مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 687|ئىنكاس: 19

ئۇيغۇرلاردىكى باراۋەت مەشىرىپى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى رولى توغرسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4500
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 07:07:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلاردىكى باراۋەت مەشىرىپى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى رولى توغرسىدا

مۇختارجان توختى بۇغراخان

مەنبەسى :شىنجاڭ ئخىتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى 2012تىللىق3سان 144-بەت ۋە ئۇيغۇر ئاكادىمىكى روسلاشتۇرغان

مۇھىم مەزمۇنى: «باراۋەت مەشرىپى» ئىجادچان، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەلئارا مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەزكۇر ماقالىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى بولغان ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ بىر تۈرى بولغان «باراۋەت مەشرىپى» توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مەشرەپ؛ باراۋەت؛ كىم ئارتۇق

مەشرەپ ـ ئالەمگە مەشھۇر «مۇقام- مەشرەپ دىيارى»، «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» شىنجاڭدا تولىمۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. ئۇ ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان، ئۈزلۈكسىز بېيىتقان كاتتا سەنئەت مىراسى بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ ھاياتى ۋە تىرىكچىلىكىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن سەنئەت شەكلىدۇر. تارىختىن بېرى يەر يۈزىدە سەنئەت مىجەزى يوق، سەنئەت تۇيغۇسى ئۆلگەن ياكى سەنئەتنى يات كۆرىدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر نەسلىنى ئۇچراتقىلى بولمىغاندەك، مەشرەپتىن ئىبارەت بۇ سەنئەت تۈرىنى خەلقىمىز ھازىرغىچە ياخشى كۆرۈپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
مەشرەپ ـ ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ئوچىقى. ئۇيغۇرلار ئاشۇ مەشرەپلەردە ئالدىنقىلارنىڭ ساز چېلىش، مۇزىكا ئورۇنداش ۋە ئۇسسۇل ئويناش جەھەتتىكى ماھارىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق مىللىي خاس سەنئەت قارىشى ۋە سەنئەت ئادىتىنى ھەم ئېتنىك چۈشەنچىسىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن خاسلىق ھاسىل قىلغان.
مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە- يوسۇن ئۆگىتىدىغان مەكتەپ. ئۇيغۇرلاردا: «بالاڭنى چوڭ قىلىپ مەكتەپكە بەر، مەكتەپتىن يانغاندا مەشرەپكە بەر»، «ئالىم بولاي دېسەڭ مەكتەپكە بار، ئادەم بولاي دېسەڭ مەشرەپكە بار» دېگەندەك ئەقلىيە سۆز ۋە ماقال بار.
ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق بولۇپ، پەرزەنتلىرىنى مەشرەپكە ئاپىرىپ ئەدەب- ئەخلاق، قائىدە- يۇسۇن ئۆگىتىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ئەخلاقسىز، قائىدە- يوسۇندىن چەتنىگەن سوغ نەپەس، قىلىقى سەت بالىلارنى كۆرسە، چوڭلار «مەشرەپ كۆرمىگەن» دەپ ئەيىبلەيدۇ. شۇڭا، ئاتا- ئانىلار ئوغۇللىرى بويىغا يەتكەندە، بالىلىرىنى مەشرەپ ئەھلىگە قوشۇپ مەشرەپكە ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئەدەب- ئەخلاق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنى كوللېكتىپ پائالىيەتتە تەربىيەلەش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن. پەرزەنتلەر مەشرەپتىكى مېھمان كۈتۈش، داستىخان سېلىش، داستىخان سورۇنىدىكى قائىدە- يوسۇن، ئەدەب-قائىدىلەر، مۇزىكا چېلىش، ناخشا ئېيتىش، بىر- بىرىنى ئۇسسۇلغا تارتىش، سورۇن ئىنتىزامى دېگەندەك ئەمەلىي پائالىيەتتىن بىۋاسىتە تەربىيە ئالىدۇ. ئۇلاردا ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، ئەخلاقلىق، ئەدەبلىك، قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش، ئۆزئارا ئىناق- ئىجىل بولۇش ئېڭى يېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەردلىك، سېخىيلىق داستىخانلىرىنى كۆرۈپ، چىدام جاسارىتىنى تاۋلاپ، مەرد- سېخىي، مېھماندوست، چىداملىق، قەيسەر كىشىلەردىن بولۇپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەشرەپ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھازىرقى زامان مەكتەپلىرىدىكى ئېتنىك تەربىيە ۋە ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ رولىنى ئوينىغان.
مەشرەپنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى گەرچە ھېيت- ئايەملەرنىڭكىدەك ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ شادلىق بايرىمى. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ۋاقىتتىن تارتىپ ئىپادىلەشكىچە ئىختىيارىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. مەشرەپ ئادەتتە يازدا ھويلا- ئاراملاردا، قىشتا كەڭرەك قورۇ- جايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەشرەپ يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە بولغان ئەر- ئايال، ئەل ئاۋام تەڭ ئىشتىراك قىلىدىغان ئاممىۋى سورۇن بولۇپ، مەشرەپكە قاتنىشىدىغان ئادەم سانى چەكلەنمەيدۇ. ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاق قۇرۇلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە ھازىرقى زامان مائارىپ تەربىيەسىدىن ئارتۇقراق رول ئوينىغان سەييارە ئەخلاق دەرسخانىسى. ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ مەردلىك، سېخىيلىقىنى سىنايدىغان تارازا. چىدام جاسارىتىنى تاۋلايدىغان ئوچاق، خەلق سەنئەتكارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ، كۆڭۈل ئاچىدىغان ئېستېتىك تەربىيە سورۇنى. مەشرەپتە ئاساسلىق داپ، دۇتتار، تەمبۇر، غىجەك، ساتتار، نەي، راۋاب قاتارلىق 10 نەچچە خىل ساز- مۇزىكا تەڭكەش قىلىنىدۇ. بەزى سورۇنلاردا شوخ سازەندىلەر تاش، قوشۇق قاتارلىقلارنى جۈپلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا ماس چاقىلدىتىپ ئۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن سورۇن كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا ھاياجانلانغان، شادلانغان بايمۇ، گادايمۇ، بالىلارمۇ ھەتتا ئاقساق- چولاق، بوۋاي، مومايلارمۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۆز ھېسسياتىنى، شادلىقىنى ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلەيدۇ. مۇبادا ئوينىغۇچىنىڭ پۇت- قولى سازنىڭ ئۇدارىغا كەلمەي، قاملاشتۇرالماي قالسىمۇ ھېچكىم «ئوينىيالمايدىكەنسەن» دەپ سورۇندىن چىقىرىۋەتمەيدۇ. چۈنكى، مەشرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ ساز، مۇزىكا ئاڭلاپ ئۇسسۇل ئۆگىنىدىغان مەكتىپى. ئۇنىڭغا ھېچقانداق بەدەل كەتمەيدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىلىرىغا ئەگىشىپ مەشرەپكە تۇنجى بارغاندىن تارتىپ تا قېرىغىچە بۇ سورۇندىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ «تىلى چىقسىلا ناخشىچى، ئايىقى چىقسىلا ئۇسسۇلچى» بولۇپ كېتىشىنىڭ تۈپ مەنبەسى. مەشرەپ ـ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، ھەرقايسى يۇرتلاردا ئوخشىمىغان مەزمۇن ۋە شەكىلگە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىپ ياشايدىغان ماكاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئىجتىمائىي مۇھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى، ئۆرپ- ئادەت شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، ھەرقايسى رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان مەشرەپلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مەشرەپ ـ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، باراۋەت مەشرىپىمۇ مانا مۇشۇ مەشرەپنىڭ بىر قىسمى. «باراۋەت مەشرىپى» ئىجادچان، ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەلئارا مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بۇ مەشرەپ بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭنىڭ ئاتۇش رايونىدىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. «باراۋەت» دېگەن سۆز «باراۋەر» ۋە «ئەت» دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان. «باراۋەر» سۆزى تەڭلىك، ئۆلچىمى، سانى، ھەجىمى، مىقىدارى، قىممىتى، چوڭ- كىچىكىلىكى، ئەھمىيىتى، تەڭ پەرق، بىردەك، بىر پەيتتە، بىر مەزگىل، بىر ۋاقىتتا دېگەندەك مەنىدە باراۋەرلىكنى كۆرسەتسە، «ئەت» سۆزى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ «گۆشنى تەڭ تەقسىم قىلىدۇ»، «گۆش بىر پەيتتە ئۆلچەم بىلەن تەڭ تەقسىم قىلىندۇ» دېگەنلىك بولىدۇ. «باراۋەت» بىز ھازىر دەپ كېلىۋاتقان كىم ئارتۇق سودىسىنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەكلى بولۇپ، قوينىڭ تۆش، بويۇن، بۆرەك، ياغ، تېرە قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى كىم ئارتۇق سودىسى سورۇنىغا قويۇلىدۇ.

