مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 786|ئىنكاس: 10

ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىدە تەسەۋۋۇپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىڭلىغان قەدەمل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28282
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5245
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1235 سائەت
تىزىم: 2011-1-29
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 08:14:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدىن خۇش خەۋەر: لىكسىيە ئۆتكۈزۈلىدۇ!

لېكسىيە تېمىسى: ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىدە تەسەۋۋۇپ

لېكسىيە بەرگۈچى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، داڭلىق يازغۇچى ۋە سۇفىزم تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ھورمەتجان فىكرەت

ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى (شەنبە) سائەت 10 دا (ئۈرۈمچى ۋاقتى)

ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى

ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئورۇنلار: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى    ئۈرۈمچى ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى       شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئايدا بىر قېتىم ئاممىۋى لېكسىيە ئۆتكۈزۈش پىلانىنى يولغا قويغان بىر نەچچە ئايدىن بېرسى، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىددىن، مائارىپ شۇناس يالقۇن روزى ۋە داڭلىق كارخانىچى ۋە ئادۋۇكات مىجىت لېتىپ قاتارلىق جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە ئۇستازلار بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ تەكلىبى بىلەن  بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا مۇھىم تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەپ  كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ تەكلىبى بىلەن،  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، داڭلىق يازغۇچى ۋە سۇفىزم تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ھورمەتجان فىكرەت بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا كەڭ جامائەتچىلىككە تەسەۋۋۇپ توغرىسىدا لېكسىيە بەرمەكچى.





تەسەۋۋۇپ توغرىسىدا

      تەسەۋۋۇپ – ئىسلام دىنىدىكى بىر پەلسەپىۋى ئېقىم. ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۆز قارىشىدىن پەرىقلىندىغان يېرى شۇكى - ئۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ پەقەت بىر ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىدىن باشقا بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ  شۇ ياراتقۇچىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەپلىك مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچى ۋە يارالغۇچىدىن  ئىبارەت ئىككى تۈركۈمگە ئايرىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەشەببۇش قىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى مەۋجۇتلۇق كۆز قارىشىدا، مەۋجۇداتلارنىڭ ئىككى تۈركۈمگە بولۈندىغانلىقى، ئۇنىڭ بىرى بولسا ياراتقۇچى يەنە بىرى بولسا يارالغۇچى ئىكەنلىكى، ياراتقۇچىنىڭ پەقەتلا بىر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بارلىق سۈپەتلىرىدە ھىچ قانداق شېرىكىنىڭ يوقلۇقى،  ئۇنىڭ ئەكسىچە، يارالغۇچىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ.

گەرچە تەسەۋۋۇپ ئىسلام دىنىنىڭ مەركىزى مەۋجۇتلۇق كۆز قارىشىدىن پەرىقلەنسىمۇ، ئۇ تاسادىپىي ھالدا پەيدا بولغان ياكى سىرىتقى تەسىرلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان تۈرتكىسى بىلەن ئاندىن ئوتتۇرغا چىققان بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ مەلۇم ئىجتىمائى ۋە سىياسى ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىدە بەلگىلىك ئىدىيىۋى ئاساسى بار.

ئۇ ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا ئىسلام دىنىنىڭ باشقا ئەللەرگە تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ئىسلام دىنى تارقالغان رايۇنلارنىڭ ھەممىسىگە يېتىپ بېرىپ شۇ ئەلنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى ھاياتىغا ئىچكىرلەپ سىڭىپ كىرگەن ۋە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئەلبەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىگە ئەگىشىپ تەسەۋۋۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىدە پەيدا بولۇشقا باشلىغان ۋە بۇ خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى ھاياتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.  

بىراق، تەسەۋۋۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئارىسىدا قانداق پەيدا بولغان ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسەتكەن بۇ بىر زور بىلىم تەلەپ قىلىدىغان بىر مەسىلە. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەسىلە توغرىسىدا توغرا ۋە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن،بىز مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىس، كۆزگە كۆرۈنگەن «تەسەۋۋۇپ» تەتقىقاتچىسى، داڭلىق يازغۇچى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى  دوكتۇر ھورمەتجان فىكرەت ئەپەندىمنى ئۇشبۇ مەسىلە ئۈستىدە كەڭ جامائەتچىلىككە چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. تەسەۋۋۇپ توغرىسىدا مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلغان دوسلىرىمىزنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز.



دوكتور ھۆرمەتجان فىكرەت

       دوكتور ھۆرمەتجان فىكرەت 1968- يىلى ئاپرىلدا قاغىلىقتا تۇغۇلغان. 1986- 1991يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1991-1994-يىلغىچە ئاسپرانتلىقتا  ئوقۇپ،1994- يىلى 6- ئايدا «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي قاراشلىرى» دېگەن تېمىدا دىسسېرتاتسىيە ياقلاپ، ماگىسترلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتكە ئېلىپ قېلىنغان.

2002-2004 يىلغىچە ئۆزبېكىستاندا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ، شائىر خەراباتىينىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان يېڭى ئەسىرىنىڭ قوليازمىسىنى بايقاپ، 2003- يىلى دېكابىردا«ئۇيغۇر شائىرى خەراباتىي ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي مىراسى» دېگەن تېمىدا دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيە ياقلاپ، دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى»(2001)، «جالالىددىن رۇمىي»(2002)، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ پەلسەپىۋىي ئىدىيە تارىخىدىن ئوچېركلار»(باشقىلار بىرلىكتە، 2002)، «جوڭگو ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى»(2005)؛ «خەراباتىي ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي مىراسى»(2011) قاتارلىق كىتابلىرى؛ چاغىتاي يېزىقىدىن نەشىرگە تەييارلىغان «مەسنەۋىيى مەۋلانا خەراباتىي»(2005، تاشكەنت)، «"مەسنەۋىيى خەراباتىي"دىن» («بۇلاق»، 2007- يىل 4- سان)، ئەسەرلىرى؛ تەرجىمە قىلغان فارابىنىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى»(2007)، جالىددىن رۇمىينىڭ «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»(2007)، رىزائىددىن فەخرىددىننىڭ «تەلىم ئەدەبلىرى»(2005)، جۇرجى زەيداننىڭ «ھارۇن رەشىدنىڭ سىڭلىسى»(2000)، گاۋېن ھامبېلىنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزىسلىرى» قاتارلىق تەرجىمە كىتابلىرى نەشىر قېلىنغان. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەتبۇئاتلاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قېلىنغان.


ئۇ تەكلىپ بىلەن تۈركىيە، ئىران، ئۆزبېكىستان قاتارلىق  دۆلەتلەرگە بېرىپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتناشقان.

ھۆرمەتجان فىكرەت ئەدەبىي ئىجادىيەتتىمۇ ھازىرغا قەدەر  «ھايات سەپىرىدىكى ئەنگۇشتەر»، «غالىبلارنىڭ سىرى»، «ھىكمەت ئىزدەپ»، «تىلسىملار ئەلىمىدە»، «مەدەنىيەت تۇغقان ئىزتىرابلار»،«ئۇنتۇلماس ئۇچرىشىش»، «تارىخنىڭ شاھىدى»، «ئانا تىلنى قەدىرلەش ھەققىدە» قاتارلىق پەلسەپىۋىي ۋە ئەدەبىي ماقالىلەر؛ «خاتىرە بەتلىرىدە قالغان سىرلار»، ؛ «تاشكەنت خاتىرىلىرى»، «ئىستانبۇل تەسىراتلىرى»، «شائىرلار ئېلىگە سەپەر» قاتارلىق ھىكايە ۋە ساياھەت  خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەتلىك پەن تەتقىقات تۇرى «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا تەسەۋۋۇپ» دېگەن تېمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئىشلەپ، بۇ تۇرنىڭ ئاخىرقى تەتقىقات نەتىجىسى بولغان «ئۇيغۇر تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەتقىقاتىنى يېزىپ تۈگەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرلىرىدىن مەۋلانا جالالىددىن رۇمىينىڭ مەشھۇر ئەسىرى «مەسنەۋىي»نىڭ تەرجىمىسىگە كىرىشىپ، ئالدىنقى ئىككى تومىنى تەرجىمە قىلىپ تاماملىدى.

2012- يىلى ئۇ يوللىغان «نەۋائىينىڭ ئىشق پەلسەپىسى» ناملىق  تەتقىقات تېمىسى  دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات فوندى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ دۆلەتلىك پەن – تەتقىقات تۇرى قىلىپ بېكىتىلدى. ئۇ ھازىر مانا شۇ تېما ئۇستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.



ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9852
تۆھپە نۇمۇرى: 507
توردا: 5895 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 10:42:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ياخشى،گەرچە ئۆزۈم قاتنىشالمىسامۇ بۇنى ئاڭلاپ بەك ھايەجانلاندىم،شارائىتى بار دوستلار چۇقۇم بېرىڭلار،مەن ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام چۇقۇم باراتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86150
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 419
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 11:15:02 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
salam

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 929
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7786
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 11:19:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىش بۇلۇپتۇ ،سەنئەت كىچىلىگى ،مەشرەپ ،ناۋا ...............قاتارلىق پائالىيەتلەردىن ئەھمىيەتلىك بۇلۇپتۇ .بىزدە كەمچىل بولۇۋاتقان بىر تۈرمۇ دەل مۇشۇ . كۆپرەك مۇشۇنداق مۇھاكىمە سورۇنلىرىغا بىز ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەكلا مۇھتاج .
تىما ئىگىسىگە رەھمەت .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3688
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 11:21:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى جىق سۆزلىنىپتۇ ئەمما تورغا بىرسىمۇ چىقمىدىغۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9809
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 3860 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 11:34:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىدە بولسام قاتنىشاتتىكەنمەن . نۇتۇقى جانلىق،تېتىملىق.
  ئۇنۋېرسىتىتتىكى چاغدا ئۇخلاشقا باھانە تاپالمايدىغان دەرسلىكلەرگە كىرىدىغان.

ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9809
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 3860 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 11:34:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىدە بولسام قاتنىشاتتىكەنمەن . نۇتۇقى جانلىق،تېتىملىق.
  ئۇنۋېرسىتىتتىكى چاغدا ئۇخلاشقا باھانە تاپالمايدىغان دەرسلىكلەرگە كىرىدىغان.

ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19988
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4020 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 11:39:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياخشى بوپتۇ،بىزگە ئېنىق ئادرىسىنى دەپ بەرسىڭىز،ئارىمىزدا بىلكۈچ كۈتۈپخانىسىنى بىلىىدىغانلار كۆپ ئەمەس مېنىڭچە.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86878
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 259
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:06:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.يۇرتدىشىمىزنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ مول مېۋە بېرىشىگە تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79252
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4474
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-4-23
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:12:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىت ،ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام چوقۇم قاتنىشاتتىم
ئەمە بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ تولىمۇ خوش بولدۇم. تېا ئىگىسىگە رەھمەت.

ئۇيغۇرغا بىلىمدىن باشقا يول يوق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش