ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۈچ يەسلىگە جەمئىي 59 نەپەر يەسلى ئوقوتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىكەن، بۇلار غۇلجا شەھرى ئىچىدىكى قىزىل بايراق بالىلار باغچىسى، كۈيتۈن شەھەرلىك بالىلار باغچىسى ۋە قورغاس ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايۇنلۇق بالىلار باغچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تېزىملاش ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە:
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى http//www.xjyledu.gov.cn تورىغا كىرىپ نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن.
قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ تەپسىلى مەزمۇنىنى يەنە ستۇدېنتلار ئۇچۇر تورى،
http://www.xjstudent.com/kurux.asp?id=13688 ئادرىسىدىن كۆرەلەيسىز، يۈز-تۇرانە ئىمتىھانى ۋاقتى كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە. يۈز-تۇرانە ئىمتىھان تۈرلىرى، دەرس سۆزلەش، ئۆزى چىلىپ ئۆزى ئېيتىش، ئۇسۇل ئويناش ۋە رەسىم سېزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تېزىملىتىش شەرتلىرى: پىداگوگىكا تۈرى بويىچە ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغانلار
خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەن دوستلارغا ئامەت تىلەيمەن!!.