بۇ مەشرەپ شىنجاڭدىكى باشقا يۇتلاردا يوق دېيەرلىك بولۇپ كەتتى، ئەمما ئاتۇشتا يەنىلا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ قىز- يىگىت تويىدا بۇ مەشرەپ چوقۇم ئۆتكۈزۈلىدۇ.
بۇ مەشرەپ توغرىسىدا تولۇق چۈشەنچە بېرىشكە قۇربۇم يەتمەيدۇ، ئەمما چوڭلاردىن ئاڭلىۋالغىنىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
ئاڭلىشىمچە، بۇ مەشرەپتە كىم ئاشتى قىلىش پائالىيىتىگە ئوخشاش بىر سورۇن ھازىرلىنىدىكەن، ئاندىن پىشۇرۇلغان بىر قانچە قوينىڭ گۆشى تۈرگە بۆلۈنۈپ شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدىلا كىم ئاشتى قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن كىرگەن كىرىم ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە يېتىم- يىسىرلار ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بېرىلىدىكەن. مۇشۇنداق سورۇندا ئادەتتىكى 1000 يۈەن ئەتراپىدىكى قوي نەچچە مىليوندىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان ئەھۋاللار بولىدىكەن. ئەمما قىز- يىگىت تويىدا ئوينىلىدىغان باراۋەت مەشرىپى يۇقىرىدىكىدىن ئازراق پەرقلىنىدۇ، قىزنى كۆچۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، كەچقۇرۇن يىگىتنىڭ دوستلىرى يىغىلىپ بىر قانچە قوينى سويۇپ بىرلىكتە كىچىك كۆلەمدىكى باراۋەت مەشرىپى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنداق يۇقىرى باھادا كىم ئاشتى قىلىنماي مۇۋاپىق مىقداردا قىلىنىدۇ. بۇ، بىرخىل كۆڭۈل ئېچىشنى مەقسەت قىلسا كېرەك. ئاتۇش خەلقى مەشرەپ ئويناشقا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، ئاساسلىق ئوينايدىغان مەشرىپى ناخشا ئۇسسۇللۇق مەشرەپ، دولان مەشرىپى، ناماقۇللۇق مەشرىپى ۋە مۇشۇ مەشرەپلەر بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان «باراۋەت مەشرىپى»دۇر. «باراۋەت مەشرىپى»نىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولغان «تۈۋرۈك سېلىش» پائالىيىتىگە ئاساسلىقى يۇرت كاتتىلىرى قاتنىشىدىغان بولغاچقا، ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەتتا چەت ئەللەردە سودا قىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلىسىلا، ئۇلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي قايتىپ كېلىپ قاتنىشىدۇ. مەشرەپ باشلىنىشتىن ئىلگىرى يۇرت چوڭلىرى، يۇرت كاتتىلىرى، باي سودىگەرلەر ئارىسىدىن بىرسىنى مەشرەپنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يىگىت بېشى قىلپ سايلايدۇ. يىگىت بېشىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا تۈۋرۈك بېگى سايلاپ چىقىلىدۇ. يىگىت بېشى مەشرەپتىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تۈۋرۈك بېگى مەشرەپ تەرتىپىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. مەشرەپكە باراۋەت قىلىش ئۈچۈن يۇڭى قىرقىلمىغان قوزا ياكى ئوغلاق سويۇلىدۇ. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە ئوغلاق توغرىسىدا مۇنداق بايان بار:
«ئەركەچ گۆشى ھەم بولار، ئەچكە گۆشى يەم بولار»[1]. يۇڭىنى قىرقىمىغان قوزا ياكى ئوغلاقنى سويۇشنى شەرت قىلىش، خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىككە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىغانلىقىنىڭ شاھىدىدۇر.
«باراۋەت» توغرىسىدا تارىخىي ماتېرىياللاردا مۇنداق دېيىلگەن: سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (ئابدۇكېرەم) ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، قېلىپلاشقان تۈر پائالىيتى بولغان باراۋەت مەشرىپى 980- يىللاردىن باشلاپ ئوينىلىپ كەلمەكتە. قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنداق كاتتا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلمايتتى، چۈنكى، قۇللۇق ۋە قۇلدارلىق جەمئىيەتتە ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۇ باراۋەت پائالىيىتىدە بوردالغان قويلارنى سويۇپ، ئەل- جامائەت يۇرت- كەنىتلەرگە جەم بولۇپ، يۇرت ئاقساقاللىرى يۇرتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن، پىشۇرۇلغان گۆشنىڭ بىر قىسمىنى تۆرە قىلىپ، چۈشكەن پۇلنىڭ بىر قىسمىنى قوي ئىگىسىگە، ئارتۇقچە قىسمىنى خەير- ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ كەلگەن. كەنت-مەھەللىلەردىكى ئاجىز، يېتىم- يىسىرلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن. باراۋەت مەشرىپى ئاساسلىقى ھەزرىتى سۇلتان دەۋرىدىن قالغانلىقى، كۆپرەك ئوينىلىشى بىلەن شىنجاڭدىكى 40 نەچچە مەشرەپنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتۇش باراۋەت مەشرىپىدە ئاساسلىقى تۆرە ئويناش (كىم ئاشتى) ئۇسسۇلى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاتۇش شەھرىگە قاراشلىق ئازاق يېزىسى، كاتتا يايلاق يېزىسى، ئاغۇ يېزىسى، سۈنتاغ يېزىسى، ئۈستۈن ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا ئاساسلىقى سۈننەت توي، قىز- يىگىت تويىدا باراۋەت مەشرىپى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككي، قىز- يىگىىت تويىدا يىگىت قولدىشىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھەقىقىي دوستلۇقىنى سىناشتىن باشقا يەنە توي قىلغان قىز- يىگىتنىڭ بىر ئۆمۈر بىللە ياخشى ئۆتۈپ كېتىشى مەقىسىتىدە توي كۈنى ئاتۇش شەھرىنىڭ كاتتا يايلاق يېزىسى ۋە باشىقا يېزىلىرىدا باراۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىگىتنىڭ يېقىن دوست– ئاغىينىلىرى بىر داستىخانغا جەم بولۇپ يىگىت قولدىشىغا قوينىڭ تۆش ياكى بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئالدۇرىدۇ ھەم شۇ باراۋەتتىن يىغىلغان پۇلنىڭ بىر قىسمى ۋە ئۆي ئىگىسىگە قالغان قىسمىنى توي قىلغان يىگتىكە بېرىدۇ. يەنە ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە يۇرتتىكى ياشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاتۇش شەھىرىنىڭ كاتتايايلاق يېزىسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن يەرلىك قارا قوچقار ياكى ئوغلاقنى سويۇپ، ئەل- دوستلارغا، يۇرت ئاقساقاللىرىغا داستىخان سالىدۇ. مەشرەپ ئۈچۈن باراۋەت قىلىنغان مالنىڭ سانىمۇ ئەجدادلىرىمىز ئۇلۇغلايدىغان «بەش»، «يەتتە»، «توققۇز»، «قىرىق» دېگەن ساننىڭ بىرى بولىدۇ. باراۋەت قىلىش ئۈچۈن سويۇلغان قوينىڭ گۆشى پىشىپ مەشرەپ سورۇنىدا ھازىر بولغىچە، مەشرەپ ئەھلى ئەلنەغمە قىلىپ مەشرەپ سورۇنىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ.

گۈزەل دەيمەن،

گۈزەل دەيمەن، گۈزەل دەيمەن
ئاتۇشنى گۈزەل دەيمەن.
ئەڭ دەسلەپتە جۇلا قىلغان،
شەرقنىڭ ئۇز گۈلى دەيمەن

بۈيۈك كارۋان تىجارەتتە،
ئىلىم- ئېرپاندا، سەنئەتتە.
ئاتۇشنى گۈزەل قىلغان،.
ئەمگەكچىنى تېرىم دەيمەن

«باراۋەت» ــ ئەسىرلەردىن بۇيان ئاتۇش خەلقى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرى. باراۋەت ئۈچۈن سويۇلىدىغان قوينىڭ گۆشى پىشىپ بولغاندىن كېيىن، مەشرەپنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولغان تۆرە سېلىش باشلىنىدۇ. يىگىت بېشى تۆرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، تۆرە سېلىشنى باشلايدۇ.
ـ ھۆرمەتلىك يىگىت بېشى! قازاندىكى يەتتە قارا قوچقارنىڭ گۆشى پىشتى، ئەمدى تۆرە ئويناشنى باشلاشقا ئىجازەت بەرگەن بولسىلا؟ (دەپ يىگىت بېشىدىن سورايدۇ)
ـــ يىگىت بېشى: ئىجازەت! (دەپ ماقۇللۇق بىلدۇرىدۇ)
ـ پاششاپ: بۆرەك، ياغ، گۆش، تېرە، بويۇن، تۆش قاتارلىق ئەزالار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆرە قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن تىرە، بۇ يەتتە قوچقارنىڭ پالاستەك كەڭ- كەڭ تېرىسى بولۇپ، يۇڭى قىرقىلمىغان، تەڭگەتاغنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، تەڭگەتاغنىڭ گۈل- چىچىكىنى يەپ چوڭ بولغان پاقلانلارنىڭ تېرىسى، قېنى ئەركەكلەر! ئۈچ يۈز يۈەن بىر، 300 يۈەن ئىككى…
ئارىدىن بىرى چىقىپ 700 يۈەن دەپ باھا تالىشىدۇ، كېيىن يەنە بىرى چىقىپ 750 يۈەن… بۇ تېرە شۇنداق قىلىپ كىم ئارتۇق قىلىنىپ، 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە باھا تالاشتۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ. قالغان ئەزالىرىمۇ ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھادا 30 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتا باھا تالاشتۇرۇلۇپ سېتىلىدۇ.

