«ئاق چاچلىق قىز »فىلىمى توغرىسىدا
( بۇفىلىمنى چاڭچۈن كىنو سودىيىسى 1950-يىلى ئىشلىگەن) سىنارىست-شۈيخۇا،، ۋاڭيەن. رىژىسۇر-ۋاڭيەن، شۈيخۇا . ئاساسلىق روللاردا: ياڭ بەيلاۋ-جاڭ شۇۋېي. شىئېر-تىيەنخۇا. ۋاڭ داچۈن-خۇ تىڭ. خۇاڭ شىرىن- چىن چاڭ داچۈن-يى بەيۋەن قاتارلىقلار فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ فىلىمدە كەمبىغەل دىھقان-ياڭ بەيلاۋنىڭ قىزى-شىئېر ناھايىتى گۈزەل، ئەقىللىق قىز بولۇپ چوڭ بولىدۇ. بىر كۈنى ئۇ ئىشتىن قايتىۋاتقاندا توساتتىن پومىشچىك- خۇاڭ شىرىننىڭ كۆزى شىئېرگە چۈشۈپ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش قەستىدە بولىدۇ. ئۇ مەخسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئازغىنا قەرزنى بانا قىلىپ ياڭ بەيلاۋنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئۇنىڭغا قىزىنى قەرزگە ھىساپلاش بېرىش ھەققىدە تەھدىت قىلىدۇ. يېڭى يىل ھارپا كىچىسى پومىشچىك-خۇاڭ شىرىن قىزىنى بېرىش توغۇرلۇق ئۆزى ھۆججەت يازدۇرۇپ،مەجبۇرى ھالدا ياڭ بەيلاۋنىڭ قولىنى باستۇرىۋالىدۇ. ياڭ بەيلاۋ قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ. ئۇ كىچىدە ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ، قىزىنى تاڭ ئاتسىلا پومىشچىك ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، قاتتىق ئازاپلىنىدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى قىزىغا ئېيتالمايدۇ. قىزى دادىسىنىڭ قۇچىقىدىلا ئۇخلاپ قالىدۇ. ياڭ بەيلاۋ ناخشا: قىزىم، قىزىم ئۇخلىدۇڭ، توۋلىساممۇ ئۇخمۇدۇڭ. چۈشۈڭدىمۇ ئويلالمىدىڭ، كەچۈرگۈسىز گۇناھىم بار. دەپ ناخشا ئېيتىپ ئەلەمگە چىدىماي، تۇزلۇق قاچىنى ئېلىپ تۇزنى ئىچىدۇ-دە، ئازاپلىنىپ جان ئۈزۈدۇ. ئەتىسى شىئېر دادىسىنىڭ ئۆلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، قاتتىق ھەسرەت چېكىپ يىغلايدۇ. يېڭى يىل كۈنى پومىشچىك خۇاڭ شىرىن غالچىللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ ھۆججەتنى جامائەتكە كۆرسۈتۈپ، مۇسىبەت ئىچىدە تۇرغان شىئېرنى مەجبۇرى سۆرەپ ئېلىپ ماڭىدۇ. شىئېرنىڭ ئوغۇل دوستى- داچۈن قارشىلىق قىلىدۇ، ئەمما پومىشچىكنىڭ چاڭگىلىدىن شىئېرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. شىئېر بۇلاپ كېتىلگەندىن كىيىن خۇاڭ شىرىن قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىدۇ. شىئېرنىڭ پومىشچىكنىڭ ئائىلسىدە تارتمىغان دەرت-ئازابى قالمايدۇ. ئۇ ئاخىرى دىدەك ئايالنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ يولۋاس ئۇۋىسىدىن قېچىپ، تاغ ئارىسىدا مۆكۈنۈپ ياۋايىلارچە تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. ئۇ كۈندۈزى سىرتقا چىقماي، كىچىسى بۇتخانىغا كىرىپ بۇتخانىدىكى يىمەكلىكلەرنى يەپ، كۈن كۆچۈرىدۇ. ئۇنىڭ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ خۇددى ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇتخانىدا ئۇنى كۆرگەن كىشىلەر: «ئالۋاستى كەلدى»دەپ قورقۇشۇپ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئېلىشىدۇ. داچۈن پومىشچىكلارنىڭ زۇلىمىغا چىدىماي، يۇرۇتتىن ئايرىلىپ قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىدۇ. كىيىن تاغ ئارىسىدا شىئېرنى تونۇپ، ئۇنى زۇلمەت دېڭىزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ فىلىم كونا جەمىيەتتە شىئېر، ياڭ بەيلاۋ ....قاتارلىق كۇرمىڭلىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ كونا جەمىيەتتە تارتقان ئازاپلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، جوڭگۇ خەلقىنى بېسىپ ياتقان ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىلا خەلقنى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىگە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدۇ. تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-16 10:09 PM
|