ئابدۇكېرەم ئابلىزغا ئۇچۇق خەت
ئابدۇكېرىم ئابلىزگە:
ھۆرمەتلىك ئابدۇكېرىمكا،ياخشىمۇسىز! سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟ ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بۇلىۋاتامدۇ؟ئائىلىڭىزدىكىلەر سالامەتمۇ؟
ئابدۇكېرىمكا، ھازىر سىزنى ئۇيغۇر دىيارىدا 7ياشتىن-70ياشقىچە بولغان بارلىق ئۇيغۇر خەلقى بىلىدۇ،ھەممىمىز سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىزنى شۇنداق ياختۇرۇپ كۆرىمىز،سىزنىڭ ئىتوتلىرىڭىز بىزلەرنىڭ ھارغان مىسكىن قەلبىمىزگە تەسەللىي بولسا،سىزنىڭ بەزى ئىتوتلىرىڭىز يەنە جەمئىيتىمىزدىكى بەزى بولمىغۇر چاكىنا ئىشلارنى قامچىلاپ جەئىيتىمىزدىكى ئاشۇ يامان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلارغا ئىبرەت بۇلىۋاتىدۇ.مەسىلەن:‹‹ئەسكى تۇماق››دىگەن ئىتوتىڭىز ساختا،تېتىقسىز ئېلانلارنى قامچىلىدى،‹‹ھەۋەسكارنىڭ ھەسرىتى››دىگەن ئىتوتىڭىز جەمئىيتىمىزدىكى قىمارۋازلارنى قاتتىق قامچىلىدى،بەزى قىمارۋازلارنىڭ قىماردىن قول ئۈزۈپ ياخشى ئادەم بۇلۇشىغا تۈرىتكىلىك رول ئوينىدى.‹‹ئاينىڭ 15قاراڭغۇ،15يورۇق››دىگەن ئىتوتىڭىز جەمئىيتىمىزدىكى ئازراق پۇل تېپىپ ئۇنى ھالال يوللارغا خەجلىمەي،ئەيىش-ئىشرەتكە،كەيىپ-ساپالارغا بېرىلىپ كېتىۋاتقان ئاتالمىش بايلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرسىنى ئېچىپ تاشلىدى.‹‹چۈشۈنەلمىدىم››ناملىق ئىتوتىڭىز ھازىرقى ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىمەي،بۇزۇپ سۆزلەۋاتقان ئاتالمىش بۇز زۇۋانلارنى قاتتىق قامچىلاپ ،جەمئىيتىمىزدە ئاناتىلىنى قەدىرلەش،ساپ ئانا تىلدا سۆزلىشىش دولقۇنىنى پەيدا قىلدى.....ئىشقىلىپ سىزنىڭ ھەربىر ئىتوتىڭىز جەمئىيتىمىزدىكى مەلۇم بىر بولمۇغۇر قىلىقنى قامچىلىلاپ ھەر بىرىمىزنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشقا چاقىرىق قىلماقتا....
ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دىسەم،ئابدۇكېرىمكا،ئۇزۇندىن بۇيان دىققەت قىلىۋاتىمەن، شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە ھازىر تۇلۇق ئوتتۇرا،ئالىي مەكتەپلەردىكى بەزى ئوقۇغۇچىللىرىمىز مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماي ئاتالمىش ساختا مۇھەببەتنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىنىڭمۇ،ئۆزگىنىڭمۇ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىپ جەمئىيتىمىزدە ناچاربىر خىل كەيپىياتنى پەيدا قىلماقتا.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان نورمال بولمىغان ئىش پائالىيەتلەر مەيدانغا كېلىۋېتىپتۇ، بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىردا ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىردەك تاشقى كۈرۈنۈش ۋە ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيەت يوقاپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بەزى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاچلىرىنى غەيرى ياسىتىۋېلىشلىرى، بەزى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلار كىيشكە ماس كەلمەيدىغان غەيرى كىيملەرنى كىيشى، چاچلىرىنى پومپايتىپ يىتىلىپ قالغان 20نەچچە ياشلىق قىزلاردەك غەيرى ياستىشلىرى زادىلا ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى. ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپتارتماستىن تاماكىسىنى چىشلەپ مېڭىشلىرى، قىز -ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر بىرى بىلەن قىلىشقان سالاھىيتىگە ماس كەلمەيدىغان ئەخلاقسىز ئىش پائالىيەتلىرى ئۇنداق ئىشلار نۇرغۇن. ...(بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەك گەۋدىلىككەن)
شەنبە يەكشەنبە ۋە تەتىل كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ ئارام ئالىدىغان ۋاقتى، لېكىن ئوقۇغۇچىلار بۇنداق چاغلاردا دېسكوخانا، قاۋاقلارغا بېرىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. ئۆزئارا مۇھەببەتلىشىدۇ . كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلمەيدىغان سورۇن، ئەخلاق، ھايا، ئىپپەتنىڭ يوقۇلىشى دەل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن باشلىنىدۇ. نەچچە يىل ئىلگىرى مەلۇم بىر قاۋاقخانىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم پەرىزىمچە تولۇق 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بەزىلىرى مەست، بىر نەچچسى مۇشت پەشۋا ئېتىشىپ كەتكەن، ساۋاقداش تۇرۇپ شۇنداقمۇ ئۇرۇشقان بارمۇ دەپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولغان. ...(بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەك گەۋدىلىككەن)
