مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2830|ئىنكاس: 73

سېنى ئۇنتالمىدىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:41:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سېنى ئۇنتالمىدىم



2958-00541.jpg



ئاللىبۇرۇن چۈشۈشتىن توختاپ،ئاياقلىرىم ئاستىدا خۇددى نالىگە ئوخشاش غىچ- غىچ ئاۋاز چىقىرىپ ياتقان يۇمشاق قارغا دەسسەپ مېڭىپ يەنە سېنى ئەسلىدىم.... بىلمىدىم سەن مېنىڭ ھايات سېمفونىيەمگە مەڭگۈلۈك قوشۋىتىلىگەن تىتىرەك، مۇڭلۇق، ئىزگۈ بىر كۈيمۇ؟... قۇلاق تۈۋىمدىن نېرى كەتمەيدىغان، مەن زەن سالماقچى بولغاندا ئۇدارلىرىنى پەرىق ئېتەلمەيدىغان....
مۇشۇ ۋادىنىڭ ياپيېشىل پەيتىلىرىدە بىز قالدۇرغان ئىزلار ئاپپاق قارلار ئاستىدىن كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك بولدى، قەھ- قەھ ئۇرۇپ جاراڭلىغان كۈلكىلەر قۇلاقلرىمىغا ئۇرۇلغاندەك بولدى.... بىز چىققان تاغلار ئارا ئاۋازىمىزنىڭ ئەكسى ئاڭلاندى.....مەن بىلىمەن، ئېھتىمال بۇلار يادىڭدا ۋە بەلكىم ئانچە ئېتبارىڭغا ئالمايدىغانسەن. چۈنكى ئوخشاش بىر ئىشنىڭ ئوخشىمغان ئىككى ئادەمگە قالدۇرغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. سەن بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ چاغ قەلىب ۋارىقىمغا ئۆچمەس سۈرەتتەك سىزىلىپ كەتتى. بەلكى بۇ سۈرەت ئۆچمەيلا قالماستىن بارا- بارا رەڭلىنىپ پۈتۈن ئوي- خىيالىمنى ئەسىر قىلدى. سەن پەرۋاسىز يۈرگەن مۇشۇ دەمدە سېنىڭ ئۈچۈن ئۇھسىنىۋاتقانلىقمنى ئېھتىمال بىلمەيسەن.
بەزى چاغلاردا ئەسلىمنىڭ قاتلىرىدىن چىقالماي سىقىلغانلىرىمدا سىلكىنىپ- سىلكىنىپ تۇرۇپ كەتكۈم كېلىدۇ. ئىچكى دۇنيارىمنى، ھىس تۇيغۇمنى بىر مەزگىل بىھۇشلاندۇرۇپ، خارامۇش بولىۋالغۇم، كۆز ئالدىمكى نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانغۇم، ئەتراپمىدىكى ئاشىق كۆزلەرنىڭ سۆيگۈ- مۇھەببىتىدىن بەھىر ئالغۇم كېلىدۇ، مۇشۇ ئارقىلىق يۈرىكىمدىكى سىقىلىشنى، ھەسرەتنى بىر ئاز بولسىمۇ ئۇنتۇغۇم كېلىدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلالمايمەن. قارار قىلساممۇ ئىختىيارىم ئەمەس، چۈنكى، خىيالىمدا كۆزلىرىڭنىڭ دەھشەتلىك سورىقى ھامان مېنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ياق- ياق، ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ مۇھاببىتىگىمۇ، ئۆز ھىسياتىمغىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماسلىقىم كېرەك. بۇمۇ چوڭ سەۋەپ ئەمەس... مېنى ئەڭ ھودۇقتۇردىغىنى خىيالىمدىكى سېنىڭ كۆزلىرىڭ، سېنىڭ سوراقلىرىڭ، بەزىدە سەندىن مىننەتتار بۇلۇپمۇ قالىمەن. قىيداش، ئۈمدىسزلىنىش، سەۋىرسىزلىك بىلەن ئويلانمايلا باسماقچى بولغان قەدىمىم سەن ئېسىمگە كېلىش بىلەن دەررۇ توختايدۇ-دە، دەرھال ئۆزۈمگە قايتىمەن...
بەزى چاغلاردا ئۆزۈمدىن سورىغۇم كېلدۇ: سەن مېنىڭ ھەر مىنۇت- سىكونىت ئەستىن چىقارماي مۇشۇنداق سەۋدايىلارچە ئەسلىشىمگە ئەرزىمسەن؟ يەنە سەندىن قايتىلاپ سورىغۇم كېلىدۇ: سەن مېنىڭ ئەسلىشىمگە ئەرزىمسەن؟
دوسىتلىرىمدىن، قۇرداشلىرىمدىن ئاڭلىدىم: ئۆزلىرىگە قانچىلىغان يىگىتلەرنىڭ تەكلىپ قويغىنىنى، ئۇلارنىڭ ھەربىر بىرلىرىنىڭ قانداق ياخشلىقىنى، ئۇلارغا شۇنداق ياخشلىق قىلغانكى، شۇنداق قوغلاشقانكى......ھەممىسى شۇنچىلىك ئېنىق ئېسىدە ئىكەن. مەن ئويلىنىپ قالدىم: مېنى بۇ ئۆمرۈمدە سەندىن باشقا بىرەرسى قوغلىشىپ باقمىغانمىدۇ؟ كۆڭۈل ئىزھار قىلمىغانمىدۇ؟ ئېھتىمال قىلدى، ئاشىقى بىقارار، دىۋانە كۆزلەر.... ئەمما بۇلارنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا نېمە ئېتىبارى بولدى. بۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرۇشمۇ بىھاجەت. مەن ھەتتا بۇلارنى شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنتۇپ كەتكەن. سۆيگۈ- مۇھابىتتىنى پەقەت بىرىگىلا ئاتىغان كىشى ئۈچۈن رەت قىلىنغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات ئۇلارنى دەل ۋاقتىدا ئۇنتۇپ كېتىش، بۇنداق بولغاندا بۇنىڭ ئازابى قىسقا بولىدۇ. رەت قىلىنغۇچىغا يەنە بەدەل تۆلىتىشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى پەقەت سېنىڭ تەكلىپىڭ- سېنىڭ سۆيگۈ تەكلىپىڭلا...
ئەمما بىر نەرسىنى بىلەلمىدىم. ئەڭ ئۇنتۇپ كېتىشىكە تېگىشلىكى ئېھتىمال سەن بۇلۇشۇڭ مۇمكىن. ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمىدىم. سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ساڭا ئەڭ مۇناسىۋەتسىز كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئويلىماقچى بولدۇم. ئەمما بۇ ھاياتتا ساڭا مۇناسىۋەتىسىز ھېچقانداق كۆڭۈللۈك ئىش، كۆڭۈللۈك ئەسلىمە يوقكەن. كۆڭۈل خاھىشم ئۆز ئىلىكىمدە ئەمەس. بۇ دەملەردە  يەنە ساڭا بولغان شۇ غىرىبانە سۆيگۈم ئۆز ھارارىتى بىلەن ئاستا- ئاستا سەن تامان پەرۋاز قىلماقتا. سېنىڭ بىر كۈنلەردە خۇددى ئۇزاققا سۇزۇلغان قاراڭغۇ كېچە ئاخىرلىشىپ، سۈھبى بىلەن كۆتۈرلگەن تاڭ شامىلىدەك، ئۇپۇق سەتھىسىنى سۆيگۈبىلەن باغاشلىغان قىپقىزىل شەپەقتەك قەلىب ئاسمىنىمدا پارلاپ، بۇ غەمناك قەلبىمنى، ياق پۈتۈن ئالىمىمنى نۇرغا تولدۇرشۇڭنى يەنە ئارمان قىلىپ قالدىم. ...

