«خالىس ساقچىنىڭ خىسلىتى» فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىم ھىندىستاندا ئىشلەنگەن بولۇپ، 1991-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.) ئاساسلىق روللاردا: ئامار- ساقچى باشلىقى. سىۋاستا- ئامارنىڭ ئوغلى. شالۇ-شىۋاستىنىڭ ياخشى كۆرگەن قىزى.مەمەت سېلىم-مۇخبىر. ئارسلان-سىۋاستىنىڭ تاغىسى، ھەققانىيەتچى ساقچى. جىيكى- ئەكسىيەتچى گورۇھنىڭ كاتىۋىشى. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: ھىندىستاندىكى مەلۇم بىر بانكىنى بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ساقچى باشلىقى-ئامار بۇلاڭچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن مۇستەبىت- جىيكى ھىلە-نەيرەڭ ئىشلىتىپ قاپقان قۇرۇپ، ساقچى باشلىقى-ئامارنى «پارا ئالدى»دەپ تۆھمەت چاپلاپ، تۈرمىگە تاشلايدۇ. قاتتىق ھاقارەتلەنگەن ئامار تۈرمىدە ئېسىلىپ ئۆلىۋالىدۇ. ئۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئوغلى-سىۋاستىغا ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ۋىژدانىغا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ، چوڭ بولغاندا بۇ ئەبلەخلەردىن چوقۇم قىساس ئېلىشقا ئۈندەيدۇ. سىۋاستا چوڭ بولغاندىن كىيىن ياراملىق ساقچى باشلىقى بولۇپ يېتىلىدۇ. بىراق پاراخورلۇق، ئادالەتسىزلىك ھۆكۈم سۈرگەن بۇ جەمىيەتتە ئۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئىشلىرى نەتىجىلىك بولمايدۇ. شۇڭلاشقا سىۋاستا شاھىنشاھ قىياپىتىدە ياسىنىپ، زوراۋانلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ شالۇ ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ شالۇنىڭ ئائىلسىگە يارىدەم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. مۇخبىر-مەمەت سېلىم جىيكىنىڭ خىرويىن ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىپ گېزىتكە چىقىرىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان جىيكى كۈپ-كۈندۈزدە گېزىتخانىغا كىرىپ، مەمەت سېلىمنى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرىۋىتىدۇ. شىۋاستا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن شاھىنشاھ قىياپىتىدە ياسىنىپ، جىيكىنى سوتقا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ جىنايىتىنى ئۆزىگە تونۇتۇپ، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسىنى بېرىپ، كەڭ ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىدۇ. شاھىنشاھنىڭ ساقچى باشلىقى- شىۋاستا ئىكەنلىگىنى بىلگەن شالۇ ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىپ، ئۇنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بۇ فىلىمدە شاھىنشاھنىڭ ھەقىقىي ئادالەتپەرۋەر ساقچى باشلىقى ئىكەنلىگىنى تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ ئەقىللىق، باتۇر، تىز پۈكمەس ئالىيجاناپ روھىغا مەدىھيە ناخشىسىنى ياڭراتقان. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 16-دىكابىر يېزىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-16 09:16 PM
|