تۈركىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراسى جۇڭگودا قويۇپ بېرىلدى!
بۈگۈن يەنى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 00:12 مىنۇت ئۆتكەندە « كۆكتۈرك 2 » ناملىق تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك سۈنئىي ھەمراسى جۇڭگودىكى «جىيۇۋچۈەن سۈنئي ھەمراھ قويۇپ بىرىش مەركىزى» دە قويۇپ بېرىلدى.
تۈركىيەنىڭ باش مېنىستىرلىرىدىن باشلاپ ھەر دەرىجىلىك خادىملىرى نەق مەيدان كۆرۈنىشنى تۈركىيەدىن بىۋاستە كۆرۈپ خۇشاللىققا چۆمدى.
« كۆكتۈرك 2 » ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن قۇياش ئېنىرگىيىسى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان بولۇپ، ھەربىي ئالاقە، دۆلەت بىخەتەرلىكى، تەبىئىي ئاپەتلەر، دېھقانچىلىق...قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىدىغانلىقى، سۈنئىي ھەمراھ تارتقان تۇنجى قېتىملىق سۈرەتلەرگە 12-ئاينىڭ 25-30- كۈنلىرى ئارلىقىدا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، سۈنئي ھەمراھنىڭ تۈركىيە ئۆزى ياسىغان « بىلگە» ناملىق كومپىيوتىر ئارقىلىق تۈركىيە ۋە نورۋىگىيەدىكى باشقۇرۇش مەركىزىدىن باشقۇرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2010-يىلى جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، بۇ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى كۈچەيتىش، جۇڭگو تۈركىيەدىن يىلىغا 50 مىليارد دوللارلىق مال سېتىۋېلىش، تۈركىيەگە نۇرغۇن ساياھەتچى ئەۋەتىش، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودا سودا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ھىمايە قىلىش يەنى تۈركىيەگە قارشى كۇرتلارنى ئېتراپ قىلماسلىق،بۇلارغا جاۋابەن تۈركىيەمۇ جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ھىمايە قىلىش يەنى ئۇيغۇر،تىبەت، موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرىنى ئېتراپ قىلماسلىق، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەركەتلىرىنى توسۇش، باشقا دۆلەتتىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە كىرگۈزمەسلىك... قاتارلىقلار بار.
بۇ ئىستىراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۈرۈمچىدە «تۈركىيە سانائەت رايونى» قۇرۇلدى، دۆڭكۆۋرۈك سودا بازىرىدا تۈركلەرگە بازار ئېچىپ بىرىلدى، يالغۇز خەنزۇلار بىلەنلا كېلىشىمدىكى تۈركىيەگە بەرگەن ساياھەتچى سانىنى توشقۇزۇپ بولغىلى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بېرىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولغاچقا دىيارىمىزدىمۇ ئاز-تولا ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئورۇنلىرى قۇرۇلدى ۋە ئۈرۈمچىدىن ئىستانبۇلغا ھاۋا يولى ئېچىلدى. تۈركىيەدە نۇرغۇنلىغان جۇڭگونى تونۇتۇش، مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش تېمىسىدىكى پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭ قاتارىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتچىلەرگىمۇ ساياھەت خىزمەت پۇرسىتى كېلىپ پولات ئەلەمدار بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋە باشقا سەھنىلەردە ئويۇن قويۇپ، باي، تىنىچ-ئىناق شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلىقىنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىھرى-شەپقەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. 4 دانە ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرە يۈزدەك تۇڭگان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، ھۆكۈمەت خادىملىرى، قارقاش سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سەنئەتچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان «جۇڭگو ئىسلام مەدەنىيىەت-سەنئەت كۆرگەزمىسى پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەردىن چوڭ-كىچىك ھەممە مۇسۇلماننىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك ھالدا دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى قوللىغانلىقى تونۇشتۇرۇلدى. تۇڭگان ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قۇرئان تىلاۋەت قىلدى، تۇغۇلىشىدىنلا ئۇسۇل ئويناپ چۈشىدىغان داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر تارىختا بىر كەلگەن بۇ پۇرسەتنى ئىنتايىن چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنى قاتتىق كۆرسىتىپ قويدىكى، بەزى زىيارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئىسلام مەدىنىيەت يېغىنىغا كەلگەنلىكى ياكى سەنئەت كىچىلىكىگە كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى.
2012-يىلى ھازىرقى جۇڭگو رەئىسى شىجىنپىڭ تۈركىيەگە كەلدى ۋە بىر قاتار كېلىشىملەرنى قىلدى، تۈركىيە باش مېنىستىرىمۇ 40 نەچچە چوڭ سودىگەرلەر بىلەن كېلىشىمگە ئاساسەن ئۈرۈمچىدىكى قۇرۇلىۋاتقان «تۈركىيە سانائەت رايونى» ۋە شىنجاڭ شامال ئېنىرگىيىسى شىركىتىنى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ تېخنىكىلارنى تۈركىيەدە قوللانغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن ئۈرۈمچىدىكى خەلقئاراچوڭ بازارنى ئايلاندى، بەيتۇلمەئمۇر جامەسىدە ناماز ئوقۇدى ۋە بېيجىڭدا يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىق ۋە سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى.
گەرچە جۇڭگو تۈركىيەدىن كېلىشىم سوممىسى بويىچە مال سېتىۋالمىغان بولسىمۇ، كېلىشىمدە دىيىلگەندەك نۇرغۇن ساياھەتچى ئەۋەتەلمىگەن بولسىمۇ، تۈركىيە تۈركىيەدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق يېغىلىش ھەركەتلىرىنى توسۇپ ۋاپادارلىقىنى ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن ئىسپاتلىدى. جۇڭگو بۇ قېتىم تۈركىيەنىڭ سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشكە ياردەملەشتى.
كېيىنكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ تىما بىلەن ئالاقىسى بولمىسىمۇ، ھەممە تىلدا چىققان بۇخەۋەرلەرنىڭ دىيارىمىزدا ئۇيغۇرچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىغا خالىسانە ياردەم قىلىش، ھەمدە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بىرەلەيدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر تۇرسا نېمىشقا تۈركىيە جۇڭگودا قويۇپ بېرىدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاپ بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن كونا خەۋەرلەر بولسىمۇ يېزىپ قويدۇم.
بىلىدىغانلار كونا خەۋەركەن دەپ كۆڭۈل ئاغرىتمىغايسىلەر.
مەنبە :--- باغداش مۇنبىرى