سىزگە كۆيىدىغان شۇنداق بىر يۈرەك باركى،پەقەت سىزگە ئاتالغان، سىز ئۈچۈن يارالغاندەك ھەر دەقىقە سىزنى سېغىنىدىغان،سىزگە تەلپۈنىدىغان.
سىزنى سۆيىدىغان شۇنداق بىر يۈرەك باركى،پۈتۈن ھۇجۇدىدىكى مۇھەببەت ھېسلىرى سىزگىلا ئاتالغان.سىزنى ئۆز ھاياتىنىڭ بىر قىسمى ئەمەس بەلكى بارلىغى دەپ بىلىدىغان.
سىزنى كۈتىدىغان شۇنداق بىر يۈرەك باركى،مەيلى كېچەمەيلى كۈندۈز، مەيلى دەشتى مەيلى سەھرا بارلىق سۆيگۈ ئەقىدىسىنى پەقەت سىز ئۈچۈن پەقەت سىز ئۈچۈنلا ساقلىغان،قاچانلاردا قاياقلاردىن كېلىپ سىزگە ئاتالغان بۇ سۆيگۈنى ئېلىپ كىتىشىڭىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىغان.
سىزگەتەشنا شۇنداق بىر يۈرەك باركى، سىزنى ھەر ئويلىغاندا ئىللىق بىر سىزىم پۈتۈن بەدەنگە تارايدىغان،مۇھەببەتنىڭ ھارارەتلىرى كۆيۈۋاتقان سىزگە ئاشىق تەشنا يۈرەكنى يەنە كۆيدۈرۈپ ئىشىق ئوتىدا پۇچىلاپ،ئاجايىپ تاتلىق،لەززەتلىك سېغىنىش ئازابى ئويغىتىدىغان.
شۇنداق يۈرىكى بار ئادەم باركى،ئاشۇ يۈرەكنىڭ سىز ئۈچۈن كۆيگىنىدىن ئۆزىنى شۇنچە بەخىتىك ھېس قىلىدىغان،ئاشۇ سىزنى سۆيگەن يۈرىكىدىن شۇنچە پەخىرلىنىدىغان،سىزنى كۈتكىنىدىن شۇنچە سۆيىنىدىغان،ئاشىقلىق ئوتىدا كۆيۈپ ئۆز قەلبىنى سىزگە بولغان سۆيگۈسى بىلەن ئللىتىدىغان،سىز ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلىغان.
ئەبەدىيلىك سۆيگۈ-ئەقىدىسى پەقەت سىزگە،سىزگىلا مەنسۇپ بولغان شۇنداق بىر يۈرەك باركى...
ئاپتور:مەلىكە
2012-يىلى12-ئاينىڭ18-كۈنى