شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
بۇ يىل سىنتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزغا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى 40 مىڭ 110 بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز ئاغرىقى 8600 ئىكەن، 5929ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان. مۆلچەرىنىشىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.ئىلى، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق رايۇن-ۋىلايەتلەردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق يۇرتلاردا پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار ئاھالىسىنىڭ %80دىن كۆپى ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەيدىزنىڭ يۇرت ھەم مىللەت پەرقى بويىچە تارقىلىش ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كىلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋېلىشقابولىدۇ. شۇنداقلا، تۆۋەندىكى سېلىشتۇرما مەلۇماتتىن قارىغاندىمۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشى ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، ئويلانماي تۇرالمايمىز.
ئەيدىزنىڭ بۇنداق تارقىلىشىدا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە جەمىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى نامايەن بولىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ شىنجاڭدا بىللە ياشاۋاتقان باشقا نوپۇسى كۆپرەك مىللەتلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىۋاتىدۇ.
ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئادەملەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھۇشيارلىق ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلەك بولغاچقا، شۇنداقلا ئادەملەر مەلۇم مىللەت مەدەنىيەت-جەمىيەت ئاڭ-مۇھىتىدا ئۆسۈپ يىتىلىدىغان ھەم ياشايدىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت مىجەز-خارەكتېرى تامغىسى ۋە تەرەققىيات ساپاسى پەرقى بويىچە ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرۈشى كىلىپ چىققان دېمەي تۇرالمايمىز.
دېمىسىمۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىرىق ۋە كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى سىرتقى كۆرۈنۈش پەرقىدىن باشقا، ئىدىيە-قىممەت ئېڭى، ئەقىدە-ئېتىقادى، تىل-يېزىقى، مىللى مەدەنىيەت ئۆرۈپ-ئادىتى، مىجەز-خارەكتېرى، ئەر-ئاياللىق تۇنۇشى ھەم نىكاھ قارىشى، تۇرمۇش ئادىتى-چۈشەنچىسى، جاھاندارچىلىق ئۇسۇلى، بالىلارنى تەربىيىلەش ھەم مائارىپقا تۇتقان پۇزىتسىيەسى، ساغلاملىق ئېڭى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردىن بىر-بىرسىدىن پەرقلەنمەي قالمايدۇ. يەنى ئادەملەر مۇشۇنداق ئوخشىماسلىق بىلەن مىللى خاسلىققا، مىللەت پەرقىگە ئىگە بولغان. مىللەت پەرىقلەنگەن يەردە ئادەملەرمۇ پەرىقلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
شۇنداقلا، دۇنيادىكى دۆلەتلەر، مىللەتلەر ھەم مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا، قاتناش، سودا-ئىقتىساد، سەنئەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تەسىرى-ئۆتۈشىشى بۈگۈنكىدەك بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقان زاماندا، ئۆز مەدەنىيەت-جەمىيەت مۇھىتىنى گۈللەندۈرۈشتە تەلىم-تەربىيە، تەشۋىقات، تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەرلىك كۈچ چىقىرىپ بولالمايۋاتقانلارنىڭ سەلبى مەسىلىلىرى كۆپۈيۈپ كىتىدۇ.
ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئالاھىدە پەرىقلىق ھالەتتە زەھەر سېتىشى ھەم زەھەر چېكىپ يۈرۈشلىرى، كىچىك بالىلارنى ئالداپ-ئوغۇرلاپ ئىچكىرىگە ئاپىرىپ مەجبۇرى ئوغۇرلىققا سېلىپ كەسپى ئوغۇرلۇق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى، چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرى مىللەتداش ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاستىلەر بىلەن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ پاھىشەخانىلارغا سېتىۋېتىلىشى، يېقىندا يۈز بەرگەن ياڭاق سوقمىسى(ماتاڭ)نى زورلاپ ساتتى دېگەن قالپاققا ئىگە بولۇپ تور دۇنياسىدىكى كەمسىتىلىش-ھاقارەتلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدا بىر مۇنچە مىللەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشتا ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ رىكورت يارىتىشى، جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشىنىڭ ئەللىك پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنىڭ ئەكسىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىشتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىپ، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەرلىشىشنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەھۋالىنى مىللەتلەر ئارا نىسبەتلەشتۈرگەندە جۇڭگودا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى، ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغان جەمىيەتتە ياشاۋېتىپمۇ، مىللەت بىلەن دىننىڭ قايسى مۇھىم دەپ تالىشىپ كىتىدىغان، مۇشۇ زاماندىمۇ مىللەت بىلەن دىننىڭ پەرقى-قىممىتىنى بىلمەيدىغان ئىدىيە-مەنپەئەت ئېڭى قالايمىقانچىلىقى، ئۇيغۇرلاردىن بولغان كېسەللەرنىڭ دوختۇرخانىلارنى ئاۋاتلاشتۇرىۋاتقان ساغلاملىق ئىقتىدارسىزلىقى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كۈتۈپخانا-كىتابخانىلارنىڭ باشقىلارنىڭكىدەك ئاۋاتلىشالماسلىقى...
مىللەتلەر ئارا پەرىق دېگەن بولىدۇ. ئەمما تەرەققىيات، گۈللىنىش، ئىلغارلىقتا بىر دۆلەت-بىر جەمىيەت ئىچىدە يۇقىرى-تۆۋەنلىك بولسا، تەرەققياتى كەينىدە قالغان مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ يېتەرلىك ھەم مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقى، ئاخبارات-نەشرىياتى، رادىيۇ-تىلىۋىزىيەسى، مەدەنىيەت-مائارىپى، ئىدىيە-تەپەككۇر تەتقىقاتى، مىللى پىسخىكا ــ مىجەز-خارەكتېر باھا-ئانالىزى، ئىگىلىك-تۇرمۇش يولى، سىياسىي-ئىقتىساد ئېڭى، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق گۈللىنىش يولىغا قاراپ ئىلگىرلىيەلەيدۇ. يەنى يۇقارقى جەھەتلەردە باشقا مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۈلگە قىلىشى، ئۆزلىرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ تەرەققىيات ئۇسۇلىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزۈتىشى، مىللەت مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى سەلبى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى تېپىپ چىقىپ، مۇكەممەل تەرەققىيات قۇرۇلمىسى ئارقىلىق تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ يېتەكلەش ئۇسۇلى بىلەن گۈللىنىش يولىغا كىرىش كېرەك.
«يول تەغدىرنى بەلگىلەيدۇ» دەپ شى جىنپىڭ «گۈللىنىش يولى» كۆرگەزمىسىدە ئېيتقاندەك، تەرەققىيات يولى-ئۇسۇلى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت ھەم مىللەت بويىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ باشقا مىللەتلەردىن ئېغىرلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇسۇلىدىكى يېتەرسىزلىك ھەم چالا تەرەپلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداقلا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنى قۇرۇپ بەرگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ رەئىسىنى، ئۇيغۇرلار توپلاشقان ۋىلايەت-شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ ۋالى، باشلىق، ھاكىملىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىدىكى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ ياخشى چۈشۈنىدۇ دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلاردىن بولۇشىنى قانۇنلاشتۇرغان. ئەمما، ئۇيغۇرلاردا يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، رايۇن ئىچىدە ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مىللەتنىڭ يۈز-ئابرويىغا ھەم ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە سەلبى مەسىلىلەر كىلىپ چىقتى. بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ئىقتىدارسىزلىق، مىللى پەرىق بۇيىچە تەلىم-تەربىيە بىلەن تەشۋىقات جەھەتتىكى ئاجىزلىق، ھۆكۈمەت فۇنكىتسىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكنىڭ نامايەن بولۇشى دېيىش كېرەكمۇ؟ ياكى كىشىلەرنىڭ قانداق قالپاق كىيىشىدىن قەتئىنەزەر مىللەت كوللىكتىپىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇشىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇلار ھەرقانداق ئىش-پائالىيەتتە مىللەتنىڭ ئوبرازى ھەم ۋەكىلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى چۈشەنمەمدۇ؟!....
«كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەن گەپ بار. شۇڭا كېسەل يۈز بەرگەندىن كىيىن دىئاگنۇز قۇيۇش كېرەك. رىتسىپ يېزىپ داۋاللاش ئۈچۈن ئويلىنىش، ئىزدىنىش كېرەك. باشلىق جاڭ چۈنشەننىڭ ئەھمىيەت بىرىشى بىلەن ئىچكىرىگە ئاپىرىلىپ ئوغۇرلىققا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ كۈچ چىقىرىپ يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىشى، بالىلىرىنى تاپالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلار بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىچكىرىدىكى سەرگەردان بالىلارنى ناھايىتى رازى قىلغىنىنى ھەممىمىز بىلىمىز.شۇڭا، شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار توغرىسىدا ئويلانمىساق، ئىزدەنمىسەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇشۇرۇن ھالەتتە يۇقۇملىنىدۇ، يۇشۇرۇن ھالەتتە يۇقۇملانغان ئەيدىز يۇشۇرۇن ھالەتتە داۋاملىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالاپ ئېلىپ بارسا بولىدىغان جىنسىيەت ئەركىنلىكى قۇيۇۋېتىلگەن جەمىيەتتە، مەدەنىيەتتىكى نىكاھنىڭ كونتۇرۇللىقى ئاجىزلاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر نىكاھنىڭ ئالدى-كەينى، ئىچى-تېشىدا خالىغانچە جىنسى مۇناسىۋەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشتى. باشقىچە ئېيتقاندا بىر ئەر كۆپ ئايال بىلەن، بىر ئايال كۆپ ئەر بىلەن بىللە بولۇش نۇرماللىققا يۈزلەندى. جىنسى مۇناسىۋەت نۆۋەتتە ئەيدىزنىڭ نىسبەتەن كۆپ تارقىلىش يولىغا ئايلانغان بولۇپ، ئەيدىز ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئورنىغا يۇشۇرۇنغان بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلۇشۇپ، دەرەخنىڭ شېخىدەك شاخلىشىپ يۇشۇرۇن ھالەتتە بازار تېپىشقا باشلىدى. شۇڭا، ساقايمايدىغان دۇنياۋى يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىز بۇنداق بازار تاپسا، ئەل-يۇرتقا خەۋىپ ئېلىپ كەلمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.
مەنبە: يارپ مۇنبىرى http://yarp.cn/forum.php