ئاددىي بىر «ماتاڭچىلىق»نى مىللەت ئۆچمەنلىك پىچىقى قىلىۋالماڭ
«ماتاڭ دولقۇنى»نى قاتلامغا بۆلۈپ ئويلىنىش
.
ئاپتۇرى: ياۋ شىنيۇڭ
(گۇاڭدۇڭ جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى، پىروفېسسورى)
تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
.
ئاپتۇردىن ئىلاۋە:
ئەھۋالنى كونترول قىلىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، مىللەتلەر سىمفونىيەلىكى ئۈچۈن مەزكۇر ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا قوشۇلىدىغان تورداشلارنىڭ ماقالىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت!
ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت
ئاپتۇر ھەققىدە:
ياۋ شىنيۇڭ، شىنجاڭدا تۇغۇلغان، ھازىر گۇاڭدۇڭ جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى–جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشتىن سىرتقى شىنجاڭ، شىزاڭ مەسىلىسى قاتارلىق جۇڭگو مىللەتلىرى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كەلگەن.
تەرجىماندىن ئىلاۋە:
مەزكۇر ماقالە ئاپتورنىڭ ئالاھىدە ھاۋالىسى بىلەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈلدى. ئاپتۇر گۇاگدۇڭ جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى، مىللەتلەر ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور بولۇپ، ئاپتۇر بۇ قېتىم ئەۋج ئالغان «تورت پارچىلاش (ماتاڭ)» ۋەقەسىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىدىن، گۇناھسىز خەلققە كۈتۈلمىگەن ئاپەت بولۇپ قېلىشىدىن ئالاھىدە ئەنسىرىگەنلىكتىن، مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاپ چىقىپ ئۆزىنىڭ سىنا بلوگىدا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ماڭا مەزكۇر ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىشنى ھاۋالە قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئالاھىدە تەرجىمە قىلىندى.
————————————————————————
چۈشتە تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىمدا، تۇيۇقسىز شىجاڭدىكى بىر دوستۇمدىن كەلگەن تېلېفون سەۋەبلىك ئويغىنىپ كەتتىم. ئۇ يېقىندا ئەۋج ئالغان «ماتاڭ» ۋەقەسىگە بولغان ئەنسىرىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈپ، بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ يەنە بىر قېتىملىق 6.26 ۋەقەسىگە تەرەققىي قىلىپ قېلىشىدىن، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدا يەنە بىر مەيدان مىللەتلەر توقۇنۇش ئاپىتى يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەنلىكىنى سۆزلەپ ئوتتى.
«ماتاڭ» دولقۇنىنىڭ يەنە بىر مەيدان تىراگىدىيە بولۇپ قېلىشىغا بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەمما پەقەت ئۈچ يىل ئالدىدا يۈز بەرگەن 6.26 شاۋگۈەن ۋاقەسى دولقۇنىنىڭ قانداق قىلىپ 2009-يىلىدىكى شىنجاڭ ئاپىتىگە ئايلانغانلىقىنى ئازراق چۈشەنگەن ئادەم، «ماتاڭ» دولقۇنىدا ھەقىقەتەن بۇ خىل خەۋپنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرىمەي قالمايدۇ. ئاددىي بىر «ماتاڭ»نىڭ مىللەتلەر ئۆچمەنلىك پىچىقى بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز ھەر مىللەت كىشىلىرى ھەممىمىز چوقۇم قاتتىق ئېھتىيات قىلىشىمىز ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك.
بۇ خىل مىللەت، تىل پەرقى بولغان دېلودا، ئاسانلا ئادەتتىكى بىر دېلونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئوخشىمىغان مىللەت توپى ئارىسىدا توقۇنۇش ئېلىپ كېلىشى، بولۇپمۇ بۇنىڭغا چېتىشلىق ئوخشىمىغان مىللەت توپى ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق ۋە تۈگۈن پەيدا قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.
بىرىنچى، ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەك. ئاپەتلىك نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ خىل ۋەقەگە يولۇققاندا، ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ئەسكەرتىشىمىز، ھەرگىزمۇ تۇغما قابىلىيەتكە تايىنىپ سۆز قىلماسلىقىمىز، بولۇپمۇ مىللەت، رايونغا مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىلار بىلەن سۆز قىلماسلىقىمىز كېرەك. مەسىلەن: ئۇيغۇر دېگەن ئۇنداق ياكى خەنزۇ دېگەن ئۇنداق، مۇسۇلمانلار دېگەن ئۇنداق ياكى خەنزۇلار دېگەن ئۇنداق دېگەندەك سۆزلەرنى قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، ۋەقە ئەھۋالىنى ئوخشىمىغان بىر قانچە قاتلامغا بۆلۈپ ئاندىن قاتلاملار بويىچە تەپەككۇر قىلىشىمىز، ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان قاتلامدىكى مەسىلىلەرنى بىر قىلىپ ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ئىشنى تېخىمۇ قاتمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشىمىز مۇمكىن.
ئۈچىنچى، مەسىلىنى كۆپرەك ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىشىمىز، ئەڭ بولمىغاندا ئالدىنقىلارنىڭ تەلىمىنى كۆپرەك ئويلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزدە تۇقۇنۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى تەلىمنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن.