ئېيتىش كېرەككى، باراۋەتتىكى «تۆرە قىلىش»نىڭ مەزمۇنى باشقىچىرەك بولۇپ، كىم ئارتۇق قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا قوينىڭ بۆرەك، ياغ، گۆش، تېرە، بويۇن، تۆش قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا كىم ئارتۇق سودىسى سورۇنىغا قويۇلۇپ، كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىۋاتقان ۋاقىتتا مەشرەپ سورۇنى ۋە مەشرەپ ئەھلى شۇنچىلىك جىددىي ھالەتكە ئۆتىدۇ. كىم ئارتۇق قىلىش باراۋەت مەشرىپىنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ، مەشرەپ ئەھلى كىم ئارتۇق قىلىشقا قاتنىشىش ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سېخىي مەردلىكىنى، مېھىربانلىقىنى، ئاۋام ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئادىمىيلىكىنىڭ يارقىن بەلگىسىنى يارىتىپ بېرىدۇ. كىم ئارتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كىم ئارتۇق قىلىنغان قوي گۆشى مەشرەپكە قاتناشقان مەشرەپ سانىغا قاراپ بىر ئۈلۈشتىن پارچىلىنىپ، مەشرەپ ئەھلىگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالدىدىلا باراۋەتتىن چۈشكەن پۇل مەشرەپ ئەھلىگە جاكارلىنىپ، يېتىم يىسىرلارغا، كەمبەغەللەرگە، ئاجىز مىسكىنلەرگە، تۇل خوتۇنلارغا، شۇنىڭدەك كۆۋرۈك سېلىش، ئەھمىيەتلىك كىتابلارنى كۆچۈرگۈزۈپ قويۇشتەك ساۋابلىق، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
دېمەك، «باراۋەت مەشرىپى» ئۆتكۈزۈش ئاتۇش خەلقىنىڭ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئادەت بولۇپ، ئۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ ساياھەت ۋە سودا پائالىيەت جەريانىدا پات- پات ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان باراۋەت مەشرىپىنى ئۆتكۈزۈپ، قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان باراۋەت مەشرىپىنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە.
دېمەك، «باراۋەت مەشرىپى» كىشىلەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنى، سېخىي- مەردلىكىنى، ساخاۋەتچىلىكىنى، ئىلىمگە تەشنالىقىنى سىنايدىغان كاتتا سورۇن بولۇپ، ئۇ مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئىجتىمائىي كۈچ سۈپىتىدە ئۇيۇشۇپ، ئاجىز، مىسكىنلەرگە ياردەم بېرىشكە ئوخشاش ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىشىدىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، باراۋەت مەشرىپى ئارقىلىق ئاجىز-مىسكىنلەرگە، ئوقۇشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەشرەپ ئەھلىنىڭ دائىملىق ئىشىغا ئايلانغان.
مەشرەپكە قاتناشقان ساخاۋەتلىك، مەرد- سېخىي كىشىلەر مۇشۇ ئۇسۇلدا مېھىربانلىق يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۆز يۇرتىدا تېخىمۇ زور ئىناۋەت تىكلەپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. قىسقىسى، مەشرەپتە كىم ئارتۇق سودىسىغا قاتناشقان ساخاۋەتلىك كىشىلەر ئاجىز مىسكىنلەرنىڭ بېشىنى سىلاش ئارقىلىق، ئادىمىيلىكنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى يارىتىدۇ. «باراۋەت مەشرىپى» ــ دوستلۇق ئەلچىسى سۈپىتىدە ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق كۈيىنى ياڭرىتىپ، دوستلار ئۆزئارا ئۇچرىشىدىغان دوستلۇق سورۇنىغا ئايلانغان.
باراۋەت مەشرىپىگە ئاتۇش خەلقىدىن باشقا يەنە باراۋەت مەشرىپىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنگەن باشقا يۇرتتىكى مەشرەپخۇمار ساخاۋەتلىك كىشىلەرمۇ ئالاھىدە كېلىپ قاتنىشىدۇ. مەشرەپكە قاتناشقان پۈتۈن مەشرەپ ئەھلى ئۆزئارا تونۇشۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بىر-بىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ. دېمەك، باراۋەت مەشرىپى ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ نەمۇنىسىنى يارىتىپ بېرىدۇ.
باراۋەت مەشرىپى مىللىي خاسلىقى بىلەن ئالاھىدە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ باي مەزمۇنلۇق مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ئەل ئاۋام تەڭ ئىشتىراك قىلىدىغان، مۇقاملار ۋە خەلق ناخشىلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنىپ، ئەلنەغمە، غەزەل- قوشاق، ئۇسسۇل، بېيىت، قىزىقچىلىق، چاقچاق ۋە ھەرخىل ئويۇن بىلەن تەركىبلەنگەن سورۇندۇر. بۇ مەشرەپ سورۇنى ھەربىر مەشرەپ ئەھلىگە ئۆز قابىلىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ ھالدا پۇرسەت ۋە سورۇن ھازىرلاپ، ساز چالالايدىغانلارغا ساز چېلىش پۇرسىتى، ناخشا ئېيتالايدىغانلارغا ناخشا ئېيتىش پۇرسىتى، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلارغا ئۇسسۇل ئويناش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ياخشى مەيدان ھازىرلاپ بەرمەكتە، شۇنداقلا ياش- ئۆسمۈرلەرگە ئەدەب- ئەخلاق ئۆگىتىدىغان سورۇن بولۇپ كەلمەكتە، ھەرخىل شەكىل ۋە مەزمۇندىكى باراۋەت مەشرىپى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتلىق سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن سىڭىشىپ، كۆڭۈلنى شادلاندۇرۇش، جاپا- مۇشەققەتلەرنى يېڭىش ئىرادىسىنى تىكلەش، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.

پايدىلانمىلار:

1. ھاجى مۇختار بۇغرا-ئاتۇش: «جۇڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2009-يىلى 8-ئاي نەشرى، 361-بەت.
2. ئەكبەر نۇرۇللا: «ئاتۇشلۇقلارنىڭ ‹باراۋەت مەشرىپى›توغرىسىدا»، قىزىلسۇ ئەدەبىيات ژۇرنىلى، 2001-يىللىق 2-سان.
4 . «دۇنياۋى مىراس-مەشرەپ»، مىراس ژۇرنىلى، 2001-يىللىق 1-سان.
5.. نىياز ئىمىن: «مەشرەپ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»، مىراس ژۇرنىلى، 2005-يىللىق 4-سان.
6. تۇرسۇن مۇھەممەد ساۋۇت ئۈمش: «ئۇيغۇر فولكلور»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2003-يىلى 12-ئاي نەشرى، 254~ 259-بەتكىچە.
7. تۆمۈر داۋامەت:«جۇڭگۇ ئۇيغۇر مەشرەپلىرى» كىرىش سۆز قىسمى: 2008-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى
http://bbs.basbas.cn/read.php?tid-31698.html
8.ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى توغرىسىدا ئىشلەنگەن فىلىم:
http://www.56.com/u46/v_NTY5MjEzNDE.html
9. ئاتاقلىق ئارخىئولوگ يۈسۈپجان ئەپەندىمنىڭ ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ پىنسىيونېر تەتقىقات تېمىسى ۋە قەدىمكى مېنىڭ يۇرتۇمدا ئارىلاشقان ۋە كۆرگەن پاكىتىم ئارقىلىق يېزىلغان كىچىككىنە بىر پارچە.
10. ئاتۇش خەلق ناخشىلىرى «گۈزەل دەيمەن»


ئاپتور: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى قانۇن كەسپى 2008-يىللىق 1-سىنىپتا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 09:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79092
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4385
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-4-20
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 10:23:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باراۋەت دىسە ئاتۇشتۇكى دوستۇمنىڭ ئۆيېە بىر قېتىم قاتىنشىپ باققان،بۇمۇ بىر خىل ئىسىل ئىشكەنتۇق،بىراق بۇ ئىش بارا-بارا سۆلەتۋازلىققا بېرىپ تاقىلېاتقاندەك ھىس قىلغان ئىدىم ،چۈنكى باي ئائىلدە ئۆتكۈزۈلگەن باراۋەتلەردە بىر قوينىڭ تۆشىنى 400يۇەنگە ئاران ئالغىلى بۇلدىكەن،مۇنداقراق ئائىلدە 100يۈەنگىمۇ ئالغىلى بولدىكەن،بەزى خەقلەر مۇشۇنىڭغا قاراپ شۇ ئائىلنىڭ ئابروي ،مەرتىۋىسنى ھىسابلايدىكەن.  بىراق مەن يەنلە بۇ ئىشنى قوللايمەن جۇمۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88660
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-12-16
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 10:37:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باراۋەت مەشرىپى  ھەقىقەتەن  ئاتۇش خەلقىنىڭ  ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ئوينىلىپ كىلىۋاتقان مەشرەپ تۈرى .  بىزمۇ  دوستلىرىمىز بىلەن ھەر قىشتا بىر قېتىم ئوينىمىساق كۆڭلىمىز ئۇنمايدۇ .  چۇنكى قىش پەسلىدە ھەر تەرەپكە تىجارەت بىلەن چىقىپ كەتكەن بۇرادەرلەر قايتىپ كىلىپ جەم بولىمىز

