ئەرەپ مىللىتىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبىرىنىڭ تەرجىمھالى ۋە پەزىلىتىنى تەتقىق قىلغان ھەرقانداق كىشى بۇ ئالىيجاناپ پەيغەمبەرگە ھۆرمەت قىلماي تۇرالمايدۇ، بۇ پەيغەمبەرنىڭ دىن تەشۋىقاتى ۋە تۇرمۇش جەريانىنى چۈشەنگەن كىشى مۇھەممەت ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن بىر ئۇلۇغ پەيغەمبەر ئىكەن،دەپ تۇنۇشى مۇمكىن. گەرچە مەن سىزگە ئېيتقان كۆپ ئىشلار نۇرغۇن كىشىلەرگە تۇنۇشلۇق بولسىمۇ،لىكىن مەن ھەرقېتىم ئۇنىڭ تارىخىنى قايتىلاپ ئۇقۇغنىمدا،بۇ ئالىيجاناپ ئەرەپ يولباشچىسىغا نىسبەتەن مېنىڭدە قايتىدىن ئەقىدە باغلاش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھېسسىياتى قوزغىلىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمەن.
ئانى بىسنتونىڭ"مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ دىنىي تەلىماتلىرى"ناملىق ئەسىرى 4-بەت.
رەمادېنى مۇنداق دەپ يازىدۇ :
ئەگەر نىشانى ئۇلۇغ،قوللانغان ۋاستىسى كىچىك،لىكىن نەتىجىسى قالتىس بولۇش ئادەمنىڭ تۇغما قابىلىيىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۈچ ئۆلچەم دىيىلسە،ئۇنداقتا ھازىرقى دۇنيادا كىممۇ مۇھەممەتتەك ئۇلۇغ كىشى بىلەن تەڭلىشەلىسۇن ؟ ئەڭ ئاتاقلىق دەپ سانالغان شەخىسلەرمۇ پەقەت قورال-جابدۇق،قانۇن ۋە ئىمپېرىيە يارىتالىدى،ئۇلارنىڭ ياراتقىنى پەقەتلا كۈچلۈك ماددىي ھۇقۇق بولۇپ،بۇلار ھامان ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا تۈگەپ،ئۇنىڭدىن بىرەر ئسەرمۇ قالمىدى.لىكىن بۇكىشى"مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام"ئارمىيە،قانۇن،ئىمپىرىيە،مىللەت ۋە پادىشاھلىقنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن،بەلكى شۇچاغدىكى پۈتۈن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن بىرقىسمىنى ئۆزگەرتەلىدى.بۇلارلا ئەمەس ئۇ يەنە ئېتقاد ۋە قەلىبلەرنى ئۆزگەرتىۋەتتى،ئۇ غەلبە ئالدىدا ئىنتايىن سەۋېرچان بولدى ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئىرادىسىنى بىرەر ئىمپىرىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى بىرلا ئېتقادقا بېغىشلىدى، ئۇ بىركۈنمۇ توختىماستىن داۋاملىق ناماز ئۇقۇدى ، ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ئېلىپ بارغان سىرلىق سۆھبەتلىرى،ۋاپاتى ۋە ۋاپاتىدىن كىيىنمۇ داۋاملىق قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلىرى ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ھەرگىزمۇ خەلقنى ئالداپ نام-ئابروي قازانغۇچى بولماستىن ، ئەكسىچە بىرقەتئىي ئىرادىلىك ئېتىقادچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
رەمادېنىينىڭ ""تۈرك تارىخى"ناملىق ئەسىرى 276-277- بەتلەر .
مايكىل ھارت "تارىختىكى تەسىرى ئەڭ زور 100 ئەرباب" ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسىگە مۇنداق دەپ يازىدۇ :
مەن مۇھەممەدنى دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئەربابلارنىڭ تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىغا قۇيۇشنى تاللىدىم، بۇنىڭغا بەزى كىتاپخانلار ھەيران قېلىشى ۋە بەزىلەر بۇنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن،بىراق ئۇ ھەقىقەتەن دىن ۋە ھاكىمىيەت جەھەتتە تەڭلا ئاجايىپ نەتىجە ياراتقان بىردىنبىز ئۇلۇغ ئەربابتۇر .
مايكىل ھارت "تارىختىكى تەسىرى ئەڭ زور 100 ئەرباب" ناملىق ئەسىرى 33-بەت
توماس كارلايل مۇنداق دېگەن :
سىلەر يالغانچى بىر ئادەمنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك بىر كاتتا دىننى بەرپا قىلغىنىنى كۆردىڭلارمۇ ؟
ئۇنداق ئادەم تۇپراقتىن ئۆيمۇ ياسىيالمايدۇ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچقانداق بىر ئۇستازدىن دەرس ئالغان بىرئادەم ئەمەس ، ئەرەپلەردە خەت يېزىش ئىشى شۇۋاقىتلاردا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىرئىش سانىلاتتى ، مۇھەممەت خەت يېزىشنى ياكى ئۇقۇشنى بىلمەيتتى . ئۇنىڭ بىلىدىغىنى سەھرا ھاياتى ئىدى ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردىنمۇ خەۋىرى يوق ۋە ھېچقايسى تەرەپتىن ئالاقىسى يوق ئىدى،ئۇنىڭ ئىسىل ئەخلاقى ، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىكى راستچىللىقى سەۋەپلىك ،ئۇنى ھەمراھلىرى "ئىشەنچلىك" دەپ ئاتىشاتتى .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يالغاندىن پەيغەمبەرلىك دەۋا قىلغان دەپ قارىغۇچىلارنىڭ سەپسەتىلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان دەلىلەردىن بىرى شۇكى ، ئۇ ياشلىقىنىڭ قارام چاغلىرىنى ئايالى خەدىيچە رىزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن تىنچ ھالدا ئۆتكۈزى ، شۆھرەت ياكى مەنسەپ ياكى بايلىق ھاسىل قىلىش يولىدا بىرەر يېڭىلىق ئېلىپ كىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى ، ياشلىقى كىتىپ قېرىلىققا قەدەم قويغىنىدا ئۇلۇغۋار ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش غەيرىتى ئۇنىڭدىن ۋولقاندەك بىردىنلا ئېتىلىپ چىقتى .
