قارنىڭ ھەسرىتى
بەرنا قىز
كۈمۈشتىن رەڭ ئالغان ئەتراپ ھەممە جاي،
شاخلارغا ئېسىلغان ئاپئاق چىچەكلەر.
قەلىپلەر مۇزلىغان،تەنلەردە تىترەك.
ئازاپلىق ھىسلارغا ئەسرا يۇرەكلەر.
قار ياغسا ھەر قېتىم خۇشالدىم ئەپسۇس،
بۇ قېتىم مۇڭلارغا چۆكتى بۇ دىلىم.
قار بىلەن بىزەلگەن گۈزەل تەبىئەت،
تارتالماس مەيلىمنى شاد ئەمەس كۆڭلۈم.
ئايغىم ئاستىدا مامۇقتەك ئاق قار،
غىچىرلاپ ئىلتىجا قىلىدۇ ماڭا.
ئاڭلىسام، چەيلىمە مىنى ئەي ئىنسان!
گۇناھىم نىمىدۇر زادى ئالدىڭدا؟؟؟
چۈچۈپلا ئاق قارغا نەزەر تاشلىدىم،
تەپچىگەن كۆز ياشنى كۆردۈم ئۇنىڭدا.
قىزاردى يۈزلىرىم ئورتەندى دىلىم،
خۈشاللىق ئۈچۈنلا چەيلەندى بۇندا.
ئاق قاردا ھەمىشە قوغلاشماق ئۇيناپ،
قارنىڭ دەرت-ھەسرىتى ئاڭلاپ باقمىدىم.
خوشاللىق ئۈچۈنلا ھەممىدىن يانماي،
ئۆزۈمنى ئورنىغا قويۇپ باقمىدىم.
ئەسلىدە قاردىمۇ باركەن بىر يۈرەك.
شۇڭلاشقا ئاۋايلاپ دەسسىدىم ئاستا.
ئاق قاردىن پومزەكلەر ياساپ ئاتمىدىم.
باغاشلاپ قوينىغا سىڭگۈم بار ئاستا
مەنبە:قاردىكى ئىلھاملار