رۇستەم قارسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37319
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 784 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 12:35:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باراۋەت مەشرىپى ھازىرئاساسەن ئاتۇشتىلا ئوينىلىدۇ بۇ باراۋەت مەشرىپى ئەسلى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى دىسەكمۇ بولىدۇ ئەلۋەتتە . رەھمەت قېرىندشىم تېمىڭىزغا

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8793
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 02:39:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا ، ئۇسۇل ، مەشرەپ ……..

ئاز قالدى ئۇيغۇر !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! غەيرەت قىل ، كۈچە . ناخشا دىگەننى تازا تولا ، ئۇسۇل دىگەننى ۋەششى ئوينا ، مەشرەپتىن ئوت چىقىرىۋەت ، ھارماي ئوينا ، سەكلە ھە سەكلەپ ئوينا ! باشقىلار بىزنى بىر تونىۋاسۇن ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق دەپ دۇنياغا نامىمىزنى تونۇتايلى ، ئەۋلادلىرىمىز بىزدىن پەخىرلىنىپ كەتسۇن !

كۈلۈپ قويدۇم ، نىمىلەرنى پەرەز قىلدىڭ ؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4500
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 11:42:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىلىدە بارلىق ئۇيغۇرلارغا خاس ئىش .ئىدى ! ئەمما كىيىن دەۋىردە ئاتىشتىلام ساقلىنىپ قالدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8978
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 02:48:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-12-18 02:39 AM
ناخشا ، ئۇسۇل ، مەشرەپ ……..

ئاز قالدى ئۇيغۇر !!!!!!!!!!!!!!!!!!! ...

ئاتۇشلۇققا خىلىلا پىكىر بارمۇ نىمە ھە؟ھىلىمۇ ياخشى ئاتۇشلۇقلارلا ساقلاپ قاپتىكەن بۇ مەشرەپنى .كىم دەيدۇ ئاتۇش باراۋەت مەشرىپىنى بۇ مىللەتنىڭ نامىنى سىستىپ سىگانلاردەك ناخشا ئۇسۇل ئۈچۈن ھەممە نىمىسىنى يوقاتتى دەپ ؟مىڭ يىلدىن كىيىن پەقەت ئاتۇشتىلا ساقلىنىپ قاپتۇ رەھمەت ئىيتىڭ !بۇنداق تەنە قىلماي .ئاتۇشلۇقلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلار سانىدا ھىچقانچىلىق ئورون ئىگىلىيەلمەيدۇ،بىراق ئۇلار قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ،بۇ ئۇيغۇر جەمىئىيىتىگە ئايان .سودا-سانائەت ،ئىلىم  -پەن ئىشلىرىدا خۇددى يەھۇدىيلارغا ئوخشاش ھەممە ئىشتا قولى يولى باركەن.ئاتۇشلۇق قىرىنداشلىرىم يەھۇدى دىسەم خاپا بولماڭلار مەن پەقەت ئەقىللىق دىمەكچى ئىدىم .

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

نامەرتلەرگە جاۋابىم يوق !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8793
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 983 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 03:26:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 10:48 PM
ئاتۇشلۇققا خىلىلا پىكىر بارمۇ نىمە ھە؟ھىلىمۇ ياخشى ئ ...

‏مەزكۇر ئىنكاسنىڭ مەزمۇنى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ بىراۋلارنىڭ يۇرتۋازلىققا باغلاپ  چۈشۈنۈپ قىلىشىغا سەۋەپچى بوپتۇ ، ئەپەندىم ئەڭ ياخشىسى ماڭا مىللەت توغرىسىدا گەپ ئاچماڭ ! مۇشۇنچىلىك چۈشەنچە تامام ۋەسسالام !

كۈلۈپ قويدۇم ، نىمىلەرنى پەرەز قىلدىڭ ؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8978
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 05:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-12-18 03:26 PM
‏مەزكۇر ئىنكاسنىڭ مەزمۇنى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ ب ...

ئۇيغۇرچە ساۋات بارمۇيە؟بۇ يەردا يۇرتۋازلىق ھەققىدە گەپ -سۆز بولمىدىغۇ؟مىللىيلىكىنى ساقلىغان ،ساقلىيالىغان نوچى !ئەپەندى ،سىزگە  مىللەت تۇغرۇلۇق سۆزئاچقىلى بولمايدۇ ،سىز  دىگەن .......................!ھىچكىم مىنىڭ يۇرتۋالىقىمنى بايقىمىسا سىز بايقاپسىز ،ئۇغۇل ...!خاپا بولماڭ ھە سىزدەك uyghur faceنىڭ ئالدىدا مىللەت توغرۇلۇق گەپ ئىچىپ قالدىم.

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88140
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 05:56:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-12-18 03:26 PM
‏مەزكۇر ئىنكاسنىڭ مەزمۇنى خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ ب ...

سەردارنىڭ سۆزى نىمانداق جىنىڭىزغا تەگدى ئەپەندىم ؟ئۇ توغرا دەيدۇ!« ئەپەندىم ئەڭ ياخشىسى ماڭا مىللەت توغرىسىدا گەپ ئاچماڭ»دەپ گەپنى بەك ئىغىر دىدىڭىزمۇ ھە ؟ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ھەرقانداق ئۇيغۇرغا مىللەت تۇغرۇلۇق گەپ قىلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار .سىزگە مىللەت تۇغرۇلۇق سۆز ئاچمىغۇدەك قانداق ئادەمسىز؟يۇرتۋازلىق قالپىقىنى كەيگۈزۈپسىز ،ئۇنىڭ ئاتۇشلۇق ئىكەنلىنى بىللەمسىز ؟قاراڭ قىرىندىشىم 10ئۇيغۇرنىڭ 1چىلىككمۇ نوپۇسى يوق بىر يۇرتقا قاراڭ ،ئاتۇش شەھىرى ھەقىقىي بىر ئۇيغۇرلار ئۆز قولى بىلەن قۇرلۇش قىلىپ بەرپا قىلغان بالا شەھەر ئاساسەن ئىقتىساد مىللىيلارنىڭ قولىدا باشقا يۇرتلارداچۇ؟خەنلەر كەلمىگۈچە تەرەققىيات يوق ،ئىقتىساد يوق .مۇشۇ كىچىككىنە يەنە كىلىپ  تاشلىق زىمىندا ئازسانلىق ئۇيغۇرلار بىزنىڭ تارىخىمىزدا رولى ئازمۇ ؟ھەتتا بۇرۇنقى گۈللەنگەن خانلىلاردىن تارتىپ يىقىندىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئابتۇنۇمنىڭ قۇرۇلۇشىدىمۇ مۇشۇ ئەقىللىق يۇرت ئەھلى بار .سەردار مۇشۇ ئاتۇشلۇقلارنىڭ ئاز نۇپۇس ئەمما ساز نۇپۇسلۇق ئاتۇشلۇقلاردىن پەرخىرلىنىپتۇ ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇنداق .ئاتۇش باراۋات مەشرىپى ئويۇن كۈلكە مەشرىپىلا ياكى ناخشا - ئۇسۇل سورۇنى ئەمەس ئۇ بولسا بىر ساخاۋەت مەشرىپى ،مانداقچە .ئويلىساق بىر دىھقاننىڭ 2مىڭ يۇئەنلىك قويى ئاتۇش مەشرىپىدا 30مىڭغا يارىدى دەيلى بۇ كىرىم ئۇ ئائىلە ئۈچۈن قانچىلىق زور كىرىم ؟قاراخانىيلار دەۋرىدا ئويلۇنۇپ كەلگەن بۇ مەشرەپ دەۋرىمىزدە نىمىشقا ئوينالمىدى ؟نىمىشقا ئاتۇشلۇق ئوينىيالىدى ؟بۇنى ئوبدان ئويلاپ سۆز ئىچىڭ !ھارقانداق مىللەتنىڭ ناخشا ئۇسۇل بار ئويناش كىرەك ،قاراڭ ھازىرقى گاڭنام ئۇسۇلىغا شۇ مىللەتمۇ شۇنداق ئۇسۇل ئويناپ ،ناخشا ئىيتىپ يوقالمىدىغۇ ،ھىندىستانلىقمۇ بارغۇ ھازىرغىچە .ئۇنداق ئاچچىق تەنە قىلماڭ !بۇ تىما مەزمۇنى نىمە ؟نىمە دىمەكچى ؟شۇنىڭغا قاراپ ئىنكاس يىزىڭ .مەنچە سەردارنىڭ ئويپىكىر ،تەپەككۇرى سىزدىن ئوچۇقكەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش