« كىشىلەر ئارىسىدىكى رەھمىدىللىك ۋە رەھمىسىزلىك»فىلىمى ھەققىدە
بۇ ھىندىستاندا ئىشلەنگەن داڭلىق ھىكايە فىلىم.) ئاساسلىق پىرسۇناژلار: راجى-بەلراجنىڭ ئوغلى (ئاشىق يىگىت) راشىمى-تاگۇر رەنۋىرسىڭنىڭ قىزى (راجىنىڭ مەشۇقى) مەدۇ- بەلراجنىڭ سىڭلىسى. فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: ئاقكۆڭۈل قىز-مەدۇ تاگۇر رەنۋىرسىڭنىڭ ئىنىسى بىلەن تونۇشۇپ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ-دە، توي قىلىش ئۈچۈن ۋەدىلىشىدۇ. بىراق مەدۇنىڭ قوسىقىدا قالغانلىقىنى كۆرگەن يىگىتى نامەرتلىك قىلىپ مەدۇدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا بىر قىزنى تېپىۋالىدۇ. مەدۇ يىگىتىنىڭ باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قوسىقىدا بارلىقىنى ئېيتىپ، توي قىلىش توغۇرلۇق يالۋۇرىدۇ. بىراق ئۇ مەدۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، باشقا بىرسى بىلەن توي قىلىدۇ. مەدۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەر ئۇنىڭغا تاپا-تەنە قىلىشىدۇ. ئازاپقا چىدىمىغان مەدۇ ئەلەمگە چىدىماي، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ. بۇ ئازاپتىن غەزەپلەنگەن بەلراج مەدۇنىڭ جەسىدىنى كۆتۈرۈپ، توي بولىۋاتقان مەيدانغا بېرىپ، ئەھۋالنى جامائەتكە ئېيتىپ، توي بولىۋاتقان يىگىتنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈدۇ. نەتىجىدە قىز بىلەن يىگىت بىر كۈندە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ. ساقچىلار ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، بەلراجنى 20يىللىق قاماققا ئالىدۇ. ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئوغلى- راجى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئولتۇرۇش كېچىلىگىدە گىتتار چېلىپ، ناخشا ئوقۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. راجى ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ كەتكەن دادىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى خوشال بولىدۇ. بىراق كۈتمىگەندە راجى ئۆزىنىڭ ھاممىسى-مەدۇنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان تاگۇر رەنۋىرسىڭنىڭ قىزى- راشىمى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان راجى ۋە راشىمىنىڭ ئاتا-ئاناۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇلارنى ئايرىلىپ كېتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىپ ئۇلارنى توسىدۇ. ئەمما ئىشنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ. تاگۇر قىزىنى باشقا بىرسىگە مەجبۇرى ھالدا توي قىلىدۇ. توي كۈنى كەچتە راجى بىلەن راشىمى ئۆيدىن قېچىپ كېتىپ، يىراق تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرنۇپ، مەخپى ھالدا تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. تاگۇر راجى بىلەن قىزىنى تۇتۇش توغۇرلۇق ئېلان چىقىرىپ ئۈچ نەپەر جاللاتنى سېتىۋىلىپ، بۇ بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇقنى مەخپى ھالدا ئۆلتۈرىۋىتىش ھەققىدە مەخپى كېلىشىم تۈزۈدۇ. تاگۇر باشقىلاردىن قىزى-راشىمىنىڭ تاغ ئۆڭكۈرىدە ئىكەنلىگىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تاغ ئۆڭكۈرىگە بارىدۇ. قىزىنى ئالداپ كۆندۈرگەندىن كىيىن ، كەتمەكچى بولغاندا ھېلىقى ئۈچ جاللات راجنى ئىزدەپ تاغقا كېلىپ، راجنى ئۇجۇقتۇۋەتمەكچى بولىدۇ. باتۇر ۋە ئەقىللىق راجى ئۆزىنىڭ پەم-پاراسىتى بىلەن ھېلىقى ئىككى جاللاتنى ھۇشيارلىق بىلەن ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. دەل شۇ پەيىتتە راشىمى راجىنى ئىزدەپ كېلىپ راجىنى چاقىرۋاتقاندا 3-جاللات راشىمىنى مىلتىق بىلەن ئېتىۋىتىدۇ. راجى جاللاتنىڭ قولىدىكى مىلتىقنى تارتىۋىلىپ، ئۇنى ھالاك قىلىدۇ-دە، راشىمىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قىتىم دىدارلىشىدۇ. راجى راشىمىنىڭ جان ئۈزگەنلىگىنى كۆرۈپ، يېنىدىكى پىچىقىنى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆكرىگىگە تىقىپ، جان ئۈزۈدۇ.بۇ پاجەئەلىك ئەھۋالنى كۆرگەن قىز-يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىللىرى قاتتىق ھەسرەتكە تولۇپ،تۈگۈمەس ئازاپقا قالىدۇ. بۇ فىلىم ئاتا-ئانىلارغا پەرزەنتلىرىنىڭ ياخشى كۆرگەن لايىقى بىلەن توي قىلىشىغا قارشىلىق قىلماسلىقىنى، ئۆتۈپ كەتكەن كونا ئۆچمەنلىكنى كوچىلاپ يۈرمەي، ئاداۋەت تۇتماسلىقىنى ھەمدە ياشلارنىڭ ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق بولۇپ ئالا-كۆڭۈللۈك قىلماسلىق توغرىسىدا ئېدىيىۋىي تەربىيە بېرىدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .tuz. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-19 04:53 PM
|