ياز كۈنلىرى خەلق مەيدانى ۋە ساغلاملىق باغچىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ توپ-توپ بولۇشۇپ يۈرگەنلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئوغۇللار چىملىقتا يېتىپ گىتار چېلىپ، ئىچىشكەچ كۆڭۈل ئاچىدۇ، غەربىنىڭ ئەخلەت مۇزىكىلىرىنى قويۇپ قىز ئوغۇللار ئۇسۇلغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بەزىلىرى ئايرىم جايدا جۈپلىشىپ ئولتۇرۇپ قىزغىن مۇھەببەتلىشىدۇ....(بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەك گەۋدىلىككەن)
بىزنىڭ مەكتەپتە قىزلارنىڭ يازدا كىيگەن كىيىم كېچەكلىرىنى كۆرۈپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كىتىمەن.ئىچكىرىدىكى خەنزۇ ئوقۇچىلار ئارىسىدا يازدا قىسقا ئىشتان،قىسقا يوپكا كىيىش مودا بۇلىۋاتىدۇ،ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر قىز ئوقۇچىللىرىمىزمۇ تەپ تارتماستىن ئۇلارنى دورۇپ قىسقا ئىشتان،قىسقا يوپكا كىيىپ ئاپئاق يۇتىللىرىنى بازارغا سېلىپ بىزنىڭ كىيىم كېچەك مەدەنىيتىمىزنى پوق قىلىۋاتىدۇ.كەچلىرى ھاراق ئىچىپ مەكتەپكە كىرىپ مەكتەپ جېدەل چىقىرىپ ئىچكىرىدەئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر داغ پەيدا قىلماقتا...يەنە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئارىسىدا بەزىلەرقىز-ئوغوللار ئارىسىدىكى پەدىشەپكە ئەھمىيەت بەرمەي كۆزئالدىمىزدىلام قىزلار ياتىقىنىڭ ئالدىدا ئاتالمىش قىز دوستىنى ....ئاندىن ياتىقىغا قايتىدۇ. يەنە شەنبە ،يەكشەنبە ئاتالمىش قىز دوستىنى مېھمانخانىغا ئەكىرىپ ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنى نابۇت قىلىدىغان ئەھۋاللار بەك ئېغىرلاپ كەتمەكتە...
ئاتا-ئانىللىرىمىز باللىرىم ئىچكىرىدە پالانى يەردە ئوقۇۋاتىدۇ ،ئۈرۈمچىدىكى پالانى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ...دىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ نىمىش قىلۋاتقىنىنى بىلمەيدۇ،بۇلار ئىچكىرىدە،ئۈرۈمچىدە... ئۇنداق كىيىنگەن بىلەن ئۆيگە قايتىدىغان چاغدا ھىلگەرلىك قىلىپ مىللىيچە كىينىپ ئۆيىگە قايتىدۇ،مەكتەپكە قايىتقاندا يەنە ئۆز بىلگنىنى قىلىدۇ.ئۆزىنىمۇ ،ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئالداپ ياشلىق باھارىنى ئاشۇ ئاتالمىش ساختا مۇھەببەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرىۋىتىپ بارىدۇ... ئىچكىرىدە باشقا مىللەتتىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇردىگەن نامغا زىت ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى نابۇت قىلماقتا......(بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بۇنداق ئىشلار بەك گەۋدىلىككەن)
ئابدۇكېرەمكا،ئەمدى سىزگە دەيدىغىنىم يۇقىرقى مەزمۇننى قامچىلايدىغان ئىتوتتىن بىرنى يېزىپ چىقسىڭىز،جەمئىيتىمىزدە ئومۇملاشقان بۇ نىجىس ئۆسمىنىڭ ئازلىشىدا تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان بۇلاتتى،ھەمدە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈدى بولغان ئاشۇ ياشلىرىمىزنى ئاشۇ ئاتالمىش ساختا مۇھەببەتنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرغان،ياشلىرىمىز ئارىسىدىكى ئويۇن -تاماشا،كەيىپ-ساپاغا بىرىلىش قىلمىشىنى توسىغان بۇلاتتى...
ئوقۇغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ئۆلچىمى يوقالغانسېرى روھىي جەھەتتىن زەئىپلىشىپ تۇيۇق يولغا قاراپ ماڭىدۇ، بۇ بىۋاسىتە مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاخىرىدا ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرى بولغان ياش غۇنچىلارنى ۋەيران قىلىدۇ...
ھۆرمەت بىلەن:ۋۇخەن ئونىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئادىلجان
2012-يىلى 12-ئاينىڭ16-كۈنى
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-17 12:16 PM):
ئەسكەرتىش: ئۈرۈمچىنى بەكرەك تىلغا ئالغىنىم ئۈرۈمچىلىكلەرگە قارىتىلمىغان