ئالتۇن بايقالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئنسانلار ئالتۇن قىزىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا . ئىنسانلارنىڭ ئالتۇننىڭ قىممىتىنى بايقىغاندىن بۇيان، زادى قانچىلىك ئالتۇن كولاپ چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟ ھازىرغا قەدەر مۆلچەرلەنگەن ساندىن قارىغاندا، ئىنسانلار جەمئىي 150مىڭ توننا ئالتۇن قىزىپ چىققان، نۆۋەتتە، بۇ 150مىڭ توننا ئالتۇننىڭ تەخمىنەن %40ى ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان پۇل-مۇئامىلە خاراكتېرىدىكى ئالتۇن زاپىسى ئىكەن، ئومۇمىي مىقدارى 60مىڭ توننا ئەتراپىدا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 30مىڭ توننا ئالتۇن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيە خاراكتېرىدىكى زاپىسى بولۇپ، يەنە 20 توننا ئالتۇننى خەلقئارادىكى شەخسىيلەر ۋە ئەلئارا كارخانىلار ئەلئارا پۇل-مۇئامىلە ئالتۇن زاپىسى ئورنىدا قولىدا ساقلىماقتا، ئەمدى ئېشىپ قالغان %60 ئادەتتىكى تاۋار سۈپىتىدە بازارغا كىرگەن، يەنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، تارىخىي بۇيۇملار قاتارلىقلار. قىنى تۆۋەندە دۇنيادا ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپىگە قاراپ باقايلى: ئۆتكەن يىللىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا دۇنيادا ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، 8133.5 توننا ئالتۇن زاپىسىغا ئىگە، يەنى ئالتۇننىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %74.7 كە يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا گېرمانىيەنىڭ ئالتۇن زاپىسى 3406توننا، خەلقئارا پۇل فۇندى تەشكىلاتىنىڭ ئالتۇن زاپىسى 3-ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنى 2966توننا، 4-ئىتالىيە 2451توننا، 5-فىرانسىيە 2435 توننا. ئېلىمىزنىڭ ئالتۇن زاپىسى 1054.1توننىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 6-ئورۇنغا ئۆتكەن، ئالتۇننىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %1.6 بولغان. بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا تومسون رېتىر GFMS ئالتۇن-كانچىلىق مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى كىلاپۋىك مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى 900 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا بازىرىنىڭ %20ىنى ئىگىلەيدۇ.
مەنبە . بىر مىسقال بىلۇگى www,1miskal,com بىر مىسقال بىلۇگى سىزگە ئەڭ يىڭى ئىقتىسادى ئۇچۇرلارنى سىزگە تەقدىم ئىتىدۇ . ھازىر گىرام بىرلىكىنىڭ ئومۇملىششى بىلەن ئىلگىرى بىز ئومۇميۈزلۈك قوللىندىغان مىسقال ، سەر بىرلىكى تەدىرجى ئىستىمالدىن قىلىشقا قاراپ يۈزلىنۋاتىدۇ . ئالتۇن زىبۇ -زىننەتنى ئۆلچەشنى ئاساس قىلغان بۇ مىسقال ، سەر بىرلىگى ھازىر قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا قوللىنىلۋاتقان بولسىمۇ لىكىن شىمالى شىنجاڭدا گىرام يەنى << كى >> دەپ ئاتاپ ئۆز قەدىمى بىرلىكىنى ئاساسى جەھەتتىن ئۇنتۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن . كۆپ قىسىم كىشلەر مىسقال بىلەن گىرامنىڭ پەرقى ، بىر مىسقال ئالتۇن زادى قانچە گىرام بولىدۇ بۇنى ئۇقمايدۇ . ھەتتا ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر زەرگەرنىڭ بىر مىسقال 3.3 گىرام دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان ئىدىم . شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ ئاتا -بوۋىلىرىمىز قوللىنىپ كەلگەن بۇ قەدىمى ئۆلچەم بىرلىكىنى بىلىۋىلشى ئۈچۈن << بىر مىسقال ئالتۇن قانچە گىرام >> دىگەن تىمىنى بىر مىسقال بىلۇگىغا يوللۇدۇم . كىرىپ بۇ ھەقتىكى بىلىم ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولغايسىلەر .... www.1miskal.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-18 11:51 AM
|