كۇڭ زى مۇنداق دېگەن: باشقىلارنىڭ ساڭا ياقتۇرمايدىغان مۇئامىلىدە بولۇشىنى خالىمىغاندەك، سەنمۇ باشقىلارغا ئۇلار ياقتۇرمايدىغان مۇئامىلىدە بولماسلىقىڭ كېرەك.
مەھمۇد قەشقىرى (喀什噶) دە مۇنداق دېيىلگەن: ئۆچمەنلىك ئارىيەت ئالغان قەرزدۇر، ئۇنى ھامان قايتۇرۇش كېرەك.
تۆۋەندە مېنىڭ قاتلاملار بويىچە بۇ قېتىملىق «ماتاڭ» دولقۇنىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلىڭ.
بىرىنچى، «ماتاڭ» ۋەقەسىنىڭ ئۆزى ئادەتتىكى بىر شەھەرگە كىرگەن دېھقاننىڭ دېلوسى بولۇپ، كۆپچىلىك ھەرگىزمۇ بۇنى خالىغانچە بىر ئالاھىدە مىللەت توپى بىلەن باغلىۋالماسلىقى كېرەك.
1. بۇ ۋەقەدىكى «تورت پارچىلىغۇچى»لار، گەرچە ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال جۇڭگو پۇقراسى. يېقىنقى 20-30 يىللاردىن بىرى نەچچە مىليونلاپ شەھەرگە كىرىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتىۋاتقان دېھقانلار بىلەن خاراكتېر جەھەتتىن ھېچقانداق پەرقى يوق. شەھەرگە كىرىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بولغان دېھقانلار بەلكىم قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان پۇقرا بولۇشى؛ جىنايەت گۇماندارى بولۇشى؛ ئۆزىنىڭ ساپ قان-تەرى بەدىلىگە پۇل تېپىپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلار بولۇشى مۇمكىن؛ ياكى ناچار ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ پۇل تاپىدىغان جەمئىيەت داشقاللىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا رايون ياكى ئادەمنىڭ تەقى-تۇرقىنىڭ ئالاھىدە بولغانلىقىدىن باشقا، نېمە پەرقى بار؟ كۆپچىلىك شۇنى بىلىشى كېرەككى، ئەڭ دەسلەپكى ئىتالىيە قارا قول پارتىيەسى ئەينى ۋاقىتتا دەسلەپ شەھەرگە كىرگەن نامرات دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن.
2. يۆياڭ «ماتاڭ» ۋەقەسىنىڭ ئۆزى جۇڭگودا دائىم كۆرۈلىدىغان ئادەتتىكى ئەھۋال. شۇڭا ئادەتتىكىدەك مۇئامىلە قىلىش كېرەك.
ئورگان تەرەپنىڭ «ماتاڭ» دېلوسىنى ئېلان قىلىشى ئېنىق بولمىغان. مېنىڭ چۈشەنمىگىنىم، ”تىل ئالاقە جەھەتتىكى راۋان بولمىغانلىقتىن پەيدا بولغان چۈشىنىشمەسلىك سەۋەبلىك، ئىككى تەرەپ جىدەللىشىپ ئۆز-ئارا مۇشت كۆتۈرۈشۈپ توپنىڭ ئۇرۇشۇش ۋەقەسى“ دېيىشنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەپسىلىي مەزمۇنىدۇر. ئەگەر بىز مۇنداق پەرەز قىلساق:
بىرىنچى پەرەز: ئاۋۋال تورت ساتقۇچىنىڭ مەجبۇرى سېتىشىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇش دېسەك، ئۇ ھالدا بۇ يەنىلا ئادەتتىكى ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ھېچقانداق بىر مىللەت بىلەن ئالاقىسى يوق. مەجبۇرى سېتىش مەسىلىسى ھەققىدە سوراپ باقسام، بۇ خىل مەسىلە ھازىر جۇڭگونىڭ قەيەردە يوق؟ قايسى مىللەت ئۆزىنىڭ مىللىتىدىن بولغان كىشىلەردە بۇ خىل ئەھۋال يوق دەپ كاپالەت بېرەلەيدۇ؟ شۇڭا مەجبۇرى ساتقان دېمەسلىك كېرەك، بۇنداق دېيىش بىر قەدەر ئېغىر ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەرگىزمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئەمەس. ئەگەر ھە دېسىلا بۇ خىل ۋەقەنى ئالاھىدە مىللەت ۋە رايونغا باغلاپ تۇرىۋالساق، ئۇ ھالدا يەنە مەسىلە چىقماسلىقى مۇمكىنمۇ؟
ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، گۇاڭجۇدىكى «چانىغۇچىلار» بىر مەزگىل ئەۋج ئېلىپ، كىشىلەرنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. سومكا ئاسقانلار مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، ھەممىسى سىرتقا چىققاندا زادى سومىكىنى قانداق ئېسىشنى بىلمەيدۇ. ئەگەر بەك چىڭ ئاسمىسا، بىردەمدە بۇلاپ قېچىلسا، ئەگەر بەك چىڭ ئېسىۋالسا ياكى قولىدا چىڭ تۇتىۋالسا، سومكىسىدا پالتا-پىچاق بار، ئۇ چوقۇم چانايدۇ دېسىلە، ھەتتا پېيى كېسىپ تاشلانسا… بۇ «چانىغۇچىلار» ئاساسلىقى گۇاڭشىنىڭ تىيەندېڭ ناھىيەسىنىڭ ساڭياڭ يېزىسىنىڭ ۋېنجىياڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئىدى. ئەجىبا بىز دېھقانلارنىڭ ھەممىسىنى ساراڭلارچە بولاپ-تالىغۇچىلار دەمدۇق؟ گۇاڭشىلىقلار قورقۇنچلۇق چانىغۇچىلارمۇ؟ ئەجىبا تىيەندېڭ ياكى ۋېنجىياڭلىقلارنىڭ ھەممىسى رەزىل چانىغۇچىلارمۇ؟
ئىككىنچى پەرەز: تىل ئالاقىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىك سەۋەبلىك ئۇرۇشۇشنىڭ كونكىرت جەريانىنى ئەلۋەتتە تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئەمما بۇنداق ئەھۋالمۇ ھەرگىز ئاز ئەمەس. شۇنداقلا مىللەت بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشى يوق.
ئۈچىنچى پەرەز: يۆياڭ ساقچىلىرىنىڭ بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىشىدا ھەقىقەتەن خاتالىق بار. ھەتتا يەنىلا يان بېسىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىل ئىشلار تېخىمۇ كۆپ. مەيلى قايسى مىللەتكە يان باسمىسۇن، ھەممىسى مەقسەتلىك ھالدا مىللەت ئايرىمىچىلىقى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا ھەرگىزمۇ مەسىلىنى ئاۋۋال مىللەت تىراگىدىيەسى جەھەتتىن ئانالىز قىلماسلىق كېرەك. ئەلۋەتتە، جۇڭگودا ھەقىقەتەنمۇ ئاز بولمىغان قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار مىللەتلەر ماجراسى كېلىپ چىقىشتىن ئەنسىرەپ، بۇ خىل توقۇنۇش دېلولىرىنى ئادىللىقتىن چەتنىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ئەمما ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلىرى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى مەسىلىسى، ھەرگىزمۇ قايسى مىللەتنىڭ ياخشى-يامانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
تۆتىنچى پەرەز: يۆياڭ «ماتاڭ» دېلوسى تورت كېسىپ ساتقۇچىنىڭ مەجبۇرىلاپ سېتىشىدىن كېلىپ چىققان. (توردا مۇناسىۋەتلىك ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋىدىيو:
http://tieba.baidu.com/p/2026220564)، شۇڭا، بۇ پەقەت بىر نەچچە ئادەمنىڭ ئىشى. بۇ بىر قانچە ئادەم تەۋە بولغان توپ، مىللەت بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. شۇنداق بولغان ئىكەن، 1000 نەپەر تورت پارچىلاپ مەجبۇرى ساتقۇچىلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئەمما بىز يەنىلا 1001-تورت پارچىلاپ ساتقۇچىنىمۇ شۇنداق دېمەسلىكىمىز، ھەتتا بارلىق شىنجاڭلىقلار ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق دېمەسلىكىمىز كېرەك.
3. «ماتاڭ» دولقۇنى قىزىق نۇقتا بولۇپ قېلىشىمۇ ئادەتتىكى بىر دائىم كۆرۈلىدىغان ئىش. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىنتېرنىت تورىدا، دائىم مەلۇم بىر ۋەقەنى چۆرىدەپ ئۇنى قىزىق نۇقتىغا كۆتۈرىدىغان، ئۇنى زىيادە كۆپتۈرىۋېتىدىغان ئىشلار دائىم بارغۇ؟ توردا نامسىز پىكىر بايان قىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكى، پىكىر بايان قىلغۇچىنىڭ چوڭ سۆزلەش، قەبىھ سۆزلەرنى قىلىش، پاسكىنا سۆزلەرنى قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلىماقچى بولغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئاشۇ خىل بىر تەرەپلىمە پىكىر بايان قىلغۇچىلار ياكى ئاشۇرما (مەسىلىنى زىيادە كۆپتۈرۈپ پىكىر بايان قىلغۇچىلار) پىكىر بايان قىلغۇچىلار ھەرگىزمۇ پۈتكۈل تور ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ھېچقانداق مىللەتكىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ھەتتا ھەرگىزمۇ پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىگە ۋەكىل قىلالمايدۇ.
بۇ قېتىملىق «ماتاڭ»نى ئېلىپ ئېيتقساق، توردا پىكىر بايان قىلغۇچىلاردىن ئاز بولمىغانلىرى ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپتۇ. خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى كۆپ بولغاچقا، كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرى خەنزۇ تورداشلاردۇر. ئەمما پىكىر بايان قىلغۇچى كۆپ ساندىكى خەنزۇ تورداشلار، يەنىلا ئىدراكلىق پىكىر قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ خەنزۇلارنى تىللىغانلارمۇ بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، پىكىر قاتناشتۇرغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى تۇغما قابىلىيەت بويىچە، ئۆز مىللىتىنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپلا خەنزۇلاردىن قاتتىق ئاغرىنىپ پىكىر بايان قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئوخشاشلا تۇرسۇنجاندەك بۇنداق ئەقىلىي تەپەككۇر قىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسىمۇ بار. مېنىڭ مىكرو بلوگ چەمبىرىدە كۆزىتىشىمچە، بۇ ئىشنى مۇلاھىزە قىلغۇچىلار، مېنىڭ 10 نەچچە سائەت ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك كۆز قارىشىمنى يوللاشتىن ئىلگىرى، كۆپچىلىك ئانچە مۇلاھىزە قىلمىغان، ھەتتا خەنزۇ، ئۇيغۇر نامىدا ئۆز-ئارا زەربە بېرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مېنىڭچە مېنىڭ مىكرو بلوگ چەمبىرىم ئىچىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭلىقلار ياكى جۇڭگونىڭ مىللىي مەسىلىسىنى نىسبەتەن چۈشىنىدىغانلاردۇر. كۆپچىلىك بەلكىم تۇغما قابىلىيەتكە ئاساسەن ئەگەر داۋاملىق جىدەللەشسە شىنجاڭغا بىرەر ئاپەت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى بىلگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا خەنزۇ تورداشلار توردىكى ئاشۇ «ماتاڭ»تەك مەجبۇرى سېتىش ھەققىدىكى ۋىدىيولارنى كۆرۈپ چەكتىن ئاشقان ھالدا ئۇيغۇرلارغا زەربە بەرگىنى يوق، ئادەتتىكى بەزىبىر ئادەتتىكىدەك كەسكىن پىكىر بايان قىلىۋاتقان خەنزۇلارمۇ بۇنداق قىلغىنى يوق. ھەمدە ئومۇمەن ئۇيغۇر تورداشلارمۇ توردىكى ئەپ-قاشتى گەپلەرگە ئاساسەن ئاشۇ «تورت پارچىلىغۇچىلار»نى ئاقلاپ كەتكىنىمۇ يوق.
بىزنىڭ ئۇ چەمبىرىمىزدە ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە پەقەتلا «ماتاڭ» ھەققىدە بىر قىسىم پارچە-پۇرات گەپلەرلا بار ئىدى. شۇڭا مېنىڭ بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىدىن كېچىكىپ خەۋەردار بولۇشۇمغا سەۋەبچى بولۇپتۇ. شۇڭا، خەنزۇلار ئاۋۋال ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان ياكى ئۇيغۇرلار ئەسكى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېلىم-سېتىم قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن… دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپلىمىلىكنى پۈتۈنلۈك دەپ قاراشتۇر.
ئىككىنچى، «ماتاڭ» ۋەقەسىنىڭ ئۆزى بىر ئادەتتىكى جۇڭگو دېھقانلىرىنىڭ ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماي، بۇ ۋەقەنىڭ ئارقىسىدا مۇرەككەپ ئىقتىساد، سىياسىي ئامىللار بار. شۇڭا بىز ھەرگىزمۇ ئالدىراپ بۇ ئىشنى مىللەت بىلەن چېتىۋالماسلىقىمىز كېرەك.
«ماتاڭ» دولقۇنى ئەۋجگە چىققاندىن كېيىن، مەن (ئاساسلىقى ”ئۇيغۇر توردا“ دىكى) ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇلار ئاساسلىقى: «تورت پارچىلىغۇچى»لارنىڭ يەرلىرى مەجبۇرى سېتىۋېتىلدى؛ ئۇلارنىڭ زېمىدىكى نېفىت، تەبئىي گاز ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەقسىز توشۇپ كېتىلدى؛ بالىلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىزمەت ئىزدەپ بارسا، خىزمەت ئورنىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئالمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان؛ ئەسلىدىنلا ئىللىق ئائىلىسىدىن ئايرىلىشنى خالىمايدىغان، ئوماق بالىلار ۋە بىچارە ئانىلار، بىر ياشاش يولىنى تېپىش ئۈچۈن يۇرتىدىن 3000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شەھەرگە بېرىشقا مەجبۇرى بولغان… ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، «كىممۇ ئىچكىرىگە بارغاندىن كېيىن، بۇ يولدىكى بىچارە ئۇيغۇرلارنى بىلسۇن؟» دېگەنلەردىن ئىبارەت.
1. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش، بىزنىڭ يۇقىرىدىكى پەرەزلىرىمىز بىلەن تامامەن بىردەك بولسىمۇ، دولقۇن ئەۋجكە چىقىۋاتقان كەسكىن ۋاقىتتا بۇنداق ئېيتىلىشى تازا مۇۋاپىق ئەمەس. بەلكىم توردىكىدەك زەربە بېرىش، ئۇيغۇرلارنى مازاق قىلىشتەك پىكىرلەر بولسۇن، ئوخشاشلا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ يەنە بىر قاتلامدىكى مەسىلە بولۇپ، دېيىشكە بولمايدۇ ئەمەس، ھەم دېمەسلىك كېرەكمۇ ئەمەس، بەلكى قاتلامغا بۆلۈپ سۆزلەش كېرەك. مەسىلەن: يازمىمىزنىڭ ئالدىدا گۇاڭجۇدا يۈز بەرگەن ئاشۇ قەبىھ قىلمىشقا ئوخشاش، تىيەندېڭ ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىچىدىكى ئا شىڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىرى ناھايىتى بىچارە دېھقان. ئەمما ئۇ مەيلى قانچىلىك بىچارە بولۇپ كەتسۇن، قانچىلىك نامرات، يوقسۇل بولۇپ كەتسۇن، شەھەرلىكلەرگە مەيلى قانداق قارىشى بولسۇن، پىچاق بىلەن قالايمىقان چاناش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇلاڭچىلىق قىلىشى، ئەڭ ئاۋۋال جىنايەتتۇر. شۇڭا ئاۋۋال ئۇنىڭ جىنايەت مەسىلىسىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ئاندىن بىز ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشىنىڭ كەينىدە كۈچلۈك بىر جەمئىيەتنىڭ ئادىل بولماسلىقىدەك سەۋەب (مەسىلەن: نوپۇس تۈزۈمى، شەھەر-يېزا پەرقى، چېرىكلىك دېگەندەك) نىڭ بارلىقىنى تەپەككۇر قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئادىل بولغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.
شۇڭا، شىنجاڭلىق ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن، «ماتاڭ» دېلوسىدا ئاۋۋال راستىنلا ئومۇملاشقان مەجبۇرى سېتىش ئەھۋالى بارمۇ يوق ياخشى ئويلىنىشىمىز كېرەك. ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، ئۇ ھالدا، ئەگەر بىز مىللەت ياكى رايون نۇقتىسىدىن چىقىپ تەپەككۇر قىلساق، ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقى ھەققىدە ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەكمۇ قانداق؟ ئاۋۋال بىر قىسىم بىرنىڭ كاساپىتىگە مىڭى كېتىدىغان قىلمىشلار شىنجاڭلىقلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئابرويىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كەلدى؟ باشقا قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئابرويىغا قانداق يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىرىگە كېلىپ تىرمىشىشى ھەرگىز ئاسان ئەمەسلىكىنى ياخشىراق تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاندىن بۇ ۋەقەنىڭ كەينىدە قانداق تۈزۈلمە ۋە باشقا جەھەتتىكى سەۋەب بارلىقىنى تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانماي، ئاۋۋال مىللەت تىراگېدىيەسىنى ئەۋجگە چىقارساق، ئۇ ھالدا ئاشۇ ئەسلىدىنلا بىر تەرەپلىمە قاراشقا ئىگە خەنزۇ تورداشلارغا پۈتكۈل شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا سەۋەب يارىتىپ بېرەمدۇق قانداق؟ ئەگەر ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقى ھەققىدە ئويلانساق، ئاندىن مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە قىلساق، ئۇ ھالدا ھە دېسىلا زەربە بەرگۈچىلەرنىڭ بۇ خىل بىر تەرەپلىمە خاراكتېرى مانا مەن دەپلا ئاشكارىلانمامدۇ؟ زۆرۈرىيەت بولغاندا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
2. يەنە پەرەز قىلساق، ئەگەر بىز ”ئۇيغۇر توردا“ دىكى ئاشۇ تىراگېدىيەلىك دېيىلمىلەرنىڭ ھەممىسى راست بولسا، ئۇ ھالدا بۇنىڭمۇ مىللەت ياكى مىللەت توپى بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى يوق، ھەم ھەرگىزمۇ بۇ ئۇيغۇرلاردىلا مەۋجۇت ئەھۋال ئەمەس. بەلكى ئاشۇ نامرات جۇڭگو پۇقرالىرىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان مەسىلىلەر. بۇ خىل ئەھۋال بەلكىم خېنەن دېھقانلىرىدا يۈز بېرىشى، شەندۇڭ دېھقانلىرىدا يۈز بېرىشى ۋەياكى لىياڭشەن دېھقانلىرىدا يۈز بېرىشى، ئەلۋەتتە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىدا يۈز بېرىشىمۇ مۇمكىن. ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولۇشى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىق بولمايدۇ.
3. بەلكىم جۇڭگودىكى دېھقانلارنىڭ بىچارە، ئېچىنىشلىق كەچمىشى شەھەرلىكلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى بىلەن ۋاسىتىلىق باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھەرگىزمۇ شەھەرلىكلەر بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭا ئا شىڭلار، ھەرگىزمۇ ئۆچمەنلىك پىچىقىنى ئادەتتىكى شەھەر خەلقىگە قاراتماسلىقى كېرەك. ئەگەر بۇنداق بولىدىغان بولسا، جۇڭگو بۇرۇنلا شەھەرلىكلەر ۋە يېزىلىقلار ياكى گۇاڭدۇڭلۇقلار ۋە گۇاڭشىلىقلار جەڭ ھالىتىگە كىرىپ قالغان بولاتتى. ئوخشاشلا، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتلىشىشى ئادەتتىكى خەنزۇلار بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ۋاسىتىلىق مۇناسىۋەتلىك. ئەمما ھەرگىزمۇ بىۋاسىتە ئەمەس. شۇڭا ئاشۇ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر دېھقانلار، بۇنى باھەنە قىلىپ ئىچكىرىدىكى ئادەتتىكى خەنزۇلار ياكى باشقا مىللەت توپىغا مەجبۇرىلاپ (ماتاڭ) ساتماسلىقى، ئاشۇ نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرمۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە قارىتا زىيانكەشلىك قىلىشىنى ئەقىلگە، قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرىۋالماسلىقى كېرەك. ئوخشاشلا خەنزۇلارنىڭمۇ بەزىبىر مەجبۇرى ساتقۇچىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبلىكلا بارلىق ماتاڭ ساتقۇچى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەسكىگە چىقىرىشقا ئاساسى يوق. ھەتتا ھەرگىزمۇ بارلىق شىنجاڭلىق ياكى ئۇيغۇرلارنى بىراقلا ئەسكى ياكى ياۋايى قاتارغا چىقىرىشقا ئاساسى يوق.
ئۈچىنچى، «ماتاڭ» ۋەقەسىنىڭ ئۆزى مەلۇم دەرىجىدە مىللەت توپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بىز ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن مىللەت توپى ياكى مىللەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ زىيادە ھاياجانلىق پىكىر بايان قىلماسلىقىمىز كېرەك.
1. بىر ئاددىي دېلو چوڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر-خەنزۇ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك مۇلاھىزىسىنى قوزغىدى. بۇ ئۇيغۇر-خەنزۇ ئىككى مىللەتنىڭ ھېسسىياتىدا ئاز بولمىغان مەسىلىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا بىز ئاۋۋال ئۆز مىللىتىمىز نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز، ئاندىن تەدرىجىي ھالدا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە ساقلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشىمىز كېرەك.
2. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر-خەنزۇ، ھەتتا خەنزۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا بىر قىسىم ناچار بولغان قاراشلا مەۋجۇت بولىدۇ؟ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى يېتەرلىك ئەمەس، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ مەيلى قايسى مىللەت كىشىلىرى بولسۇن، ھەممىسى تەبئىيلا ئاسانلا باشقىلارنى ئەيىپلەپ، توقۇنۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ-دە، ئاسانلا تەبئىيلا قارىشى تەرەپكە كەمسىتىش پۇزىتسىيەسىدە بولىدۇ. شۇڭا تويۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلار كۆرۈلگەندە، چوقۇم ئاڭلىق ھالدا ئۆزىمىزنى كونترول قىلىشىمىز، ئاۋۋال باشقا جەھەتلەردىن كۆپرەك ئويلىنىپ، ئاندىن ساقلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشىمىز كېرەك.
3. ئاز بولمىغان بىر قىسىم ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھەقىقەتەنمۇ مىللەتلەر ماجراسىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت، بولۇپمۇ مەسىلە ئۇيغۇر ياكى تېبەتكە چېتىشلىق بولغاندا شۇنداق بولىدۇ. ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىمۇ ھەقىقەتەن ”ئىككىدە ئاز بولۇش بىر كەڭچىلىك قىلىش①“ بولۇشتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئەمما بۇ بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ مەسىلىسى، شۇڭا بۇ جەھەتتە بىرەر مىللەتتىن ئاغرىنىشىڭىز توغرا ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن، يالغۇز خەنزۇلارغىلا ئادىل بولماي قالماستىن، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ ئەكىس تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىشنىڭ نەتىجىسىدىن كەڭ ئۇيغۇرلار ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر مەنپەئەتلەنمەستىن، بەلكى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ يۇچۇقتىن پايدىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە يامان ئاتاق پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ھەتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قالىدۇ.
4. كۆڭلىدە ئادىلسىزلىق ھېس قىلىۋاتقان خەنزۇلار پەقەت ”ئىككىدە ئاز بولۇش بىردە كەڭچىلىك قىلىش“، ”ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا نومۇر قوشۇش“، ”پىلانلىق تۇغۇت“ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېتىۋار سىياسەتلىرىگىلا قارىۋالماي، دۆلەتنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرىگىمۇ نەزىرىڭىزنى سېلىپ قويۇڭ. دىققەت قىلسىڭىز ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن پەقەت خەنزۇ تىلىدىلا تەشۋىق قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى مەدەنىيەت ئۆرپ ئادەتلىرى ۋە ئاتالمىش زامانىۋىلاشتۇرۇش ياكى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتى قاتارلىقلاردىكى پەرقىنىڭ نىسبەتەن چوڭ بولۇشى قوشۇلۇپ، ئۇلار دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانىدا، بىۋاسىتە ياكى يۇشۇرۇن خاراكتېرلىق زەربىگە ئۇچرىشى ئۇلار ئېرىشكەن ئېتىۋار سىياسەتلەردىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇڭجۇ قاتارلىق رايونلاردىكى شەھەرلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ؛ دۆلەتنىڭ نوپۇس سىياسىتىگە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى خالىمايدۇ؛ شەھەرگە كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلغان دېھقان ئىشچىلارنى ئوخشاش بولغان خەلق تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىشنى خالىمايدۇ؛ دېھقان بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى بىلەن مائارىپ بايلىقىنى تالىشىشىنى خالىمايدۇ ئەمما ئۇلار دېھقان ئىشلەمچىلەر بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق بولغان ئەرزان ئەمگەك كۈچى مۇلازىمىتى ياكى مەھسۇلاتتىن بەھرىمەن بولۇشنى تولىمۇ خالايدۇ. ھەتتا شەھەر-يېزىلارنىڭ پەرقى سەۋەبلىك ئېرىشكەن نۇرغۇن پايدىلىقلاردىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى سورىمايدۇ.
ئوخشاشلا، تەرەققىي تاپقان دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەردىكى شەھەر خەلقى سىز دائىم شىنجاڭلىقلار ياكى چېگرادىكى ئارقىدا قالغانلارغا دۆلەت ئۇنچىلىك، مۇنچىلىك ياردەم بېرىدۇ دېگەننى ئويلىغىنىڭىزدا، ئېسىڭىزدە بولسۇن، شىنجاڭ ياكى چېگرا رايوندىكى بايلىقلار، ساپ ھاۋا، سۇ مەنبەسى، ھەتتا ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلارنىڭ سىزلەرگە ئېلىپ كەلگەن شەكىللىك، شەكىلسىز تۆھپىسىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇلار بۇنداق تۆھپە قوشۇشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما دۆلەتنىڭ سىياسىتى، مەبلىغىنىڭ يۈرۈشتۈرلۈشى ئۇلارنى ئامالسىز ئاشۇنداق تۆھپە قوشۇشقا مەجبۇرىلايدۇ.
يەنە ئوخشاشلا، ئۇيغۇرلارمۇ خەنزۇلار ئۇنداق، مۇنداق دەپ ئاغرىنغان ۋاقىتتا، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىچىكىرىدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنى ئويلاپ بېقىڭ، بەلكىم ئۇلار سىزلەردىنمۇ بەكرەك ئادىلسىزلىققا ئۇچرىشى، سىزلەردىن ئاز ئېتىۋار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشى، ھەمدە سىزلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەتتا ھېچقانداق ئېتىۋار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولالماسلىقى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇسا نومۇر قوشۇلمايدۇ، ئۇلار ئىككى پەرزەنت كۆرسە جەرىمانىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، ھەتتا جەرىمانىدىن تېخىمۇ ئېغىر بولغان زىيانغا ئۇچىرىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنىڭ مەجبۇرى ئېلىۋېلىنىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئېيتساق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكىدىن بالدۇر باشلانغان ھەم ئومۇملىشىپ كەتكەن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئەگەر مەسىلىنىڭ نىگىزىنى تاپىمىز دەيدىكەنمىز، باشقىلاردىن ئىزدەپلا قالماي، بەلكى ئۆزىمىزدىنمۇ ئىزدىشىمىز، ھەتتا سىياسەت، تۈزۈلمە جەھەتتىن ئىزدىشىمىز كېرەك. كۆپچىلىك كۆپرەك ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشى، كۆپرەك ھالدا دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىشىغا ياردەمدە بولۇشى، ھوقۇقنىڭ تېخىمۇ دېموكراتلىشىشى، ئادىللىشىشى، ئەركىنلىشىشىنىڭ ھەر بىر ئادەمگىچە، ھەر بىر مىللەت، ھەر بىر رايونغىچە ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
تۆتىنچى، يۆياڭ «ماتاڭ» ۋەقەسىنىڭ توردا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىشىدا، ھەقىقەتەنمۇ يۆياڭ ساقچىلىرىنىڭ ئىش بىرىجىشىدە مەسىلە بارلىقى، ئۇچۇرنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
مەن يۆياڭ ساقچى تەرەپنىڭ دەرھال دېلونىڭ پۈتكۈل جەريانىنى تەپسىلىي ئاشكارە قىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن. ئەگەر سىلەر دېلونى نورمال بىر تەرەپ قىلمىغان بولساڭلار، نامۇۋاپىق ھالدا مىللەت ئامىلىنى كۆزدە تۇتقان بولساڭلارمۇ دەرھال خاتالىقىڭلارنى تونۇشۇڭلار، خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىشىڭلار كېرەك.
بىز ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە سوئالنى سوراپ باقىمىز:
1. دېلونىڭ يۈز بېرىشى زادى ئادەتتىكى ئالاقىدىكى چۈشىنىشمەسلىكمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟
2. توقۇنۇش قانداق قىلىپ ئېغىزاكى جىدەللىشىشتىن مۇشتلىشىشقا قاراپ تەرەققى قىلغان؟
3. توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوخشاش چوڭمۇ ياكى ئالدى-كېيىنلىك تەرتىپى، ئېغىر-يېنىكلىك دەرىجىسى بارمۇ؟
4. نېمە ئۈچۈن لېڭ فامىلىك يەنىلا قاماپ قويۇلۇپ باشقا بىر نەچچە شىنجاڭلىقلار قايتۇرۇۋېتىلىشتەك (يۇرتىغا) غەلىتە ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ؟ لېڭ فامىلىك نېمە ئۈچۈن داۋاملىق قاماپ قويۇلىدۇ، بىراق شىنجاڭلىقلار نېمە سەۋەبتىن قايتۇرۇۋېتىلىدۇ (يۇرتىغا)؟
5. نېمە ئۈچۈن ئاتالمىش «ھېسابسىز باھالىق ماتاڭ» تۆلىمى كۆرۈلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن تۆلەمنى ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس، نېمىگە ئاساسەن بۇنداق ئاساسسىز تۆلەم تۆلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟
ئەڭ ئاخىرىدا بىر نوقتىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن: بارلىق ھېسسىياتچان (كەسكىن) پىكىر بايان قىلغۇچى شىنجاڭلىق بولمىغان تورداشلار داۋاملىق ھاياجانلىنىشتىن توختاڭلار، شىنجاڭ ئەمدى ھەقىقەتەن بۇنداق زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شىنجاڭلىق تورداشلار، شىنجاڭنى سۆيىدىغان تورداشلار، ھېچ بولمىغاندا ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ، قەلىپداش بولۇپ، يۈز بېرىش ئېتىماللىقى بولغان ھەر قانداق تىراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالايلى.
مېڭىسى پارتلاپ كېتەي دەپ قالغان ياۋ شىنيۇڭ ئەمدى ئۇخلىسۇن!
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 0:52 دە يېزىلدى.
سائەت 1:20 دە قايتا تۈزىتىلدى.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 13:57 (بېيجىڭ ۋاقتى) دا تەرجىمىسى تاماملاندى
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 20:22 (بېيجىڭ ۋاقتى)دا قايتا كۆرۈپ چىقىلدى
① جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1984-يىلىدىكى 5-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە: «ئاز سانلىق مىللەت جىنايەتچىلىرىگە قارىتا ”ئاز تۇتۇش، ئاز ئۆلتۈرۈش“ تە چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلىشتا كەڭچىلىك قىلىش كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن.
————————————–
ئەسلى (خەنزۇچە) يازما مەنبەسى:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102e6bx.html
ئاخىرىدا تەرجىمانغا كۆپ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن ...
مەن ھازىر شىنجىندا تۇرىۋاتقىلى ئىككى ئايدىن ئىشىپ قالغان ،يىقىننىڭياغى بۇ خەنزۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ قىشىغا بارسام ماتاڭ توغرۇلۇق سۆزلەپ كەتتى ،تېخى سىلەرنىڭ شىنجاڭدىمۇ بىر گىرامىنى بەش كويدىن ئىلىپ يەمسىلە ؟ دەپ سوراپ كەتكەنتى مەنمۇ ئىنىق ئەھۋالنى ئۇقمىغاندىكىن ياق بىز گىراملاپ يىمەيمىز كىلولاپ يەيمىز دەپ چاقچاق قىلىپ تۈگىتىۋىتىپتىمەن ، كىيىن يىقىنراق بىرسىنىڭ بولغان ئىشلارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۇقتۇم ...
دىمىسىمۇ مۇشۇ ئىچكىرىدە ماتاڭ سىتىۋاتقانلارنى كۆرسەم تۇرۇپ بۇلارنى كۆزىتىپ قالاتتىم ، چۈنكى بۇلاردىن ماتاڭ سىتىۋالغان خىرىدارنىڭ پۇل تۆلىگەن ھالىتى ئىنتايىن سوغۇق .... خۇددى توك سوقىۋەتكەندەكلا بولۇپ قالاتتى ...ھىچقانداق بىر كىشىنىڭ ماتاڭ سىتىۋالغاندىن كىيىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئەكەتكىنىنى ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ بىر چىشلەپ باققىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم ...
ئىچىمدە ئۇلارغا قاراپ ۋاي بىچچارە ئەمدى ئىككىنجى ئالماسسەن - ھە ؟ دەپ قالاتتىم ...
بۇ خەنلەرغۇ مەيلى ...ھەر ساقاللىق ئەرەپلەر، پاكىستان،ئۆزبەكلەر...مۇ سىتىۋالسا مۇشۇنداق ئەھۋالدا بولۇپ قالغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بىر قىسما بولۇپ قالاتتىم ...چۈنكى خەنلەر سىتىۋالسا مۇشۇ گەپلەر دۆلەتنىڭ ئىچىدىلا قالىدۇ ، لىكىن چەتئەللىكلەر سىتىۋالسا ئەمدى ئۇيغۇرلارغا يىڭىدىن قويمىچى دىگەن قالپاق كەيدۈرىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
شۇڭا تورداشلارنىڭ مىللەت ، دۆلەت ، دىن توغرۇلۇق سۆزلىمەي پەقەت مۇشۇ ئۆزىمىز توغرۇلۇق قايتىدىن بىر سوغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ...
مەسىلەن ئىچكىرىدىكى قىرىنداشلىرىمىز يۈرۈش - تۇرۇش ، كىيىم -كىچەككە ئالاھىدە دىققەت قىلساق...
سودا - سىتىقتا ئادىل - قىزغىن بولساق...دىگەندەك ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uysoda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-17 02:15 AM