بۇ ئۇلۇغ ئادەمنىڭ قەلبى سۆيگۈ-مۇھەببىتى ، مېھرى-شەپقەت ۋە ئىنسانيەت يېتىدىغان ئەڭ ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن تولغان ئىدى ، ئۇنىڭ ئەھۋالى مال-دۇنيا ياكى مەنسەپ ياكى شۆھرەت تەلەپ قىلىدىغانلارنىڭ ھالىغا قەتئىي ئوخشىمايتتى ، ئۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ، ئۆزىنىڭ شەنىنى چۈشىرىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى ، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايدىغان ،ئىرادىلىك ، قورقماس ، بىر يېگانە شەخىس ئىدى .
توماس كارلاينىڭ "باتۇرلار"نامىق ئەسىرى 1940-بەت . توماس كارلايل "1795-1881 " مەشھۇر ئىنگىلىز يازغۇچىسى.
ھېربېرت جورج مۇنداق دەپ يازىدۇ :
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئادالەت ۋە كەڭچىلىك دۆلىتىنى بەرپا قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ شەخىستۇر ، ئەخلاقى ياخشى بولمىغان بىرىنىڭ ئۇنىڭغا جان پىدا قىلالايدىغان دوستلارغا ئېرىشەلىشى مۇمكىنمۇ ؟
ئۇنى ئەڭ ياخشى تۇنۇغانلارنىڭ ئۇنىڭ دىنىغا ئەڭ ئاۋۋال ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ئۇنى جېنىدىنمۇ بەك سۆيۈشىنىڭ سىرى ئۇنىڭ راستچىللىقى ۋە ئېسىل پەزىلىتىدىن ئىدى ، ئۇ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئادالەت ، كەڭ قۇرساقلىق ، باراۋەرلىكنىڭ ئاساسلىرىنى قۇرغان ئۇلۇغ شەخىستۇر .
ھېربېرت جورجۋلىز <1886-1946>ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى ۋە تالانتلىق ئەدىپ ، مەخپى ئادەم ،زامان چاكىرى، ناملىق ئەسەرلىرى بىىلەن شۆھرەت قازانغان 1920-يىلى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇزلار ناملىق ئەسىرىنى يازغان .
لايتنېر مۇنداق دەپ يازىدۇ :
يەھۇدى ۋە خىرىستىئان دىنلىرىنى بىلگەن مەلۇماتىمغا ئاساسەن شۇنى كەسكىن ئېيتىمەنكى . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېچقانداق بىر دىندىن ئېقتىباس ئالغان ئادەم ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭغا ئاللاھتىن ۋەھيى كەلگەن ۋە شۇ ۋەھيىنى يەتكۈزگەن . مەن مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا بولغان چەككسىز ھۆزمىتىم بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى بىراۋدا ھەقىقەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىن قورقماسلىق روھى ، نىشانىنىڭ ئېنىقلىقى ، ئىشلىرىدىكى راستچىللىق ، قەلبىدە سابىت ئىمان ، ئۆتكۈز پىكىر ، يامانلىق ۋە ئازغۇنلۇقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشتا ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ توغرا ۋاستىلەرنى قوللىنىش قاتارلىق خىسلەتلەر تېپىلىدىكەن ، ئۇ پەيغەمبەرىك ئالامەتلىرىدىن سانىلىدۇ ، مۇھەممەت ئىگە بولغان بۇ ئالىي خىسلەتلەر ئۇنىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا ، خىرىستىئانلار ئەيساغا توغرا رەۋىشتە ئىمان ئېيتىدىغان بىرزامان كەلگەندە ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تۇنۇپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدىغان بولىدۇ .
لايتنېرنىڭ "ئىسلام دىنى" ناملىق ئەسىرى 4-5 بەتلىرى . لايتنېر ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىسلام شەرىئىتى.پەلسەپە ۋە خىرىستىئانلارنىڭ لاھۇت ئەقىدىسى قاتارلىق ماۋزۇلاردا دوكتورلۇق ئالغان، ئىسلام دۇنياسىنى كېزىپ مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ كاتتىلىرى بىلەن كۆپ كېتىم سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزگەن .
كومپىيوتۇر مەشخۇلاتىدا خۇشچىراي ،مەنبەسىنى مىسرانىم مۇنبىرى دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ !