مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1313|ئىنكاس: 11

سىز نىمىنى بەك ياخشى كۆرىسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11214
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 12:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىمىز ياكى ئۆز نەپسىمىزنى ئاللاھدىن بەكراق ياخشى كۆرىشىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. بەلكى ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولسا، ئىنسان ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشى، ئاندىن ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىكى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ئۆزىنىڭ جىنى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويالماسلىقىدۇر.
گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق گۈزەللىكنى مەزكۇر گۈزەللىك سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن گۈزەلدۈر، ئاللاھنىڭ گۈزەللىكى ئۆزىنىڭ ئالى ماقامى ۋە يۈكسەك ئورنى ۋە ئۇنىڭ زاتىغا لايىقدۇر.
يۈكسەكلىككە ئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق يۈكسەكلىكنى مەزكۇر يۈكسەكلىك سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كاتتىدۇر ۋە يۈكسەكتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر ۋە قۇدرەتلىكتۇر.
كامالەتكە ئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق كامالەتنى مەزكۇر كامالەت سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا تەڭداشسىز كامالەت، ئالى قۇدرەت ۋە يۈكسەك ماقام ئىگىسىدۇر.
ئېھسان ۋە پەزىلەتكە ئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق ياخشىلىقنى مەزكۇر ئېھسان ۋە پەزىلەتگە بېرىلىدىغان مۇكاپات ۋە چەكسىز نېمەتلەر سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەخلۇقلارغا ئاتا قىلغان مەرھىمىتى ۋە ئېھسان-پەزىلىتى ساناپ تۈگەتكۈسىز چەكسىزدۇر. مۇشۇنداق ئالى ماقام، كاتتا شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان، بۈيۈك ئاللاھ قانداقمۇ ياخشى كۆرەلمىسۇن؟!.
ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ مەنپەئەتلىك، زۆرۈر، يۈكسەك ۋە ئالى ماقامى بولسا؛ قەلىبلەر ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە مايىل بولغان، پىترەت-تەبىئەت ئۇنىڭغا بويسۇنغان، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاسمان-زېمىن تۇرغۇزۇلغان، بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ تەبىئىتى ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە مايىل بولغانلىقىدۇر. مانا بۇ، «بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق» دەپ، گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ سىرىدۇر“.
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قەلبلەرنى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈستىگە بىرلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە بويسۇنۇش ۋە ئىبادەت قىلىشقا يىتەكلىگىچىدۇر. ئىبادەتكە يەككە-يىگانە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم لايىق بولالمايدۇ. ئىبادەت ئۇقۇمى؛ ئاللاھ تائالانى كامىل ياخشى كۆرۈش ۋە تولۇق ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئىبادەتتە ئاللاھقا باشقا بىرىنى شېرىك كەلتۈرۈش بولسا، ئاللاھ تائالا كەچۈرۈم قىلمايدىغان ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممە تەرەپتىن ياخشى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە دالالەت قىلىدىغان ياخشى كۆرۈشلەر، ئىنساننىڭ ئۆز رەببىنى ياخشى كۆرۈشىنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ساماۋى كىتابلاردا ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۆز ئۈممەتلىرىنى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە چاقىردى. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقان تەبىئىتى پىترىتى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرى، قەلبنىڭ نېمەت ئاتا قىلغۇچى ۋە ئېھسان قىلغۇچىنى ياخشى كۆرۈشى قاتارلىقلار، ئىنساننىڭ ئۆز ياراتقۇچىسىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
بارلىق جانلىقلارغا خەيرى-ئېھسان قېلىپ، تۈگىمەس نېمەت ئاتا قىلىۋاتقان، ھېچقانداق شېرىكى يوق، يەككە-يىگانە ئاللاھ ياخشى كۆرۈلۈشكە ئەلۋەتتە ھەقلىقتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ  «سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر.» [سۈرە نەھل 53-ئايەت].
ئىنسان، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم، ئالى سۈپەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان چوڭقۇر مەنالار بىلەن تونۇشۇپ چىققاندا، ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز كامالى قۇدرىتىنى، زاتىنىڭ بۈيۈك ۋە ئۈلۈغ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ.