ئىشلار داۋاملىق مانا مۇشۇنداق.... مەيلى قانداقلا قىلماي مەن سېنى ئۇنتالمىدىم.....


xpic7317_s.jpg


مەنبە: مەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 02:40 PM  


جېنىمنى تۇپراق ئىچىدىن تېرىۋال

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18700
يازما سانى: 3450
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 46023
تۆھپە نۇمۇرى: 3174
توردا: 6911 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 03:14:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈتۈش بىلەن ئۆتسە گەر كۈنۈم،
مەيلى دەيتىم كۈتەتتىم ئەبەت.
كۈتۈش بىلەن يانغان يۈرۈگۈم،
ئۆچمىسە دەپ تىلەيمەن پەقەت.


ئاشىقلىق-ئادەمگە نىمىلەرنى قىلدۇرمايدۇ.تاتلىق كۈيلىرىڭىزدىن ھۇزۇر ئالدىم ئوماق .

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85284
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 749
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-9-21
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 03:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇددى مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى يازغاندەك .........رەھمەت سىزگە !

بەخىتنىڭ ئۆزى دەل شۇ ئۆزىنى بەخىتلىك ھېس قىلىشتۇر!
mush بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 03:55:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3026
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2528 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 04:04:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئـۇنتالمىـدىم سېنـى ئەي نىـگار ،

كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ سايەڭ.

ھېلىمۇ ھەم ئەسـلەيمەن سېنى  ،

سەن بولـغاچقا دۇنيـا رەڭگارەڭ .



باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 04:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 04:04 PM
ئـۇنتالمىـدىم سېنـى ئەي نىـگار ،كۆز ئالدىمدىن كەتمەيد ...

بىز بۇ يەردىمۇ ئۇچرىشىپ قالدۇقما؟
نىمىدىگە گۈزەل مىسرالار بۇ؟ مۇزىكىمۇ بەك يېقىملىخكەن رەھمەت سىزگە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 04:32:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 04:04 PM
ئـۇنتالمىـدىم سېنـى ئەي نىـگار ،كۆز ئالدىمدىن كەتمەيد ...

سەن بولغاچقا دۇنيا رەڭگارەڭ،
سەن بولغاچقا كۈلىدۇ قۇياش.
قيدىساممۇ، يەنە باش ئەگدىم،
مەنىسزكەن سېنىڭسىز ياشاش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1912
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 04:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ۋاقىتنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ،
ۋاقىت مۇھەببەتنى دەيدىكەن، راست شۇنداق بولامدىغاندۇ...
نەسىرگە ئىنكاستكى مۇزىكا بەك ماسلىشىپتۇ.

مەن ئاقىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىدىنمۇ يېڭىلىپ باقمىدىم.
جاھىللار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ بىرىنىمۇ يېڭىپ باقمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3615
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 04:42:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kuzum يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 03:14 PM
كۈتۈش بىلەن ئۆتسە گەر كۈنۈم،
مەيلى دەيتىم كۈتەتتىم ئە ...

ئۆچمىسە دەپ تىلەيمەن پەقەت،
دىلىڭدىكى سۆيگۈ گۈلخىنى.
كۈتىمەكتىمەن، كەلگىن نىگارىم،
پۈتەر شۇ چاغ دىلنىڭ ئارمىنى.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3026
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2528 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 04:49:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tograkmalikisi يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 08:42 PM
ئۆچمىسە دەپ تىلەيمەن پەقەت،
دىلىڭدىكى سۆيگۈ گۈلخىنى.
...

پۈتەر شۇ چاغ دىلنىڭ ئارمىنى  ،
ۋىسال تاپسا سۆيگۈ -مۇھاببەت.
كۈيلەر ئىدۇق  يازغان  سەترىدە ،
بىزلەرگە خاس سۆيگۈنى پەقەت .



بۇ مۇنبەردە ئۇچرىشىپ قالدۇقچۈشەنمىدىم ، ئەجىبا بىز باشقا مۇنبەردىمۇ  ،مۇنبەرداشما ؟

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش