|
|
|
|
مىللتمىزنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرى
ئۇ بىر كىچىك قىز ۋاختىدا،دادىسى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشكنى ئاچدۇ. ئۇ بىر ئايال بولغىندا ئېرنىڭ دىننى پۈتۈنلەيدۇ.ئۇ بىر ئانا بولغاندا جەننەت ئۇنىڭ ئايغى ئاستىدا بولدۇ،ئەگەر ھەر قانداق بىر ئادەم مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئىسلامدىكى ئورننى ھىس قىلالسا،ھەتتاكى ئەرلەرنىڭمۇ ئايال بولغۇسى كىلىپ قالدۇ.
شەيىخ ئەكرەم ناداۋى
ئاخشام شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسنڭ ‹‹ئۈمۈد غۇنچىلىرى›› پىروگىرامىسنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ پىروگرامما مەخسۇس ئۆسمۈر–باللار ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ خىلى ياخشى ھىساپلىناتتى.نۇمۇرلار بىر–بىرلەپ كۆرسىتىلىشكە باشلىدى.بىر ۋاقىتتا رىياسەتچىنىڭ** ئۇسۇل كۇرژىكنىڭ كىپىنەكلىرى ئىجىراسدىكى ھىدىچە ئۇسۇل دىگەن ئاۋازى بىلەن تەڭ ،سەھنىگە كىندىكى ئوچۇق ،مەيدىسى ئوچۇق كىيىم كەيگەن 11–12 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر توپ قىزلار چىقتى،ئۇلارنىڭ پىشانىسگە خال چىكىلگەن بولۇپ تەبىلا ھىندى قىزلىرغا ئوخشايتى.ھەممەيلەن بىلمىز،ھىندىلار توي قىلىپ بولغان ئاياللارنىڭ پىشانىسگە خال چىكىدۇ.بۇ خالنىڭ مەنىسى مىنىڭ ئىرىم بار ، مەن ئۆي–ئوچاقلىق بولدۇم دىگەن مەنىدە،لىكىن بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرمىزچۇ؟ ئۇلار تىخى 11–12 ياش ئەتراپىدا،بۇ ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئويلاندۇرماي تۇرمايدۇ ئەلۋەتتە.
مەن ئويلايمەن ئۇلار ئۇسۇل ئوينىمسۇن ئەمەس ئوينىسۇن،لىكىن شۇنداق ئىسل ئۇسۇللىرمىز بارغۇ–ھە! تۇرسۇنئاي ئىبرايىمجانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇلىنى چەتئەلەگە ئاچىقىپ مۇكاپاتلاغا ئىرىشتىغۇ؟ ئۇلار شۇنداق لىرىك ئۇسۇللانى ئوينىغان بولسا بەلكىم بۇنداق قايناپ كەتمەس بولغۇيتۇم. ھەممەيلەن بىلمىز ، بىز ناھايىتى بىر شەرەپلىك نامغا يەنى ‹‹ناخشا–ئۇسۇل مىللىتى›› دىگەن نامغا ئىگە بولغانلىقمىزنى دۆلەت ئچى ۋە سرتى بىلىپ كەتتى.قايسىدۇر بىر كىتاپتا مۇنداق كۆرگەن‹‹بىر مىللەتنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇ مىللەتنىڭ ناخشا ئۇسۇلىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم››. لىكىن بىز باشقىلار تەرەققى قىلدۇرمىسىمۇ ئۆزمىز تەبىيلا تەرەققى قىلۋاتمىز،چەتنىڭ ئەنە ئاشۇنداق ئىسل مەدىنيەتلىرنى قوبۇل قىلۋاتمىز ،نەگە قارساق نەغمە–ناۋا،ناخشا ئۇسۇل ،مانا بۇ بىزنىڭ ناخشا–ئۇسۇل مەدىنيتىمىز. بۇ خىل مەدىنىيەتنى تارقاتقۇچلار بولسا كەلگۈسنىڭ ئانىلىرى . بىز ئۆزمىزنى بەك غۇرۇرلۇق بەك ۋىجدانلىق دەيمىز–ھە! قىنى ئەمدى بىزدىكى بۇ غۇرۇر؟ قىنى بىزدىكى ۋىجدان؟ ئۆزمىزنىڭ مىللىتىنىڭ ئانىلىرىغا ئىگە بولالمايۋاتمىزغۇ–ھە!؟ ئۇلار بىزگە ئەنە ئاشۇنداق ھالەتتە ئۇسۇل ئويناپ بەرسە كۆرمىز، ماختاپ كىتمىز تىخى! ئاشۇ ئۇسۇل ئويناۋاتقانلارنىڭ ئاتا–ئانسى يوقمىدۇ–ھە؟ ئۇلار ئۆزنىڭ پەرزەتلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاشۇنداق بەدىنى ئوچۇق ھالەتتە ھالەتتە كۆرسىتىشتىن خىجللق ھىس قىلمامدىغاندۇ؟ بۇلارغۇ تىخى كىچىك بەزى ئشلارنى بىلمىسۇن،لىكىن ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرىمۇ بىلمىسمۇ؟ قىزلارغا 9 ياش ئوغۇللار 11 ياشقا كىرگەندە ناماز پەرىز بولدۇ.ئۇ ۋاقىتتا قىزلار كۆزدىن باشقا يىرنى پۈركەنجىگە ئىلىپ يۈرۈيدۇ،ھازىرغۇ بۇ ئشلارنى قىلىپ بولالمايمىز ،شۇندىمۇ ئۇلارنى بۇنداق ئۇسۇللاردىن توسۇشقا قۇدرىتىمىز يەتمەسمۇ؟ كونىلار دەيدىكەن ئانلار بىر قولدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ دەپ . لىكىن ھازىرچۇ؟ ھازىر بۇنداقلا ئاز قالدى چۈنكى بىز ئاياللار كۆپيىپ ئانلار ئازيىۋاتقان ، ئەرلەر كۆپيىپ ئەركەكلەر ئازيىۋاتقان زاماندا ياشاۋاتمىز.
بىزنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىلىرى بۇنداق خارلانمىسۇن قىرىنداشلار!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا owqi450 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-17 06:19 PM
|
|
|
|
|
|