىك ئىش بولسىمۇ ) ئۇلار دۇنيادىن كەتكەندە ھەسرەت چەككىنىڭنىڭ پوققىمۇ پايدىسى يوق. ئاتا - ئاناڭغا ياخشىلىق قىلماي باللىرىڭنىڭ ئىنسابىغا دۇئا قىلغىنىڭ بىكار...........................

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23751
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3746 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 06:36:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  ، بىز ئاتا _ ئانىمىز ئۈچۈن نىمە قىلىپ بىرەلىدۇق ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 06:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          نەسىھەت


جامائەتلەر مەن سۆزلەيىن ئاتا-ئانا بايانىدىن،
ھەقتىئالا ئۆتمەيدىكەن ئاسىيلارنىڭ گۇناھىدىن، ¬  
مەن بۇ سۆزنى كۆرۈپ ئۆتتۈم قۇرئان ھەددىس كىتابىدىن،   
بۇرادەرلەر رەنجىپ قالماي قۇلاق سېلىپ تۇرغايسىزلەر.

بۈگۈنكى كۈندە ياش ئەۋلادلار يولدىن چىقىپ قالاقلاشتى،   
ئاتا-ئانىسنى كۆزگە ئىلماي شەرىئەتتىن يىراقلاشتى،   
ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلماي قارغىش ئېلىپ خاراپلاشتى،
شۇ ۋەجىدىن نەسھەتكە ئېغىز ئاچتىم بىلگەيسىزلەر.
  
بۇرادەرلەر دىنىمىزدا كۆپتۇر ئاتا –ئانا ھەققىي،   
يەتتە نۆۋەت يۈدۈپ ھەرەم ئاپارساقمۇ ئۇلار ھەققى،   
ئادا تاپماس بىر كېچىلىك تارتقان جەبرى-جاپا ھەققى،  
ئاتا-ئانىنىڭ سىز –بىزلەردە ھەققى شۇنداق بىلگەيسىزلەر.

ئاتا-ئانىنى ھۆرمەت قىلىپ خىزمەت قىلساق ئوبدان بۇلۇر،   
كۆزگە ئىلماي بۇيۇن تولغان ئازار بەرسەك قارغاپ سالۇر،   
قارغىش ئالغان ئۇنداق بالا ئۆمۈرۋايەت نامرات بۇلۇر،   
ئاتا-ئانا نەپسى گۇيا مىلتىق ئوقى بىلگەيسىزلەر.  
  
ئاتا-ئانا رەھمەت دېسە ئىككى ئالەم سىزنىڭ بولۇر،   
ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرغىچە بەخىت-دۆلەت ھەمدەم بولۇر،   
ئەگەر ئۇلار ئاھ! دەپ قويسا يۇرۇق ئالەم زۇلمەت بۇلۇر،   
شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ دۇئا رەھمەت ئالغايسىزلەر.  

ئاتا-ئانا ئۇلۇغ دۆلەت قەدرىنى بىلگەنلىگە،   
ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلگەنلىگە،   
پىشقان قوغۇن بېغىدا تۇرماس يوق ئۇ تەڭلا ئەتىگە،
ھەسرەت چېكىپ قالماس ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغايسىزلەر.   
  
بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلماي ئازار قىلساق،
ئۆزۈمىزنى دانا چاغلاپ ئىشقا بۇيرىسا كۆز ئالايتساق،
تەنقىد-تەربىيە بەرسە بىزگە ھەدەپ تىللاپ-ئۇرۇپ قويساق،   
كېيىنكى كۈندە بالىڭىزدىن سىز ھەم شۇنى كۆرگەيسىزلەر.
  
ئۇشبۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم كىشى قىساسى كىشدە قالماس،   
ئاتا-ئاناڭغا نېمە قىلساڭ بالاڭمۇ ھەم نىسى قويماس،
ھىچبىر دېھقان قۇناق تېرىپ كۈزدە يەردىن بۇغداي ئورماس،  
يەرگە قانداق ئۇرۇق چاچساڭ كۈزدە شۇنى ئالغايسىزلەر.
  
كۆرگەنسىزلەر بەزى كىشلەر ئاتا-ئانىسنى ئۇرغان ئىدى،   
ھەقسىز كۆرۈپ،ھاقارەتلەپ كۆپ ئەسكىلىك قىلغان ئىدى،   
بۈگۈنكى كۈندە باللىرىدىن بىر مۇش ئۈچۈن ئوننى يىدى،   
مۇنداقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ پەرمانىنى تۇتقايسىزلەر.  
  
سەككىز جەننەت ئانىڭىزنىڭ تاپىنىنىڭ ئاستىنىدا،   
بۇ مېنىڭكى سۆزۈم ئەمەس ئېيتتى ئۇنى ھەق مۇستاپا،
ئانىڭىزنى رازى قىلماي مەدىنىگە بارغان بىكار،
ئاتا-ئانا رازى بولماي جەننەت يۈزى كۆرمەيسىزلەر.   
  
ئون ئاي،ئون كۈن قۇرساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ باققان،  
يىمەي يىدۈرۈپ،كىيمەي كىيدۈرۈپ جاپا تارتقان،   
سىزلەرنى دەپ كىشلەر بىلەن يۈز قىزارتقان،   
ئاناڭلارنىڭ خىزمىتىدە كېچە-كۈندۈز تۇرغايسىزلەر.  
  
سىلەرنى دەپ ياخشى كەيمەي،تاتلىق يىمەي پۇل توپلىغان،   
تاپقان پۇلغا سەرەم ئېلىپ،بالامنىڭ دەپ ئۆي جابدۇغان،   
كىشلەرنىڭ قىزنى تىلەپ ھەش-پەشلەر قىلىپ توي-تويلىغان،   
ئاتاڭلەرنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالغايسىزلەر.  

ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ بۆشۈكتىكى بالىلارغا،
قاراپ بېقىپ قۇرساق كۆتۈرۈپ بالا تۇققان ئانىلارغا،
بالىلارنى باقىمەن دەپ جاپا تارتقان ئاتىلارغا،
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتىپ دۇئاسىنى ئالغايسىزلەر.  

دۇئا-رەخمەت ئالغان كىشلەر بۇ ئالەمدە دۆلەت كۆرگەي،   
ھەقتىئالا خەزىنىسدىن يۈزمىڭ بەركەت ئاڭا بەرگەي،
ئۇ ئالەمدە جەننەتلەرنىڭ خالىغىنىغا چاغلاپ كىرگەي،  
خىزمەت قىلىپ ئاتا-ئانىغا دۇئاسىنى ئالغايسىزلەر.   
  
تىرىكلىكتە خىزمەت قىلىپ،قازا تاپسا ئىززەت قىلىپ،
ئازنا-پەيشەنبە تەرىك قىلماي قەبرىسىگە ئىزدەپ بېرىپ،   
دۇئا-تەكبىر،خەتمە-قۇرئان ساۋابىنى بەخىش قىلىپ،   
ئاتا-ئانا روھىغا دۇئا قىلىپ تۇرغايسىزلەر.  
  
نەچچە ئونلاپ ئوغۇل- قىزلار ئاتا-ئانىسنى خارلاپ قويدى،  
تىرىكلىكتە قەدرىنى بىلمەي كۆز ئالايتىپ تىللاپ قويدى،   
قازا تاپسا ساۋاپ ئىش قىلىپ،ئاتىماستىن تاشلاپ قويدى،
بۈگۈنكى كۈندە خار-زارلىقتا كۈن ئۆتكۈزدى كۆرگەنسىزلەر.
  
ئاتا-ئانىمىزنى نامرات كۆرۈپ،ساراڭ كۆرۈپ قېچىپ كەتمەي،   
نامرات،ساراڭ تۇرۇپ سىزنى باققىنىنى ئۇنتۇپ كەتمەي،   
كېسەل بولسا،قېرى بولسا تاشلىۋېتىپ نېرى كەتمەي،   
پوق-سۈيدۈك يەپ باققىنىغا لايىق خىزنەت قىلغايسىزلەر.  
  
ئوتتا كۆيدۈرمەي، سۇدا ئاقتۇرماي بېقىپ چوڭ قىلغان،
ياخشى ئات قۇيۇپ مەكتەپكە بىرىپ بىلىم ئالدۇرغان،   
بالىغ بولغاندا ھەش-پەشلەر قىلىپ تويىڭىزنى قىلغان،   
ئاتا-ئاناڭلەرنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالغايسىزلەر.   
  
ئاتا-ئانا:-بالا ئۈچۈن تۈگىمەس بەركەت ئۆزى،
ئاتا-ئانا رازى بولسا بالىسى كۆرمەس خارلىق يۈزى،   
نەگە بارسا ئەزىز بولۇپ يەردە قالماس قىلغان سۆزى،   
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا ئىززەت-ئىكرام قىلغايسىزلەر.!!!




مەنبە   :  ساقلاپ قويغانلىرىم  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 06:52:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلار ھىتلىرنى ئۇقۇسىلەر ،روسىيەگە ھۇجۇم قىلىش ھارپىسىدا ئىتالىيەنىڭ بىر مۇخپىرى ئۇنى زىيارەت قىلىپ ،ئۇنىڭدىن :
- ئۇلۇغ داھى سىزنىڭ قىلالمىغان ،ئۆكىنىدىغان ئىشىڭىز بارمۇ دىسە ؟ھىتلىر
- مەنچە ئۇلۇغ .ئىشنى قىلىۋاتقان بولساممۇ ،دادام قىلغان ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلالمىدىم .كىچىگىمدە دادامدىن ئۇلۇغ ئادەم بولۇش نىشانىم بار ئىدى لىكىن ھازىرغىچە مەندە ئۇزغۇنلۇق ھىسياتى يوق دەپ جاۋاب بىرىپتىكەن .
مەيلى بىز قانداق چوڭ ئەرباب  بوپكىتەيلى ،ئاتا- ئانىمىز ھامىنى بىزدىن ئۈستۈن ئىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 07:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇدۇنيانىڭ  قانۇنيىتى  ..   ..  ..  ..  ..  ..   

ئۆچمەس  ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش