يىـڭى ئــەزا
بولدىلا، مەنمۇ كېتەي (ﮬﯩﻜﺎﻳﻪ)
ۋاھاپجان قۇربانقۇل تەۋەررۈك
ئۇ توققۇز ئاي ئىلگىرىكى ئايدىڭ ئاخشامنى ئويلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى . چۈنكى شۇ ئايدىڭ ئاخشام ئۇنىڭ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر ئەسلىمىگە ئايلانغان، ئاشۇ مىنۇتلار ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ بەخىتلىك ئۆتكەن ئېسل دەملەر ئىدى. ئۇ يەنە شۇنداق دەقىقىلەرنىڭ كېلىشىنى ئۈنسىز كۈتۈپ توققۇز ئاينى ئۆتكۈزۋەتتى. توققۇز ئاي ئىلگىرىكى ئايدىڭ ئاخشامدا بىر نازىنىن بىلەن ياندىشىپ مېڭىشنى ، تونۇشۇپ قېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغاندى. ئۇ شۇ چاغدىكى ھاياجىنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىزنى كۆرۈش تۈگۈل بىرەر قېتىممۇ ئۇچرىتىپ باقمىدى. شۇ چاغدا بارلىق جۈرئتىنى يىغىپ قىزنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ۋە تېلفۇن نومۇرىنى سورىۋالمىغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلدى .ئۆزىنىڭ بۇ خىل جۈرئەتسىزلىكىنى ئۆز بەختىنى قەدىرلىمىگەنلىك، ئۆزىنى ھاقارەتلىكەنلىك دەپ ئۆزىدىن ئاغرىنىپ يۈرىكى ئېچىشاتتى . ئۇ ئايدىڭ ئاخشامدا ئۇنىڭ ئالدىدا بىر نازىنىن (ئۇ شۇنداق ئويلىدى) كېتىپ باراتتى .تۇيۇقسىز يەرگە بىر نەرسە چۈشكەندەك قىلدى ، ئۇ قىزنىڭ پورتمالى ئىدى . ئۇ پورتمالنى ئېلىپ قىزنى چاقىردى. - توختاپ تۇرۇڭ ، پورتمالىڭىز . قىز كەينىگە ئۆرۈلۈپ پورتمالغا قولىنى ئۇزىتىپ دېدى. -رەھمەت سىزگە، سىز بەك ياخشى ئادەم ئىكەنسىز. شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بىلەن يول ئايلانمىسىغىچە پەقەت ئوتتۇز قەدەمچە ياندىشىپ ماڭدى. ئاندىن ئۇ قىز ئۆزىنىڭ خالتا كوچىدىكى دوستىنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،ئۇنىڭغا چۇڭقۇر تەشەككۈر دەپ خوشلاشتى. «گۈلرۈي» ئۇ ئىختىيارسىز قىزنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ تاشلىدى . قىزنىڭ ئاشۇ كۈمۈشرەڭ ئاي نۇرى ئىچىدىكى گۈزەل رۇخسارى ئۇنىڭغا كېچىنى بىراقلا يورۇتقاندەك تۇيغۇ بەرگەن ، قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىنى پىژىلداتقان ئىدى. دىمىسىمۇ ئۇ شۇ كۈندىن تارتىپ شۇ قىزنى يەنە بىر ئۇچرىتىشنى ئارزۇ قىلىپ ئازاپلىنىپ يۈرگەن ، بىر قانچە كۈنگىچە ھېلىقى «ۋاقىت تونىلى» نى ئۈنسىز ئايلىنىپ ئۇ قىزنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قېلىشىنى كۈتكەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭغا بۇنداق تەلەي نېسىپ بولمىدى. بەس ، ئۇ توققۇز ئايلىق ھىجران تولغىقىدا تولغىنىپ ، قىزنى ئەسلىمەكتە ئىدى . ئۇ ئۆزىدە نىمىشقا بۇنداق تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتى . ئۇ بازارغا بېرىپ ھەر خىل رەڭلىك بوياقلارنى ، قەغەز ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى كۆپلەپ سېتۋالدى –دە، ياتىقىغا كىرىپ ئۇ نەرسىلەرنى رەتىلىك قويدى . رەسىم رامكىسىنى ئورناتتى ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ رەسساملىق ئىجادىيىتى قايتا باشلاندى . ئۇ ھەممە نەرسىنى ئالدى بىلەن قىزنىڭ رەسىمىدىن باشلاشنى قارار قىلغان ئىدى . ئۇ بوياقلارنى تۇيغۇسى بويىچە ئالدىرىماي ، ئەستايدىل ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىدى . ئۇ قىزنىڭ قايرىلىپ پورتمالغا قول ئۇزاتقاندىكى رەسىمىنى سىزماقچى بولدى . ئۇ بىر كۈن توختىماي سىزدى،ئىككىنچى ، ئۈچۈنچى ....ھەتتا ئوتتۇزىنچى كۈنىگىچە توختىماي رەسىم سىزدى . ئۇنىڭ ياتىقى پۇرلاپ تاشلانغان قەغەز دۆۋىسىگە ئايلاندى . ئوتتۇز بىرنچى كۈنىگە كەلگەندە ئۇ قىزنىڭ رەسىمىنى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك ھەم ئۆزى رازى بولغۇدەك سىزىپ چىقتى . ئۇ ئۆزى سىزغان قىزنىڭ قايرىلىپ پورتمالغا قول ئۇزاتقاندىكى كۆرۈنۈشىگە قاراپ ھوزۇرلىنىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىدى . چۈنكى ئۇ توققۇز ئايدىن بېرى يولىغا ئىنتىزار ، چىرايىغا تەشنا بولغان نازىنىن ئۇنىڭ رەسىم جازىسىدىلا تۇراتتى . ئۇ رەسىمگە قاراپ : - ئەمدى ياخشى بولدى ، سىز مەڭگۈ مىنىڭ . ئۇ شۇنداق دىدى –دە، يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى . ئۇ رەسىمدە بىر كۆرۈنۈشنىڭ كەم قالغانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي بوياقلارنى تەڭشەشكە كىرىشتى . بوياقلارنى تەڭشەپ بولۇپ ئۆزىنىڭ پورتمالنى ئۇزاتقان قىياپىتىنى ئالدىرىماي ، ئەستايدىل سىزىشقا كىرشتى. ئۇ تاڭنىڭ ئېتىپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالغاندى . ئۇ رەسىمنى ئەمدى تولۇق بولدى دىگۈچە سىزدى . سىزىپ بولۇپ ، پەردىلەرنى قايرىۋىتىپ ، ئىشك يېنىغا بېرىپ جاھازىغا قايتىدىن نەزەر تاشلىدى . كۆردىكى توققۇز ئاي ئىلگىرىكى ئايدىڭ ئاخشام ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايەن بولدى . ئۇ بارلىق جۈرئىتىنى يىغىپ قىزدىن سورىدى . - ئىسمىڭىز نىمە؟ - گۈلرۈي ، سىزنىڭچۇ؟ - شاھمۇر - نىمە كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىسىز؟ - رەسساملىق قىلىمەن . سىزچۇ؟ ئۇنىڭ پىشانىسىدىن ئۇششاق تەر تامچىدى ھەم سۇئالى جاۋاپسىز قالدى ، چۈنكى ئۇلار كەلگەن خالتا كوچا ئاغزىدىكى دەرەخكە باغلانغان ئېشەك تۇيۇقسىز ھاڭراپ ئۇلارنى قورقۇتۋەتكەندى . قىز ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ خالتا كوچىغا كىرىپ كەتتى . «ئېسىت »- دىدى ئۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇ رەسىمنى پۈتتۈردى ، رەسىمگە نىمە دەپ ئىسىم قويۇشنى بىلمىدى . رەسىم ئۇنىڭ نەزىرىدە نوقسانسىز مۇۋەپىقيەت ئىدى . ئۇ موشۇ رەسىم ئارقىلىق قىزنى تاپماقچى بولدى .بۆگۈن ئۇنىڭ كەيپىياتى خېلى كۆتۈرەڭگۈ ھەم جۇشقۇن . ئۇ رەسىمنى جاھازىغا سېلىپ ، ھېلىقى «ۋاقىت تونىلى» غا كەلدى . چۈنكى بۇ يەردە ئۇ قىزنىڭ دوستىنىڭ ئۆيى بار ئىدى . ئۇ رەسىم جاھازىسىنى خالتا كوچا ئاغزىدىكى ھېلىقى چاغدا ئېشەك باغلانغان دەرەخكە ئورۇنلاشتۇردى . ئۇ رەسىمىنىڭ باشقىلارنىڭ دېقىتىنى تارتىشىنى ئۈمىد قىلۋاتاتتى . - پاھ، نىمىدىگەن گۈزەل رەسىم بۇ ؟ ھوي رەسىمدىكى يىگىتكە بەك ئوخشايدىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى سىزغان ئوخشىمامسىز؟ خالتا كوچىغا قاراپ ماڭغان مويسىپىت بىر كىشى شۇنداق دىدى. -شۇنداق تاغا . ئۇ يەنە كۈتتى . باشقىلارنىڭ رەسىمدىكى قىز توغرۇلۇق بىرەر ئېغىز بولسىمۇ ئۇچۇر بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . نىمىلادىگەنبىلەن ئۇ توققۇز ئاي كۈتكەن ، ئەمدى كۈتسە نىمە بوپتۇ ؟! يىراقتىن ئىككى قىزنىڭ قارىسى كۆرۈندى . ئۇ قىزلار مۇشۇ تەرەپكە قاراپ كەلمەكتە ئىدى . ئۇ بارلىق ئۈمىدىنى ئاشۇ ئىككى قىزغا باغلاشقا نىيەت قىلىپ ئىشەنچ پەيدا بولدى . قىزلار يېقىنلاپ كەلدى . - ھوي ، بۇ يەردە بىر رەسىم باركەن. يۈرە كۆرۈپ باقايلى . - راست ، نىمە دىگەن ئېسل سىزىلغان رەسىم . - ھەي سوراپ باقە ، ساتامدۇ ، ئەگەر ساتسا سېتۋىلىپ يېڭى ئالغان ئۆيۈمنىڭ تېمغا ئېسىپ قويسام بەك ياراشقۇدەك . - رەسىمىڭىزنى ساتامسىز؟ - ياق . قىز رەسىمگە سىنچىلاپ قارىدى. - ئاداش ، بۇ ياققا كېلە - نىمە ئىش - بۇ رەسىمدىكى قىز گۈلرۈيمۇ نىمە ، ئەجەپ ئوخشايدىكەن. - ھە ، شۇدەك قىلىدۇ . ئۇ تۇيۇقسىز ئالتۇن تېپىۋالغاندەك ، توغرىسى ھېلىقى قىزنى ئۇچرىتىپ قالغاندەك خۇشال بولۇپ يۈگۈرۈپ كەلدى. - نىمە ؟ رەسىمدىكى قىزنى تونۇمسىز؟ ئۇ قىزغا سۇئال نەزىرىدە تىكلدى . - مىنىڭ بىر دوستۇمغا بەك ئوخشايدىكەن . - دوستىڭىز نەدە؟ - ئۇ باشقا بىر شەھەردە . - مەن بۇ رەسىمنى شۇ دوستىڭىزغا سوۋغا قىلاي دىگەن. ئۇنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرەلەمسىز؟ - ئۇ... ئۇ ، ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. ئېسىت ، تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان. قىز ئىنتايىن ئەپسۇسلانغان ۋە يۈرىگى سۇ بولغان ھالەتتە سۆزلىدى. شۇ مىنۇتتا قىزنىڭ كۆزلىرىدىن بىر تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى. يىگىت رەسىمنى دەرەختىن ئېلىپ ماي بوياقتا رەسىمنىڭ ماۋزۇغا قويۇلغان جايىغا «بولدىلا، مەنمۇ كېتەي» ، تېگىگە بولسا «شاھمۇر» دەپ يېزىپ، جاھازىنى قىزغا بەردى-دە، كەينىگە ئۆرۈلۈپ ھارغىن قەدەملىرىنى سۆرىگىنىچە روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك دەلدەڭشىپ كېتىپ قالدى . قىز، يىگىتنىڭ ياش قاپلىغان كۆزلىرىدە قېتىپ قالغان ئاخىرقى ھەسرەتنى، كۆيۈۋاتقان ئوتلۇق يۈرەكنى، جانسىز قەدەملىرىدىن بولسا گۈلرۇينىڭ ھەقىقى بەختىنى كۆرگەندەك بولدى...
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
نېمىلەرنى ئويلا
دائىملىق ئــەزا
ئاكتىپ ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ياخشىلار مىنىڭ
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