يۈزسىزلىك
(ھىكايە)
بىر ھەپتىدىن بۇيانقى مېھمان چاقىرىش تەييارلىقى زاكىرنىڭ ئۈيىدە بۈگۈن سەل بېسىققاندەك بولۇپ،ئىشلار خېلى جايىغا چۈشكەندەك قىلاتتى.
زاكىر ئايالى مەستۇرەم بىلەن داستىخانغا ھازىرلانغان نازۇ-نىممەتلەرنى تىزىملىك بۇيىچە بىر-بىرلەپ كۆزدىن كۆچۈرۈپ قانائەت ھاسىل قىلىشتى.گۆش تۈرىدىن:پاقلان گۆشى،توخۇ گۆشى،كەپتەر گۆشى،كەكلىك،ئولار گۆشى،بېلىقتىن تارتىپ ھەممىسى تەل قىلىنغان،ھۆل-
قۇرۇق يەل-يىمىش،سەي-كۆكتات،كاتتا ئىچىملىكلەر زاپاس تەييارلانغان،يىگىرمە نەچچە خىل قورۇما،بەش-ئالتە خىل تاماق قىلىش تەييارلىقى تۇلۇق ھازىرلانغىنىدىن خاتىرجەم بولۇشتى.ھەر ھالدا ئىدارە باشلىقىنى بۈگۈن ئاخشام كىلىشكە ئۈچ كۈن بۇرۇن ئېيتىپ قويغىنى تولىمۇ بەلەن بولغانكەن،چۈنكى باشلىقلارنىڭ ئىچىدىغان چېيى،بارىدىغان زىياپەتلىرى زاپاس تۇرۇپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە،سەككىز-ئون كۈن،ھېچ بولمىغاندا ئۈچ-تۆت كۈن بۇرۇن دەپ قويمىسا نۆۋەت يىتىشمەي قالاتتى.
تاڭ سەھەردىلا ئەر-خوتۇن ئىككىسى تەييارلىقىدىن قانائەت ھاسىل قىلىشىپ،زاكىر ئىدارىسىغا بېرىپ ئىشقا كۆرۈنۈپ قايتىپ كېلىدىغانغا،مەستۇرەم ھازىردىن باشلاپلا داستىخانغا تەييارلىق قىلىدىغانغا كىلىشىپ ئۆز ئىشلىرىغا راۋان بولۇشتى.
چۈشلۈك ئارام بولاي دىگەندە،زاكىر كەيپىياتى دىگەندەك ياخشى بولمىغان ھالەتتە ئۆيگە
كىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
ـ مانا،مانا..،مەن دىمىدىممۇ مەستۇرەم،ئالدىرىماي تۇرىلى دەپمۇ يەنە ئالدىرىشىپ كەتتۇق.قارىمامسىلە بۇ ئىشنى؟ !
ـ ۋاي نىمە بولدۇڭلار دادىسى؟ بىر ئوبدان ئىشقا كەتكەن ئادەم ئۆڭسىلى يوق قايتىپ
كەپسىلەرغۇ؟مانا مىنىڭ ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى جايىدا،ئۆپكىگىمۇ ئۆز ماڭدۇرۇپ بولدۇم.ئىشقىلىپ دەستىخان تەييارلىقىمىز گۈل-گۈلىگە كىلىپ كەتتى.
ـ قويۇڭلار ئانىسى،داستىخىنىڭلارنى قويۇڭلار! بىز چاقىرغان باشلىقنىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پېنىسسىيە تەستىقى چۈشۈپتىمىش،چۈشتىن كىيىن ئېلان قىلغۇدەك.
ـ ما ئىشنى كۆرۈڭ،ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟تېرەكتىن شاپتۇل تاما قىلغاندەك،ئۈچ كۈن بۇرۇن تەكلىپ قىلىپ قويۇپتۇق،ئۇنى ئاز دەپ ئەتتىگەن قاق سەھەردە يەنە تېلىفۇن قىلدۇق،
كەچتە كېلىۋىرىدۇ ئەمدى.
- نىمىشقا كەلگۈدەك؟! - زاكىرنىڭ زۇۋانى بارغانچە ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپ باراتتى.
ـ نىمىشقا كەلگۈدەك؟دەيسىلەرغۇ،ئاللابۇرۇن چايغا ئېيتىپ بولۇپ ئەمدى سوغۇردەك
يېتىۋالغىلى بولاتتىمۇ؟
ـ چارىسى بار ئانىسى،چارىسى بار.سىلى دەرھال باشلىقنىڭ ئايالىغا تېلىفۇن قىلىپ مىنىڭ ھازىرلا يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز يىقىلىپ قالغانلىقىمنى،بۈگۈنكى چاينىڭ كىيىنگە قالدۇرۇلغانلىقىنى دەپ قويىسىلەر،ئىش ۋەسسالام!
ـ ۋاي ئانام!ۋاي دادام! بۇ ئىشىمىز مانا مەن دەپلا چېنىپ قالدىغۇ،شۇنداقمۇ يۈزسىزلىك قىلارمىزمۇ،ئەمدى؟
ـــــ ۋاي بولىدىلا،ئۇ گەپنى دەپ نىمە قىلىسىلەر؟تېلىفۇنغا قولۇڭلار بارمىسا نومىرنى مەن بېسىپ بېرەي،سۆزلەشنى سىلەر سۆزلەڭلار.چۈمۈلىنىڭ كۈزىنى،يىلاننىڭ پۇتىنى،
باشلىقنىڭ چېيىنى كىم كۆرۈپتىكەن؟
ھەر ئىككىسى تېلىفۇننىڭ يېنىغا يۈگرەشتى.
********
مەنبە:ئۆز قەلىمىم (ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
(2007-يىل 5-سان ‹‹شىنجاڭ خەلق قورۇلتىيى ژورنىلى››دا ئېلان قىلىنغان)