|
|
|
|
ناتونۇش سىما
چىراق ئۆچۈرۈلۈپ ياتاقداشلىرىنىڭ يىنىك پۇشۇلداشلىرى ئاڭلانغاندا ئۇ ئادىتى بويىچە ئاستا ئورنىدىن تۇردى-دە پۇتىنىڭ ئۇچچىدا دەسسەپ ئۈستەل چىرىقىنى ياقتى، دەرىزە يىنىغا كېلىپ تۈنۈگۈندىن بېرى توختىماي يېغۋاتقان قارغا قاراپ چوڭقۇر ئۇھ تارتقانچە كۆزىگە ياماشقان يىغىسىنى زورىغا يۇتىۋىتىپ ئۈستەل يىنىغا كېلىپ ئولتۇردى، يىللاردىن بېرى بارلىق قايغۇ-شادلىقلىرى يوشۇرۇنغان خاتىرىسنى ئېچىپ مۇنۇلارنى قالدۇردى «قار يېغۋاتقىلى بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى،ئەسلى كىچىكىمدىن قارغا ئامراق ئىدىم،تۈنۈگۈنمۇ دەسلەپ قار ياغقاندا خۇشاللىقىمدا كۆزۈمنى بوش يۇمغانچەچۈشۈۋاتقان قارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ خېلىغىچە تۇردۇم،ئەمما بۈگۈنگىچە قارنىڭ توختىماسلىقى مېنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى،كۈندۈزدە ئۆزۈم دەرسخانىدا بولساممۇ پات-پات دەرىزە سىرتىغا قاراپ خىيالىم يۇرتۇمدىكى ئاشۇ ئىللىق ماكانغا ئۇچتى،بۇ قار ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس.شۇ تاپتا قىياس قىلىپ بولدۇم بىچارە ئاپام ئېھتىمال بۇ چاققىچە ھويلا ۋە ئۆگزىلەردىكى قارنى نەچچە رەت تازىلاپ بولدى،بۇرۇن مەن يىنىدىكى ۋاقىتتا ئاپامغا شوتىنى تۇتۇپ بېرەتتىم ئاپام ئۆگزىگە چىقىپ بولغاندىن كىيىن مەن سۈپۈرگە، گۈرجەكلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئاندىن ئۆزۈم چىقاتتىم بۇ چاغدا ئاپام ئۈستىدە تۇرۇپ ماڭا قول سۇناتتى، ئەمما ھازىر ئاپامنىڭ يىنىدا مەن يوق.ھەر ھالدا كىچىك بولسىمۇ ئىنىم بار ئىكەن، مۇشۇ قارا قىشلاردا ئاپامغا ھەمراھ ،بۇ مېنىڭ بۇ شەھەرگە كەلگەندىن بېرى ماڭا ھاي بېرۋاتقان ئەڭ چوڭ تەسەللىرىم. تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن ئەگەردە دادام بولغان بولسا ئېھتىمال مېنىڭ بۇ ئەندىشىدە قىلىشىم ھاجەتسىز بولارمىدى ياكى ئىنسان غەم -قايغۇسىز ياشىيالمىغاندەك يەنە باشقا غەملەر مېنى يوقلارمىدى؟شۇ تاپتا ھەتتا چۈشۈمدىمۇ نەچچە ئاڭلاپ ماڭا ياد بولۇپ كەتكەن دادامنىڭ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە قايتا ئاڭلانماقتا...«خوتۇن ،بالىلارغا ياخشى قارا ،بىر كۈنلەردە ئېرىڭنىڭ قانچىلىك نوچى ئادەم بولۇپ كېلدىغانلىقىنى كۆرۈپ قالىسەن،قاراپ تۇر سېنى قانداق ھەيران قالدۇرمەنكىن، گەرچە ھازىر ھال-ئەھۋالىمىز ياخشى بولمىسىمۇ ئەمما مەن شۇنداق بىر پۇل تېپىپ باي بولۇپ كېلمەنكى بالىلىرىمىز ئالىي مەكتەپتە مېنىڭدەك دادىسىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ خاتىرجەم ئوقۇيدۇ...» . ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا پىچىرلىدى- ئەينى ۋاقىتتا مەن دادامغا: دادا،ئالىي مەكتەپكە بېرىشىمغا يەنە ئۈچ يىل بارغۇ بىزدىن ئايرىلىپ پۇل تاپىمەن دىمەڭ،مەنمۇ ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپىمەن دىسەممۇ دادام مېنىڭ ئۆزىگە تەلمۈرگەن كۆزلىرىمگە باقماي كېتىپ قالغاندا ئاپام ئىككىمىز شۇ چاغدا ياغقان قاردەك ئاق تىلەكلەرنى تىلەپ دادامنى ئۇزاتقان ئىدۇق. بۇنىڭدەك قار نەچچە قىش ياغدى ئەمما ھازىرغىچەدادامدىن ھېچ خەۋەر يوق ،ۋاقت نىمىدىگەن تېز ئۆتكەن،ئۈچ يىل ئاپام بىلەن شۇ كىچىككىنە كونا دەرۋازىغا قاراپ دادامنى كۈتكەن كۈنلىرىم بىر يىلدىن بېرى تېلفوندا بولسىمۇ ئاپامدىن دادامنىڭ خەۋىرنى ئاڭلىسامكەن دەپ ئۆتمەكتە،ئەمما دادامدىن شۇ كەتكەنچە خەۋەر يوق،ئاپام بەلكىم يەنە شۇ غېرىپ كۈلبىمىزدە دادام ئامراق چۆچۈرىنى تۈگكەچ دادامنىڭ يولىغا قاراۋاتقاندۇ... ئۇ خاتىرىسنىڭ ئاخىرىنى شۇنداق كۆپ چېكىتلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى-دە چىراقنى ئۆچۈرۈپ يەنە بايىقىدەك يىنىك قەدەملەر بىلەن كارۋاتقا چىقتى،بۇ چاغدا ياتاقداشلىرى ئاللىقاچان سىرلىق چۈش شەھىرىگە سەپەر قىلغان ئىدى. بۈگۈن شەنبە ،ئادەتتە ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا بۈگۈنكىدەك دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قانغۇچە ئۇخلىۋىلىش بىر قىسىم ئىستۇدىنتلارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن،بىراق ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى ئادەتتىكى كۈنلەردىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئۇ بۈگۈنكى پىلانىغا ئالاھىدە بىر ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوشۇپ قويدى.ئۇ ئالىي مەكتەپكە قەدەم باسقاندىن بېرى ئۇنىڭغا ھەرجەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلۋاتقان ساۋاقدىشىنىڭ ئاپىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئىدى. بۇ يات شەھەرگە كەلگەندىن بېرى ئۇ تونۇيدىغان ھەم ئۇنىڭغا دوستانە قول ئۇزاتقان بىردىنبىر كىشى مۇشۇ ساۋاقدىشى ئىدى،ئۇلار قىسقىغىنا ۋاقت ئىچىدىلا ناھايىتى چىقىشىپ كەتكەن بولۇپ دەم ئېلىش كۈنلىرى دائىم دوستى ئۇنى ئۆيىگە بىرگە بېرىشقا زورلايتتى، ئۇ ئۆگىنىش قىلىمەن دەپ بارغىلى ئۇنىمىسا يەكشەنبە كۈنى قايتىپ كېلىشىدە بىر مۇنچە يىمەكلىكلەرنى ئاپام ئەۋەتتى دەپ كۆتۈرۈپ كېلەتتى. دوستىنىڭ ئاتىسى بولسا بۇنىڭدىن 10 يىل ئاۋال ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ھازىرقى دادىسىنى ئۇ ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى ھەم ئۇ توغرىسىدا كۆپ گەپ قىلىشنىمۇ خالىمايتتى،ئۇمۇ دوستىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەچكە بۇ ئىشلارنى ئادەتتە تىلغا ئالمايتتى. ئۇلارنى ساۋاقداشلىق رىشتىدىن بەكرەك ئاتىغا بولغان سېغىنىش بىر-بىرىگە باغلىغان دىسە خاتا بولمايدۇ ئەلۋەتتە. دوستىنىڭ ئاپىسىنى ئۇ دەسلەپتە مەكتەپكە كېلىپ ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلغاندا كۆرگەن بولۇپ قارماققا ئۇنىڭ ئاپىسىدىن خېلىلا ياش كۆرۈندىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىلارغا خاس مېھرىبانلىقى چىرايىغا چىقىپ تۇراتتى.پات-پاتلا مەكتەپكەكېلىپ ئۇلارنى يوقلاپ تۇرىدىغان بۇ ئانا ئۇنىڭ ئۆز ئاپىسىغا بولغان سېغىنىشىنى ئازدۇر-كۆپتۇر باساتتى. شۇڭا دائىم ئاپىسىغا تېلفون قىلسىلا ئۇلارنىڭ گېپىنى قىلماي قالمايتتى ،ئانىمۇ يىراقتا تۇرۇپ ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان بۇ ئانا-بالىنىڭ ياخشىلىقىغا ھەر نامىزىدا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتمايتتى. تېخى نەچچە كۈن ئاۋۋال ئاپىسىغا تېلفون قىلىپ دوستىنىڭ ئاپىسنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭغا دەم ئالغان كۈنىلا بېرىپ دوستىنىڭ ئاپىسىنى يوقلاپ كېلىشنى قايتا-قايتا تاپلىغان ئىدى. ئۇ مېڭىش ئالدىدا ئاۋۋال دوستىغا تېلفون قىلىپ ئاپىسى ياتقان ياتاقنىڭ نومىرىنى سورىدى،ئۇ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەندە دوستى ئاللىقاچان دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ بولغان ئىدى،ئۇلار پاراڭلاشقاچ كېسەلخانا بېناسىغا يۈرۈپ كەتتى،بۇ ئىككى دوستنىڭ بويلىرى قىرقىپ قويغاندەكلا تەڭ بولۇپ كاينىدىن قارىغانلارغا خۇددى قوش كېزەكتەكلا تەسىر بېرەتتى.ئۇلارنىڭ كىرىپ كەلگىننى كۆرگەن ئانىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.«رەھمەت قىزىم،ئاۋارە بولۇپ كەلمىسىڭىزمۇ بولاتتى،مەن يا ئېغىر كېسەل بولمىسام ،سوغۇقتا نىمىشقىمۇ كەلگەنسىز ،بۈگۈنكى كۈندە ياخشى ئارام ئالماي.» ئانىنىڭ تەكەللۇبلىرىغا ئۇ ناھايتى قايىل قىلارلىق سەۋەبلەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى شۇنداقلا ئاپىسنىڭ سالىمىنى ئېيتىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى. ئۇلار ئۇ يەر-بۇ يەردىن پاراڭ قىلىپ چۈش بولۇپ قالغىننىمۇ سەزمەي قالدى، بىر چاغدا ئۇ سائىتىگە قاراپ قايتماقچى بولدى ئەمما ئانا «دادىسى كەلسە بىرگە چىقىپ سىلەرگە تاماق ئېلىپ بەرسۇن،ئاندىن قايتىڭ» دەپ ئۇنى پەقەتلا ماڭغىلى قويمىدى. بىر چاغدا ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئانا «دادىسىمۇ كەلدى مانا »دىدى، ،ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆرۈلدى-دە تۇنجى كۆرۈشكە نىسىپ بولغان دوستىنىڭ ھازىرقى دادىسىغا قاراپ تۇيۇقسىز ۋارقىرۋەتتى ،دادا...ئۇنىڭ كۈن ساناپ كۈتكەن دادىسنىڭ سىيماسىنى ئۇ بۇ كېسەلخانا ئىشىكىدە كۆرۈشىنى كىم ئويلىغان. ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز ئانا-بالا بىردە ئۇنىڭغا، بىردە ئۇ دادا دەپ چاقىرغان مۇنۇ كىشىگە قاراپ قېتىپلا قالدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى خۇددى خاتىرىسنى يوقاتقان ئادەمدەك قوپقۇرۇق ،بارلىق ئەسلىمىسى نەلەگىدۇر ئۇچۇپ كەتكەندەك، پۈتۈن ئەزايى سېزىمىنى يوقاتقاندەك بوشاپ كەتتى،ئۇنىڭ جانسىز قەدەملىرى چىرايى ئۆلۈكتەك تاتارغان دوستىنىڭ دادىسى ياق ئۆز دادىسىنىڭ ئالدىغا يېقىنلاپ كەلدى-يۇ توختاپ قالدى، ئەمدى ئۇبۇ چىراينى تونىيالمىدى، ئۇنىڭ بۇ ناتونۇش سىماغا يۈزلەنگەن جىسمى يەردىكى تاماق قاچىسىدىن چېچىلغان چۆچۈرە ئۈستىگە يىقىلدى.
2012-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى گۈلبانۇم بۇرھان (ئاتئال)يازمىلىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaprah0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-16 11:22 PM
|
|
|
|
|
|