مىسرانىم تورىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ ~5 O4 [% e. F5 L7 Q: B, I
2013- يىللىق مىسرانىم، مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% c+ ~9 E/ l6 r' ^" ~- Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ B; W; d; D/ f- \. i, D9 k
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ z+ o% Q/ \) j4 {0 b
بـىـشــارەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 n: W3 _' z# C, w# G. lبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 \: h1 n' g' k1 N/ s+ b- i( [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: m0 T% z" d. t% n(فانتازىيەلىك پوۋست)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 M3 u' g5 o) Q% n: _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 S9 t4 O1 }3 D9 K. t" Gبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 J0 L! [0 Y! A% | h
(1)
Kشەھىرى ۋە پۈتۈن شەھەر خەلقى ئۇزۇن تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەھىمىگە تولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۆيلەردىكى، كوچا مەركەزلىرىدىكى سۈزۈكلۇك دەرىجىسى يۇقۇرى سۇيۇق كىرىستاللىق تېلىۋىزورلاردا، يانفۇن كۆرۈنۈشلىرىدە، گېزىت ـ ژورنال بەتلىرىدە نەچچە كۈندىن بۇيان بىر خىللا چەھەمىلىك خەۋەر ئۈزۈلمەي بېرىلىۋاتاتتى. پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ دېققەت ـ نەزىرى، سۆز تېمىسى ئەنە شۇ ۋەھىمىلىك خەۋەردىلا ئىدى.
تاشقى پىلانت ئادەملىرى يەر شارىغا ھۇجۇم قىلغۇدەك!
نەچچە كۈندىن بۇيان پۈتۈن Kشەھىرىنى ۋەھىمىگە سېلىپ تارقىلىۋاتقان خەۋەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇشۇ ئىدى. بۈگۈن شەنبىلىك ئارام ئېلىش كۈنى بولغاچقا Kشەھەرلىك قەدىمقى تىل-يېزىق تەتقىقات كومۇتىتىنىڭ ياش پىراففىسورى سەنەم ئاتىخان ئەتتىگەندىلا بىر تەرەپتىن ناشتا قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن تېلىۋىزورنى ئېچىۋىدى، دېكتور قىزنىڭ تاشقى پىلانت ئادىمى ھەققىدىكى سۆزلىرى يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
-- مۇخبىرلىرىمىزنىڭ Kشەھەرلىك ئالەم بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەركىزىدىن ئىگىللىشىچە، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن قولغا ئېلىنغان تاشقى پىلانت ئادىمى داۋاملىق سوراق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغىچە سوراق ئۈنۈمىدە ئۈمۈدلىك ئىلگىرلەشنىڭ بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق يېڭى ئۇچۇر يوق. ئىگىللەشلەرگە قارىغاندا تاشقى پىلانت ئادىمى دەپ ئاتالغان بۇ ئادەمنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى ئايال بولۇپ، بۇ غەيرى چىشى مەخلۇقنىڭ قەيەردىن، قاندان كىلىپ قالغانلىقى ھازىرچە تېخى مەلۇم بولمىغان. مۇخبىرلىرىمىز بۇ ھەقتە شەھەر خەلقىگە ھەر ۋاقىت ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشكە تىرىشماقتا.
دېكتور قىزنىڭ خەۋىرىدىن كېيىن تېلىۋىزور ئېكرانىدا رەڭگا-رەڭ ئاسمان جىسىملىرى بىلەن لىق تولغان ساما يولى سېستمىسى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىغا ماس ھالدىكى تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ساما يولى سېستىمىسىدىكى قايسى نامەلۇم سەييارىدىن كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەخمىنەن قىياسلار مەخسۇس ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سۆھبەتلىرى ئارقىلىق بېرىلىشكە باشلىدى. سەنەم ئاتىخان بىر تەرەپتىن ناشتا قىلغاچ يەنە بىر تەرەپتىن خەۋەر كۆرگەچ ئون بەش مىنۇتچە ۋاقىت ئۆتكۈزدى. ئاندىن تېلىۋىزورنى يىراقتىن كونتىرول قىلغۇچ بىلەن ئۆچۈرۈپ ئۈستەل ئۈستىدىكى <<شەھەر ئەتتىگەنلىك گېزىتى>> نى قولىغا ئېلىپ بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدى. گېزىتتىكى خەۋەرلەرمۇ تېلىۋىزوردىكى خەۋەرلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، قولغا ئېلىنغان تاشقى پىلانت ئادىمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاجايىب-غارايىباتلار بىلەن گېزىت يۈزى تولغان ئىدى.
سەنەم ئاتىخان ئەزەلدىن ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ شەھەرگە تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ قەدەم باسىدىغانلىقى ھەم بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەھەرنىڭ قاتتىق ۋەھىمىگە چۆمۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ تاشقى پىلانت ھەم تاشقى پىلانت ئادەملىرىگە بولغان تونۇشىمۇ يۈزەكى بولۇپ، ئۇ كۆرگەن تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاساسەن يەر شارى بىر گەۋدىلىشىتىن بۇرۇنقى يەنى 1900-يىللاردىكى كونا كىتاب-ژورناللاردا بايان قىلىنغان خەۋەرلەر ئىدى. ھازىر بولسا ئۇ خەۋەرلەرگە نەچچە يۈز يىل بولۇپ كەتتى. ئۇ خەۋەرلەر بېسىلغان كونا كىتاب-ژورناللارنى ھازىر يەر شارى ئۇچۇر مەركىزى كۈتۈپخانىسىنىڭ سانلىق ئامبىرىدىنلا تاپقىلى بولىدۇ. ئىلىم-پەننىڭ نەچچە يۈز يىللىق يۈكسەك تەرەققىياتى ئاخىرقى باسقۇچتا پۈتۈن ساما يولى سېستىمىسىدا ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشى ئۈچۈن يەر شارىدىن باشقا يەنە بىر ھاياتلىق شارى مەۋجۇت ئەمەس، دېگەن خۇلاسە بىلەن ساما يولى سېستىمىسىدا ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشى ئۈچۈن يەر شارىدىن باشقا يەنە بىر ھاياتلىق شارىمۇ مەۋجۇت بولۇشى مۈمكىن، دېگەن بىر بىرىگە قارىمۇ قارىشى بولغان ئىككى خىل خۇلاسىنى چىقارغىلىمۇ يۈز يىلدىن ئېشىپ كەتكەچكە تاشقى پىلانت ۋە تاشقى پىلانت ئادىمى دېگەن بۇ ئۇقۇم ھازىر كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن دېگۈدەك كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ زامانلاردىكى بۇنداق خەۋەرلەر ھازىر بولسا قەدىمدىن قالغان چۆچەكلەرگىلا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتچىلار ئۇنى ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلمىغان ئەينى زامانلاردىكى كىشىلەرنىڭ تاشقى ئالەمگە بولغان سوبىكتىپ ساددا قارىشى، رېئاللىقتىن ئايرىلغان غايىسى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەپلا يەكۈن چېقىرىشاتتى. لېكىن ئىلىم-پەن يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە ئەينى زامانلاردىكى كونا كىتابلاردا بايان قىلىنغان تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇتلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ يەنە قايتا يامرىشى ۋە قانداقتۇر بىر غەيرى تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ يەر شارىغا كىلىپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى راست ئۇچۇرنىڭ ئاشكارلىنىشى شەھەرنى راستلا ۋەھىمىگە سېلىۋەتكەن ئىدى. چۈنكى ئىلىم-پەن مەۋجۇت ئەمەس، دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ بولغان مەسىلىدىن مانا ئەمدى دەز چىقىپ قالماقتا ئىدى. بۇنىڭغا كىم سەۋەپچى؟ ئىلىم-پەنمۇ ياكى ئىلىم-پەن خادىملىرىمۇ؟
بۇ نەچچە كۈندىن بۇيان سەنەم ئاتىخان ئەڭ كۆپ ئويلىنىپ كىلىۋاتقان مەسىلە دەل مۇشۇ ئىدى. چۈنكى ئۇمۇ بىر ئىلىم-پەن خادىمى. ئۇمۇ تاشقى پىلانت ۋە تاشقى پىلانت ئادىمى ھەققىدە نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان ھەم ئاخىرىدا كونا كىتابلاردىكى تاشقى پىلانت ۋە تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قۇرۇق خىيال دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇ بىر ئىلىم-پەن خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدىلا ئەمەس بەلكى نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئاتالمىش تەتقىقاتلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىققان ھەم بۇ ھەقتە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇ زامانلاردىكى ئىنسانلار ئايدا ئولتۇراقلىشىش ھەققىدىمۇ كۆپ ئىزدەنگەن بولۇپ، ھەتتا ئالەم قاتناش قوراللىرىنى ئاي، مارس قاتارلىق سەييارىلەرگىمۇ چىقارغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە ئەڭ كۆپ تەتقىت قىلغىنى يەر شارىدىن باشقا سەييارىلەردە تاتلىق سۇ مەنبەسى بارمۇ-يوق؟ دېەەن مەسىلە بولۇپ، بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار باشقا سەييارىلەردىمۇ يەر شارىدىكىدەك تاتلىق سۇ مەنبەسىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە يەنە بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار باشقا سەييارىلەردە تاتلىق سۇ مەنبەسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، سۇ مەنبەسى مەۋجۇت بولمىغان سەييارىدە ھاياتلىقنىڭمۇ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىكەن. ئۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تاشقى پىلانت ۋە تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدە خېلى كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، 1900-يىللاردا نەشر قىلىنغان ئاددىي قەغەزگە چۈشۈرۈلگەن ئۆلچەمسىز دۇنيا خەرىتىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىنىڭ غەربىي قىسمىغا توغرا كېلىدىغان شەھەرلەردە يەنى شۇ زامانلاردا ئامېرىكا، ياۋروپا دەپ ئاتالغان يەرلەردە تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ئىزى بايقالغانلىقى ھەم شۇ دەۋرلەردىكى ئامېرىكا ھەربىي ئالىملىرىنىڭ قانداقتۇر بىر تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ جەسىدىنى ئوپىراتسىيە قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بىلەن ھەتتا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭمۇ تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ ئۇچار جىسىملىرىنى كۆرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بار ئىدى. سەنەم ئاتىخان كۆرگەن بۇ ماتىرىياللارنىڭ كىلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمىسىمۇ مەزمۇنى ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئىدى. لېكىن سەنەم ئاتىخان ئۇ ماتىرىياللار خاتىرلەنگەن قول يازمىلارنى ئوقۇپ چۈشۈنۈش ئۈچۈنلا نەچچە يىل قەدىمقى تىللارنى ئۈگۈنۈش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. چۈنكى ئەينى يىللاردىن قالغان ئۇ ماتىرىياللار ھەر خىل تىل-يېزىقتا خاتىرلەنگەن بولۇپ ئېنگىلس تىلى، نېمىس تىلى، يەھۇدىي تىلى، پارس تىلى، ئۇيغۇر تىلى دېگەندەك كۆپ قاتلاملىق تىللارغا بۆلۈنەتتى. شۇڭا بۇ تىللارنى بىر بىرلەپ ئۈگۈنۈشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنەم ئاتىخاندەك بۇنداق قەدىمىي ۋەسقىيلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىلىم-پەن خادىمى ئۈچۈن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ھەم ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئۇ تىل- يېزىقلارنى قايتىدىن ئوقۇشنى ئۈگۈنۈش ھەم ئۇ ئاساستا تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئەڭ جاپالىق ئىدى. لېكىن بىر سۈپەتلىك ئىلىم-پەن خادىمى بولغان ئادەم بۇنداق جاپا-مۇشاقەتلەرگە چوقۇم بەرداشلىق بېرىشى، ئۇنداق بولمايدىكەن بۇنداق خىزمەتنى ئىشلىمەسلىكى لازىم ئىدى. گەرچە تىل-يېزىق تەركىبىي قويۇق بولغان ئۇ زامانلاردىكى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىن ھازىرقى ئىلىم-پەن تەرەققىياتى ناھايىتى يۈكسەك ئورۇندا تۇرسىمۇ سەنەم ئاتىخان نېمىشقىدۇر ئاشۇ قەدىمقى زامانلاردىكى قويۇق تىل-يېزىق مۇھىتىدىكى ھاياتنى كونا كىتابلارنى كۆرۈش ۋە تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئاڭسىزلارچە ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. ھازرقى زامان-ماكاندا مىللەت تەركىبى بىلەن ئېتىقاد ئۆزگىچىلىكى يەنىلا بۇرۇنقى پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن تىل-يېزىق تەركىبى بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يەر شارى بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئورتاق تىل قوللىناتتى. شۇڭا ھازىر تىلنىڭ رەڭدارلىقى تۈگەپ تىل-يېزىقتىن ئىبارەت بۇ كەدىمىي رەڭدار شەكىل بۈگۈنكى زاماندا ئوخشاش بولغان تىل ۋە مەدەنىيەت كاتاگورىيەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى ئالاقە قورالىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇڭا ھازىرقى زاماندىكى بىر ئادەم يەر شارىنىڭ مەيلى قەيىرىەە بارمىسۇن تىل ئۆتكىلىگە دۇچار بولمايتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر بۇرۇنقى زامانلاردىكى كىشىلەردەك بىر ئورۇندىن يەنە بىر ئورۇنغا بارماقچى بولغان ئادەم ئەڭ ئاۋال تىل ئۈگۈنۈشى ياكى شۇ رايۇندىكى شۇ تىل بىلەن پىشىك تونۇش بولغان تەرجىماندىن بىرەرنى ياللىۋىلىشى لازىم ئەمەس ئىدى. گەرچە بۇ خىل ئورتاقلىق ئىلىم- پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بۇ دەۋر كىشىلىرىگە ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن يەر شارى كىشىلىرىنىڭ سۆز بايلىقى ۋە تەپەككۈرىدىكى رەڭدارلىقىنى يوقۇتىۋەتكەن ئىدى.
بۇ خىل قاراش سەنەم ئاتىخان قەدىمىي تىل-يېزىقلارنى ئۈگۈنۈش جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ بۇ يوقالغان تىل-يېزىقلار ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەجداتلىرى قوللانغان ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا ئالاھىدە مەپرۇن ئىدى. گاھىدا ئۇ ئۆزى بىلەن ئۆزى خىيال سۈرۈپ ئۆزئارا بىر تىل-يېزىقتا بولمىغان ئىككى ئادەمنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدىكى ھالىتىنى تەسەۋۇر قىلىپ كۈلۈپ كېتەتتى. چۈنكى سەنەم ئاتىخاننىڭ تەسەۋۇرىدىكى بۇ ئىككى ئادەم ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان تىلدا گەپ قىلىشاتتى. ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىل-يېزىق مۇھىتىدىكى ئىككى ئادەم بىر بىرىنىڭ تىلىنى چۈشەنمىگەچكە قوللىرىنى ھاۋادا شەكىل چىقىرىپ ھەركەتلەندۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىنى قارىشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇشقا تىرىشاتتى. بۇ ھال سەنەم ئاتىخانغا خۇددى ئۇنىڭ قەدىمىي يېزىقلارنى ئوقۇش جەريانىدا تىلى كېكەچلەپ بىئارام بولغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. شۇنداق بولسىمۇ بۇ خال سەنەم ئاتىخانغا تولىمۇ مەنىلىك ۋە قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى. ئۇ قەدىمىي يېزىقتىكى كىتابلارنى ئەنە شۇنداق باشقا بىر تىلدا گەپ قىلىدىغان يەنە بىر ئادەم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك قىزغىن ئەمماامۇشاقەتلىك كەيپىياتتا ئوقاتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق ناتونۇش يېزىقتىكى كىتابلاردا تاشقى ئالەم ھەققىدىكى بايانلارنى ئەڭ دەسلەپ كۆرگەن ئىدى ۋە شۇ زامان ئادەملىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئاخىرى چىقمايدىغان تەتقىقات بىلەن شۇنچە ئۇزۇن يىل مەشغۇل بولغانلىقى ھەققىدە ئويلىناتتى. چۈنكى ئۇ كۆرگەن بۇ خىل كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە تاشقى پىلانت ۋە تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدىكى بايانلاار خاتىرلەنگەن بولسىمۇ لېكىن ھېچقايسى كىتابتا بۇ سىرنىڭ يېشىپ چېقىلغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خاتىرلەنمىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ يەنە ئاي شارى، مارس دېگەندەك سەييارىلەر ھەققىدە ئۇچۇر قالدۇرغان كىتابلىرىمۇ خۇددى تاشقى پىلانتلار ھەققىدىكى خاتىرلەردەك يېشىمسىز قالغان بولۇپ، ئۇ خاتىرلەردە پەقەت ئەينى دەۋر ئالىملىرىنىڭ ئاي، مارسلارنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەكشۈرۈپ چىققانلىقى ھەققىدىكى قىممەتلىك بايانلار بولسىمۇ لېكىن ئاخىرقى ھېساپتا ئىنسانلارنىڭ ئاي ياكى مارسلاردا ئولتۇراقلىشىش خىيالىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى تارىخ ئىسپاتلىغان بىردىن بىر ھەقىقەت ئىدى. ئەمەلىيەتتە مانام ۇشۇ ئىلىم - پەن يۈكسەك تەرەققىي قىلغان زاماندىمۇ يەر شارى ئادەملىرىنىڭ ئاي ياكى مارسلاردا ئولتۇراقلىشىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى. گەرچە ھازىرقى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئىلىم-پەن مۇھىتىدا ئاي ياكى مارس دېگەندەك سەييارىلەرگە ئۇچۇش ۋە ئۇ سەييارىلەر ھەققىدە ئەتىراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش نورمال تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە بىرمۇ يەر شارى ئادىمى يەر شارىدىن باشقا بىر سەييارىدە نورمال ھايات كەچۈرۈپ باقمىدى. دېمەك بۇ تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا ئىنسانلار ئۈچۈن پەقەت يەر شارىدىن ئىبارەت بىرلا ھاياتلىق شارىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن بىشارەت بېرىپ كەلمەكتە ئىدى. شۇڭا ھازىرقى ئادەملەر باشقا سەييارىلەردە ئولتۇراقلىشىشدەك قۇرۇق خىيالغا مەغۇل بولماي يەر شارىدىن ئىبارەت بۇ ھاياتلىق شارىدىن قانداق قىلىپ پاكىز پايدىلىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى تېمىلارغىلا قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۇل بۆلەتتى. سەنەم ئاتىخان كىچىگىدىنلا غەيرى ئىش- ۋەقەلەرگە بالىلىق قەلبى بىلەن مەپتۇن بولغاچقا ھەم مومىسىنىڭ چۆچەكلەر دۇنياسى بىلەن تولۇپ كەتكەن تەربىيىسىدە چوڭ بولغاچقا ئاشۇنداق غەلىتە ھادىسلەرگە ئامراق ئىدى. قاچان، كىملەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىلغان ياكى يىزىپ قالدۇرۇلغان <<ئۇچار گىلەم>>، <<ئۇر توقماق>>، <<ئالتۇن كەش>>، <<قار مەلىكە>> قاتارلىق چۆچەكلەر ئۇنىڭ بالىلىق قەلبى ۋە تەسەۋۇرىنى مەۋجۇت رېئاللىقتىن ئايرىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇنداق بىر خاسىيەتلىك ئالتۇن كەشىنىڭ بولۇشىنى، ئۇچار گىلەمگە ئولتۇرۇپ ئالامنى ساياھەت قىلىشنى شېرىن خىيال قىلاتتى. مومىسى بولسا ئاشۇ ئۇچار گىلەمنىڭ ھازىرقى ھەر تۈرلۈك ئالەم قاتناش قوراللىرىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ بېرىش بىلەن كىچىك سەنەم ئاتىخاننى رېئاللىققا قايتۇرۇپ كېلەتتى. لېكىن بۇنداق بالىلىق قەلب ئاخىرى سەنەم ئاتىخاننى ئاشۇنداق غەلىتە نەرسىلەرگە مەپتۇنكار قىلىپ قويغاچقا سەنەم ئاتىخان ئونېۋىرسىتتا قەدىمىي تىل - يېزىق تەتقىقات كەسپىدە ئوقۇشنى تاللىۋالغان ئىدى. ئۇ شۇنداق قىلساملا ھازىرقى بىر خىل رېتىمدىكى تۇرمۇشۇم رەڭدارلىققا تولىدۇ، دەپ قارايتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ قەدىمىي تىل-يېزىق كەسپىدە تەربىيلىنىپ نەچچە تۈرلۈك قەدىمىي كىتابلارنى ئوقۇيالايدىغان بولغان چېغىدا ئۆزى تېخى مومىسىدىن ئاڭلاپ باقمىغان نۇرغۇن چۆچەكلەرنىڭ ئاشۇ ناتونۇش يېزىققا ئايلىنىپ كەتكەن كىتابلار ئىچىدە كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. بۇنداق قىزىقارلىق چۆچەكلەر ھازىرقى ساپلا ئالەم، ماشىنا ئادەم تەسۋىرلىنىدىغان ھېكايىلەرگە قارىغاندا تولىمۇ جانلىق ۋە قىزغىن ئىدى. ئۇنى تېخىمۇ جەلپ قىلغىنى ئۇ زامانلاردا يەر شارىدا نۇرغۇن پارچە-پارچە دۆلەتلەرنىڭ بولغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ بايلىق تالىشىپ بىر بىرى بىلەن ئۇرىشىدىغانلىقى، بىر قېتىملىق ئۇرۇشدىلا نەچچە مىليۇنلاپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى، بۇنداق ئۇرۇشلارنىڭ نەچچە يىللاپ توختىماي داۋام قىلىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆزىنىڭ مىللەت تەركىبى تەۋە بولغان ئۇيغۇر مىللىتىدىمۇ بۇنداق قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ بولغانلىقى ھەم ئوغۇزخان، ئاتېللا، ئالىپ ئەرتوڭا، تۇمارس، سۇتۇقخان، چىن تۆمۈر باتۇردەك مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىدەك تارىخ ئىدى. لېكىن ئادەمنى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۇرۇشلارنىڭ تۈتەك-تۇمانى تولۇق تارقاپ كەتكەن ھازىرقىدەك زاماندا ھېچكىم ئۇ كىتابلاردىكى ئادەمنى ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۇرۇشلارغا ئىشىنىپ كەتمەيتى ۋە بۇنى پەقەت ئىلگىركىلەردىن قالغان ئەپسانە دەپلا قارايتى. چۈنكى ھازرقى زامان ئادەملىرىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىدە ئادەم ئۆلتۈرۈش ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئەخلاقسىزلىق بولۇپ، تۇغۇلىشىدىنلا ئەقىللىق يارىتىلغان ئىنسان ھېچقاچان بۇنداق پەسكەش ئەخلاقسىزلىقنى ئۆزىدە سادىر قىلمايتى. پەقەت سەنەم ئاتىخاندەك قەدىمىي تىك-يېزىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى ئىلىم-پەن خادىملىرىلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا بۇنداق قەبىھلىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەرەرلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. گەرچە ئۇ زامانلاردىكى ئىلىم - پەن ھازىرقىغا قارىغاندا تولىمۇ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىلىم-پەنگە تايىنىپ تۇرۇپ ئالەمگە چىققانلىقى، تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدە ئىزچىل تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىماي قويمايتى. گەرچە ئۇ زاماننىڭ ئالىملىرى ھازرقى زامان ئالىملىرىدەك يۈكسەك ئىلىمگە مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلاردىكى چەكلىك ئىلىم بىلەن چەكسىز كائىناتقا يۈزلىنىش روھى تولىمۇ قىممەتلىك روھ ئىدى. شۇڭا ھازىرقى زامان ئالىملىرىغا قەدىمقىلەردىن ئۈگۈنۈش توغرا كەلسە ئالدى بىلەن چوقۇم ئۇلارنىڭ ئاشۇ خىل قىزغىن روھىدىن ئۈگۈنۈش كېرەك ئىدى. ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن تەتقىقاتى يوق دەپ كەسكىنلا ھۆكۈم چىقارغان ئاتالمىش تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدە نەچچە يۈز يىللار بۇرۇنقى ئادەملەر ئۇلارنى تاشقى دۇنيانىڭ ياكى ساما يولىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە مەۋجۇت دەپ ئىشەنگەن ھەم بۇ ھەقتە ئوخشاش بولمىغان قىممەتلىك خاتىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ۋاقىت ئاشۇ تۆۋەن ئىلىملىك ئادەملەرنىڭ تاشقى پىلانت ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بۇ ھەقىقەت ئالدىدا ھازىرقى ھەرقانداق بىر ئالىمنىڭ بوغۇزىدىن ئاۋاز چىقمايدۇ. جۈملىدىن سەنەم ئاتىخانمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنىڭ تولىمۇ چولتا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىكى ئىلىمگە قارىغاندا تەسەۋۇرنىڭ تېخىمۇ تېيىز ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ھېس قىلدى. ئۇنى بەكىرەك ئويغا سالغىنى تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىشىدەك ئۇچۇر ئىدى. گەرچە بۇ ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ئالدىراپ بىرنېمە دېگىلى بولمىسىمۇ دېققەت قىلماي بولمايتى. چۈنكى نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى ئالىملارمۇ تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىشىدەك تەسەۋۇرنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. دېمەك بۇ ئىككى خىل ئوخشاشلىق تاسادىبىي توغرا كىلىپ قىلىشنىڭ نەتىجىسىمۇ ياكى بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مويەن باغلىنىش بارمۇ؟ ناۋادا تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوبىل قىلىش توغرا كەلسە ئۇلار نېمە ئۈچۈن نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان يەر شارىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى تاشقى ئالەمدىن كەلگەن ۋەھىمە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى زاماندا يەنە قايتا تەكرارلىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن مۆجىزلىرى بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلمەي ئوتتۇرا كوچىدا تېڭىرقاپ قالىدۇ؟
سەنەم ئاتىخان بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلانغانسېرى ئىچىنى بىرنېمە تاتىلىغاندەك بىئارام بولۇپ كەتتى.
سەنەم ئاتىخان ئەنە شۇنداق جاۋاپ بېرىش قىيىن بولغان سۇئاللار ئىسكەنجىسىدە بوغۇلۇپ تۇرغاندا سىمسىز تېلىفۇننىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئورنىدىن دەست تۇرۇپ سايراۋاتقان تېلفۇننى ئالدى.
-- ۋەي.
قارىشى تەرەپتىكىسى ئەرنىڭ ئاۋازى ئىدى.
-- Kشەھەرلىك قەدىنقى تىل-يېزىق تەتقىقات كومۇتىتىدىكى پىراففىسور سەنەم ئاتىخان بولامسىز؟
قارىشى تەرەپتىكى ئەرنىڭ ئاۋازىدىن قانداقتۇر بىر جىددىيچىلىك چىقىپ تۇراتتى. سەنەم ئاتىخان دەرھال جاۋاپ قايتۇردى.
-- شۇنداق، مەن شۇ بولىمەن. سىز كىم بولىسىز ئەپەندى؟
-- مەن قۇتلۇق ئەپەندى بولىمەن.
سەنەم ئاتىخان دەمالىققا قۇتلۇق دېگەن چىراينى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمەي قارشى تەرەپتىن قايتۇرۇپ سورىدى.
-- كەچۈرىسىز قۇتلۇق ئەپەندى، سىزنى راستلا ئەسلىيەلمەي قالدىم. ئۆزىڭىزنى تەپسىلىيرەك تونۇشتۇرغان بولسىڭىز.
-- كەچۈرۈڭ سەنەم ئاتىخان. مەن Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىدىكى قۇتلۇق ئەپەندى بولىمەن.
سەنەم ئاتىخان شۇندىلا قۇتلۇق ئەپەندى دېگەن بۇ ئادەمنى يادىغا ئالدى. بۇ ئادەم ئۇنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئېرفان ئەپەندىنىڭ باشلىقى ئىدى.
-- مەندە بىرەر ئىشىڭىز بارمىتى ئېرفان ئەپەندى؟
سەنەم ئاتىخان بۇ كۈتۈلمىگەن تېلفۇندىن سەل گۇمان قىلغان ھالدا سورىدى.
-- دوكتۇر ئېرفان ئەپەندى ئاخشامدىن بۇيان سىز بىلەن ئالاقىلشتىمۇ؟
قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ شۇ سۇئالى بىلەن تەڭ سەنەم ئاتىخاننىڭ كۆز ئالدىغا 28 ياشلاردىكى كۆزلىرى كۆك، چاچلىرى قوڭۇر، بوي-بەستى كىلىشكەن ئېرفان كەلدى. ئېرفان سەنەم ئاتىخاننىڭ تويلىشىپ قويغان يىگىتى بولۇپ ئىككىسىنىڭ ئارلىشىپ ئۆتىۋاتقانلىقىغا بىر نەچچە يىللار بولۇپ قالغان ئىدى. مىجەزى ئوچۇق - يورۇق، كەيپىياتى قىزغىن، گەپ-سۆزلىرى يۇمۇرىستىك، ھېسياتى كۈچلۈك ئېرفان سەنەم ئاتىخاننىڭ ياشلىق باھارىدىكى تۇنجى ئەر بولۇپ، سەنەم ئاتىخان ئۇنى ھەم ياخشى كۆرەتتى ھەم قەدىرلەيتى. ئېرفانمۇ بۇ كەسپتە تىرىشچان، ئىلمىي تەتقىقاتتا خېلى كۆپ نەتىجە قازانغان قويۇق دولقۇنسىمان بۈدۈرە چاچلىق قىز سەنەم ئاتىخاننى چىن دىلىدىن سۆيەتتى ۋە سەنەم ئاتىخاننىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ قۇۋەتلەيتى. ئىككىسىنىڭ كۆز قاراش، پىكىرلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بىر يەردىن چىققاچقىمىكىن تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىر بىرگە مېھرى چۈشۈپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى ياشياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ شېرىن پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرماي بىر بىرىنىڭ سۆيگۈ گۈللىرىنى كۆڭۈل بوستانلىرىدا ھۆپپىدە ياشنىتىپ كەلمەكتە ئىدى. سەنەم ئاتىخان ئېرفان بىلەن تۈنۈگۈن چۈشتە كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ چاغدا ئېرفاننىڭ روھىي-ھالىتى بۇرۇنقىدەكلا نورمال ئىدى. شۇڭا قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىزلا سورىغان سۇئالى سەنەم ئاتىخاننى دەمەللىققا جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. شۇڭا قۇتلۇق ئەپەندىدىن ئالدىراپلا سورىدى.
-- بىرەر ئىش يۈز بەرمىگەندۇر قۇتلۇق ئەپەندى؟
-- ھازىرچە ئۇنداق ئېھتىماللىقنى يوق دېسەكمۇ بولىدۇ سەنەم ئاتىخان. ئەمما مېنىڭ ھازىر بىلمەكچى بولغىنىم، ئېرفان ئەپەندى ئاخشامدىن بۇيان سىز بىلەن ئالاقە قىلدىمۇ-يوق دېگەن مەسىلە.
-- تۇنۇگۈن چۈشتە بىز بىرلىكتە سەلتەنەت مۇزىكىلىق ئارامگاھىغا قەھۋە ئىچكىلى بارغان. لېكىن شۇنىڭدىن ھازىرغىچە بولغان ئارلىقتا بىز ئالاقىلىشىپ باقمىدۇق. ئاخشام تىلفۇن قىلسام تېلفۇنى سېگنال قوبىل قىلمىدى. بۇ مەسىلە شۇنچە مۇھىممىتى قۇتلۇق ئەپەندى؟
سەنەم ئاتىخان قانداقتۇر بىر كېلىشمەسلىكنى كۆڭلى تۇيغان ھالدا يەنە سورىدى.
-- مۇنداق ئىشتى...
قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ سۆزى تۇيۇقسىزلا ئۈزۈلۈپ قالدى. سەنەم ئاتىخان شۇئان قارىشى تەرەپنىڭ يانفۇن سېگىنالىنىڭمۇ تولۇق يوقاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. زادى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭقىرالمىغان سەنەم ئاتىخان تېلفۇننىڭ نومۇر كارتىسىغا كىرگەن نومۇر تىزىملىكى ئىچىدىن قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ نومۇرىنى تېپىپ چىقىپ قۇتلۇق ئەپەندىگە قايتىدىن سېگنال يوللىۋىدى قارىشى تەرەپنىڭ يانفۇنىدىن ھېچقانداق سېگىنال ئۇچۇرى كەلمىدى. بۇنداق بىنورمال ئەھۋالدىن ئىسكەنجىرەپ قالغان سەنەم ئاتىخان قۇتلۇق ئەپەندىگە يەنە ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلغان بولسىمۇ نەتىجىدە قارىشى تەرەپتىن ھېچقانداق سېگىنال ئاۋازى كەلمىدى.
ئېرفانغا چوقۇم بىر ئىش بولدى!
سەنەم ئاتىخاننىڭ كۆڭلىدىكى نامەلۇم بىر سېزىم بوغۇزىدىن بوشقىنە تىتىرەپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىگە بېرىپ قۇتلۇق ئەپەندى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىپ بېقىش ئۈچۈن ئالدىراپ-تېنەپلا ئۆيىدىن چىقىپ بۆك ئورمانلىق، يېشىل چېمەنلىك ئىچىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىككى قەۋەتلىك كۆركەم داچىسىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويۇلغان كۈمۈشرەڭ ماشىنىسى تەرەپكە قاراپ تېز-تېز قەدەم ئالدى. ئۇ ئەتتىگەنلىك قۇياش نۇرىدا ۋالىلداپ تۇرغان كۈمۈشرەڭ ماشىنىسىغا ئاز قالغاندا قولىدىكى يىراقتىن كونتىرول قىلغۇچ بىلەن ماشىنىنىڭ ئىشىكىگە ئاپتوماتىك بۇيرۇق بېرىۋىدى ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئاۋاز چىقارماي يانغا سىيرىلىپ ئېچىلدى. سەنەم ئاتىخان ماشىنىغا چىقىپلا ئالقانچىلىك كۆزنەكتىكى سان ۋە بەلگىلەردىن بىرنەچچىنى بېسىۋىدى ماشىنا ناھايىتى تۆۋەن ئاۋازدا قوزغىلىپ قويۇق مەنزىرە دەرەخلەر بۆككىدە سايە تاشلاپ تۇرغان سىيلىق يولدا غۇيۇلداپ ماڭغىنىچە يېشىلرەڭ قورۇدىن چىقىپ كەتتى.
بۇ چاغدا K شەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسى پاتپاراقچىلىققا چۆمۈپ كەتكەن بولۇپ، ھەممىنىڭ كۆزىدە قانداقتۇر بىر خىل ئەنسىزچىلىك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. باشقارما باشلىقى قۇتلۇق ئەپەندى ناھايىتى جىددى ۋە كەسكىن ھالدا بىرنەچچەيلەنگە سۆزلىمەكتە ئىدى.
-- ئەپەندىلەر، بىز ھازىر ئىنتايىن جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتىمىز. ئېرفان ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كېتىشى بىزنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمىزنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. پۈتۈن شەھەر ۋەھىمە ئىچىدە قالغان مۇشۇنداق پەۋقۇلادە شارائىتتا ئېرفان ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كېتىشى بۇ بىر تاسادىبىيلىق ئەمەس. بۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر قارا قول بار. ناۋادا ئېرفان ئەپەندىنىڭ غايىب بولۇپ كېتىش ۋەقەسى شەھەر خەلقىگە ئاشكارلىنىپ كېتىلسە ئۇ چاغدا كىلىپ چىقىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلماق تولىمۇ قىيىنلىشىپ كىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىنىڭ دائىرىسى بىز ئويلىغاندىنمۇ تېز كېڭىيىپ كىتىدۇ-دە، مۇشۇ شەھەرنىڭلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىك مىخانىزىمىدا تەتۈر تەۋرىنىش كىلىپ چىقىدۇ. بىز بۈگۈن سەھەردىلا ئېرفان ئەپەندىنىڭ غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ئېرفان ئەپەندىنىڭ بېرىش مۈمكىنچىلىكى بولغان ھەم ئېرفان ئەپەندىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىدىكى بارلىق ئادەملەر بىلەن جىددىي ئالاقىلاشتۇق. لېكىن ئېرفان ئەپەندىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ئادەم مەن بولدۇم. ئېرفان ئەپەندى ئاخشام ئونلاردا ئىشخانىدىن ئايرىلغان. بۈگۈن سەھەر سائەت تۆتلەردە ئېرفان ئەپەندىنىڭ يانفۇن سېگىنالىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئېرفان ئەپەندى مەن بىلەن بولغان بىرنەچچە سېكۇنتلۇق تېلفۇن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ تاشقى پىلانت ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىلا بىشارەت بەردى. لېكىن قەيەردە، قانداق ئۇسۇلدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىدى. بەلكىم تاشقى پىلانت ئادەملىرى بىزنىڭ ئۇلارنىڭ بىر ئادىمىنى تۇتىۋالغانلىقىمىزغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېرفان ئەپەندىنى تۇتقۇن قىلىۋالغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. شۇڭا بىز ھەر ۋاقىت ئەڭ سەزگۈر ھالەتتە تۇرىشىمىز لازىم. باشقىلارنىڭ سورايدىغان سۇئالى بارمۇ؟
قۇتلۇق ئەپەندى سۇئال سورىغاچ ئەتىراپىدىكىلەرگە تىكىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقەدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغاندەك كەيپىياتتا بىر بىرىگە قاراپ مۈرىللىرىنى يەڭگىلغىنە قىسىپ قويۇشتى.
-- مېنىڭ بىر سۇئالىم بار باشلىق.
-- قېنى سوراڭ.
قۇتلۇق ئەپەندى ئوتتۇز ياشلاردىكى تۈرگۈن چىراي يىگىتكە قاراپ جاۋاب بەردى.
-- سىز دېمەكچى، ئېرفان ئەپەندىنىڭ تاشقى پىلانت ئادەملىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى چوقۇم قامال قىلىمىز، شۇنداقمۇ؟
-- ئەلبەتتە.
-- ئاخپارات ساھاسىدىكىلەرگە نېمە دەيمىز؟
-- گەپ قىلماي تۇرىۋالىمىز.
-- ئۇلار سورىسىچۇ؟
-- يەنىلا گەپ قىلماي تۇرىۋالىمىز يىگىت.
-- مېنىڭچە، بۇ خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز قىلغانلىق بولىدۇ باشلىق.
-- ئەلبەتتە. لېكىن بۇ ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق.
-- لېكىن بۇ قانۇنغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ باشلىق.
-- قانۇن دېگەننى ئادەم تۈزگەن يىگىت.
-- دېمەك، شۇنىڭ ئۈچۈنلا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
-- بىزنىڭ ھازىر پەۋقۇلادە ئەھۋالدا تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلىشىڭىز كېرەك يىگىت. پەۋقۇلادە ئەھۋال ئاستىدا پەۋقۇلادە قارار چىقىرىشىمىزنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق.
-- ناۋادا بۇ پىلان ئاشكارلىنىپ قالسا كىلىپ چىققان مەسئۇلىيەتكە كىم جاۋاپكار بولىدۇ باشلىق؟
-- سىزچە بۇ پىلاننى كىم ئاشكارلاپ قويار، سىزغۇ ئۇنداق قىلمايدىغانسىز؟
-- سۆزۈمنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماي باشلىق. مەن دېمەكچى، ئالىمادىس...
-- بۇ يەردە ئالىمادىس دېگەن گەپكە ئورۇن يوق يىگىت. چۈنكى بىز ھەرقانداق پايدىسىز ئەھۋالغا زەرىچە ئورۇن قويماسلىقىمىز كېرەك. ھېچ بولمىغاندا بىز ئېرفان ئەپەندىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالغىچە بولغان مۇشۇ ۋاقىت ئارلىقىدا.
-- بولىدۇ باشلىق!
-- يەنە سۇئال بارمۇ ئەپەندىلەر؟
قۇتلۇق ئەپەندى نەزىرىنى ئەمدى باشقىلارغا يۆتكىۋىدى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ 45 ياشلاردىكى تېىنىك خادىمى ئېغىز ئاچتى.
-- ئۇنداقتا ئېرفان ئەپەندىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا نېمە دەيمىز؟
-- ئېرفان ئەپەندىنى Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قوبىل قىلدۇرۇشقا ئېلىپ كەتتى دەيمىز.
-- ئۇلار بۇ جاۋاپتىن گۇمان قىلىشى مۈمكىن.
-- نېمە دەپ؟
-- نورمال ئۇچۇر ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىق سەۋەبىدىن.
-- بۇ Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى. مۇشۇنداق چۈشەنچە بېرىپ تۇرساق سىزچە مۇۋاپىق بولارمۇ؟
-- مېنىڭچە بۇ بولىدىغان پىلانكەن. لېكىن...
-- يەنە قانداق سۇئالىڭىز بارتى؟
-- ھېلىقى قىز...
-- قايسى قىز؟
-- ئېرفان ئەپەندىنىڭ قىز دوستىنى دېمەكچىمەن.
-- سەنەم ئاتىخانمۇ؟
-- شۇنداق.
-- ئۇ قىزغا بىر ئىش بولدى دەپ ئاڭلىمىغانسىز؟
-- ياقەي.
-- شۇنداق، ئۇ قىزغا ھېچ ئىش بولغىنى يوق. مەن بۈگۈن ئەتتىگەندىلا ئۇ قىز بىلەن ئېرفان ئەپەندى ھەققىدە تېلفۇنلاشقان.
-- مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئۇ قىز ناھايىتى سەزگۈر قىز. يەنە كىلىپ ئۇ بىر ئىلمىي خادىم. بىزنىڭ چۈشەندۈرىشىمىز بەلكىم ئۇ قىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۈمكىن.
-- ئەمىسە سىزچە ئۇ قىزغا قانداق ئۇسۇلدا چۈشەنچە بەرسەك مۇۋاپىق بولار؟
-- ئىشقىلىپ، ئاياللارغا ساختىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماق بەس مۈشكۈل. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاياللار ئادەتتىكىدىن يۇقۇرى ھالدىكى تۇيغۇنلۇق ھالىتىدە بولىدۇ. يەنە كىلىپ بۇنداق ھال ئۇ قىزدەك تەپەككۈر- تەسەۋۇرى ئېچىلىپ كەتكەن ئاياللاردا يەنىمۇ روشەن ھالدا نامايەن بولۇشى تۇرغانلا گەپ.
-- مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ قىزغىمۇ مۇشۇ بىرلا گەپنى قايتا-قايتا تەكرارلاپ بېرىمىز. ئۇ قىزنىڭ بۇ گەپكە ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىكى بىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى بىزنىڭ بىر گەپنى ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا تەكرار-تەكرار دېيىشىمىز.
-- مېنىڭچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىدىن بىر ئۇسۇلى بولماسلىقى مۈمكىن.
-- ئېيتقىنىڭىز تامامەن توغرا. راستلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىدن بىر ئۇسۇلى بۇ ئەمەس ھەم بۇنداق بولماسلىقىمۇ كېرەك ئىدى. لېكىن بۇ ئامالسىزلىقتىن قوللىنىلىۋاتقان ۋاقىتلىق تەدبىر. شۇڭا بىز ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىشنى ھەم پاكىز ھەم مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ بولىشىمىز كېرەك.
-- ناۋادا ۋاقىت بىزنىڭ پىلانىمىزدىن ئۇزىراپ كەتسىچۇ؟
-- ئۇنداق بولۇشىغا قەتئىي ئىمكانىيەت يوق ئەپەندى، بىز چوقۇم ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ھەركەتنى ئاياقلاشتۇرىشىمىز كېرەك.
-- دېگىنىڭىزدەك بولغاي ئىلاھىم.
-- ياخشى دۇئالىرىڭىزدىن مىننەتدارمەن. خوش، يەنە كىمنىڭ سۇئالى بار؟
قۇتلۇق ئەپەندى يۇقۇرى ئاۋازدا سورىدى. ھەممەيلەن باشلىرىنى چايقىغاچ بىر ئېغىزدىن يوق دېيىشتى.
قۇتلۇق ئەپەندى سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن سول قول بارماقلىرىنى تىنىمسىز ھەركەتلەندۈرگەچ بۇيرۇق ئاھاڭدا دېدى.
-- ئەمىسە تەكشۈرۈش خىزمىتىمىزنى يەنىلا ئەڭ ئاۋال بىز قولغا چۈشۈرگەن تاشقى پىلانت ئادىمىدىن باشلايمىز. شۇ نەرسە ئېنىقكى بىزنىڭ قولىمىزدىكى تاشقى پىلانت ئادىمى بىلەن ئېرفان ئەپەندىنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن زىچ باغلىنىش بار. دېمەك يىپ ئۇچى Kشەھەرلىك ئالەم بىخەتەرلىك ئۇچۇر مەركىزىدىكى تاشقى پىلانت ئادىمى. قېنى، دەرھال ھەركەتنى باشلاڭلار ئەپەندىلەر!
(2)
سەنەم ئاتىخان ئولتۇرغان كۈمۈشرەڭ ماشىنا غۇيۇلداپ ماڭغىنىچە Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىنىڭ كەڭ سەينالىق قورۇسىغا كىرىپ يەڭگىل تورمۇز قىلىپ توختىدى. شەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىنىڭ كۆككە بوي تارتىپ تۇرغان كۆك ئەينەكلىك، كۆپ قەۋەتلىق بىناسى كۈمۈشرەڭ ماشىنىنىڭ سۈزۈك ئەينىكىدە ئوچۇق پارلاپ تۇراتتى. سەنەم ئاتىخان كۆزىدىكى رەڭگە قاراپ ئۆزگۈرۈشچان كۆز ئەينەكنى ئىنچىكە، ئۇزۇن بارماقلىرى بىلەن ئەپچىلگىنە قىسىپ ئېلىپ، ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى كىچىك ئىلغۇغا ئىلىپ قويدى. ئاندىن ئاپئاق، ئۇزۇن، ئىنچىكە پۇتلىرىنى يەرگە سوزۇپ تاشلىغىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈپ Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسى بىناسى تەرەپكە قاراپ تاسىلداپ ماڭدى. سەنەم ئاتىخان بۇ يەرگە ئېرفان بىلەن بىر نەچچە قېتىم كەلگەچكە ئەتراپتىكى مۇھىىت ئۇنىڭغا خېلىلا تونۇش ئىدى.
سەنەم ئاتىخان بىنانىڭ ئەينەك ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە قەدىمىنى توختىتىپ يان تامدىكى يېشىل كۇنۇپكىنى كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن بوشقىنە باستى. شۇھامان كىچىك قۇتىچىلىك ئاۋاز قوبىللىغۇچتىن نۆۋەتچى خادىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-- ياخشىمۇسىز؟ كىمنى ئىزدەيتىڭىز خانقىز؟
-- قۇتلۇق ئەپەندى بىلەن كۆرۈشىدىغان مۇھىم ئىشىم بارىدى.
-- ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
-- مەن Kشەھەرلىك قەدىمقى تىل-يېزىق تەتقىقات كومۇتىتىدىكى پىراففىسور سەنەم ئەتىخان بولىمەن.
-- قۇتلۇق ئەپەندى بىلەن ئالدىن دېيىشىپ قويغانمۇ؟
-- ياق.
-- ئەمىسە سەل كۈتۈپ تۇرۇنە، مەن قۇتلۇق ئەپەندىگە خەۋەر قىلاي.
-- رەھمەت، سەنەم ئاتىخاننىڭ سىز بىلەن جىددىي كۆرۈشىدىغان مۇھىم ئىشى باركەن دەپ خەۋەر قىلارسىز.
-- چۈسەندىم سەنەم ئاتىخان.
-- سىزنى مالا قىلىدىغان بولدۇم
ئاۋاز قوبىللىغۇچتىكى نۆۋەتچى خادىمنىڭ ئاۋازى شۇنىڭ بىلەن ئۆچتى. سەنەم ئاتىخان نۆۋەتچى خادىمنىڭ خەۋىرىنى كۈتكەچ Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىنىڭ كەڭ سەينالىق قورۇسىغا قايتىدىن نەزەر تاشلىدى. قورۇ ئىچى ھەر تۈرلۈك مەنزىرە دەرىخى ۋە چىملىقلار بىلەن ياشىرىپ تۇرغان بولۇپ، تەبىئەتنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى. قويۇق دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىلىرىدا قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازدا سايراشلىرى دەممۇ-دەم ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يان تەرەپتىكى بىتۇن ياتقۇزۇلغان كۆكۈش رەڭلىك سىيلىق مەيداندا ھەر خىل تىپ ۋە ھەر خىل رەڭدىكى چوڭ-كىچىكلىگى ئوخشاش بولمىغان ماشىنىلار رەت-رېتى بىلەن توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، قارىماققا بۇ يەردىكى تەرتىپ ئىنتايىن رەتلىكتەك كۆرۈنەتتى. قاتار-قاتار سېلىنغان خىزمەت بىنالارنىڭ ئالدى كۆرنۈشىگە كۆك رەڭلىك ئەينەك ئىشلىتىلگەچكە بىنالارنىڭ كۆرۈنىشىمۇ قارىغان ئادەمگە خۇددى يېشىل چىملىقلاردەكلا تۇيغۇ بېرەتتى. بىنالارنىڭ ئىگىز ئۆگزىللىرىگە ھەر خىل سېگىنال قوبىللىغۇچ ئەسۋاپلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ سېگىنال قوبىللىغۇچلار توختىماي پىقىراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى چەمبەر شەكلىدە پىقىرىسا، بەزىلىرى ياي شەكلىدە پىقىرايتى. بەزىلىرى يۇقۇرى-تۆۋەن يۆلۈنۈش بويىچە ھەركەتلەنسە يەنە بەزىلىرى دەم ئالدىغا دەم كەينىگە قاراپ ھەركەتلىنەتتى. دېمەك ئوخشاش بولمىغان بۇيرۇق پىراگىراممىسىدىكى سېگىنال قوبىللىغۇچلارنىڭ ھەركەت ئۆلچىمىمۇ بىر بىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. بۇ سېگىنال قوبىللىغۇچلار ھاۋاغا تارقىلىپ كەتكەن ھەرقانداق بىر كىچىك ئاۋاز دولقۇنىنىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قوبىل قىلاتتى ۋە ئۇنى سېستىما باش ئاپىراتىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرىغا ئۇدۇللۇق يوللاپ تۇراتتى. سېستىما باش ئاپىراتى سېگىنال قوبىللىغۇچتىن يوللانغان بۇ ئاۋاز دولقۇنلارنى دەسلەپ سانلىق مەلۇماتلارغا ئاندىن ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇپ ئاخىرىدا كومپقيوتىر ئېكرانىغا يېزىق شەكلىدە چىقىرىپ بېرەتتى. بۇنداق بوشلۇقتىكى ئاۋاز دولقۇنلىرىنىڭ سېگىنال قوبىللىغۇچ تەرىپىدىن قوبىل قىلىنىپ ئاخىرقى باسقۇچتىكى يېزىق شەكلىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن پەقەت نەچچە سېكۇنتلا ۋاقىت كېتەتتى. دېمەك ئىلىم-پەننىڭ يۈكسەك تەرەققىياتى بىلەن روياپقا چىققان بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، خاتالىق پەرىقىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىدە ھەتتا يوق دېيەرلىك ئىدى. سەنەم ئاتىخان كۆرگەن كونا كىتابلاردا خاتىرلىنىشىچە ئەينى زاماندىكى ئىلىم-پەن خادىملىرى ھازىرقىغا قارىغاندا سۈپىتى تۆۋەن بولغان تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئىلىم-پەن بىلەن تاشقى پىلانت ھەققىدە، تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەققىدە، ساما يولى ھەققىدە، ئاي- مارس قاتارلىق سەييارىلەر ھەققىدە خېلىلا مۇۋاپىقىيەتلىك ئىزدەنگەن ۋە ئالەمگە ئۇچۇش سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. بۇ ئارقىلىق ئۇلار بىر ئىلىم خادىمىنىڭ بىر پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ مۇقەددەسلىكىنى نامايەن قىلغان ئىدى. ناۋادا ھازىرقى يۈكسەك ئىلىم-پەن، يۇقۇرى پەن-تېخنىكا شۇ زامان ئالىملىرىغا مەنسۇپ بولغان بولسا ئۇلارنىڭ يەنە قانداق تەتقىقاتلارنى روياپقا چىقىرىپ، كەلگۈسىگە يەنە قانداق مۆجىزىلەرنى قالدۇرالايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىدى. چۈنكى ئەينى زامان ۋە ماكاندىكى ئوخشاش بولمىغان تىل-يېزىق مۇھىتىدا ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش بولغان بىر مەقسەت ئۈچۈن ئىزدىنىشى، تەپەككۈر قىلىشى ئۇلارنىڭ روھىدىكى يۈكسەك ئىلىم پەزىلىتىنىڭ، ۋۇجۇدۇدىكى بۈيۈك ئىنسانپەرۋەرلىك جەۋھىرىنىڭ سەمەرىسى ئىدى. شۇڭا سەنەم ئاتىخان شۇ قۇرلارنى ھەر بىر قېتىم كۆرگىنىدە تەسىرلەنمەي، چىرايلىق قوي كۆزلىرىگە ھاياجان ياشلىرىنى ئالماي، قەلبى لەرزىگە كەلمەي قالمايتى. بۇ جەرياندا ئۇ بۇ ھەقتە كۆپلەپ ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى. لېكىن ئىلىمنى ئۆزلىرىگىلا بېرىلگەن دەپ قاراشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەملەر سەنەم ئاتىخاننىڭ بۇ خىل ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى، كۆز قاراشلىرىنى قوبىل قىلالمىدى. ھەتتا ئىلىم ساھەسىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق زاتلارمۇ سەنەم ئاتىخان نام-شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەتقىقات تېمىللىرىنى ئېلان قىلماقتا، سەنەم ئاتىخاننىڭ تەتقىقات تېمىللىرىدىكى بايانلار بولسا ئاساسەن قەدىمقىي كىتابلاردىكى ئەپسانە بولۇپ، ئۇ كىتابلاردا شۇ زاماندىن ناھايىتى يىراق بولغان يەنە بىر زامانلاردىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئالەمگە ئۇچقانلىقىدەك ئەپسانىلەرمۇ خاتىرلەنگەن. ئۇلارنىڭ ئۇ خىل ئالەم قاتناش قورالىغا <<ئۇچار گىلەم>> دەپ نام قويغانلىقى بارلىق ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم. لېكىن ئۇچار گىلەمنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەم ئۇنىڭ راستىنلا ئالەمگە ئۇچقانلىقى ھەققىدە شۇ زامان ئالىملىرىمۇ قۇرۇق تەسەۋۇردىن باشقا ھېچقانداق ئىلمىي قاراشنى ئوتتۇرغا قويالمىغان ھەم ئەقەللىي يەكۈنمۇ چىقىرالمىغان. دېمەك سەنەم ئاتىخاننىڭ تەتقىقات تېمىللىرىدىكى ئالەم ئۇچقۇلىرىمۇ ئەنە شۇ ئۇچار گىلەمدەك خىيالىي تەسەۋۇر بولۇپ، بۇنى ئىلىم نۇقتىسىدا تۇرۇپ قوبىل قىلىشقا بولمايدۇ. دېمەك قەدىمقىي كىتابلاردىكى ئۇ خىل بايانلارنىڭ نوقۇل ئىلىم بولۇشى ناتايىن. بەلكى ئەپسانە-رېۋايەت بولۇشى ئېھتىمالغا بەكلا يېقىن. سەنەم ئاتىخان بولسا ئىلمىي قىممىتى بولمىغان بايانلار ئارقىلىق سەنەم ئاتىخانچە يېڭى ئىلمىي قىممەت ياراتماقچى. بۇنداق قىلمىش سېپى ئۆزىدىن ئىلىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق. شۇڭا سەنەم ئاتىخاننىڭ بۇنداق سۈنئىي، ياسالما خاراكتىردىكى ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى قوللاشقا بولمايدۇ، دېگەندەك ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوچۇقلا ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن سەنەم ئاتىخان بولسا بۇنداق قارىشى پىكىرىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرىگە ئۆزىنىڭ يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئاجايىب بىر سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىلى مۇئامىلە قىلاتتى. گەرچە ئۇلارنىڭ بۇنداق پىكىرلىرىنى قوبىل قىلىشقا ئامالىسز قالسىمۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات تېمىللىرىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا تىرىشاتتى. چۈنكى ئۇ ھەقىقەتنى گەپ بىلەن ئەمەس بەلكى ئىلمىي ئىزدىنىش بىلەن تاپقىلى ۋە مويەنلەشتۈگىلى بولىدۇ، دەپ قارايتى. شۇنداقلا يەنە ھەرقانداق بىر تارىخىي ماتىرىيالنىڭمۇ، ھەرقانداق بىر ئەپسانە-رېۋايەتنىڭمۇ چوقۇم مەلۇم بىر ئىلمىي ئاساسىي بولغان بولىدۇ، گەپ بۇنداق ئىلمىي ئاساسلارنى قانداق رەۋىشتە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى ئىلىم نۇقتىسىدا قايسى ئۇسۇل بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈشتە دەپ تونۇيتى. بەلكىم يەنە نەچچە يۈز يىللاردىن كېيىن ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى بۈگۈنكىدىنمۇ يۈكسىلىشى، يەر شارىنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمى ھازىرقىدىنمۇ زور بولۇشى مۈمكىن. شۇ چاغلاردا بۈگۈنكى رېئاللىقمۇ تارىخ بولۇپ كىتاب بەتلىرىدە قېلىشى ئېنىق. بەلكىم ئەنە شۇ دەۋردىكى ئىنسانلارمۇ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن بۇ زاماننى رېئاللىقتىن چەتنەپ كەتكەن تارىخ، بۇ زاماندىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگىمۇ شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان قىزغىن تەلپۈنۈشى، دەپ باھا بېرىش بىلەن كۇپايىلىنەر. خۇددى بۈگۈنكى زاماندىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئۆتمۈشدىكى ئىلىم تەرەققىياتلىرىغا يۈزەكى باھا بېرىش بىلەن چەكلەنگەندەك. چۈنكى مانا بۇ ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىنىڭ ھەيۋەتلىك بىناسىمۇ، ئەنە ئاۋۇ يۇقۇرى تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان دولقۇن قوبىللىغۇچلارمۇ يىراق كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوقۇتۇپ بىرى قەدىمىي خارابىيلىككە ئايلىنىپ كەتسە يەنە بىرى يەر قاتلىمىدىكى دات باسقان تۆمۈر-تەسەككە ئايلىنىپ كېتىشى مۇقەرەر. شۇڭا كەسپ ئەھلى بولغان بىر ئىلمىي تەتقىقاتچى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرىشى كېرەك. ئاخىرقى ھۆكۈمنى يەنىلا تارىخ چىقىرىدۇ.
-- سىزنى ساقلىتىپ قويغىنىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن سەنەم ئاتىخان.
ئاۋاز قوبىللىغۇچتىن ئاڭلانغان ئاۋاز بىلەن تەڭ سەنەم ئاتىخاننىڭ خىيالى ئۈزۈلدى ۋە ئاۋاز قوبىللىغۇچقا قاراپ:
-- ھېچقىسى يوق،-- دېدى جاۋابەن.
-- ئىشىكتىن كىرىپ لېفت ئارقىلىق 20-قەۋەتكە چىقىپ سولغا بۇرۇلۇپ 2012-نومۇرلۇق ئىشخانىغا كىرسىڭىز بولىدۇ. قۇتلۇق ئەپەندى سىزنى شۇ ئىشخانىدا ساقلاۋاتىدۇ.
ئاۋاز قوبىىللىغۇچتىكى ئاۋاز ئۆچۈشى بىلەن تەڭ كۆكۈش رەڭلىك ئەينەك ئىشىك ئىككى يانغا ئاۋاز چىقارماي سېيرىلىپ ئېچىلدى. ئەينەك ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تەڭ سەنەم ئاتىخاننىڭ بۇرنىغا سالقىن ھاۋا گۈپپىدە ئۇرۇلدى. سەنەم ئاتىخان سۇ يۈزىدەك سۈزۈك ۋە سىيلىق يەردىن <<تاققاس-تۇققۇس>> ئاۋاز چىقىرىپ ماڭغىنىچە كۈمۈشرەڭ لېفتكە چىقىپ ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن لېفت كۇنۇپكىسىدىكى 20 دېگەن ساننى بېسىۋىدى، لېفت بىر نەچچە دەقىقىلىق يېنىك تەۋرىنىشتىن كېيىن يۇقۇرىغا قاراپ ئۆرلەشكە باشلىدى.
بۇ چاغدا ئېرفان ئەپەندى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ناھايىتى سىپتىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى قۇتلۇق ئەپەندى ئۆزىنىڭ كەڭ ۋە ئازادە ئىشخانىسىدا سەنەم ئاتىخاننى كۈتۈپ ئولتۇراتتى.
-- ياخشىمۇ سىز باشقارما باشلىقى؟
سەنەم ئاتىخان 2012-نومۇرلۇق ئىشخانىغا سالام بەرگەچ كىرىپ كەلدى.
-- ياخشىمۇسىز سەنەم ئاتىخان؟ قېنى...قېنى، بۇياققا كىلىپ ئولتۇرۇڭ.
قۇتلۇق ئەپەندى سەنەم ئاتىخاننى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا كۈتىۋالدى. سەنەم ئاتىخان قۇتلۇق ئەپەندى قولى بىلەن كۆرسەتكەن ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى.
-- بىز كۆرۈشكەن، شۇنداقمۇ سەنەم ئاتىخان؟
سەنەم ئاتىخان قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يۇمشاق كىرىسلودا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قۇتلۇق ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سورىدى.
-- شۇنداق قۇتلۇق ئەپەندى،-- دېدى سەنەم ئاتىخان قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ سۇئالىغا دەرھاللا جاۋاپ قايتۇرۇپ،-- يادىمدا قېلىشىچە، ئېرفان ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر قېتىم كۆرۈشكەن.
-- شۇنداق-شۇنداق. مەن سىز توغۇرلۇق ئېرفان ئەپەندى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. خاتالاشمىسام سىز قەدىمقى تىل-يېزىق تەتقىقات كومۇتىتىدا خىزمەت قىلىسىزغۇ دەيمەن؟
-- شۇنداق.
-- ئاڭلىسام كەسپتە خېلى كۆپ نەتىجىلەرگىمۇ مۇيەسسەر بوپسىز. شۇغۇنىسى ماڭا تېخى سىز قەلەمگە ئالغان تەتقىقات تېمىللىرىنى كۆرۈش پۇرسىتى نېسىپ بولمىدى. خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن ماتىرىياللارنى تولۇق كۆرۈشكە ئىمكانىيەتمۇ يار بەرمەي قالىدىكەن ئادەمگە.
-- بۇ نورمال ئەھۋال قۇتلۇق ئەپەندى.
-- ئەسلى بۈگۈن ئەتتىگەن سىزگە تېلىفۇن بېرىشنىڭ ئورنىغا سىز بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكەن بولسام مۇۋاپىق بولاتتى. لېكىن-زە، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرا كەلمەي قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قول تېلىفۇنۇم نېمىشقىدۇر تۇيۇقسىزلا مەلۇم ۋاقىت سېگىنال قوبىل قىلالماي قالدى دېسە.
سەنەم ئاتىخان قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ سۆز تېمىسىنى ئەسلى مەقسەتكە ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن يۆتكەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ۋە ئىچىدە بۇ ئادەم سۆھبەتنى قەيەردىن، قانداق ئۇسۇلدا باشلاپ قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشقا خېلىلا ماھىركەن، دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭسىزمۇ ئەللىك ياشلاردىن ھالقىغان قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ سۆزلىەەن ۋاقتىدىكى سالماقلىقى، ھەرقانداق گەپنى ئوچۇق-يورۇق، كەسكىن تەلەپۇزدا ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە تولۇق پىشقان شەخس ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى.
ئۇزۇنغا سوزۇلمىغان سۈكۈتتىن كېيىن قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئاۋازى سەنەم ئاتىخاننىڭ ئۇ ھەققىدىكى خىيالىنى بۆلۈپ تاشلىدى.
-- بەلكىم يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز باردۇر سەنەم ئاتىخان؟
-- مەسىلەن، نۇقتىلىق ھالدا قايسى ئىشنى دېمەكچى بولىۋاتىسىز قۇتلۇق ئەپەندى؟
سەنەم ئاتىخان قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئۆزىدىن قايتۇرۇپ سورىدى. قۇتلۇق ئەپەندى سەنەم ئاتىخاننىڭ سۇئالىدىن كېيىن قىسقىلا ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن:
-- مەسىلەن، تاشقى پىلانت ئادىمى ھەققىدىكى ئىشچۇ؟-- دېدى ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن سەنەم ئاتىخاننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
-- شۇنداق، خەۋىرىم بار. ھازىر بارلىق تەشۋىقات قوراللىرىدا بۇ ھەقتە ئىزچىل خەۋەر بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىشتىن ھازىر پۈتۈن خەلق خەۋەر تېپىپ بولدى.
-- شۇنداق-شۇنداق. بۇ ۋەقە پەقەت بىزنىڭلا ياكى بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىرنەچچە ئاپراتلارنىڭلا بىلىش دائىرىسدىكى ئىش بولماستىن بەلكى پۈتۈن خەلقنىڭ بىلىش دائىرىسىدىكى ئىش. چۈنكى مەيلى قايسى مىللەت، قايسى دىن كاتىگورىيەسىدىكى ئادەم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ھەممە ئادەمنىڭ ۋەقەنىڭ ئەسلى مەزمۇنىدىن خەۋەر تېپىش ھوقۇقى بولىدۇ. دېمەك بىز ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنىڭدەك ئەڭ ئاددىي بىلىش ھوقۇقىغىمۇ دەخلى-تەرۈز يەتكۈزسەك بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ ھەر بىر ئادەمگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇقى. شۇنداقمۇ؟
-- شۇنداق.
-- لېكىن...
قۇتلۇق ئەپندى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-- لېكىن ئېرفان ئەپەندىنىڭ. ئىشى بىزنى گاڭگىرىتىپ قويدى.
سەنەم ئاتىخان ئېرفاننىڭ گېپى چىقىشى بىلەن پۈتۈن دېققىتى بىلەن قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئاغزىغا قارىدى.
-- سىزدىن بىر مەسىلىن سورىسام بولارمۇ قۇتلۇق ئەپەندى؟
-- قېنى سوراڭ.
-- ئېرفان ئەپەندىەە زادى نېمە ئىش بولدى؟
-- بۇ بىر كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى سەنەم ئاتىخان. بەلكىم بۇنى ئاڭلىسىڭىز قۇلقىڭىزغا ئىشەنمەي قىلىشىڭىز مۈمكىن. چۈنكى بىزدىمۇ شۇنداق كەيپىيات يۈز بەرگەن.
-- مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالايمەن قۇتلۇق ئەپەندى.
-- ئېرفان ئەپەندىنى Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قوبىل قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەخپىي ئېلىپ كېتىپتۇ.
-- نېمە؟!
سەنەم ئاتىىان قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئاۋازىنى خاتا ئاڭلاپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ كەتتى. چۈنكى Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈشىنى قوبىل قىلىش دېگەنلىك ئېغىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىك دېگەنلىك ئىدى. لېكىن ئېرفاندەك سەمىمىي، ئەستايىدىل، تەپەككۈرى چوڭقۇر ئادەمنىڭ بۇنداق سھەۋەنلىكنى ئۆتكۈزۈشى مۈمكىنمۇ؟
سەنەم ئاتىخان قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ سۆزىگە ياكى ئىشىنىشنى ياكى ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئاۋازى بولسا سەنەم ئاتىخانغا بۇنىڭغا ئىشەن دەپ نىدا قىلسا، ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى بۇنداق بولۇشى مۈمكىن ئەمەس، باشقارما باشلىقى سېنى ئالداۋاتىدۇ، سەن باشقارما باشلىقىنىڭ سۆزىگە ئەمەس ئۆزۈڭنىڭ ساپ تۇيغۇسىغا ئىشەن سەپ نىدا قىلاتتى. شۇڭا سەنەم ئاتىخان:
بۇ قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن قۇتلۇق ئەپەندى، سىز بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟-- دەپ سورىدى جىددىيلەشكەن ھالدا.
-- بۇ ئىشىنىش-ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس بەلكى قوبىل قىلىش مەسىلىسى سەنەم ئاتىخان. مەن سىزنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا چوقۇم ئازابلىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. بىزمۇ تېخى باياتىن بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندا سىزگە ئوخشاش ئاازب ھېس قىلغان.
-- بەلكىم بۇ تۆھمەت بولۇشى مۈمكىن قۇتلۇق ئەپەندى.
-- بۇنىڭغا ھازىرلا بىرنېمە دېمەك ھەقىقەتەن قىيىن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن ھەممە ئىش مەلۇم بولىدۇ. بىزمۇ ئېرفان ئەپەندىگە ئىشىنىمىز، بۇ ئىشلارنىڭ بىر قېتىملىق ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قىلىشىنى بىزمۇ ئۈمۈت قىلىمىز.
-- لېكىن بۇ ئۇقۇشماسلىق بولۇپ چىققان ھالەتتىمۇ ئېرفاننىڭ نام- ئوبرازىغا قارا داغ چۈشىدۇ-دە. بۇ بىر قېتىملىق قارا داغ ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا پۈتۈنلەي ئەكس تەسىر بېرىدۇ. دېمەك تەكشۈرۈش تۈگىگەن بىلەن تەكشۈرۈشتىن قالغان قارا داغنىڭ تەسىرى ئۇزۇن يىللارغىچە ھەتتا ئېرفاننىڭ ئۆۈمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى مۈمكىن-دە. چۈنكى بىز ياشاۋاتقان بۇ دەۋر ئوبراز دەۋرى، شۇڭا بىر ئادەمنىڭ ئوبرازىغا گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ-دە، قۇتلۇق ئەپەندى.
-- ئېيتقىنىڭىزغۇ توغرا سەنەم ئاتىخان. مەسىلىنىڭ تۈگۈنىمۇ دەل مۇشۇ يەردە. Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئېرفان ئەپەندىنى بۇنداق مەخپىي رەۋىشتە ئېلىپ كىتىشىدىن قارىغاندىمۇ ئۇلار ئېرفان ئەپەندىنىڭ ئوبرازىغا قاتتىق دېققەت قىلغان.
-- لېكىن بۇ ئاخپارات ۋاستىللىرىنىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالمايدۇ-دە.
-- شۇڭا بىز بۇ مەسىلىسدە ناھايىتى سوغۇققان، ئەستايىدىل بولمىساق بولمايدۇ، دەپ قاراۋاتىمىز.
-- گەرچە مەن ئېرفان ئەپەندىنىڭ مەسىلىسىگە تولۇق ئىشىنىپ كېتىشكە ئامالىسىز قالساممۇ يەنىلا سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن قۇتلۇق ئەپەندى.
-- مېنى چۈشەنگەنلىكىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر سەنەم ئاتىخان. بىز بۇ مەسىلىدە مۇنداق بىر ئورتاق پىكىرگە كەلدۇق.
قۇتلۇق ئەپەندى ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن سەنەم ئاتىخانغا سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
-- Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېرفان ئەپەندى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغۇچە بولغان ئارلىقتا بىز بارلىق مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىماسلىقنى قارار قىلدۇق. مۇشۇنداق بولغاندا كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى بىر قەدەر مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ دەپ قارىدۇ.
-- لېكىن...
سەنەم ئاتىخان شۇنداق دەپلا نېمىنىدۇر ئويلىغاندەك تۇرۇپ قېلىۋىدى، قۇتلۇق ئەپەندى ئېغىز ئاچتى.
-- بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن قانداق قاراشلىرىڭىز بولسا پىكىرلىرىڭىزنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ سەنەم ئاتىخان. مەن سىزگە ۋەدە بېرىمەنكى، بىز سىزنىڭ مۇۋاپىق بولغان ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىزگە ھۆرمەت بۈلدۈرىمىز.
-- دېمەكچىمەنكى قۇتلۇق ئەپەندى،-- دەپ سۆزىنى باشلىدى سەنەم ئاتىخان ئويلانغان ھالدا ئېغىز ئېچىپ،-- ئېرفان ئەپەندى ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا تېلىۋىزىيە ئىستانسىدا ئىلمىي لېكسىيە سۆزلەيدۇ. بۇ ئېرفان ئەپەندىنىڭ Kشەھەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ <<تاشقى ئالەم>> پىراگىرامما گۇرۇپىسى بىلەن تۈزگەن ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى. ناۋادا بۇ لېكسىيە ئۈزۈلۈپ قالسا ئاخپارات ساھاسىدىكىلەرنىڭ دېققەت نەزىرى دەرھاللا ئېرفان ئەپەندىگە مەركەزلىشىدۇ. سىزگىمۇ مەلۇم قۇتلۇق ئەپەندى، ئاخپارات ساھاسىدىكىلەر بۇ مەسىلىگە ئازراقلا گۇمان بىلەن نەزەر تاشلىسا سىز بىلەن مەن بۇنى مەيلى قانچىلىك مەخپىي تۇتىشىمىزدىن قەتئىنەزەر ئۇلار نەچچە كۈندىلا بۇ مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى خەلق - ئالەمگە داۋراڭ قىلىپ تاشلايدۇ.
-- بىز بۇ مەسىلىنىمۇ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماقچى، بىز سىزنىڭ بىزگە ئۈزۈل-كېسىل ئىشىنىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز.
-- مەنسىلىن، قانداق ئۇسۇل بىلەن؟
سەنەم ئاتىخان قۇتلۇق ئەپەندىدىن قايتۇرۇپ سورىدى.
-- بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى سىز كەچلىك تېلىۋىزىيە خەۋەرلىرىدىن كۆرىۋالالايسىز. ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىمىزدىن سىز چوقۇم رازىمەنلىك ھېس قىلىسىز.
سەنەم ئاتىخان Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئەنە شۇ جاۋابنى ئېلىپ يېنىپ چىقتى. ئۇ قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشكە مەيلى قانچىلىك تىرىشمىسۇن يەنىلا كۆڭلىنىڭ نامەلۇم بىر يەرلىرىدە گۇمان تۇيغۇسى غەليان كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ناۋادا ئېرفان ئەپەندىنى راستلا Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەكشۈرۈشنى قوبىل قىلدۇرۇشقا ئېلىپ كەتمىگەن بولسا ئۇنداقتا نەگە كېتىدۇ؟ قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ بۇنداق يالغاننى توقۇپ چىقىشىغا زادى نېمە سەۋەب بولىدۇ؟
سەنەم ئاتىخان Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىدىن چىققۇچە ھەر خىل خىياللارنى سۈرۈپ ماڭدى. لېكىن ئۇ ئۆشىنى قانائەتلەندۈرەلىگۈدەك ئەقلىي خۇلاسىگە كېلەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېرفان ئەپەندىنىڭ تەقدىرى مۇرەككەپ بىر سىرغا ئايلىنىپ قالماقتا ئىدى. سەنەم ئاتىخان Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسى قورۇسىدىن ماشىنىسىنى سىيلىق ھەيدىگىنىچە ئۇزاپ چىقىپ، ھەيۋەتلىك بىنالار ئاسمانغا بوي تارتىپ تۇرغان Kشەھرىنىڭ پاكىز، رەتلىك ۋە كەڭ-كەڭرى بىتۇن تاشلىق كوچىسىدا شامالدەك لەرزانغىنە يۈرۈپ كەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ قولى ماشىنىسىنىڭ رولىدا، كۆزى بولسا چىرايى، تېرىسى، بوي-بەستى بىر بىرىگە ئوخشاش بولمىغان ئادەملەر ۋە ھەر خىل تىپ-رەڭدىكى چوڭ-كىچىك ماشىنىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن شەھەر يولىدا بولغىنى بىلەن خىيالى بىردە قيتلۇق ئەپەندى بىلەن بولغان سۆھبەت بوستانلىقىدا بىردە ئېرفان ئەپەندى ھەققىدىكى باش-ئاخىرى يوق گۇمانىي تۇيغۇ بوستانلىقىدا توختىماي قانات قاقماقتا ئىدى.
سەنەم ئاتىخان ئۆزىنىڭ خىيال بىلەن بولۇپ كېتىپ تۆت كوچا ئېغىزىدىكى قاتناش چىرىقىنىڭ بەلگىىسىگە دېققەت قىلماي توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدى. بۇ چاغدا ئوڭ-سول ئىككى يۆلۈنۈشتىن دەريا سۈيىدەك لۆمۈلدەك كەلگەن قاتار-قاتار ماشىنىلار خۇددى ئۇنىڭ ماشىنىسىنى دەسسەپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندەك شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كەلمەكتە ئىدى.
-- ئاھ...
سەنەم ئاتىخاننىڭ بوغۇزىدىن قاتتىق بىر نىدا ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى. چۈنكى ئىككى يۆلۈنۈش بويىچە شىددەتلىك كېلىۋاتقان ماشىنىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمدى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ماي تەپكىسى ئۈستىدىكى يەڭگىل پۇتى دەرھال تورمۇز تەپكىسىگە ئالمىشىپ تورمۇز تەپكىسىنى كۈچ بىلەن دەسسىۋىدى ماشىنا چاقىنىڭ تورمۇزلىنىشىدىن پەيدا بولغان يېقىمسىز چىقىراق ئاۋاز ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ ئەڭ زىل قاتلامنلىرىغا كىرىپ كەتتى. ئارقىدىن باشقا ماشىنىلارنىمۇ تورمۇز قىلىشىدىن پەيدا بولغان ئاۋازلار ئەتىراپنى بىر ئالدى. بۇ چاغدا ئوڭ-سولدىن كەلگەن بىر نەچچە ماشىنا تاغنىڭ تېشىدەك دۇمۇلاپ دېگۈدەك سەنەم ئاتىخاننىڭ ماشىنىسىغا قاراپ يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يۈز بېرىشكە باشلىغان بۇ كۈتۈلمىگەن ھادىستىن قورقۇپ كەتكەن سەنەم ئاتىخان ئۆزىگە قاراپ شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ زەربىسىدىن ئەمدى ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ئىككى قولىدىكى ماشىنا رولىنى بار كۈچى بىلەن سىقىمداپ تۇتقىنىچە قورقۇنچتىن چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ۋاقىراپ تاشلىدى.
-- ۋا...ي ي ي...
سەنەم ئاتىخان ئەنە شۇ قورقۇنچلۇق دەقىقىلەردە ئۆزىنىڭ ماشىنىلار توپىغا چوقۇم سوقۇلۇپ كېتىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئىنكاسىغا قارىغاندا بۇ قورقۇنچلۇق سوقۇلۇشقا كۆپ بولغاندىمۇ ئۈچ سېكۇنتچە ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن ئىدى. سەنەم ئاتىخان ئەنە شۇ ئۈچ سېكۇنتچە ۋاقىتنىلا ھېس قىلالايتۇكى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر دەقىقە ۋاقىتنىمۇ ھېس قىلىشقا قۇربى يەتمەيتى. بەلكى ئەنە شۇ ئۈچ سېكۇنتچە ۋاقىتتىن كېيىنكى ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن يوقلۇقتىن ئىبارەت بولىشىمۇ مۈمكىن ئىدى. چۈنكى بۇنداق شىددەتلىك سوقۇلۇش ئۇنىڭ جان قۇشىنى تەن قەپىزىدىن ئۇچۇرىۋىتىشى تامامەن مۈمكىن ئىدى. ئۇنىڭ مېڭىسىدە بولسا سوقۇلۇشتىن پەيدا بولىدىغان قاتتىق سىلكىنىش، ماشىنا بىلەن تەڭ چايقىلىپ دومۇلاش ۋە يەنە قاناقتۇر بىر ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈشلەر چاقماق تېزلىگىدە ئالمىشىپ تۇراتتى...
ئارىدىن ئۈچ سېكۇنتچە ۋاقىت ئۆتتىمۇ ياكى بەش-ئون سېكۇنت ۋاقىت ئۆتتىمۇ ۋەياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاقراق ۋاقىت ئۆتتىمۇ بۇنى سەنەم ئاتىخان ھېس قىلالمىدى. شۇنداقلا يەنە تېخى باياتىنلا مېڭىسىدە زاھىر بولغان سوقۇلۇشتىن پەيدا بولىدىغان قاتتىق سىلكىنىش، ماشىنا بىلەن تەڭ چايقىلىپ دومۇلاش ۋە يەنە قانداقتۇر بىر ۋەھىمىلىك كۆرۈنەشلەرنىمۇ ھېس قىلالمىدى. شۇ تاپتىكى ئۇنىڭ تېپتېنچ بولۇپ قالغان مېڭىسىدە پەقەت، بەلكى شىددەتلىك سوقۇلۇشنىڭ تېزلىكى سەۋەبىدىن مەن ئۇ تۇيغۇلارنى ھېس قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىەەن بولىشىم مۈمكىن، دېگەن سادالا غۇۋا لەيلەيتى. تەسەۋۇرىدا بولسا ئۆزىنى سۈپ-سۈزۈك ھاۋا بوشلۇقىدا لەرزان پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشدەك ھېس قىلاتتى. ئۇ مۇقەددەس كىتابلادىن تەندىن ئايرىلغان روھنىڭ ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىدەك ھۆكۈمنى كۆرگەن بولۇپ ئۆزىمۇ ئىسلام دىنى ئېتىقادىتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھۆكۈمگە سەرتسىز ئىشىنەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ئىنكاسىدا تەندىن ئىبارەت شەكىل كۆرۈنۈشى ئۆزى ھېس قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن شىددەتلىك ماشىنا سوقۇلىشىنىڭ زەربىسىدىن ھاياتلىق ھەركىتىنى توختاتقان، ھازىرقى ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتقان لەرزان ھالىتى بولسا ھاياتلىق ھەركىتى توختىغان تېنىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققان روھچ قۇشىنىڭ ئاسمانغا ئۆرلىشىدىن پەيدا بولىۋاتقان سەزگۈ ئىدى. ئۇ ئاشۇ قورقۇنچلۇق دەقىقىلەردىكى ۋەھىمە ئىچىدە كۆزىنى چىڭ يۇمغان ۋاقتىدا كۆرۈش دائىرىسى ئىچىگە يوپۇرۇلۇپ كىرگەن قاراڭغۇلۇق ھېلىھەم زۇلمەترەڭدە پەرۋاز قىلماقتا ئىدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىشنى، بۇ زۇلۇمەترەڭ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن ئۇ ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باققان بولسىمۇ كۆز ئۆڭىدىكى زۇلمەترەڭ قاراڭغۇلۇقتىن غالىب كېلىشكە مۇيەسسەر بولالمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بوشلۇقتا ئۇچۇش تۇيغۇسىدا قانچىلىك ۋەقىت تۇرغانلىقىنى بىلەلمىدى. چۈنكى ۋاقىت ئۇقۇمى ئۇنىڭ بىلىش دائىرىسىدىن تولۇق چىقىپ كەتكەن بولۇپ، روھىدا ئۇ ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان بىر خىل شېرىن ئازادىلىكلا ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. بىراق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېنىك سىلكىنىشتىن ئۇنىڭ توختاپ قالغان ئىنكاسى ئەسلىگە كەلگەندەك بولۇپ سەزگۈلىرى قايتىدىن ئويغاندى ۋە قورنۇچتىن يۇمۇلغان كۆز پەرىدىسى ئىختىيارسىزلا ئېچىلدى. ئەمما ئۇ كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى. چۈنكى شۇ تاپتا ئۇنىڭ ماشىنىسى شەھەرنىڭ ئەڭ خىلۋەت كوچىسىدا يەنىلا بىر خىل رېتىمدا كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىدىمۇ، غۇيۇلداپ كېتىۋاتقان ماشىنىسىدىمۇ سوقۇلۇشنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى يوق ئىدى. ئۇ تېخى بايىلا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنگەن بولسا مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ راستلا ھايات ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. لېكىن بۇ مۈمكىنمۇ؟ ئۇ قىزىل چىراققا دېققەت قىلماي ئۆتۈپ كەتكەن، ئۆزىگە شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىۋاتقان ماشىنىلار توپىنى ئېنىق كۆرگەن، ئارقىدىن تورمۇز تەپكىسىنى كۈچ بىلەن تەپكەن بولسىمۇ قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدا قالغان شىددەتلىك سوقۇلۇشتىن ئامان قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. ئۇ شەھەر مەركىزىدىكى ئەڭ ئاۋات چوڭ كوچا ئىدى. ھازىرقىسى بولسا شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت كوچا. ئۇ قانداقلارچە شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ كوچىدىن بۇ خىلۋەت كوچىغا كىرىپ قالىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ چۈشىمۇ ياكى خىيالى تۇيغۇسىمۇ؟ ۋەياكى سىرلىق بىر مۆجىزە ئۇنىڭغا ئاتا قىلىندىمۇ؟ ناۋادا بۇنى مۆجىزە دېيىش توغرا كەلسە بۇ مۆجىزە قەيەردىن كەلگەن؟ يەنە ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا پەيدا بولغان ئۇچىۋاتقاندەك ھالەتچۇ؟
سەنەم ئاتىخان بۇ قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە ئۆزىنىڭ ئېڭىدا پەيدا بولغان سۇئاللارغا ھەرقانچە قىلىپمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىقراق جاۋاپ تاپالمىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى جىددىيچىلىكمۇ تولۇق يوقالمىغان بولۇپ، لەۋلىرى قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدى بىلەن ئۆيىگە قايتىپ راھەتلىنىپ يۇيىنىۋىلىش، ئاندىن كەيپىياتى تۇراقلاشقاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بۇ غەلىتە ئىشلار ھەققىدە تەپسىلىي ئويلىنىش قارارىغا كىلىپ ماشىنىنىڭ ماي تەپكىسىنى كۈچەپ تەپتى. كۈمۈشرەڭ ماشىنا شۇئان سۈرىتىنى تېزلىتىپ مېڭىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ماشىنىلار شالاڭ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بۇ خىلۋەت كوچىدىن غايىب بولدى.
(3)
سەنەم ئاتىخان كەچلىك تاماقنى كۆڭلى تارتمىغان ھالدا چالا-پۇلىلا يەپ بولغاندىن كېيىن خاس كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ كومپىيوتىرىنى قوزغاتتى. ھازىر ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى، روھىي دۇنياسىدىكى قالايمىقان جىددىيلىشىشلەر خېلىلا پەسىيىپ قالغان بولۇپ، مۇنچىدىكى ئىسسىق سۇنىڭ نەملىكى ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى قىززىق ھارارەتنى ئۆچۈرگەن ئىدى.
كومپىيوتىرنىڭ قوزغىلىش سېستىمىسى ناھايىتى تېزلا قوزغىلىپ ئېكران يۈزى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ كۆزى جان ئىسىملىك بىرىسىدن كەلگەن ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىغا چۈشتى. گەرچە سەنەم ئاتىخان جان ئىسىملىك بۇ ئادەمنى تونىمىسىمۇ، بۇنداق ناتۇنۇش نامدىكى ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك كىلىپ تۇرغاچقا سەنەم ئاتىخان بۇنىڭدىن ھېچقانداق غەيرىلىك ھېس قىلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئادىتى بويىچە ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى ئاچتى ۋە ئېكران يۈزىدىكى پوچتا يوللانمىسىنى ئاۋاز چىقارماي ئوقۇشقا باشلىدى.
<<سالام سەنەم ئاتىخان!
ئۆزىڭىزنى مەركىزىي كوچىدىكى پاجىئەدىن كىمنىڭ قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى ھېس قېلالىدىڭىزمۇ؟
دوستىڭىز جان ئەپەندىدىن>>
سەنەم ئاتىخان ئېكران يۈزىدىكى بۇ قىسقىغىنە ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى ئوقۇپ بولغىچە كۆزلىرى چاقناپ كېرىلىپ كەتتى. چۈنكى بۇ بىر سىرلىق ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئىدى. ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى يوللىغۇچى جان ئەپەندى دېگەننى سەنەم ئاتىخان ئەزەلدىن تونىمايتى ھەم بۇرۇنمۇ جان ئىسىملىك بۇ ئادەمدىن ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى تاپشۇرۇپ ئالمىغان ھەم بۇنداق ئىسىمنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدى. يەنە كىلىپ مەركىزىي كوچىدىكى ئۇ ئىش بىلەن بۇ جان ئىسىملىك ئەپەندىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ جان ئىسىملىك بۇ ئەپەندىنىڭ ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىدىكى مەزمۇنغا قارىغاندا سەنەم ئاتىخاننى ئۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان كۈچ جان ئىسىملىك ئەپەندى ئىدى. دېمەك جان ئىسىملىك بۇ ئادەم شۇنچە زور كۇچ-قۇدۇرەتكە ئىگە ئادەممىدۇر؟ ئۇ ئادەم نېمە دەپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرىدۇ؟ شۇ چاغدىكى مەلۇم ۋاقىتلىق بىھۇشلىنىشمۇ ئاشۇ جان ئەپەندى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇر؟
سەنەم ئاتىخان بۇ ھەقتە ئويلانغانسېرى ئۆزىنى كۆرۈنمەس بىر سىرلىق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ قايتىدىن چېچىلىشقا باشلىغان پىكىر-خىيالىنى تەستە يىغىپ بۈگۈنكى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە قايتىدىن پىكىر قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئەتتىگەندىلا Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ تېلفۇنىدىن ياخشى كۆرگەن يىگىتى ئېرفان ئەپەندىنىڭ ئاخشامدىن بۇيان غايىب بولۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدى. ئارقىدىن قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ 2012-نومۇرلۇق ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ ئېرفان ئەپەندىنى Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى قوبىل قىلدۇرۇشقا مەخپىي ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. خىزمەتتە ئەستايىدىل ئېرفان ئەپەندىنىڭ Aشەھەرلىك مەركىزىي تەكشۈرۈش ئىدارىسىغا ئېلىپ كىتىلىشىگە سەنەم ئاتىخان ئىشىنىشكە ئامالسىز قالغان بولسىمۇ لېكىن باشقارما باشلىقى بولغان ئادەمنىڭ چۈشەندۈرىشىدىن گۇمان قىلىشقا سەۋەپ تاپالمىدى. ئارقىدىن قارا باسقاندەك قاتناش بەلگە چىرىقىغا دېققەت قىلماي قارىمۇ-قارىشى ئىككى يۆلۈنۈشتىن يۆپۈرۈلۈپ كىلىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ جان ئالغۇچ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەمدى تۈگەشتىم، دەپ ئۆزىنى پەرۋەردىگارىغا تاپشۇرۇپ تۇرغاندا مۆجىزە يۈز بېرىپ ئامان قالدى. ئەمدى بولسا ئۆزىنى ئاشۇ پاجىئەدىن ساقلاپ قالغان نامەلۇم بىرەيلەننىڭ سىرلىق ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بۇ بىر كۈندە بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار قىسمەتلەر شۇنداقلا بىر توغرا كىلىپ قىلىشمىدۇر ياكى بۇلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن قانداقتۇر نامەلۇم بولغان سىرلىق باغلىنىشى بارمىدۇر؟
بۇلارنى ئويلىغانسېرى سەنەم ئاتىخاننىڭ خىيالى تېرىقدەك چېچىلىپ كەتتى. كۆڭلىدە بولسا Kشەھەرلىك ئالەم قاتنىشى نازارەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىگە بولغان گۇمان تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئېشىپ بارماقتا ئىدى. قۇتلۇق ئەپەندى ئېرفان ئەپەندى توغۇرلۇق چۈشەنچە بېرىۋاتقان شۇ چاغدىلا سەنەم ئاتىخاننىڭ كۆڭلىدە گۇمان پەيدا بولغان. شۇڭا قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئېرفان ئەپەندى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە تازا ئىشەنچ قىلالمىسىمۇ يەنىلا ئىشىنىشكە مەجبۇر بولغان. مانا ئەمدى كۆڭلىدە كۆمۈلۈپ قالغان ئاشۇ گۇمانىي تۇيغۇلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا چېقماقتا. شۇڭا سەنەم ئاتىخان مەيلى قانداق ئويلىمىسۇن تۇيغۇسىدىكى گۇمان ئۇنى ئاستا-ئاستا ئۆزىگە تارتىپ كەتمەكتە ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق مۇرەككەپ خىياللار ئىسكەنجىسىدە تېڭىرقاپ تۇرغاندا تېلىۋىزورنىڭ <<چاس>>سىدە قىلىپ يىقىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ چۆچۈپ يان تەرەپكە قويۇلغان تېلىۋىزورغا قارىدى. ئۇنى ئەمدى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇپ ھەم سۈر باستۇرۇپ تېلىۋىزور ئۆزلىگىدىن يېنىپ قالغان ئىدى. شۇندىلا ئۇ قۇتلۇق ئەپەندىنىڭ ئېراا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-19 01:57 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% D* Q& Q; k0 h. J# D
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- e! h; C2 R. c$ l& y& T5 d