ۋېيچاڭ چۈشۈرۈش قورالى بولسا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەرخىل فىلىم توربېكەتلىرىدىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قورال دېتال بولۇپ، ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئاسان، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئىزدەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت سىز بۇ دېتالنى كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىغاندىن كىيىن، ئۆزىڭىز چۈشۈرمەكچى بولغان فىلىمنىڭ قويۇلۇش بېتىنىڭ ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ،مەزكۇر يۇمشاق دېتال تېزىملىكىدىكى يېڭىدىن قۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا كۇپايە.
يۇقارقىلاردىن باشقا، مەزكۇر دېتالنىڭ يەنە فىلىمنىڭ ئالاھىدە سۈزۈك، سۈزۈك ياكى ئادەتتىكى نۇسخىسىنى تاللاپ چۈشۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ھەتتا كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى بىر قېتىمدىلا چۈشۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر دېتالغا يەنە فىلىم شەكلىنى ئۆزگەرتىش، فىلىم قويۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارمۇ سەپلەنگەن. ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق.
youtube، يۇكۇ، سىنا، تۇدۇ، 56 قاتارلىق دۆلىتىمىز ئىچىدىكى چوڭ فىلىم ئورتاقلىشىش بېكەتلىرىدىكى فىلىملەرنى چۈشۈرۈشنى قوللايدۇ.
يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=170799&uk=2165301342
يۇمشاق دېتالنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلىشى:
1. توردىن چۈشۈرۈۋالغاندىن كىيىن، مائۇس كۇنۇپكىسىنى ئىككىنى بىسىپ قاچىلاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
2. قاچىلاش مەشغۇلاتى جەريانى
3. قاچىلاش تاماملانغاندىن كىيىن ئۈستەل يۈزىدە تۆۋەندىكىدەك سىنبەلگە كۆرۈنىدۇ.
4. يۇمشاق دېتالنى قوزغاتقاندىن كىيىنكى كۆرۈنمە يۈز
5.چۈشۈرۈش ئۇسۇلى: مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك، خالىغان بىر فىلىمنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز، فىلىم قويۇش بېتىنىڭ تور ئادرىسى كۆچۈرۈپ، يېڭىدىن قۇرۇش دىگەننى تاللىسىڭىزلا بولىدۇ.
دىققەت: دېتال كۆرۈنمە يۈزىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن يېڭىدىن قۇرۇش دىگەننى تاللايمىز،سىتېما ئاپتوماتىك ھالدا بىز كۆچۈرۈۋالغان تور ئادرىسى ئارقىلىق مەزكۇر فىلىمنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تاپىدۇ.
6. چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كىيىن، فىلىم ساقلانغان مۇندەرىجىنى ئېچىپ، كۆرۈشنى باشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
كۆپچىلىككە ئامەت تىلەيمەن! مەنبە: نۇر تورى