مۇتلەق كامالەت ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئېھسانى ۋە چەكسىز نېمىتىدىن ئىبارەت، ئىككى تۈرلۈك نەرسە، بەندىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاللاھ تائالا چەكسىز گۈزەلدۇر ۋە گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ. بەندىلەرگە ئاتا قىلىنغان بارلىق ئېھسان ۋە ئىنئاملار، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئاللاھ ھەممىدىن بەكراق ياخشى كۆرۈشكە ھەقلىقتۇر.
سۆيگۈ-مۇھەببەتتە ئاللاھنىڭ غەيرىنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلغانلارنىڭ مەزكۇر قىلمىشى ئىنكار قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەيرىنى خۇددى مۆمىنلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر.» [سۈرە بەقەرە 165-ئايەت].
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھ بىلەن، ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرۈشتە باراۋەر قىلغانلارنىڭ، دوزاختا ئۆز مەبۇدلىرىغا تاپا-تەنە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق.» [سۈرە شۇئەرا 96-97-ئايەت].
ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى، ئۆزىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ تەۋھىدتىن ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتت ۋە ساماۋى كىتابلارنى نازىل قىلدى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋۋىلىدىن ئاخىرىقىسىغا قەدەر بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى مەزكۇر مېتۇدنى ئاساس قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان-زېمىن، جەننەت-دوزاخ يارىتىلدى. جەننەت پەقەت ئاللاھنى ياخشى كۆرگەنلەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلار ئۈچۈن تەييار قىلىندى. دوزاخ پەقەت ئاللاھقا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلار ئۈچۈن تەييار قىلىندى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېنى ئۆزىنىڭ جېنىدىن، بالىسىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلەردىن ئارتۇق ياخشى كۆرمىگۈچە مۆمىن بولالمايدۇ» دېگەن، ئىكەنۇ-، ئۇنداقتا بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشىنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟!…
ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، جېنىمىز ۋە مىلىمىزدىن، بارلىق نەرسىلىرىمىزدىن ئارتۇقراق ياخشى كۆرۈشكە ھەقلىق بولغانىكەن، ئۇنداقتا ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرۈش ۋە ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشقا ھەقلىق ئەمەسمۇ؟!.
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى باي ياكى كەمبەغەل قىلىشى، ساغلام ياكى كېسەل قىلىشى، رىزقىنى كەڭرى ياكى تار قېلىشى، ئۇنىڭ ئادالەت ۋە پەزىلىتى، ھايات ۋە ماماتلىق ئاتا قېلىشى، مېھرىبانلىق ۋە مۇلايىملىقى، ياخشىلىق ۋە رەھمىتى، خەيرى-ئېھسانى، ئۇنىڭ ئەيبىنى يېپىشى ۋە ئەپۇ قىلىشى، بەندىنىڭ قىلمىشلىرىغا سەۋىر قىلىشى، ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قېلىشى، قېيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى، ئىنسانغا ھېچبىر ھاجىتى يوق تۇرۇغلۇق ئۇنى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇشى بەلكى ھەممىدىن بىھاجەت تۇرۇپ، ئۇنىڭغا چەكسىز نېمەتلەرنى ئاتا قېلىشى بولسا، ئىنساننىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ ئاسىيلىق قېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى، ئۇنى گۇناھنى تاماملاپ بولغىچە ئاشكارا قىلماستىن بەلكى ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشى، تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىدەك ھەر-تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن، ئۇنىڭغا ئىنئام قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، بەندىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىللاردىندۇر.
ئەگەر مەخلۇقلاردىن بىرى يەنە بىرىگە ئازراق يامانلىق قىلسا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر-بىرىگە بولغان ياخشى كۆرۈش كۆتۈرىلىدۇ ياكى سۇسلىشىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسان ئۆزىگە داۋاملىق چەكسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى، ئاسىيلىق قىلسىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغۇچى، يامانلىقنى ئەپۇ قىلغۇچى، ھەممىدىن بىھاجەت تۇرۇپ بەندىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نېمەتلەرنى ئۈزمەي ئاتا قىلغۇچى ئاللاھنى قانداقمۇ پۈتۈن جىسمى ۋە قەلبى بىلەن ياخشى كۆرمىسۇن!؟ ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىدۇ. بەندە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى، ئاللاھنى ئۇلارغا ئېھسان قىلىش ۋە نېمەت ئاتا قىلىشتىن توسۇپ قويمايدۇ.
سىز ياخشى كۆرگەن ياكى سىزنى ياخشى كۆرگەن ئىنسانلار سىزنى مەلۇم غەرەز-مەقسەت بىلەن ياكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببەت پەقەت سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈندۇر. ئىلاھى ئەسەردە: «بەندەم! ھەممىسى سىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما مەن سېنى سەن ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن» دەيدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە شۇنداق مېھرىبانلىق قىلىۋاتسا، بەندە ھېچ ھايا قىلماستىن، ئاللاھدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرۈپ، قەلبى باشقىلارنىڭ مۇھەببىتى بىلەن مەشغۇل بولسۇن؟.
كۆپىنچە ھالەتتە ئۆز-ئارا مۇئامىلە قىلىشىۋاتقان ئىنسانلار بىر-بىرىدىن مەلۇم پايدا مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىسە، ئارىسىدىكى مۇئامىلىنى ئۈزىدۇ ياكى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا پەقەت سىزنىڭ پايدا-مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ نېمە دېگەن چوڭ پايدا! بىر كوي ئون كويدىن يەتتە يۈز كويغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە زىيادە بولىدۇ، بىر يامانلىق ئۆز باراۋېرىدە بولۇپ، بەندە تەۋبە ياكى ياخشى ئەمەل قىلىشى بىلەن تىزلا ئۆچۈرۈلىدۇ.
ئاللاھ تائالا سىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قېلىش ئۈچۈن ياراتتى. دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ھەممە نەرسىنى سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ياراتتى، شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانى پۈتۈن تېرىشچانلىقىمىز بىلەن رازى قېلىشقا ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ياخشى كۆرۈش-مۇھەببەت قېلىشقا ئەڭ ھەقلىق ئەمەسمۇ؟.
پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا بەك سېخى ۋە بەك مەردتۇر. ئاللاھ بەندە بىر نەرسە سوراشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئارزۇ قىلغىنىدىنمۇ كۆپرەك نەرسە ئاتا قىلىدۇ. بەندىنىڭ ئازغىنە ياخشى ئەمىلى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا رەھمىتىنى زىيادە قىلغۇچىدۇر. كۆپلىگەن خاتالىق ۋە كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر)، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ». ئاللاھ تائالانى مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھاجەتلىرى ئالدىرىتىپ قويالمايدۇ، ئۇلارنىڭ سورىغان ھاجەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئۇنى ئاللاھ ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدۇ، بەندىنىڭ تىلەكلىرىنى توختىماي سوراشلىرى ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ قويمايدۇ، بەلكى دائىم دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن توختاۋسىز ھاجىتىنى سوراپ تۇرغان بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھاجىتىنى سورىمىغانلارغا غەزەپلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىسىدىن ھايا قىلىدۇ، ئەمما بەندە ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلمايدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمايدۇ، ئاللاھ ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ چەكسىز نېمەتلىرى ۋە خەيرى-ئېھسانلىرى بىلەن، بەندىسىگە ئىكرام قېلىپ ئۆز رازىلىقىغا چاقىرىدۇ. بەندە بۇنىڭدىن باش تارتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن بەندىنىڭ رەببىنى تونىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى نازىل قىلدى. ئاللاھ تائالا ھەركۈنى كېچىنىڭ ئۈچىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ: «كىمىكى مەندىن بىر نەرسە سورىسا، ھاجىتىنى بېرىمەن، كىمىكى مەندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا، ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن….. دەيدۇ».
ئىنسانغا چەكسىز ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغۇچى، خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلغۇچى، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى، قىيىنچىلىقلارنى ئاسان قىلغۇچى، تەلەپلەرنى ئورۇندىغۇچى دائىمى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنى، قەلبلەر قانداقمۇ ياخشى كۆرمىسۇن؟!. [كېسەل ۋە ئىلاج ناملىق ئەسەرنىڭ 534- 538 - بەتلىرىگە قارالسۇن].
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنىڭ سىرى ئىچىپ تاشلانسا ئىدى، (ئۇلار مەزكۇر نېمەتلەرنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن) بەندىلەرنىڭ قەلبى ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببەت ۋە سىغىنىش ئىلكىدە ئېرىپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن قەلبلەر ئىنسانىيلىق تەقەززاسى ئىچىدىكى سەۋەپكە ئالاقىدار بولغان دۇنيادا بولغاچقا، تاكامۇللاشقان نېمەتنى ئاشكارا كۆرۈشتىن پەردىلەنگەن. ئۇنداق بولمىغاندا، قەلب ئاللاھنى تونۇش ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ لەززىتىنى تىتىغاندىن كېيىن، باشقا بىرىگە باش ئېگىشى ياكى ئۇنىڭ غەيرىگە مۇھەببەت قىلىشى مۇمكىن بولغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردىن بولۇپ، ھەممىنى بىلگۈچى غالىپ ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر.[تەرىق ئەلھىجرەتەين 281-بەت]
ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ يوللىرىنى بايان قېلىپ مۇنداق دەيدۇ:  «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئېيتقىنكى، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ.» [سۈرە ئال-ئىمران 31-32- ئايەت].
ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ»، دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ”سىلەر ئۈچۈن، سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغاندىنمۇ ئارتۇق نەرسە ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ياخشى كۆرۈشى، سىلەرنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرگىنىڭلاردىنمۇ ياخشىراقدۇر“.
بەزى دانىشمەنلەر مۇنداق دەيدۇ: ”سېنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشۈڭدىكى مەقسەت، ئۇنى ياخشى كۆرۈشۈڭلا ئەمەس بەلكى ماھىيەتتە ياخشى كۆرۈلۈشۈڭدۇر.
ھەسەن ئەلبەسرى ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: ”بەزى كىشىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىز دەپ ئويلايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مەزكۇر قارىشىنى بۇ ئايەت بىلەن ئىمتىھان قىلدى: «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئېيتقىنكى، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ». بۇ ئايەتنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قېلىشنىڭ كاپىرلارنىڭ پرىنسىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مەزكۇر سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، گەرچە ئۇ كىشىلەر ئۆز نەپسىدە بىز ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلىمىز، ئىنسى-جىنلارنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىمىز دەپ ئويلىسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ياقتۇرمايدۇ“. [ئىبنى كەسىر 2- توم 32 بەت].
شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ”بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋاجىپلىقى، ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتى، نەتىجىسى ۋە مېۋىسىنىڭ دەلىلىدۇر. «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار» يەنى سىلەر پەزىلەتتە ئەڭ ئالى بولغان مەرتىۋىنى داۋا قىلىۋاتىسىلەر، ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئالى يۈكسەك مەرتىۋە بولمايدۇ، بۇ پەقەت ئاغزاكى دەۋا بىلەن ھاسىل بولمايدۇ، بەلكى بۇ سۆز ھەقىقى سەمىمىيەت ۋە راستچىللىق بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، ئىماندا راستچىل بولۇشنىڭ ئالامىتى، سۆز-ھەرىكەت ۋە بارلىق ئىشلاردا، دىننىڭ ئەسلى ۋە جۇزئى مەسىلىلىرىدە، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە تولۇق بويسۇنۇش، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن دەۋاسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇ بەندىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىدۇ، رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقى ئەگەشمىگەن كىشى ئاللاھ تائالانى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن بولمايدۇ. چۈنكى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشى، ئۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىنى ۋاجىپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلار تېپىلمىغان كىشىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنى، يالغاننى دەۋا قىلغانلىقىدۇر. گەرچە ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدە ياخشى كۆرۈش بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولمىغانلىقى ئۇچۈن، مەزكۇر ياخشى كۆرۈشنىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ.
بارلىق كىشىلەر يۇقىرى ئايەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، بەندىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى ۋە مۇھەببىتى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ يولىنى قانچىلىك تۇتۇشىغا بېقىپ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىدىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىتائىتىدىن قانچىكى يىراقلاشسا، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ“. [تەپسىرىي سەئدىي 128-بەت].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، بەندەمنىڭ ماڭا مەن پەرز قىلغان ئەمەل ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنى، مەن ئۈچۈن باشقا ھەرقانداق ئەمەللەر ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنىدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر. بەندەم پەرز ئەمەللەردىن سىرت، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگۈنچە قەدەر، نەپلە ئەمەللەر بىلەن ماڭا داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ، قاچانكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭغا ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن (يەنى مەزكۇر ئەزالىرىنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىمەن)، ئەگەر مەندىن نېمىنى سورىسا شۇنى بېرىمەن، ئەگەر ماڭا سېغىنىپ مەندىن پاناھلىق تەلەپ قىلسا، مەن ئۇنى ئۆز پاناھىمغا ئالىمەن.» [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 6502- ھەدىس].
بۇ ھەدىس قۇددىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدىن شۇنى چۈشۈنىمىزكى، كىمكى ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىكەن، بۇ ياخشى كۆرۈش، ئۇنى پەرز ۋە نەپلە ئەمەللەرگە ھېرىسمەن بولۇشقا ئۈندەيدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەندە رەببىگە يېقىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، بەزى ۋاقىتتا ئاللاھنى مۇكەممەل تونۇش، ئاللاھنىڭ ئالى ئىسىم، گۈزەل سۈپەتلىرىنى،كۆز قاماشتۇرىدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە پۇختا، ھېكمەت بىلەن ياراتقان مەخلۇقاتلىرى ئۇستىدە ئويلىنىش ۋە پىكىر قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ھەممىنى بىلىپ تۇرىدىغان بىلىش قۇدرىتى، ئىش-ھەرىكەتلەردىكى ھېكمىتى ۋە كامالى قۇدرىتىنى ئىسپاتلايدۇ“.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە كۆرە ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار، مېنى ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈڭلار.» [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى زەئىپ دەپ قارىغان].
سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنى تونىغان كىشى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ، ئاللاھ سۆيگۈسى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ».
ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: پەرز. بۇ ئاللاھ بۇيرىغان بارلىق پەرز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، چەكلىگەن ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش، تەقدىردە بېكىتىلگەن دەرد-ئەلەملەرگە سەبىر قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش مۇشۇ ئەمەللەرگە ئاساسەن بولمىغاندا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنى يالغاندۇر.
بەزىلەر يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دەپ دەۋا قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلمىغانلار يالغانچىلاردۇر. كىمكى چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلسا ياكى بۇيرۇلغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى تولۇق ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نەپسى ۋە ھاۋايى-ھەۋىسىنى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن يۇقىرى بىلدى. ئەگەر ئۇ كىشىدە ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت -ياخشى كۆرۈش كامىل بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلانغان بولاتتى. مەزكۇر ئىنسان قەلبىدە پەرز بولغان مۇھەببەتنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلار سادىر بولىدۇ. شەيتانى ھەۋىسىنى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۇستىگە قويۇش، بەندىنىڭ ئىمانىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان ئىمانى كامىل بولغان ھالەتتە زىنا قىلمايدۇ…».
ئىككىنچى: پەزىلەتلىك ئەمەللەر. بەندە نەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىپ، ياخشى كۆرۈلمەيدىغان-شەكلىك ئىشلاردىن ساقلىنىپ، تەقدىردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلارغا رازى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز مۇنداق دەيدۇ: ”ھەر كۈنى مەندە ئاللاھنىڭ قازايى-قەدرىگە رازى بولۇش بىلەن خۇرسەنلىك ھاسىل بولىدۇ“. ئۇ ئوغلى سالىھ ۋاپات بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرگەچكە قەبزە روھ قىلدى، مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىمگە زىت كېلىشىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن“.
تابىئىنلارنىڭ بەزىسى كېسەللىك ۋاقتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ: ”نەپسىم ماڭا ياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر، ئۇ مەندىنمۇ بەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر“. [پەتھۇلبارىي ئىبنى رەجەپ 1- توم 46-48- بەتلەرگە قارالسۇن].
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۆز مۇھەببىتىگە نائىل بولىدىغان ئەمەللەرگە مۇيەسسەر قىلسۇن.

مەنبە:قۇرئان ھەدىستىن تاللانما

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11214
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 12:57:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87139
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 02:44:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھنى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى، ساھابە كىراملارنى، مۆئىمىن بۇسۇلمانلارنى ياخشى كۆرىمەن. ( ئاتا ئانا قېرىنداشلىرىممۇ شۇلانىڭ جۈملىسىدىن)

روھى ساقلىق پاكلىقتۇر، تەن ساقلىقى ساقلىقتۇر. تەپەككۇرنىڭ سەھىرى پاكلىقتىكى ئاقلىقتۇر.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2682
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 28468
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 02:48:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      مېنىڭ ياراتقۇچۇم ئاللاھقا بولغان سېغىنىش ۋە چوقۇنۇشۇمنى قانداقتۇر ياخشى كۆرۈش دېگەن بىر ئېغىز سۆزبىلەن  ئىپادىلەپ  بېرەلمەيمەن.
      مەن ياخشىلىقنى، ياخشى ئادەملەرنى، ياخشى ئادەتلەرنى..............ئىشقىلىپ  ھېكمەت ھىدايەتتە  ياخشى دەپ قارالغان ھەممە نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىمەن.

      يەنە  تېخى    ئۇ نى !

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

سەمىمى بولۇڭ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25217
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11214
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2011-1-6
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 02:55:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. بىركۈنى بىر قېرىندىشىمىز بىزگە: ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەركەتەھۇ ۋەل مەغفىرەت“ دەپ سالام قىلغان ئىدى، ئارىمىزدىكى بىر قېرىندىشىمىز: ”ۋەبەركەتۇھۇ“ نىڭ كەينىدىكى بىدئەت، ئۇنداق سالام قىلماڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئىزدەنسەك تۈۋەندىكى ھەدىس ئۇچرىدى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، سۆزلەپ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بىر كىشى كىلىپ؛ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېدى، رەسۇلۇللاھ سالام قايتۇرۇپ: بۇ كىشىگە ئون ياخشىلىق يېزىلدى دېدى، ئۇ كىشى ئولتۇردى، ئاندىن يەنە بىر كىشى كىلىپ: ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ“ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ؛ «بۇ كىشىگە 20 ياخشىلىق يېزىلدى دېدى، ئاندىن يەنە بىر كىشى كىلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ؛ «بۇ كىشىگە 30 ياخشىلىق يېزىلدى دېدى، ئاندىن يەنە تۆتىنجى بىركىشى كىلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ ۋە مەغفىرەتۇھۇ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ؛ «بۇ كىشىگە 40 ياخشىلىق يېزىلدى، پەزىلەتلەر ئەنە شۇنداق بولىدۇ» دېدى. ئەبۇ داۋۇد توپلىغان. ساھابىلاردىن بىر ئەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۇچراشسا، مۇنداق دەپ سالام قىلسۇن، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ» تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ ئەمما يۇقۇردىكى ھەدىسنى ئاجىز، دەلىل قىلىشقا بولمايدۇ دېدى. بۇ ھەدىس راسلا ئاجىزمۇ؟ سالام قىلغاندا ”ۋەبەركەتۇھۇ“ نىڭ كەينىگە سۆز ئۇلاش بىدئەتمۇ؟

جاۋاب:



ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم



بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.



سالاملىشىشنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئىنتايىن چوڭ. ئاللاھ تائالا بىزگە سالام قىلىش قائىدىسىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەھكاملارنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئېنىق بايان قىلىپ بەرگەن.

پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر تاكى ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرمەيسىلەر، بىر -بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشمىگۈچە تولۇق ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر، سىلەرگە بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب بولىدىغان بىر ئىشنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئاراڭلاردا سالاملىشىشنى قانات يايدۇرۇڭلار!».([1])

قۇرئاندا ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن سالام قىلىش قائىدىسى: ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ ياكى ”سالامۇن ئەلەيكۇم“ دىن ئىبارەت بولۇپ ئۇنىڭغا ”ۋەرەھمەتۇللاھى“ ۋە يەنە ”ۋەبەراكاتۇھۇ“ قېتىلسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى مۇكەممەل ئاشۇ شەكلىدە، بويىنى ئاتمىش گەز ئۇزۇنلۇقتا ياراتتى. ئۇنى يارىتىپ بولۇپ ئۇنىڭغا: بېرىپ ئاشۇ پەرىشتىلەرگە سالام بەرگىن ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىگە قۇلاق سالغىن. بۇ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ قوللىنىدىغان سالامدۇر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە: ”ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم“ دېدى. پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن جاۋاب سالامىدا: ”ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھ“ دەپ ”رەھمەتۇللاھ“ دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جەننەتكە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىدە بولۇپ كىرىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر ئادەملەر ھۆسنى-چىراي ۋە قەددى-قامەت جەھەتتىن كېمىيىپ كېلىۋاتىدۇ».([2])

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بارلىق ھەدىسلەردە شۇنداق سالام قىلغان، ھەتتا قەبرىستاندىكى ئۆلۈكلەرگە سالام قىلغاندىمۇ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دارا قومىن مۇئمىنىين». دەپ سالام قىلغان.([3])

نامازدا ”ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىي ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەراكەتۇھۇ“ دېيىشنى ئۆگەتكەن.([4])

دىنىمىزدا مۇئەييەنلەشكەن ھۆكۈملەر شۇكى، ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشقاندا بىرى يەنە بىرىگە سالام بېرىشى مۇستەھەب، سالام قىلىنغان كىشى ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرۇشى ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كۆرسەتكەن: (بىر سالام بىلەن سالام قىلىنغىنىڭلاردا، ئۇنىڭدىن چىرايلىقراق سالام قايتۇرۇڭلار ياكى ئۇنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار!)([5])

بۇ ئايەتكە ئاساسەن بىر كىشى ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا: ”ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ“ ياكى ”ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى بەراكاتۇھۇ“ دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز، ”ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ“ دەپ سالام قىلسا، ئۇنىڭغا: ”ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكەتۇھۇ“ دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز، ئاللاھ تائالانىڭ: (ئۇنىڭدىن چىرايلىقراق سالام قايتۇرۇڭلار) دېگەن بۇيرۇقى شۇنداق جاۋاب قايتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، ”ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ“ دەپ سالام قىلسا، ئۇنىڭغا: يەنىلا ”ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكەتۇھۇ“ دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: (ياكى ئۇنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار!) دېگەن بۇيرۇقىنىڭ تەقەززاسىدۇر.



دىنىمىز كۆرسەتكەن سالاملىشىش ئىبارىسى يۇقىرىقىدەك بولسا، ئۇنىڭغا باشقا سۆزلەرنى قېتىپ مەسىلەن: ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ“ دېگەن سالامغا ۋەمەغفىرەتۇھۇ… دېگەندەك باشقا ئىبارىلەرنى قېتىش سۈننەتكە خىلاپ بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلگىنى ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ ياكى ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى“ ياكى ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ“ جاۋاب قايتۇرغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق جاۋاب قايتۇرۇش كەلمىگەن.

توغرا ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ”ۋەمەغفىراتۇھۇ“ دېگەن ئىبارە كەلگەن، شۇنداقلا ھەر بىر زىيادە قىلىنغان سۆزگە ئون ساۋاب زىيادە بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، لېكىن بۇ ھەدىسنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ رىۋايىتىدە: ”ۋەمەغفىراتۇھۇ“ دېگەن ئىبارە كەلمىگەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.([6])

باشقا بىر ئاجىز رىۋايەتتە ”ۋەمەغفىراتۇھۇ“ دېگەن ئىبارە كەلگەن،([7])

ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان مۇئاز ئىبنى ئەنەسنىڭ بۇ رىۋايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”بۇ ھەدىس سەھىھ ئىسپاتلانمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئۈچ ئىللەت بار: بىرى: ئۇ ئەبۇ مەرھۇم ئابدۇررەھىيم ئىبنى مەيمۇن قىلغان رىۋايەت بولۇپ، ئۇنىڭ رىۋايىتى ئېلىنمايدۇ. ئىككىنجىسى: راۋىيلىرى ئىچىدە سەھل ئىبنى مۇئازمۇ شۇنداق. ئۈچىنچىسى: راۋىيلىرى ئىچىدە سەئىيد ئىبنى ئەبى مەريەم رىۋايەت قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرمەي: مەن نافىئ ئىبنى زەيدتىن ئاڭلىدىم دەپ ئويلايمەن دېگەن.“([8])

دېمەك ”ۋەمەغفىراتۇھۇ“ دېگەن سۆزنى قېتىپ دېيىش ھەققىدىكى ھەدىس ئاجىزدۇر.

يەنە ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بەكلا ئاجىز سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ”ۋەبەراكاتۇھۇ“ غا ”ۋەمەغفىراتۇھۇ ۋەرىزۋانۇھۇ“ دېگەن ئىبارىلەرنى قېتىپ سالام قايتۇرغانلىقى كەلگەن.([9])

دېمەك سەھىھ ھەدىسلەردە ”ۋە بەراكەتۇھۇ“دىن باشقا ئىبارە كەلمىگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ساھابە كىراملارنىڭ ”ۋە بەراكەۇتھۇ“دىن ئارتۇق سۆزلەر بىلەن سالام قىلىشنى چەكلىگەن ياكى ئۇنى يامان كۆرگەنلىكى سەھىھ ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەردە ساھابىلار ھەرگىزمۇ ئۆز رايى بىلەن سۆز قىلمايدۇ.

مەسىلەن ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما“سالام ۋەبەراكەتۇھۇ بىلەن ئاياقلاشقان“ دېگەن.([10])

ئىمام مالىكنىڭ ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن ئەششەيبانى رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى مەزكۇر ھەدىسنى ئىمام مالىكتىن رىۋايەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ دەپ بولدى قىلسۇن، چۈنكى سۈننەتكە ئەگىشىش ئەۋزەلدۇر“.([11])

ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: ”رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولى سالامنى ”ۋەبەراكاتۇھۇ“ دا ئاخىرلاشتۇرۇشدۇر“ دېگەن.([12])

بۇ ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆزدۇر، چۈنكى ئاز بولسىمۇ سۈننەتكە مۇۋاپىق ئىش سۈننەتكە زىت كۆپ ئىشتىن ئەۋزەلدۇر. بىز ھەرقانچە ياخشى سۆزلەرنى توپلاپ قىلغىنىمىز بىلەن يەنىلا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن مول مەزمۇنلۇق يىغىنچاق ئىبارىلەرنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيمىز، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ھەممە ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: ”سالام بەركەتنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئەڭ مۇكەممەللىشىدۇ. چۈنكى بۇ ئۈچ سۆز يامانلىقتىن ساقلىنىش، ياخشىلىققا ئېرىشىش ۋە بۇ ياخشىلىقنىڭ مۇقىم بولىشى، كۆپ بولىشى ۋە داۋام قىلىشى قاتارلىق بارلىق تىلەكلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. ئۇنداق بولىدىكەن ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ مەنىسى يوق. بۇ سەۋەبتىن مەشھۇر ئەسەردە ”سالام بەرىكەت بىلەن ئاخىرلاشقان“ دەپ كەلگەندۇر.“([13])

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى ئۇنىڭغا: ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ“ دەپ سالام قىلغاندا ئۇ: بىزگە ئارتۇق نەرسە قويۇپ قويمىدى. ھەقىقەتەن سالام ”ۋەبەراكاتۇھۇ“غا بېرىپ ئاخىرلاشقان، دېگەن.([14])

يەھيا ئىبنى سەئىيد رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ ۋەلغادىيات ۋەررائىھات“ دەپ سالام قىلغاندا ئۇ بۇ سالام قىلىش ئۇسۇلىنى يامان كۆرگەندەك قىلىپ: ”ساڭا مىڭ بولسۇن“ دېگەن.([15])

دېمەك ھەزرىتى ئۇرۋە ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ ئارتۇق ئىبارە قېتىۋېلىشنى توغرا تاپمىغان ۋە يامان كۆرگەن.

(ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن ئى ئەھلۇل بەيت) دېگەن ئايەتمۇ سالامنى ”ۋەبەراكاتۇھۇ“ دىن ئارتۇق قىلىشنىڭ مەكروھ بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىنغان. بىرقانچە ساھابە كىراملاردىن شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان.([16])

يۇقىرىقى دەلىللەر ”ۋەبەراكەتۇھۇ“ دىن ئارتۇق ئىبارىلەرنى قېتىپ سالام قىلىش ياكى قايتۇرۇشنىڭ سۈننەتكە خىلاپ، مەكروھ ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.



ۋەللاھۇ ئەئلەم.



پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.


ئى مۇسلىمە قېرىندىشىم ئۇنۇتماڭ، سىز قەدىرلىك ئىنسانسىز، بىر نەچچە كۈنلىكلا قەدىرىڭىزنى قىلىش سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن. قاراڭكى ئىسلام بىلەن سىز مەڭگۈ ھۆرمەتلىكسىز !!ھىكمەت مۇئمىننىڭ يۈتۈرۈپ قويغان نەرسىسى مۇئمىن ئۇنى نەدىن تاپسا ئۇنىڭغا ھەقلىق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 06:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن دىگنىڭىز بەرھەق قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن قەلەم تۇلپارڭىز ھارمىغاي مەن سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمڭىزغا تەشنامەن رەخمەت

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 06:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن دىگنىڭىز بەرھەق قولڭىزغا دەت كەلمىسۇن قەلەم تۇلپارڭىز ھارمىغاي مەن سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يازمڭىزغا تەشنامەن رەخمەت

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3521
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1143 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 10:07:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hislet يوللىغان ۋاقتى  2012-12-17 02:55 PM
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. بىركۈنى بىر قېرىندىش ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مەنمۇ مۇشۇ توربەتنى زىيارەت قىلىپ باقماقچى ئىدىم لىكىن پەقەت كىرەلمىدىم. ياكى ئادرىسىنى خاتا يېزىپ بىلمىدىم بولسا ئادرىسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز.

ھەربىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.

قۇرۇق شوئار توۋل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9326
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3231 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 10:47:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدېگەن ئېسىل تېما بۇ؟    ساقلىۋالدىم... داۋاملىق ئېسىل تېمىلارنى ئايىمىغايسىز. مىسرانىمنىڭ مېھرى بارغانچە ئۇلغايدى....

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5759
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 445 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 12:35:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شۇنداق ، باشقىلارنىڭ سالمىغا جاۋاپ قايتۇرغانلىق باشقىلارنىمۇ ۋە ئۆزىمىزنىمۇ ھۆرمەتلىگەنلىك ....ئەجىرڭىزگە تەشەككۈر .

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش